ساقايغىن ئەركەم شىپا تېپىپ
ياشلىق شاشلىق دەپ،ياشلىقتىكى ئويناق جۇشقۇن تۇيغۇ ئادەمنى شۇنچىلىك شىرىن ھىسلارغا چۈمدۈرۈپ،مەيلى مۇھەببەت ياكى،نەپرەتتە بولسۇن قەلىب تارىنى گاھ، مۇڭلۇق چەكسە گاھى ...قاتتىق بوران چاپقۇندەك چىكىپ،ھەرخىل تۇرمۇش ئېقىننىڭ دۇلقۇنلىرىغا گاھى ،لەيلىتىپ گاھى چۆكتۈرۈپ،ھاياتلىق يۇلىغا رەڭگارەك مەزمۇنلارنى قۇشۇپ تۇرىدۇ.
بۇ ھاياتلىق يۇلىدىكى رەڭگارەك جۇشقۇننىڭ تۇيغۇنىڭ كۈچىدە،ئادەم بەزى خاتالىقلارنى سادىر قىلسا، بەزى ئىشلىرىدىن سۈيۈنۈش ھاسىل قىلىپ،ھاياتلىق يۇلىنىڭ قانچىلىك سىھرىلىك ھەم مېھرىلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇ.
2012-يىلى 8 -ئاينىڭ 21-كۈنى ھاۋا تۇلىمۇ ئۇچۇق ئىدى.قەلبى ياشلىقتىكى جۇشقۇن تۇيغۇغا شىرىن مۇھەببەتكە تولغان ئىككى ياش كەچتە كۈرۈشمەكچى بولدى.يىگىتنىڭ كۈندۈز خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، قىز بىلەن كۆرۈشمىگلى نەچچە كۈن بولغان ئىدى.
ئالدىراش ئىشلەۋاتقان رۇستەم، ئالمىرەنىڭ تېلفۇنىنى ئالدى.ئالمىرە تېلفۇندا قاتتىق رەنجىپ،<<مېنى نەچچە كۈن بولدى ئۇنتۇپلا كەتتىڭىز...؟سىزگە مۇشۇ خىزمەتلا بولسا بۇلامدۇ؟مەن بىلەن كارىڭىز يوق...>> دېگەن مۇنۇ سۆزىدىن ،ئۆزىنىڭ ھەقىقەتەن ئالمىرەنى،ياز كىرگەننىڭ ياقى بىرەر گۈزەل جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ باقمىغانلىقىنى،ھەتتا <<رۇزى ھېيىتلىق >>مۇ ئالمىرەگە بىرەر قۇر كىيىم ئەپ بەرمىگەنلىكى ھىس قىلىپ،ئالمىرەدىن<<مىنى كەچۈر جېنىم،خىزمەت ئالدىراشلىقى بىلەن بۇپ كىتىپ راسلا سىزنىڭ ،مەندىن كۈتكەن ئارزۇ ئۈمۈتلىرڭىزگە سەل قاراپتىمەن.ئەمما مىنىڭمۇ خىزمەتنى باش چۆكۈرۈپ ئىشلىشىم،ئىككىمىزنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشى، تۇيىمىز ئۈچۈن ئەمەسما...؟سىز بولسىڭىز تېخى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇۋاتىسىز.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەت تېپىشىڭ ئۈچۈن بىر جەريان كىتىدۇ.شۇڭا مەن تىرشىپ ئىشلەپ ،ئىككىمىزنىڭ مۇھەببەتنىڭ ئاخىرقى داۋانى بولغان توي ئىشى ئۈچۈن پۇل يىغىشىم كىرەك.مېنى توغرا چۈشىنىڭ جېنىم،سىز تەتىل بولغاچقا زىرىكىپ قالدىڭىز ھەقىچان،مەكتەپتە بولغان بولسىڭىز،كۆرشۈشكە تەكلىپ قىلساممۇ ۋاختىڭىز چىقمايىتتى...مەنمۇ سىزنىڭ تەتىلدە زىرىكىپ قىلشىڭىزنى ئويلىماپتىمەن.تەتىلىڭىز توشقۇچە بولغان بۇ نەچچە كۈن ئىچىدە ،يىللىق دەم ئېلىشىمنى ئېلىپ سىزنى كۈندە ئەڭ گۈزەل جايلارغا ئاپىرىپ ئوينىتىپ،ياخشى كۆردېغان يىمەكلىك،كىيىم-كىچەكلەرنى ئەپ بىرىپ بۇنىڭ ئورنىنى تۇلۇقلاپ بىرىمەن>>دەپ ئەپۇ سورىدى.
