مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7263|ئىنكاس: 77

ئەركەكلەر، قېنى سىلەر! دادىلار، سىلەر نەدە!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 06:49:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداش دوستلار، جەمىيىتىمىزنىڭ نەچچە يىل مابەينىدىكى ئۆزگىرىشىدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى بايقىدىم ھەم ھېس قىلدىم.جۈملىدىن ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ھەققىدە ئاچچىق ئۆكۈنۈش ۋە قايغۇغا تولغان بايقاشلىرىم بار.
  ھازىر ياشلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنى ۋىرۇس كەبى زەھەرلەۋاتقان ئاساسلىق نەرسە شەھۋانىي ھەۋەس. مېنىڭ پەرىزىمچە بۇ ياشلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ 70% تىنى زەھەرلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، بۇ شەخسەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قارىشى، بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن. مەن نېمە ئۈچۈن ياشلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىنىڭ 70%تىنى زەھەرلەۋاتقان نەرسە شەھۋانىي ھەۋەس دەپ ھۆكۈم چىقاردىم؟ بۇنىڭدا بىرقانچە ئاساسلىرىم بار:

بىرىنجى- تا ھازىرغا قەدەر زىنا- پاھىشە ئۇيغۇرلار ئىچىدە كۆپىيىۋاتىدۇكى ئازايمايۋاتىدۇ، بۇ سەۋەپتىن ئاتا-ئانىلارنىڭ قەلبى ئىنتايىن ئازاپلانماقتا. بۇنىڭغا ئۆز دىيارىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسى گۇۋاھ.

ئىككىنجى- ئوغۇل-قىزلارنىڭ بالدۇر مۇھەببەتلىشىشى بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتىدۇ. بۇرۇن نۇمۇس قىلىدىغان، شەرمەندىچىلىك ھېسابلىنىدىغان ئىشلار ھازىر بارا-بارا ئوچۇق ئاشكارا بولۇۋاتىدۇ. ئوغۇل- قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشتىكى ئاساسلىق غايىسى شەھۋانىي نەپسىنى قاندۇرۇش، بۇمۇ تەخمىنەن مۇھەببەتلىشىۋاتقانلارنىڭ 70% تىدە شۇنداق بولىشى مۇمكىن. گىزىتلەرگە ژورناللارغا قارىساق باسقۇنچىلىق قىلىش، بىر-بىرىنى ئالداش، ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭغىمۇ رەھىمسىز رىئاللىق ۋە ئۆزىمىز شاھىد.

ئۈچىنجى- جىنسىي ئاجىزلىقنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاشنى چۈشەندۈرىدىغان بىر كىتابنىڭ كرىش سۆزىدە ئۇيغۇرلاردا ئانانىزم (قولدا لەززەتلىنىش) ئادىتى ئوغۇللاردا 80% ، قىزلاردا 30%--40% ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئىدىم. 80 خالتا بلوگىدا بۇ توغرىدا بەك كۆپ مەلۇماتلار بار. بۇمۇ دەل ياشلىرىمىزنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسكە بېرىلىشىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

تۆتىنجى- ئۆزۈمنىڭ ھېس قىلىشىم ۋە ماتىرىياللاردىن ھېس قىلىشىمچە شەھۋەتنى قوزغىتىدىغان مۇھەببەت تەسۋىرلەنگەن ناخشا ، كىنو-فىلىملەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 50% تىن يۇقىرى، مۇھەببەت تەسۋىرلەنمىگەن ناخشا، كىنو-فىلىملەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى 50% تىن تۆۋەن ئىكەن.
دىمەك بۇ سەۋەپتىن مىللىتىمىزنىڭ روھىيىتى زەئىپلەشتى، ئەخلاق ئازايدى، ئىزدىنىش روھى تۆۋەنلەپ كەتتى. قارايدىغان بولساق مىللىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ناھايىتى تۆۋەن ئورۇندا.
ئېيتسام- ئېيتسام تۈگىمەس دەرت، تۈگىمەس ئازاپ،
نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ؟؟  
          بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟؟؟

