مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 13222|ئىنكاس: 156

خانىملار ، ئاشقان تاماقنى ھەرگىز يىمەيلى!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:56:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  قەدىرلىك خانىم قىزلار ، ياخشىمۇ سىلەر! سىلەردىمۇ ئۆيدە ئېتىلگەن تاماق ئېشىپ قالسا يەۋىتىدىغان ئەھۋاللار بارمۇ ؟ بەلكىم ئاز بىر قىسىمڭلاردا بۇنداق ئادەت بولمىسىمۇ ، كۆپ قىسمىڭلاردا مۇشۇنداق ئەھۋال بۇلۇشى مۇمكىن . شەخسەن مەندىمۇ مۇشۇنداق ئادەت بار . ئايال كىشى ئۈچۈن ئۆيدە ئۆزى ئەجىر قىلىپ ئەتكەن تاماقنى ئۆيدە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ يىيىشتىنمۇ ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك . لېكىن يەپ بۇلالماي ئېشىپ قالغان تاماقچۇ ؟ تاشلىۋىتەيلى دىسەك يىمەك ئىچمەكنى ئىسراپ قىلغان بۇلىمىز . تاشلىۋەتمەيلى دىسەك تاماق تۇرۇپ قالىدۇ . تۇرۇپ قالغان تاماق ئاشقازانغا زىيانلىق . شۇنداقتىمۇ بىز كۆپ قىسىم ئاياللار تاشلىۋېتىشكە كۆزىمىز قىيماي ئەتىگەنلىكتىكىنى چۈشتە ، چۈشتىكىنى كەچتە يەۋىتىدىغان ئەھۋاللار بار .
   2012 - يىل 6 - ساندىكى شىنجاڭ ئاياللىرىغا بېسىلغان ھەبىبە مۇھەممەدئەيسانىڭ " ئاشقان تاماق " ناملىق ھېكايىسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى . بۇ ھىكايىدە  بىر ئايالنىڭ ئاشقان تاماق يەپ ئاشقازان راكى بۇلۇپ ئۈلۈپ كەتكەنلىكىدەك ئېچىنىشلىق ۋەقەلىك تەسۋىرلىنىدۇ . ئۆينىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئاتا خىزمەت ئالدىراشلىقى ھەم باشقا سەۋەبلەردىن تاماق پىشىۋاتقاندا ئالدىراپ تاماقنى يىمەي چىقىپ كىتىدۇ . كەلمەمدىكى دىسە كىلىدىغان ، كىلەمدىكىن دىسە كەلمەيدىغان ئەر تاماقنىڭ ئېشىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . لېكىن ئاشقان تاماقنى ھەرگىز يىمەيدۇ .ھىكايىدىكى  باش قەھرىمان ئايال بىر ئوبدان تاماقنى ئەخلەت قاتارىدا تۈكىۋېتىشكە كۆزى قىيماي يەۋىتىدۇ .  
   ئەر ئالدىراشلىقتا ئايالىنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ . دائىم ئايالى قەرز تۆلەپ ئالغان ماشىنىدا يالغۇز يايراپ ئوينايدۇ . ئايال كىشىنىڭ ئىقتىسادچانلىقى بىلەن ئېلىنغان بۇ ماشىنا پەقەت ئەرگىلا خاس بۇلۇپ قالغان . بالىلارنى يەسلىگە ھەم مەكتەپكە پىيادە ئاپىرىپ ئەكىلىش ئىشلىرى ئايالنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن . ئۇ ئايال ھەتتا ئېغىر كېسەل ئازاۋى تارتقاندىمۇ ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى خەۋەر ئالغان .
   ئۇ ئايال ئىككى قىزىنى ئەرگە تاشلاپ ئۇ ئالەمگە سەپەر قىلغان . ئىككى قىزغا ئايالنىڭ ئاتا ئانىسى قارىغان . شۇنىڭ بىلەن ئەر ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بىر كىچىك قىز بىلەن توي قىلغان . توي قىلىپ كۆرمىگەننى كۆرگەن .ئاخىرى ئۇ قىز قۇرساقتىكى بالىسىنى ئالدۇرىۋېتىپ ئەردىن ئاجراشقان . ئۇ قىز ئۆيدىكى بارلىق بىساتنى ئېلىپ كەتكەن .   ئاخىرىدا ئەر ئىككى قىزى بىلەن ياشىغان . ياشىغاندىمۇ پۇشايمان ئىلكىدە ياشىغان . ئايالىغا قىلغانلىرىغا قاتتىق پۇشايمان قىلغان .  

