غەززە شەھىرى ئوتتۇرا دىڭىز بۇيىغا جايلاشقان سىنا يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقى شىمالىدىكى تار بوغۇز شەكىللك پەلەستىن ساھىلىنىڭ جەنۇبى رايۇنىغا جايلاشقان بۇلۇپ، بۇ شەھەر پەلەستىندىكى قۇددۇس شەرىفتىن قالسىلا ئىككىنچى چوڭ شەھەر بولغانلىقى ، پەلەستىننىڭ ئىچى سىرتىدىكى پەلەستىنلىك ئاھالىلەر ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان شەھەر بولغانلىقى ئۈچۈن غەززە __ گازا رايۇنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
غەززە شەھىرى 5000يىللىق تارىخقا ئىگە بۇلۇپ بۇ شەھەر دۇنيادىكى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمى شەھەرلەرنىڭ بىرى ھىسابلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرا دىڭىز ساھىلىدىكى قىممەتلىك جۇغراپىيلىك ئورنى تارىختىن بۇيان شىمالى ئافرىقا بىلەن غەربى ئاسىيا ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان.شۇ تۈپەيلى بۇ شەھەر شام دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلارغا نىسبەتەن ئستىراتىگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئاساسلىق ۋاستىچى ئورۇندا تۇرىدىغان شەھەر دەپ قارىلىدۇ.
مىلادى634-يىلى7-ئاينىڭ 30-كۈنى پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا قىسىمىغا جايلاشقان رەملە شەھىرگە يېقىن جايدىكى ۋىزتانىيە ئىمپىريىسىنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرسىدا بولغان شىددەتلىك جەڭدە مۇسۇلمانلار غەلبە قىلغاندىن كىيىن ياندۇرقى يىلى يەنى مىلادى635-يىلى بۇ شەھەر ئىستاداتلىق ئىسلام قوماندانى، مەشھۇر ساھابە ئەمرۇ ئبنى ئاس رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام قۇشۇنى تەرىپىدىن پەتھى قىلىنغان. بۇ شەھەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ھاشىم ئبنى ئابدۇماناف نىڭ قەبرىسى بار دەپ قارالماقتا.
غەززە كىيىنكى مەزگىللەردە بەدەۋىيلەر ئوتتۇرسىدىكى ئۇرۇش تۇپەيلى نۇرغۇن دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغان. مىلادى 796-يىلى بۇ شەھەر مەزكۇر رايۇندىكى ئەرەپ قەبىلىلىرى ئوتتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىچكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچۇرىغان. لىكىن كىيىنكى مەزگىللەردە بۇ شەھەر ئابباسىيلار رەھبەرلىكىدىكى 3-خەلىپىلىك دۆلىتى تەرىپىدىن قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلغان.
مىلادى977-يىلى فاتىمىيلار سەلجۇقى تۈركلىرى بىلەن غەززەرايۇنىنى ۋە غەززە رايۇنىنىڭ جەنۇبىدىكى مىسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ زىمىننى باشقۇرۇش توغرىسىدا كىلىشىم ئىمزالاپ ئىتتىپاق تۈزگەن .بىراق مىلادى1100-يىلىغا كەلگەندە ئەھلى سەلىب بۇ شەھەرنى فاتىمىيلارنىڭ ھۆكىمرانلىقىدىن تارتىۋالغان. مىلادى1149-يىلى پادىشاھ ۋېلدون غەززەگە چوڭ قەلئە ياساتقۇزغان. شۇنداقلا بۇ شەھەردىكى چوڭ مەسجىدنى مۇقەددەس يوھەننا كاتىدىراگىيسىگە ئۆزگەرتىپ شەھەرنى سۇلايمان ھەيكىلى چەۋاندازلىرىنىڭ باشقۇرىشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.
مىلادى1187-يىلى باھادىر قوماندان سالاھىددىن ئەييۇبى ئەسقالان شەھىرىدە ئەھلى سەلىب قوشۇنىغا قاقشاتقۇچ زەربە بىرىپ غەززە شەھىرىنى ئەھلى سەلىب نىڭ قانلىق تاپىنى ئاستىدىن قۇتۇلدۇرۋالغان، مىلادى1191-يىلى سالاھىددىن ئەييۇبى مەزكۇر شەھەردىكى قەلئە، سېپىللارنى چېقىپ تاشلاشقا بۇيرىغان. ياندۇرقى يىلى ئانتاكىيەنىڭ ۋالىيسى،رىچارد قەلئەلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىققان بولسىمۇ ئەمما 1193-يىلى قايتا سىېلىنغان بۇ سېپىل ، قەلئەلەر قۇرلۇش باشلىنىپ بىر قانچە ئايدىن كىيىن ئىمزالانغان كىلىشىمگە ئاساسەن قايتىدىن بۇزىۋېتىلگەن.
مىلادى1260-يىلى ئەييۇبىلارنىڭ ھۆكىمرانلىقى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن بۇ شەھەر مۇڭغۇل قوماندانى قۇبلايخاننىڭ جەنۇپقا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشىدا مۇڭغۇللار تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
مىلادى1277-يىلى مىسىردىكى مەملۇكىيلار غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ رايۇنغا ھۆكىمرانلىق قىلغان ۋە غەززە دىگەن ئىسىمنى مەزكۇر رايۇننىڭ مەركىزى سۈپىتىدە قوللانغان. بۇ شەھەرنىڭ كۆلىمى ساھىل تۈزلەڭلىكى بۇيىچە ھىسابلىغاندا جەنۇپتىكى رەفەخ شەھىرىدىن قەياسىرە شەھرىنىڭ شىمالىغىچە، شۇنداقلا شەرىقتە خەلىل شەھىرىنىڭ تۆپىلىكلىرگچە سۇزۇلغان. مەملۇكيلار ھۆكىمرانلىقى ئاستىدىكى دەۋىر بۇ شەھەر بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئالتۇن دەۋىر ھىسابلىنىدۇ.
مىلادى1294-يىلى بىر قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بۇ شەھەر يەنە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئاپەتتىن بەش يىل كىيىن مۇڭغۇللار ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ غەززەدە مەملۇكىلار قۇرۇپ چىققان بارچە قۇرلۇشلارنى بۇزۇپ تاشلىغان. شۇنداق بولسىمۇ تەخمىنەن مىلادى 1300-يىللىرى سۇرىيىلىك جۇغراپىيەشۇناس غەززە شەھىرىنى دەل دەرەخلىرى كۆپ، بۈك- باراقسان، باي باياشات شەھەر دەپ تەرىپلىگەن.
مىلادى1348-يىلى غەززەگە تائۇن كىسىلى ھۇجۇم قىلىپ شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى شۇ كىسەل سەۋەبىدىن ئۈلۈپ كەتكەن. يەنە تۆت يىلدىن كىيىن شەھەر ئېغىر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان. گەرچە بۇ شەھەر ئارقا ئارقىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرغان بولسىمۇ بىراق ئۆزىنىڭ گۈزەللكىكنى، جەلىپكارلىقىنى يۇقاتمىغان. مىلادى 1355-يىلى داڭلىق ساياھەتچى ئىبنى بەتۇتە دىگەن كىشى بۇ شەھەر توغرىسىدا توختۇلۇپ" غەززە ناھايىتى چوڭ،ئاھالىسى زىچ، گۈزەل شەھەر. بۇ شەھەردە نۇرغۇنلىغان مەسجىدلەر بار"دىگەن.
غەززە مىلادى16-ئەسىردىن تاكى مىلادى 1917-يىلىغىچە ئوسمان خەلىپىلىكىنىڭ ھۆكىمرانلىقى ئاستىدا بولغان.
1917-يىلىغا كەلگەندە ئەنگىليەلىكلەر بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئارقىلىق ئوسمانىيلارغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ غەززە شەھىرىنى ئگىللىۋالغان. بۇ ئۇرۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن نەچچە مىڭ كىشى چىقىم بولغان.
