ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بارلىق تورداشلار كەمىنە تاڭنۇردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ، مۇسابىقە ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش سىلەرگە ياخشىراق تېمىمۇ سۇنالمىدىم شۇڭا ئەپۇ قىلغايسىلەر .
بۆرتالادا ئۆتكۈزىلىۋاتقان ئىتپاق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى بۈگۈن يەتتىنجى كۈنىگە قەدەم قۇيۇپ غەلبىلىك ھالدا تۆت كۈچلۈك كوماندا بارلىققا كەلدى ، مۇشۇ ئىشلارنىڭ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كۈچ قۇشۇۋاتقان بارلىق پۇتبول سۈيەر قولىغۇچىلارغا ، پۇتبول كۆرگۈچىلەرگە ، پۇتبول ماھىرلىرىغا رەھمەت ، بىزنى قوللاپ دوختۇر ئاجىرىتىپ بەرگەن مىللىي تىبابەت دوختۇرخانىسىغا شۇنداقلا مەيدانغا كىلىپ داۋالاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىۋاتقان سېستىرا ئۇيغۇر قىزىلىرىمىزغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن .
بۈگۈنكى مۇسابىقە ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە ،
ئېھسان كوماندىسى 4- 0 يالقۇن گۇڭشى كوماندىسى < شويىڭپەن >
ئېھسان كوماندىسى تۆت كۈچلۈككە كىردى ،
قىزىل تۇز كوماندىسى 5- 4 يېڭى ھايات كوماندىسى ،
ئىككى كوماندا 90 مىنۇتلۇق مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە تەڭلىشىپ قالغاچقا نۇقتا توپ جېڭى قىلدى ، نەتىجىدە قىزىلتۇز كوماندىسى غەلبە قىلىپ تۆت كۈچلۈك كوماندا قاتارىغا كىردى ،
قېرىنداشلار كوماندىسى 7- 6 ئەسرا كوماندىسى ،
ئىككى كوماندا 90 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە 2- 2 تەڭلىشىپ نۇقتا توپ جېڭى قىلدى نەتىجىدە قېرىنداشلار كوماندىمىز تۆت كۈچلۈككە كىردى .
ئاتلان كوماندىسى 5 - 0 زوقلان كوماندىسى ،
ئاتلان كوماندىسى تۆت كۈچلۈككە كىردى ،
مانا مۇشۇنداق كەسكىن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ، ئېھسان كوماندىسى ، قىزىلتۇز كوماندىسى ، قېرىنداشلار كوماندىسى ، ئاتلان كوماندىسى تۆت كۈلۈك قاتارىغا كىردى .
ئەتە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى باشلىنىدۇ ،
ئەتە چۈشتىن بۇرۇن
ئېھسان كوماندىسى - قىزلىتۇز كوماندىسى ،
چۈشتىن كىيىن
ئاتلان كوماندىسى - قېرىنداشلار كوماندىسى .
مۇسابىقە رەسىملىرىدىن ھوزۇرلىنىڭلار ، رەسىملەرنى ماڭا ياردەملىشىپ مۇنبىرىمىز ئەزاسى ، زۇلپىقار تارتىشىپ بەردى ، ئۇنىڭغىمۇ رەھمەت ،