  قەدىرلىك خانىم قىزلار ، يۇقارقى ھىكايە ماڭا بەك تەسىر قىلدى . بەلكىم سىلەرمۇ ئوقۇغان بولغىيدىڭلار . بىز ئاياللار ئۆي ، ئەر ، بالا ، خىزمەت ئارىسىدا بەك ئالدىراپ يۈرىدىكەنمىز . ئالدىراشلىقتا ئۆزىمىزنى تاشلىۋېتىدىكەنمىز . بۇ ھىكايىدىكى ئايال نىمىگە ئېرىشتى ؟؟؟ بۇ ھىكايە بىزگە ئىبرەت بولسۇن . ئېرىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلايلى ، لېكىن يولىدا قىلايلى ! ئۆزىمىزنى ئاسرىغان ئاساستا ئۆي ئىشلىرىنى قىلايلى ! ئۆي ئىشلىرى ھەرگىز تۈگەپ قالمايدۇ . بۇلۇپمۇ ئاياللار كېسىلىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سوغوق سۇ بىلەن ھەپىلىشىش دەيدىكەن . شۇڭلاشقا بەك ئىنچىكىلەپ كەتمەي كىرنى كىرئالغۇدا يۇيايلى ! ئۆينى چاڭ تۇزان سۈمۈرگۈچتە تازىلايلى ! قۇلايلىق ئائىلە سايمانلىرىنى سېتىۋالغانغا ئېرىمىز نامراتلىشىپ كەتمەيدۇ . ئامال بار ئاشۇنداق سايمانلارنى ئىشلىتىپ ئۆزىمىزنى بەكرەك ، بەكرەك ئاسرايلى ! بالىلىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ سالامەت بۇلايلى ! بۇ دۇنياغا بىز مىھمان . ئۈلۈم ھەردائىم يېنىمىزدىن ئەگىپ يۈرىيدۇ . قىسقىغىنە ھاياتىمىزنى قەدىرلەيلى ئاياللار !!!!!
   يەنە دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىم بار ئىدى . قالغىنىنى ئىنكاس شەكلىدە يازارمەن ! قەدىرلىك خانىم قىزلىرىمىزنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئىنكاس شەكلىدە قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

مەنبە : ئۆزەم

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
guzal~yurtum + 10 توۋا شۇمۇ گەپمۇ،،، ھە.
yultuzi + 10 دەلىللەر يېتەرلىك
tohtihan1 + 59 ماختاشقا تېگىشلىك
مەلىكە + 100

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 179   باھا خاتىرىسى

ئاللاھ بەرگەن بەختكە شۈكرى!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90
يازما سانى: 3428
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى : 27283
تۆھپە نۇمۇرى: 853
توردا: 8347 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:29:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تىما ئىكەن. دىمىسىمۇ كۆپىنچىمىز ئىشىپ قالغان تاماقنى تاشلىۋىتىشكە كۆزىمىز قىيمايدۇ. مەنمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ھىچ بولمىسا توڭلاتقۇغا سىلىپ ئەتىسى ئىسسىتپ يەۋىتىمىز.

خۇددى تىمىدا تەكىتلىگەندەك دىمىسىمۇ راست، ئۆي ئىشى مەڭگۈ تۈگىمەيدۇ، شۇ تۈگىمەس ئۆي ئىشىنى دەپ سوغۇق سۇ بىلەن ھەپىلىشىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاياللار.

كەينىدىن ئاياللار كىسىلى بولۇپ يۈگۈرۈپ ئۆچىرەت بولۇپ كەتكەنلەرمۇ يەنە شۇ ئاياللار.

ئايالىنىڭ ئاغرىپ، كىسەلمەن بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ غەمخوتلۇق قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تىخى ئۆيدىن كۆڭلى قىلىپ ئايالى كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ، سىرتقا يۈگۈرەيدىغانلار بولسا ئەرلەر...(ئەلۋەتتە ھەممە ئەرلەر ئۇنداق ئەمەس).

شۇنداق، ئاياللار بىرىنجى بولۇپ ئۆزىگە كۆيۈنۈشنى بىلىش كىرەك ئىكەن، شۇندىلا باشقىلارمۇ كۆيۈنىدىغان بولدىىكەن...

تىمىڭىز ھەقىقەتەن ياخشى يۇللىنىپتۇ. ھەممە خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى ئاسرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. شۇندىلا ئائىلىدىمۇ ئىناقلىق ئۈزۈلمەيدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 11:30 AM  


ھەر قىتىم بەختىمنىڭ ماڭا كۈلۈپ كىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە ھەر قتىىم ئاللاھقا شۈكرى دەيمەن!
چۈنكى ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ئەمەسمۇ؟

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4547
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:42:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسلىگغۇ يىمەسلىك كېرەك شۇ ،بىراق بۈلۈپ تۇرۇپ يەيمىز ......توڭلاتقۇدا بىر كۈن تۇرغان يىمەكلىكلەرىنمۇ يىمەسلىك كېرەك دەيدىكەن ...بىراق ھازىر ھال كۈنىمىز ياخشى بولسمۇ ،بىراق كۈندە يېڭى -يېڭى نەسلەرىنى يەيدىغان سەۋىيگە تېخى يەتمگەن بولساق كېرەك ..