   قاچانمۇ ئۆز ئىنسانىي قىممىتىمىزنى بىلىپ، قەدرىمىزنى قىلىپ ياشايدىغان بولامىز؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
shoubiznis + 155 دەلىللەر يېتەرلىك
nurmuhammat + 100 نەخ باگەپنىلاقىپ سىز؟
HAKANXUKUR + 50 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 305   باھا خاتىرىسى

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83819
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3066
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2012-8-12
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 11:40:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنچىمۇ  شۇنداق   بۇلىۋاتىدۇ  .  ھەقىقەتەنمۇ بىز نىڭ  جەمىيتىمىزدە ئەرلەر  كۆپىيىپ ئەركەكلەر ئازىيىپ كىتىۋاتىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83735
يازما سانى: 274
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2012-8-10
ئاخىرقى: 2013-9-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنېڭچىمۇ شۇنداق ،ھازىرباشلانغۇچتىن باشلاپ مۇھەببەتلەشكىلى تۇرسا ئالىمەكتەپنى پۇتتۇرۇپ بولغۇچەبىرقانچىنى ئالماشتۇرۇپ بولىدىكەن،شۇنداق تۇرسا بىزدىكى ھايا،نۇمۇس قەيەرلەردەقىپ قالدى،مۇشۇسەۋەپتىن ئائېلىسىنى بۇزۇۋاتقانلار كوپقۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79970
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2567
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 200 سائەت
تىزىم: 2012-5-10
ئاخىرقى: 2014-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:17:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بونى قوللايدىغانلا ردىن قارشى توردىغانلا ئاز ،ئىسلام سوسلاشسقاننىڭ نەتىجىسى شونداق!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84088
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3037
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:20:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك توغرا يېزىپسىز،مىنڭچە ھەممەيلەن ئۈزىمىزدىن باشلايلى!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 205
يازما سانى: 786
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10782
تۆھپە نۇمۇرى: 404
توردا: 2328 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:43:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قولدا لەززەتلىنىش ئادەمنى تۈگەشتۈرىدۇ . ۋاقتى كەلگەندە بىر ئائىلىنى ۋەيران قىلىدۇ ..مۇشىنچىلىك سۆزلەپ تۇراي ..بەك ئۇچۇق دىۋەتسەم بولماس ..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82228
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3139
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 122 سائەت
تىزىم: 2012-6-28
ئاخىرقى: 2014-10-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:44:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىندىن يىراقلاشقاننىڭ پايدىسى جېق ھە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3877
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12651
تۆھپە نۇمۇرى: 1253
توردا: 3365 سائەت
تىزىم: 2010-7-13
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:46:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ خىلدىكى ئەھۋاللار دىيارىمىزنىڭ ھەممىلا يەرلىرىدە يۈز بىرىۋاتقان ئومۇمىيۈزلۈك ئەھۋال. بۇ ئىشلارغا نىمە دىگۈلۈك ھەممىمىزنىڭ ئوغۇل -قىزلىرىمىز ، ئاچا-سىڭىللىرىمىز بار، ئاللاھ ئۇلارغا ئىنساپ بەرگۈلۈك قىلسۇن،
