ئەسكەرتىش : بۇ شېئىرلارنى ياڭراق ناخشىلىرى بىلەن بىزگە مەنىۋى ئوزۇق بېغىشلاپ كېلىۋاتقان ياش ناخشىچىمىز رېھىمجان ئابدۇقېيۇمنىڭ < ئىزدىمىدۇق > ، <سۆيگۈ دېگەن شۇنداق بولامدۇ >قاتارلىق ناخشىلىرىغا تەقلىد قىلىپ يېزىلدى ، بارلىق ھوقۇق ئەسلى ئاپتورغا تەۋە ، بۇ يازما پەقەت شەخسنىڭ قىزىقىشى بويىچە يېزىلدى ، قىلچىلىكمۇ شەخسى مۇددىئا يوق .
خېلى ۋاخ بولدى
بىز سىرداشقان چاغلار ئۇنتۇلدى ،
يۈرەكىمگە ئازاب لىق تولدى ،
ئۇنۇتتۇڭمۇ ئاخسا يىگىتنى ،
يوقاپ كەتتۇق خېلى ۋاخ بولدى .
يازماقچىكەن ئىنكاسلار ماڭا ،
يوللىسام مەن يازمىلار يانا ،
يازسا مانا ، يازمىسا ئاينا ،
پەيدا بولدۇق خېلى ۋاخ بولدى .
تەستىقلانماي قالسىمۇ بىراق ،
بوپقالساممۇ ئېلھامدىن يىراق ،
يازمىغاندىن يازغان ياخشىراق ،
يوللاپ قويدۇق خېلى ۋاخ بولدى .
يامانلارغا قىلمايمەن ھەۋەس ،
ھەۋەس ئوتى كۆيسىمۇ پەۋەس ،
تېپىلماسنىڭ خورمىسى ئەمەس ،
داڭ چىقاردۇق خېلى ۋاخ بولدى .
مۇنبەر دېگەن شۇنداق بولامدۇ ؟
سېغىندۇرما سەن مېنى بۇنچە ،
ئاشىق بولدۇم مەن ساڭا شۇنچە ،
مەن بۇلبۇلمەن سەن گويا غۇنچە ،
مۇنبەر دېگەن شۇنداق بولامدۇ ؟
سەنسىز ئۆتمەس مېنىڭ كۈنلىرىم ،
ساڭا ئېيتاي يۈرەك سۆزلىرىم ،
تەلمۈرەدۇر ساڭا كۆزلىرىم ،
مۇنبەر دېگەن شۇنداق بولامدۇ ؟
بۇ كۆڭلۈمنى بىلسەڭ بولمامدۇ ؟
يۇمۇر يازسام كۈلسەڭ بولمامدۇ ؟
كۈندە خۇشال يۈرسەڭ بولمامدۇ ؟
مۇنبەر دېگەن شۇنداق بولامدۇ ؟
ئانچە قاملاشمىغان بولسىمۇ تەقلىد قىلىپ يېزىپ باقتىم ، كۆڭلۈڭلارغا ئالمىغايسىلەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 07:12 AM