ئالمىرە رۇستەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قانائەت ھاسىل قىلىپ،ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا يىغلاپ سالدى.تېلفۇندىن ئالمىرەنىڭ مىچچىلداۋاتقىننى ئاڭلىغان رەستەم،<<جېنىم نېمىگە پۇتلىڭىزنى تارتىسىز...!ھازىرلا ساق ئىدىڭىز،بىردەمدە زۇكام بۇلۇپ قالمىغانسىز ھە...!>>دەپ قاقاقلاپ كۈلدى.رۇستەمنىڭ چاخچاق ئارلاش دېگەن سۆزىدىن ،ئالمىرە كۈلۈپ سېلىپ<<ياق زۇكام بۇپ قالمىدىم.سىز بىلەن كۆرۈشمەي ساقايغان بىيەن،ئەمدى سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ يەنە قوزغالدى.>>-دېدى.رۇستەم كۈلۈپ سېلىپ ئالمىرەگە <<قارغاندا مىنىڭ سۆزلىرىم سەزگۈرلىكىڭىزنى ئاشۇرۇپ،بىيەننى قوزغايدىكەن دە...!قارغاندا سىز ئۈچۈن خېلى رولۇم باركەن مېنىڭ>>-دېدى.
ئالمىرە رۇستەمنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ،بايىقى ئاچچىقى ئاللا قاياقلارغا كىتىپ كۈلۈپ سالدى.رۇستەم ئالمىرەگە<< ھازىر خىزمەت ۋاقتى،كەچتە كۆرشەيلى...>>دەپ تېلفۇننى قويدى.ئالمىرە تېلفۇننى قۇيۇپ،رۇستەمگە دەيدىغان نۇرغۇن-نۇرغۇن يۈرەك سۆزلىرى بارلىقىنى ئويلاپ،قەلبىدە نۇرغۇن شىرىن ئارمانلارنى سۈرۈپ،كەچنىڭ بالدۇرراق كىلشىنى ئۈمۈد قىلدى.
قېرىشقاندەك رۇستەم ئىشتىن چۈشەي دەپ تۇرسا ،باشلىقىنىڭ كىرىپ رۇستەمگە << بۈگۈن كەچ ئىدارىنىڭ ئولتۇرشى بارلىقىنى،بارمىسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى...>>قايتا-قايتا ئەسكەرتىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى.
رۇستەمنىڭ بېشى قېتىپ ئەمدى ئالمىرەگە نېمە دەرمەن...!ئۇنىڭغا ئىدارىدىكىلەرنىڭ يىغىلىشى باركەن دېسەم چۇقۇم ،<<بانە تاپتىڭىز؟>> دەپ رەنجىيدۇ.شۇڭا بۇ سورۇنغا بېرىپلا قايتاپ دەپ ئويلىدى.ئۆيگە كىلىپ ئالمىيرە تۇغۇلغان كۈنىدە سوۋغا قىلغان ،كۆينەكنى كىيىپ ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ كىلىشكەن ھالىتىنى ھەم ئالمىرەنىڭ ئۆزىگە قاراپ ،يىقىملىق كۈلگەن ھالىتىنى كۆرۈپ،خۇشال ھالدا ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ئالغان داڭلىق مۇسابىقە موتوسىكلىتنى مىنىپ ماڭدى.
رۇستەم بەلگىلەنگەن يەرگە كەلگەندە ،ئىدارىدىكىلەر ئاساسەن كەپ بولغان بۇلۇپ،رۇستەم ھەممىسى بىلەن بىرقۇر سالاملىشىپ،باشلىقىنىڭ چاقىرشى بىلەن باشلىقىنىڭ قېشىدىن ئۇرۇن ئالدى.رۇستەم خىزمەتكە كۆڭۈل قۇيۇپ ياخشى ئىشلىگەچكە باشلىقى بەك ئامراق بۇلۇپ،ئىدارىدىن ساياھەتكە چىقسۇن ياكى مۇشۇنداق يىغلىشلار بولسۇن،رۇستەمنى پادىشاھنىڭ ئوڭ قول ۋەزىرسىدەك يېنىغا چاقىرۋالاتتى...رۇستەم بەزى خىزمەتداشلىرنىڭ <<باشلىقنىڭ قۇڭىدىن چىقمايدۇ ،خۇشامەتچى >>دەپ قىلغان كۇس-كۇس سۆزلىرىنى ئاڭلاپ مۇشتۇملىرى تۈگۈلۈپ كىتەتتى...ئەمما يەنىلا ئۆزىنى زورىغا بېسۋېلىپ<<بۇنداق كۆرەلمەسلەر بىلەن تەڭ بولماي،قۇسقۇمنىڭ ئاغرىقى بولمىغاندىكىن تاۋۇز يىيىشتىن نېمە قورقىمەن>>-دەيىتتى.
باشلىقى رۇستەمگە ئۇنى-بۇنى دەپ توختىمايىتتى...ئەمما رۇستەم ئالمىرە بىلەن كۆرشۈشكە ئالدىراپ،باشلىقىنىڭ دېگەن سۆزلىرى قۇلقىغا كىرمەيىتتى.رۇستەم ئىشىم باتتى دەپ ماڭاي دېگەن ئىدى.ئەمما باشلىقى <<يۈزۈمنى قىلىپ بىردەم ئولتۇرۇپ ماڭ>>دەپ قويمىدى.رۇستەم سائەتكە قاراپ ،ئالمىرەنى ساقلاپ بۇلالماي رەنجىپ قالارمۇ دەپ جىددىيلىشىپ كىتۋاتاتتى.
ئالمىرە بىلەن كۆرشۈشكە كىلىشكەن ۋاقىت ئاللىقاچان يېرىم سائەت ئۆتۈپ كەتتى.ئالمىرە ئىككى قېتىم ئۇچۇر يوللىدى.رۇستەم باشلىقىغا بىر مۇنچە ھۆزۈر خالىق ئېيتىپ قۇيۇپ ،ئاران بۇ سورۇندىن قۇتۇلدى دە!موتوسىكلىتنى مېنىپ ئالمىرەنىڭ قېشىغا ماڭدى.
رۇستەم ئادەتتە خېلى تەمكىن ،ئەمما موتوسىكلىتقا ئىنتايىن ھەۋەس قىلغاچقا،ئالمىرەنىڭ ئۇنىماي تۇرشىغا پەرۋا قىلماي،مەخسۇس مۇسابىقە موتوسىكلىتنى ئېلىپ مىنگەن ئىدى.
مانا بۈگۈنمۇ ئالمىرە بىلەن كۆرشۈش خوشلىقى،ھەم ياشلىقتىكى شاش تۇيغۇنىڭ ئاسارىتى يەنە كىلىپ،كۆرشىدىغان ۋاقىتنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىك ،ئالمىرەنىڭ نەچچە قېتىم<<نېمىش قىلۋاتىسىز...؟نېمىشقا تېخىچە كەپ بۇلالمايسىز...؟ دېگەن ئۇچۇرلىرى قۇشۇلۇپ، موتوسىكلىتنى ناھايىتى تىز ھەيدەپ قىزىل چىراقتىن ئۆتدىغان چاغدا،يان تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىغا سۇقۇلۇپ،موتوسىكلىتتىن يىراققا قاڭقىپ كەتتى...رۇستەمنىڭ بېشىدىن ئاققان قان ئەتراپنى قىزىل رەڭگە بۇيىدى.
تېخى قاراڭغۇ چۈشمىگەن چاغ بولغاچقا ئەتراپقا ئامما بىردەمدە يىغىلىپ قاتناش باشقۇرۇشقا ۋەقەنى مەلۈم قىلدى.ئۇلار دەرھال كىلىپ ماشىنىدا سوققۇچى بىلەن يىقىن ئەتراپتىكى دۇختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئەپسۇس ئۇ دۇختۇرخانا رۇستەمنى قۇتقۇزالمايمىز ...! <<ئائىيلىسكە دەرھال خەۋەر قىلىڭلار...؟>>دېدى.
رۇستەمنىڭ دادىسى تۇيۇقسىز كەلگەن تېلفۇننى ئېلىپ،يۈرەك كىسىلى بولغاچ دىمى ئىچىگە چۈشۈپلا كەتتى.قارشى تەرەپنىڭ توختىماي چاقىرشى بىلەن،ھۇشىغا كىلىپ دۇختۇرغا ئۆزى بارغۇچە باشقا چوڭراق دۇختۇرخانىغا يۆتكەشنى دېدى.
رۇستەمنى باشقا دۇختۇرخانىغا يۆتكىدى.دادىسى ۋە ئائىيلىستىكلەر ئۇ دوختۇرخانىغا كەلدى. يىغىلىش بولغان سورۇن بىلەن ۋەقە چىققان يەرنىڭ ئارلىقى ئانچە يىراق بولمىغاچ، خىزمەتداشلىرىمۇ بىردەمدە خەۋەر تېپىپ بۇ يەرگە كەپ بولغان ئىدى.
بۇ خەۋەردىن پەقەت ئالمىرە خەۋەرسىز ئىدى.
ئالمىرە ئۇ يەردە توپتوغرا 2-سائەت ساقلاپ،بۇ ئىككى سائەت جەريانىدا رۇستەمگە 20-قېتىم ئۇچۇر قىلغان ئىدى.رۇستەم ئۇ ئۇچۇرلارنىڭ 3-نى كۆرگەن ئەمما <<ئۆزۈم بارمەنغۇ >>دەپ ئۇچۇر قايتۇرمىغان ئىدى.
ئالمىرە رۇستەمنىڭ كەلمىگەنلىكتىن ھېچ بولمىغاندا <<مەن بارالمايمەن ساقلىماڭ دەپ بولسىمۇ ئۇچۇر قىلىپ قويمىدى>>دەپ قاتتىق رەنجىگەن ئىدى.
ئاۋۋال خۇدايىم ئاندىن دوختۇر دەپ، رۇستەمنى يۆتكىگەن ئۇ دۇختۇرخانىدىكى دوختۇرلار زور تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ داۋالاۋاتاتتى.
تەكشۈرۈش جەريانىدا رۇستەمنىڭ بېشى يارلانغان ئەمما يارا تېشىدا ئىچىدە ئەمەس،جىگەر يېرىلغان 8-سائەت كۈزۈتۈپ باقىمىز،قان توختىمىسا ئوپراتسىيە قىلىمىز...<< ھاياتى خەۋۇپلىك ئىديە جەھەتتە تەييارلىق قىلىڭلار>>دەپ دىياگۇنۇس قويدى. رۇستەمنىڭ ئاتا-ئانىسى يىغا زار ئىچىدە ئاللاھتىن ئوغلىغا ھاياتلىق تىلىدى.
رۇستەمنىڭ سىڭلىسى رۇستەمنىڭ نەرسە كىرەكلىرى ئىچىدىن،ئالما ماركىلىق تېلفۇننى ئېلىپ تېلفۇندىكى ئارقىما-ئارقا كەلگەن ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى.
رۇستەمنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغان ۋاقتى كەچ بولغاچ،ھەم دۇختۇرخانىدىن يۆتكەپ تەكشۈرۈپ دېگەندەك كۆپ ۋاقىت ئۆتۈپ،كېچە سائەت 1-بۇلۇپ قالغان ئىدى.رۇستەمنىڭ سىڭلىسى،تېلفۇندىكى ئۇچۇرغا <<سەھەردە جاۋاپ يازاي >>دەپ سۈكۈتكە چۈمدى.
تاڭمۇ ئاتتى،جىگەردىن قان توختىمىغاچ ،رۇستەمنى جىددى ئوپراتسىگە قىلمىساق بولمايدۇ دېدى.
رۇستەمنىڭ سىڭلىسى دۇختۇرغا بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭلار دەپ،ئالمىرەگە تېلفۇن قىلدى.
تاڭ تېخى تۇلۇق سۈزۈلمىگەچ ،ئالمىرە ئۇخلاۋاتقان ئىدى.
ئۇ تېلفۇننى ئۇيقۇچان ئېلىپ،
-ۋەي كىمۇ سىز؟دېدى.رۇستەمنىڭ سىڭلىسى كۆز ياشلىرىنى زورىغا بېسىپ تەمكىنلىك بىلەن:
-ياخشىمۇسىز ئالمىرە،مەن رۇستەمنىڭ سىڭلىسى دىلرابا،تىز ئۇيقۇڭىزنى ئېچىڭ،رۇستەم ئاكام ئاخشام قاتناش ھادىسكە ئۇچراپ ئېغىر يارلاندى.ئۇنى ھازىر ئوپراتسىيەگە ئېلىپ ماڭماقچى،ئوپراتسىيەدىن ساق چىقامدۇ يوق بۇنىسى بىزگە نامەلۈم،شۇڭا دەرھال كىلىپ ئاكامنى كۆرۋېلىڭ دېدى.
ئالمىرە تېلفۇندىكى نۇمۇرنىڭ رۇستەمنىڭ نۇمۇرنىڭ رۇستەمنىڭ نۇمۇرى ئىكەنلىكى بىلەن،يۈرىكى قاتتىق ئاغرىپ نەپىسى سىقىلىپ كەتتى.ئۇ تىترەپ ئاران ئورنىدىن تۇرۇپ دۇختۇرخانىغا كەلدى. كەپلا نەدىلىكىنى سوراپ تېلفۇن قىلدى.رۇستەمنىڭ سىڭلىسى ئالدىغا چىقىپ ئالمىرەنى رۇستەمنىڭ قېشىغا ئەكىردى.ئالمىرە رۇستەمنى كۆرۈپ يىغلاپ كەتتى.رۇستەمنىمۇ ئوپراتسىيە ئۆيىگە ئەپ ماڭدى.ئالمىرە رۇستەمنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ئىچىدە <<جېنىم رۇستەم ماڭا بەرگەن ۋەدىلىرڭىزنى ئۇرۇندىماي كىتشىڭىزگە رۇخسەت يوق، شۇڭا غەيرەت قىلىپ ئوپراتسىيەدىن ساق چىقىڭ،مەن سىزنى پۈتۈن مېھرى-مۇھەببىتىم بىلەن ساقلايمەن >> دەپ ئۈنسىز ياش تۆكتى.
9-سائەتتىن كىيىن ئوپراتسىيە ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى.
9-سائەتلىك ئوپراتسىيە جەريانىدا ئالمىرە ئىشىك تۈۋىدىن مىدىرلىماي تەلمۈرۈپ تۇرۇپ،پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇپ قالغان بۇلۇپ،رۇستەمنى ئوپراتسىيەدىن ئېلىپ چىققاندا ئۇ ماڭالمايلا قالدى.
رۇستەمنىڭ ئوپراتسىيەدىن كىيىنكى 24-سائەتلىك ۋاقتى خەتەرلىك دەپ،ئالاھىيدە كۈزۈتۈش ئۆيىدە سىستىرالارنىڭ قارشىغا تاپشۇرلىدىكەن.باشقا ئائىيلە تاۋاباتلىرى پەقەت ئەينەكتىن كۆرۈپ تۇردىكەن.ئالمىرەمۇ ئەينەكتىن رۇستەمنىڭ ھالىنى كۆرۈپ توختىماي يىغلايىتتى.
ئاللاھنىڭ مۆجىسى بىلەن رۇستەم بۇ 24-سائەتلىك خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ ئائىيلىسدىكىلەرنىڭ قارشىغا تاپشۇرۇلدى.ئالمىرە تېخى رۇستەمنىڭ ئۆيىگە سالامغا بارمىغاچ ئۇنى پەقەت رۇستەمنىڭ سىڭلىسى تۇنۇيىتتى...ئالمىرە قىزلىق غورورنى قايرىپ قۇيۇپ،رۇستەمنى ئوپراتسىيەگە ئەپ كىرىپ كەتكەن چاغدا،رۇستەمنىڭ سىڭلىسنىڭ تۇنۇشتۇرشى بىلەن ،رۇستەمنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن سالاملاشقان ئىدى.
ئۇ ئىچىدە شۇنداق ئويلىغان ئىدىكى...رۇستەم ساق-سالامەت ئوپراتسىيەدىن چىقسا ئۆزۈم قارايمەن دەپ،مانا ئالمىرە مۇشۇ ۋەدىسى بۇيىچە رۇستەمنىڭ ئاتا-ئانىسقا دەپ رۇستەمگە ئۆزى قاراشقا ماقۇل كەلتۈردى.ھەم بۇ ئوپراتسىيەگە كۆپ پۇل كەتكەچ،ئالمىرە بىر ئۇقۇغۇچى بولسىمۇ قاراپ تۇرماي،يىققان پۇللىرى يەنە دوسلىرىدىن قەزىر ئېلىپ،رۇستەمنىڭ ئاتا-ئانىسى يوق چاغدا ئون نەچچە مىڭ يىۋەننى تاپشۇرۋەتتى.
رۇستەممۇ ھازىر خېلى ياخىشى بۇلۇپ گەپ قىلغۇدەك بولدى.ئالمىرە رۇستەمگە قاراپ،ئىچىدە مۇنۇ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى.
يېنىمدىن كەتمىگىن ئەزىزەم،
شۇخلۇق قىلىپ ئۇچۇپ يۈرسەڭمۇ؟
سەن بولساڭ يېنىمدا يىتەرلىك،
گەر ئاغرىق ھالىڭنى كۆرسەممۇ؟
قارايمەن مېھرىلىك كۆزۈمدە،
پەرۋانە بۇپ قۇشقاچتەك سايراپ.
ئىرادىلىك بۇپ كىسەلنى يەڭ،
ھايات يۇلىڭغا تويماي قاراپ.
يۈرەكنى قىلمىغىن مىڭ پارە،
ھىجران ئوتىغا مېنى تاشلاپ.
سەنسىزلىك ئىچىدە تۆكمەي ياش،
ياشاي ھاياتقا كۈلۈپ قاراپ.
كۈلسەڭ كۈلەي يىغلىساڭ يىغلاپ،
ئۆتەيلى دۇنيادا خۇشال بىز.
قىينىمىسۇن تەقدىرمۇ ئايرىپ،
بىرلىكتە ئۆتسۇن يىللارمۇ تىز.
ساقايغىن ئەركەم شىپا تېپىپ،
سۆيگۈ رىشتىم باغلاندى مەھكەم.
ھەرئاغرىق ھالىڭدا ۋايسىساڭ،
ئاغرىيدۇ يۈرىكىم جان ئەركەم.
تىلەيمەن ئاللاھتىن شىپالىق،
ھەر نامىزىمدا شۇنچىلىك ئۆكسۈپ.
مېھرىبان ئاللاھ، قۇدرەتلىكتۇر،
بىرەر شىپا مېھرىدە سۈيۈپ.
رۇستەمنىڭ ۋەقەگە ئۇچرىغىنىغا مانا 4-كۈن بولدى.ئالمىرە 22-چىسلا سەھەر كەلگەندىن باشلاپ رۇستەمنىڭ قېشىدىن ئىزچىل ئايرىلمىدى.تېخى توي قىلمىغان بىر قىز ئۈچۈن،كەچتە ئۆيگە قايىتماي يۈرۈش بەك تەس،ئالمىرە رۇستەم ئۈچۈن ئۆيدىكىلىرگە<<باشقا شەھەردىكى دوستۇمنىڭ يېنىغا بېرىپ ساياھەت قىلغاچ كۆرشۈپ كىلىمەن >>دەپ يالغان سۆزلىدى. مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت،رۇستەم ئاغرىق دەستىدىن بەزى ئالمىرەنى تىللاپ سالغان بولسىمۇ ،ئالمىرە قىلچە كۆڭلىگە ئالماي ،رۇستەمنىڭ تۇققانلىرى بىلەن تەڭ ،رۇستەمگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىدە كۆڭۈل قۇيۇپ قاراۋاتىدۇ.رۇسـتەمنىڭ ئاپىسى ئالمىرەگە <<چارچاپ قالدىڭىز قىزىم >>دەپ مېھرىبانلىق بىلەن باش كۆزلىرىنى سىلاپ پىشانىسكە يىنىك سۈيۈپ قويدى.
ھۆرمەتلىك ئۇقۇرمەن:بۇ ھەقىقى بولغان ۋەقە.<<ئات ئۇزۇن يولدا سىنىلار>> دەپ،مۇھەببەتمۇ نۇرغۇن ئەگرى تۇقايلىقلارغا ئۇچرايدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە ئەگرى تۇقايلىقلارنى يىڭەلمەي ،بەل قۇيۋېتىپ ھەقىقى مۇھەببەتنى بىلەلمەي،ئىرشەلمەي ئۆتدىغانلارمۇ بار.ئالمىرەنىڭ قىلغىنىنى بەزىڭلار خاتا دەرسىلەر بەلكىم.ئەمما ئادىمىيلىك نوقتىسدىن،مۇھەببەتتىن قارغاندا ئالمىرەنىڭ قىلغىنى توغرا دەپ قارايمەن.ئالمىرەنىڭ رۇستەمگە بولغان مېھرى-مۇھەببىتى تۈرۈتكىسىدە بۇلارنىڭ رىشتى تېخىمۇ مۇستەھكەم باغلاندى.
مەنبە: رىياللىقتا كۆرگىنىم