ھەقىقى ئىش خاتىرىسى: مەن مەلۈم شەھەردە تاكسى شوپۇرى مۇشۇ تىجارەتنى قىلىش جەريانىدا كۈنىگە نۇرغۇن نىيەتتىكى ئادەملەر بىلەن ئوچۇرشۇپ تۇرىدىكەنمىز، ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغىنى بىر كۈنى  يىرىم كىچىدىن ئاشقاندا بىر قىز ماشىنامنى توسۇپ ....پالانى يەرگە ئاپىرىپ قويسىڭىز دىۋىدى، ئاپىرىپ قويدۇم، يولدا مىڭىش جەريانىدا بۇ قىز ماشىنامدا تاماكا چىكىپ ئولتۇردى ئاغزىدىن سىسىق ھاراق پۇرىقى كىلىپلا تۇراتتى، بارغۇچە بىر نەچچە ئىغىز گەپ سوراپ قىلىۋىدى گىپىگە يارىشا جاۋاپ بىرىپلا بولدى قىلدىم. مەنزىلگە بارغاندا كۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، بىر ياش بالا قولىدا 3 ياشلار چامىسىدا بىر ئوغۇل بالىنى تۇتۇپ بىر ئۆينىڭ ئالدىدا يول بويىدا ئولتۇرىدۇ، ھىلىقى قىز ماشىنىدىن چۈشىشىگە ئۇ بالا بۇ قىزغا نىمانداق كەچ قالىسەن .بالا تولا يىغلاپ بىشىمنى ئاغرىتىۋەتتى دىمەسمۇ، ھىلىقى قىز پۇل تاپماق ئۇنداق ئاسان ئەمەسكەن بۈگۈن ئاران 2 خىرىدارنى كۈتۈپ يولغا سالدىم دىمەسمۇ،قايمۇقۇپلا قالدىم. ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىدىن قارىسام ئۇ ياش ئۇنىڭ يولدىشىكەن، ئۇ قىز ماشىنىغا چىققان ئورۇن خەنزۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىش شەھەرچىسى ئىدى.كىيىن باشقا كەسىپداشلىرىمدىن ئاڭلىسام بۇنداق ئەھۋاللار خىلىلا ئىغىركەن.
يەنە بىر قىتىملىق ئىش : بىر قىتىم ئاخشىمى يىرىم كىچىگە ماشىنا ھەيدەپ قالدىم. ئۆيگە كىرىپ كىتىش ئالدىدا 24 سائەتلىك بىر ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەي دەپ تۇرسام (ئادەتتە شەھرىمىزدە بۇ ئاشخانىلارغا كۆپىنچىسى تاكسىچى بالىلار كىلىپ تاماق يەيتى) بىر خەنزۇ تاكسى شوپۇرى بىر نەچچىمىزنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ شۇ كۈنلۈك تىجارەت توغرۇلۇق بىردەم پاراڭ سىلىشىپ ئاخىرىدا قارىسام مىنى بىر چەتكە تارتىپ نىمە دەيدۇ دىمەمسىلە. ..ھەي بۇرادەر مەن ھازىر ئايرۇپىلان ئىستانسىسىدىن بىر نەچچە ساياھەتچىنى پالانى مىھمانخانىغا ئاپىرىپ قويغان ئىدىم ، ئۇلار ماڭا بىر نەچچە ئۇيغۇر قىز تىپىپ ئەكىلىپ بەرگەن بولساڭ دەيدۇ . بىر قىزغا 200 يۈەندىن بىرىدىغان بولدى، سەن ئۇيغۇر بولغاندىن كىيىن ئامال قىلالايسەن ئىككىمىز تەڭ خەجلىمەمدۇق دىمەسمۇ، ئۆزۈممۇ بىلمەي قالدىم .قولۇمغا نەدىن چىقىپ قالدى بىر چاي چەينىكى چىقىپ قىلىپ شۇنىڭ بىلەنلا بىشىغا ئۇرۇپ تىپىپ دەسسەپ كىتىپتىمەن . باشقىلار ئاجىرتىۋالدى،ئۇنىڭغىچە ساقچىلار كىلىپ بىر نەچچە كۈن خىلىلا ئاۋارچىلىقلارغا قالدىم. خىلى ئىقتىسادى زىيانمۇ تارىتتىم .ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنى بىسىۋالالماي قاپتىمەن. لىكىن مىنى تىخىمۇ ئەپسۇسلاندۇرغىنى بولسا مىنى ئاپىرىپ قويغان ساقچىخانىدىكى ساقچىلارنىڭ سۆزى بولدى . ئۇلارنىڭ  نىمە دىگەنلىكىنى بولدىلا دەپ ئولتۇرماي. يەنە ئەپسۇسلاندۇرغىنى بولسا ئارىمىزدىكى بىر قىسىم تاكسى ھەيدىغان مىللى  بالىلاردا شۇنداق ئەھۋاللار باركەن. ئاڭلىسام مۇلازىمەت ھەققىگە 100 يۈەندىن 200يۈەنگىچە ھەق ئالارمىش ،
يەنە بىر قىتىم بىر ئاشۇنداق قىز بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم.. ئۇ قىزنىڭ دىيىشىچە ئۇ قىز مەن ئۇيغۇرلارنى ئانچە ياقتۇرۇپ كەتمەيمەن . بىرىدىغان پۇلىنىڭ تايىنى يوق ..........................................................  دەيدۇ. ( كەچۈرۈڭلار چىكىت ئورنىدىكى خەتنى يىزىشقا قولۇم بارمىدى). ئۇنىڭغا ھايۋان چىغىدا ئۆزىدىن باشقا تائىپىلەر بىلەن جۈپلەشمەيدۇ ،سىز نىمىشقا بۇنداق قىلىسىز دىسەم .نىمە دەيدۇ دىمەمسىلە ئۇ دىگەن ھايۋان ئۇنىڭدا ئەقىل يوق .مەن دىگەن ئادەم دەيدۇ. ئۇ قىز تىخى ئۆزىنى ئادەم ھىساپلايدىكەن.بەزى گەپلەرنى بۇ يەردە تىلغا ئالغۇممۇ كەلمىدى. بىر قىتىم بىر خەنزۇلارنىڭ كۆڭۈل ئىچىش سورۇنىغا بىر ئىش ئۈچۈن كىرىپ قالدىم .كىرىپلا كۆزۈمگە ئىشەنمەي قالدىم، ئىشىك تۈۋىگە 30 دىن كۆپرەك سافا قويۇقلۇق ئىكەن ئۇنىڭدا مەيدىسىگە نومۇر تاختىسى ئاسقان ئۇيغۇر قىزلىرىمىز قاتارىسىغا ئولتۇرۇپتۇ. سافا يىتىشمىگەنلىرى بولسا ئۆرە تۇرۇپتۇ.مەن بۇلارنى نىمە قىلىدىغانلار دىسەم مىنى ئىلىپ كىرگەن خەنزۇ دوستۇم ئۇلارنىڭ قىلىدىغان ئىشىنى ئىيتىپ بىرىۋىدى. ئۇ دوستۇمنىڭ ئالدىدا يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم.ئۇ كۈنكى كەيپىياتىمنى تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن.