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 2422
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11654
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1003 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:46:23 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ ئۆيدىمۇ شۇنداق ئەھۋاللار بار،بىزمۇ ئۆزىمىزنى تەكشۈرتۈپ باقساق بولامدۇ نىمە

سۇمرۇغنىڭ قۇيرىقى بولغىچە خورازنىڭ تاجىسى بول!

قانائەت--تۈگىمەس

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47173
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3761
تۆھپە نۇمۇرى: 250
توردا: 3376 سائەت
تىزىم: 2011-7-8
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:48:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەن بۇرۇن ئېشىپ قالغان تاماقنى يەۋېرىپ ، ئاشقازان ياللۇغى بپلغاندىن تارتىپ ،

قالغان تاماقنى يېمەيدىغان بولدۇم .

مېنىڭمۇ تەۋسىيەرىم ئېشىپ قالغان تاماقنى ، ھەرقانچە ياخشى كۆرگەن ، ئوخشىغان بولسۇن

يېمەڭ !

ياقۇپجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 69152
يازما سانى: 417
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4180
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 536 سائەت
تىزىم: 2011-12-8
ئاخىرقى: 2015-1-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:49:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توڭلاتقۇدابىرەركېچەتۇرۇپ قالغانغاھېچنىمە بولمايدۇ،ئۇنداق دەپلاتاشلىۋەتسەك بەكلائىسراپخورلۇق بۇلامدۇقانداق؟دۇنيانۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالمايلى دوستلا....[img=220,146]http://t3.baidu.com/it/u=1217867172,2746307819&fm=52&gp=0.jpg[/img]

ھايات ساڭاكۈلۈپ باقمىسا،سەن ھاياتقاكۈلۈپ باق..ئاچچىق كۈلسەڭمۇمەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76601
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4927
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2014-9-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:50:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن كىچىك ۋاختىمدا كەچ ئەتكەن تاماق ئىىشىپ قالسا ئەتىسى بىرنجى بولۇپ مەن يەۋىتەتتىم لىكىن ھازىر تەييار تاماقمۇ گالدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ  دېسە

(ئارمانغا چۇشلۇق

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3580
يازما سانى: 649
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11035
تۆھپە نۇمۇرى: 548
توردا: 3163 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2014-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:53:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
لىكىن ئاشقان تاماقنى ئىچىقىپ تۆكىۋېتىشكە بولمايدۇ، يىمەي قانداق قىلىمىز . تىمىدا دىيىلمەكچى بولغان گەپ بەك يۇزەكى بولۇپ ..يىسە ئاشقازان كىسىلى ،يىمەي تاشلىۋەتسە ئىسراپچىلىق ياكى يامان بولىدۇ دىگەندەك، تورداشلار سىلەر دەپ بىقىڭلار ، ئەمسە قانداق قىلىش كېرەك .
ئاخىرىدا دەپ قۇياي تاماقنى ئاز ئىتىپ ئاشۇرۇپ قويمىساقلا بۇنداق ئىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ دىگەندەك ئىنكاسلارغا مەن قايىل بولمايمەن . چۇنكى تىمىدا ئېيتىلغان گەپلەر بىر-بىرسىگە زىت كىلىدىكەن .

ب

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25741
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6387
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 3286 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:00:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ ياخشىسى ياخشى مۆلچەرلەپ تاماق ئېتىڭلار، تاماق ئېشىپ قالمىسىلا ئۇنى يەيدىغان ئادەم چىقمايدۇ...   قانداق دىمىدىم بالىلار

رىزۋانگۇل0995

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72237
يازما سانى: 2643
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2781
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 2103 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2014-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:02:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇتكەندە   كۆرۇپ ماڭمۇ بەك تەسىر قىلغان بۇ ھىكايە،مۇنبەرگە يوللاپ قۇياي دىسەم ۋاختىم يەتمەي يوللىمىغانتىم،رەھمەت ھەممىمىز دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن،ئادەتتە تاماقنى ئىسراپ قىلمايلى دەپ كۆپىنچە بىز ئاياللار يەۋالدىكەنمىز

ئىي ئاللاھىم ، مىنى ، مىنىڭ كۆزۈمنى ، مىنىڭ ھەممە ئەزايىمنى شەيتانى ھەۋەسلەردىن ساقلىغىن ، سەن مەرھەمەت ئىگىسىدۇرسەن...!!!
~يۈسۈپ ئەلەيھىسسالامنىڭ  دۇئاسى ~
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش