بېلەت تاشلاش :ئەلچۈننى قوللاممسىز؟ ئەلچۈندىن رازىمۇ؟ ئەگەر بىزگە تەكلىپ پىكىرلىرىڭىز بولسا بېلەت تاشلاڭ،ئىنكاس يېزىڭ.
ئەلچۈن ئۇچۇرى
بېيجىڭغا كېلىدىغان ئاتا-ئانىلارغا ئەلچۈندىن سالام!
يۇرتىمىزدىكى مىليونلىغان قېرىنداشلارنىڭ روزا ھېيتىنى قىزغىن تەبىركلەيمىز!
بىزگە مۇشۇنداق سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن مىسرانىم مۇنبىرگە كۆپ رەھمەت.
ئەسسالام، ئانا دىياردىكى قېرىنداشلار، ئەلچۈندىن سىلەرگە سەمىمى سالام! بىز بېيجىڭ ئەلچۈن ئەتىرتى ئەزالىرى بولىمىز. بىز بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلارنڭ ئىشلىرنى بېجىرىش ، ئۇلارنىڭ ئىشلىرنى ئاسان قىلىش مەقسىتىدە ئۇيۇشقان ئەتىرەت. 2 يىلدىن بۇيان بىز بېيجىڭغا ھەرخىل ئىشلار ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلىرمىزغا يول باشلىدۇق، ياتاق تاماق ئىشلىرنى ھەل قىلىپ بەردۇق.
بۇيىل 9-ئايدا بىز بالىلىرى بېيجىڭدىكى ئالى مەكتەپكە ئۆتكەن ھەم باللىرى بىلەن بېيجىڭغا كېلىدىغان ئاتا ئانىلارنڭ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن قاتناش ۋە تۇرالغۇ جەھەتتە قىيلىنىپ قالىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلارنڭ ئىشلىرنىڭ راۋان بولىشى، بېجىڭغا كېلىپ ئالدامچىلارغا يۇلۇقۇپ ، بېيجىڭ كوچىلىرىدا ئاۋارچىلىققا قالماسلىقى ئۈچۈن پائالىيەت ئۇيۇشتۇرماقچى بولىۋاتىمىز.
پائالىيىتىمىزنىڭ ئاساسى ئورۇنلاشتۇرلىشى تۆۋەندىكىچە:
1.پائالىيەت 8-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 15كۈنىگىچە بولىدۇ.
2.مۇشۇ ۋاقىتنىڭ ئىچىدە سىز بېيجىڭ شەھىرى ئىچىدە بولۇپ قاتناش، تۇرالغۇ ، يېمەك ئىچمەك جەھەتتىن قىينچىلىققا ئۇچىراپ بىزگە تېلفۇن قىلسىڭىز ،بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە(ئامال بار) سىزگە ياردەم قىلىمىز . ئەگەر يېتەكچى لازىم بولسا بىز سىزگە تەمىنلەپ بېرىمىز.
3.بالىلىرنى مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئاتا ئانىلار بېيجىڭنىڭ ئىچى-سىرتىداياكى دېڭىز بويىغا بېرىپ ساياھەت قىلىشنى ئويلىسا بىز كوللىكتىپ ساياھەت ئۆمىكى تەشكىللەپ ساياھەتكە ئېلىپ چىقىمز. ساياھەت جەريانىدىكى ياتاق، تاماق ئىشلىرنى بىز ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىمىز. سىز خەتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.
4.يۇرتقا قايتىش جەريانىدىكى پويىز ئايرىپىلان بېلىتىنى ئېلىپ بېرىمىز ياكى ئېلىشىپ بېرىمىز.
سىز بېيجىڭغا كېلىدىغان پويىزغا چىقىشتىن بۇرۇن بىز بىلەن ئالاقىلىشسىڭىز سىز كەلگەندىن كېيىن سىزنىڭ ئالىڭىزغا چىقىپ كۈتىۋالىمىز. سىز قايتىدىغان ۋاقىتتا سىزنى يولغا سېلىپ قويىمىز. سىزنىڭ بېيجىڭدىكى ئىشلىرنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا ھەمدەمدە بولىمىز. ھەرگىزمۇ سىزنى يېرىم يولدا تاشلاپ كېتىپ قالمايمىز. بىزدە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بار.
تورداش، ئەگەر سىز ئەتىراپىڭىزدا بىزنىڭ ياردىمىزگە مۇھتاج كىشىلەر بار دەپ قارسىڭىز بىزنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفۇنىمىزنى ۋە پائالىيىمىزنىڭ ئاساسى مەزمۇننى تەمىنلەپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمز.
باش مەسئۇل ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:18911911667
تور بېكەت:http://www.alsuyar.us/ads
ئەگەر سىز پائالىيىتىمزدىن نارازى بولسىڭىز بىز گە ئېيتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ پوزىتسىيمىز يەنىلا ناچار بولسا ، سىز مىسرانىم مۇنبىرگە چىقىپ پىكرىڭىزنى تېمىمىزغا ئىنكاس شەكلىدە يوللىسىڭىز بولىدۇ. بىز قۇبۇل قىلمىز.
بىزنى قوللىغان ئورۇنلار:
مىسرانىم مۇنبىرى:https://uyghur-archive.com/misranim
ئىزدە تورى: http://www.izda.com
موللام تورى:http://www.mollam.com
ئەلكۈيى مۇنبىرى:http://bbs.alkuyi.com
باغداش مۇنبىرى:http://www.bagdax.cn
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hanaba تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 09:18 AM