سىرلىق تۇيغۇ
كۆمۈپ قويدۇم سۆيگۈمنى يۈرەك قېتىمغا،
ئەركە بۇلۇت قوياشنى يۇشۇرغان كەبى.
شۇ سەۋەپ قەلبىمدە ئاچچىق شىۋىرغان،
بولوپ قالدىم دالىدىكى بىر گىياھ ئۆزى..
بولسىمۇ ئۇ شۇنچىلىك گۈزەل ھەم جۇشقۇن،
ئاشكارە ئەمەس سىرلىرى ھىچكىمگە تېخى،
بەلكىم ئۇنى ئىزلەپ تاپارسەن بىركۈن،
شۇ چاغ قەلبىم سۆزلەر ھەممە سىرىنى...
ئۆزۇڭ يوق ، سۆزۇك يوق ، تىۋىشلىرىڭ يوق،
ھىجرانلىق تۈنلىرىم چۇشەيدۇ سېنى...
ئېزىققان ھىسلىرىم غۇۋا چۇش كەبى،
كىرپىكلەر ئىلىنماي يورۇيدۇ سۇبھى...
ئىشەنچىم بار، تەنھالىق مىسكىن كۆز يېشى،
بولالماس ھەم قەلبىلەرگە مەڭگۈ ھۆكۈمران...
جۇش ئۇرسا ھەرقەلبتە چىن سۆيگۈ ۋاپاسى...
مەۋجۇت بولوپ تۇرالماس مەڭگۈلۈك ھىجران..
نىچۇن؟...
ئېسىمدىدۇر تۇنجى رەت بەرگەن گۈلدەستەڭ،
نىچۇن ئەمدى شۇ قولوڭدا سۇنىسەن تىكەن،
خۇددى ئازغۇن قامغاقتەك يۈتتى ھەم ۋەدەڭ،
شۇنداقمىتى مەڭگۈلۈك دەپ ئىيتقان ئەقىدەڭ..
قىيناق كەبى چىرمىۋالغاچ ۋۇجۇدنى خىيال،
ئۆكسۈشلەرگە ھەمرا بولوپ ئۆتىدۇ تۈنلەر،
نىچۇن شۇنداق بۇ سوئالغا جاۋاپ تاپالماي،
ئايغا قاراپ پىچىرلاپ ھەم يورۇيدۇ تۈنلەر..
سەنچە بولسا ئاسانكەن ھەم ۋاز كەچمەك شۇنداق،
قول سىلكىپلا كېتىپ قالسا تۇگەرمىش بارچە...
بىلگىن قىزنىڭ قەلبى ئەمەس ئاددى ئويونچۇق،
ئەزەلدىنلا ۋاپاسىزنى نامەرت دەر ھەممە....
سۆيگۈ بەلكى جاۋابى يوق تېپىشماق،
ھىچكىم يەتمەس بەلكى ئۇنىڭ تىگى تەكتىگە،
لېكىن سۆيگۈ ئەمەس ئاددى تۇرمۇش ئويونى...
چىن مىھىر ھەم ۋاپانى كۈيلەيدۇ ھەممە...
مەنبە: ئايچىن يازمىلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 05:56 PM