تارىخى مەنبەلەردە خاتىرلىنىشچە بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمان ئىمپىريىسىنىڭ بىر بايراقدارى ئارقىسىدا تەخمىنەن ئاز كەم 3000ئەتراپىدا پەلەستىنلىك ئەسكەرلەر غەززەگە تاجاۋۇز قىلغان ئەنگىليە ئارمىيسىنىڭ ئىككى دىۋىزيىسىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان بۇلۇپ، بۇ ئەسكەرلەر تاجاۋۇزچى ئەنگىليىلىكلەرنى زور زىيانغا ئۇچراتقان.ۋە ئۇلارنى ئەرىيش دىگەن جايغا چىكىنىشكە مەجبۇر قىلغان. تۇركىيەلىك قوماندان ئەھمەد جامال پاشا بايانات ئىلان قىلىپ غەززەدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولغان ئەنگىليە ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن باتۇرلىقىنى "پەلەستىن خەلقىنىڭ ئابا ئەجدادى سالاھىددىن ئەييۇبەنىڭ رەھبەرلىكىدە بۇ مۇقەددەس زىمىننى قوغداش ئۈچۈن كۆرسەتكەن شىجائىتى بىلەن بىر ئورۇندا تىلغا ئېلىشقا تىگىشلىك ئادەتتىن تاشقىرى قەھىرمانلىق" دەپ تەرىپلىگەن.
تۆۋەندە غەززە شەھىرىنىڭ1899-يىلىدىن1977-يىلىغىچە بولغان ئارلىقتا تارتىلغان بىر قىسىم نادىر سۈرەتلىرىنى كۈرۈپ باقايلى.
مىجدەل دىگەن جايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يىغىلىشى(غەززە ۋە ئەسقەلاندىكى ۋادى نەملى، ھۈسەيىن مازىرى)
1943-يىلى
مۇسۇلمانلار يىغىلىشى__غەززەگە قايتقان كارۋان(1943-يىلى باھار پەسلى)
غەززە تۆپىلىكى1898-1946
غەززەدىكى پاچاقلاپ تاشلانغان ئەنگىليە ئارمىيسىنىڭ تانكىسى(1917-1918)
غەززەدىكى ئىمپىريە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ تەشۋىقات تاختىسى__1935-يىلى
غەززەدىكى چوڭ مەسجىد(1867-1899)
قەبرىستانلىق__1917-يىلى
غەززەدىكى چوڭ مۇنار(1940-1946-يىللىرى)
مەسجىدكە يېقىن جايدىن تارتىلغان سۈرەت(1920-1933-يىللىرى)
ئەرەپلەرنىڭ ئەنئەنىۋى كىيمىنى كىيۋالغان تۈركىيلىك"ياكى گىرمانىيلىك"
مىنزار تېغىنىڭ يىراقتىن تارتىلغان كۈرىنىشى
غەززەدىكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ قەبرىسىگە گۈل-چەمبىرەك قۇيۇش( 1925-يىلى28- ئاپرىل)
غەززەنىڭ جەنۇبى قىسىمىدىكى ئۇرۇشتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مەسجىد(1900-1925)
كوچىدىكى كىشىلەر
غەززە ئايدورومىدىكى ئىسمائىليە رايۇنى ئارقىلىق قاھىرەگە بارىدىغان ئايروپىلان__1932-يىلى
غەززەدىكى ئىمپىريە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ ھاۋا لىنىيىسىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان__1935-يىلى
ئىشەككە مىنىۋالغان بالا__1943-يىلى
ئەسقالان(1950-1970-يىللىرى)
غەززە--1898-1946-يىللىرى
غەززە__1950-يىلى
غەززە __1977-يىلى
غەززە __1926-يىلى
غەززە __1839-يىلى21-مارت
غەززە شەھىرىنىڭ غەرىپ تەرىپىدىن تارتىلغان سۈرەت__1926-يىلى
غەززەدىكى ئۆمەرى مەسجىدى__1917-يىلى
غەززە ساھىلىدىكى ھەربى مەشىق(1940-1946-يىللىرى)
غەززەدىكى مەلۇم بىر مەسجىدنىڭ ئەزان توۋلاش مۇنارى__1940-يىلى
تاجاۋۇزچى ئەنگىليە ئەسكەرلىرى__1917-يىلى
غەززە شەھىرى(1896-1946)
ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئەسكەرلەرنىڭ قەبرىستانلىقى__1925-يىلى
مەنبە:
http://forum.roro44.com/379974.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا islamogli1566 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-25 12:18 AM