بىزدىكى مىللى غورۇر ،ئەركەكلىكىمىز قەيەرگە كەتتى.شۇنداق دەپ يىغلايمەن ئاللاھ بىزگە ئىنساپ ،ئىمان،يۈكسەك ئىتىقات ئاتا قىلغىن. باشقىلارنىڭ ئالدىدا خار زەبۇن قىلمىغىن. غورۇرىنى ۋىجدانىنى يوقاتقان ياشلىرىمىزنى توغرا يوللارغا سالغىن.
ھەي بولدىدا سۆزلەپ كەلسەم گىپىم ھىچ تۈگەيدىغاندەك ئەمەس. ماڭا يولۇققان بۇنداق ئىشلار خىلىلا كۆپ . ئاشۇ قىز-ئاياللىرىزغا ئىنساپ تىلەيمەن.
خىتىمنى مۇشۇ يەردە توختىتاي...خەيىر كۆرۈشكۈچە ئامان بولغايسىزلەر..

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:58:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ شۇ ياشلىرمىزنىڭ دىلغا ئىنساپ ئىشلىرغا ئۇتۇق كۇڭلىگە ئىمان ئاتا قىلغاي.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10693
يازما سانى: 953
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13465
تۆھپە نۇمۇرى: 646
توردا: 5732 سائەت
تىزىم: 2010-9-17
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:01:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتىلار دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغىم كىلۋاتىدۇ.ئاللا ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ ئاتا قىلسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش