مۇنبەرداشلارغا پېقىر ئاخسا يىگىتتىن ئاددىيغىنە چاقچاق
تىلنى قولغا تەككۈزۈپ ،
يېتىپ كەلدىبوغالتىر .
پۇختا بولدى ساندۇقۇم ،
ئەرزان بولغاچ قاڭالتىر .
خوش كەلدىلەزۇلەيخا ،
ھېچكىشىگە دېمەيلا .
توڭ تاۋۇزنى پىچايمۇ ؟
قوغۇن پىچسام يېمەيلا .
كېلىپ بولغان سەھەردە ،
سەللە يۆگەپ ھۆكۈمران.
بۇرۇت سىيپاپ ئولتۇرار ،
ئاڭا زەپمۇ ياراشقان .
تۆمۈر كالا ئەپەندى ،
ئەجەپ يوقاپ كەتتىلە ؟
قېچىپ چىقسا موزايلار ،
ئاران قوغلاپ يەتتىلە .
مانا كەلدى ئەتكەنچاي ،
تەييار قىلدى ھەبىبە .
كۈنچۈش بولدى ئويغىنىڭ ،
قوپۇپ كېتىڭ مەلىكە .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ،
تۆرگە ئۆتۈڭبايخېنىم .
كۆڭۈللىرىنى ئۇتۇشقا ،
پىدا بولغاي بۇ جېنىم .
چىرايىدىن نۇر ياغار ،
ئەجەپ ئوماق شىرئەلى(118).
ئۆزى يۇۋاش بولسىمۇ ،
گەپ قىلىدۇ شىر كەبى .
دىلىنى مەستخۇش قىلىدۇ ،
ئوتلۇق قاراپ شەرىپە (2011).
قىززىق بولسا يۇمۇرۇم ،
بەش موچەنلىك كۈلىڭە .
بايخېنىمغا كۆز سېلىپ ،
پەيدا بولدى خويۈەنجىيا .
سەۋدا بولغان سىز ئەمەس ،
ھەمراھ سىزگە بىپەرۋا(0997).
چىرايىدا تەبەسسۇم ،
زەپمۇ خۇشخۇي شوخسەنەم (886).
چۈشۈپ قالدى كۆزەينەك ،
قېتىپ قالدى ئەپچىلەم .
نېمە بولدى كۆرەشجان ؟
تاقا - تۇققا سۆزلەيلا .
چاچ چۈشۈپتۇ گەدەنگە ،
ئەمدى كىمنى كۆزلەيلا ؟
كۈلۈپ بوپلا بەش كويلۇق ،
توختىماستىن مۇسلىنە .
تۈگەپ قاپتۇ پارچە پۇل ،
خاپا بولماي كەتسىلە .
سۆلەت كىرىپ قاپتىغۇ ،
شارپا ئارتىپ بويۇنغا .
ۋەدە بېرىڭ نەۋرۇزجان ،
چوقۇم كېلىڭ تويۇمغا .
تاقاپ قارا كۆزەينەك ،
جودا كەلدى تۇيۇقسىز .
ئەمدى قانداق قىلارمەن ،
ئىشىك تېخى قۇلۇپسىز .
بېشى كىچىك ، چېچى كۆپ ،
بىزنىڭ ئوماق سۈمەييە .
ئالغاچ كېلىڭ سۈت كەمپۈت ،
مەن ئالبېنى يېمەيمە .
بولۇپ قاپلا بىر قىسما،
كۆرگەن كىشى كۈلگۈدەك .
نېمە بولدى ئاناتىل(2)؟
ماڭا قاپاق تۈرگۈدەك ؟
بىر كۆزىدە قارايدۇ ،
رىزىۋانگۈل(0995) قاش ئېتىپ .
پېقىر بەكمۇ خوش بولدۇم ،
يوقلاپ قاپسىز ئاش ئىتىپ .
چەكلىنىپتۇ ئاتامان ،
نېمە بولدى بىلمىدىم .
يوقاپ كەتتى سەنەمجان ،
خېلى كۈنلەر كۆرمىدىم .
پەيچوسوغا كېتىپلا ،
شىڭپىڭجىغا چۈشەي دەپ .
دەملەپ قويدۇم زەپە چاي ،
سەركەردىنى كۈتەي دەپ .
مۇنبەر كېزىپ يۈرەتتىم ،
ئىنكاس كۆرسەم كۈلەتتىم .
سىز قەيەردە ئۆل خانقىز ،
سىزنى پايلاپ يۈرەتتىم .
ئەسكەرتىش :كەچۈرسىلەر ، ۋاقىت مۇناسىۋېتى ۋە سەۋىيەمنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى
مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ، قالغان مۇنبەرداشلارنى ئىنكاس ئارقىلىق چاخچاققا قېتىپ تۇرىمەن . ئىسمى چىققان مۇنبەرداشلارنىڭ چاخچاق دەپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، قىلچىىلىكمۇ شەخسى مۇددىئا يوق.
مەنبە : ئاخسا يىگىتنىڭ تاقا - تۇققا ئېلھامى
2012-يىل 25-ئاۋغۇسىت ، شىيامىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا huxqiray تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 01:52 PM