مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 694|ئىنكاس: 9

قاسىم سىدىق:ئارستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن قارىشىدىكى ئورتاقلىقلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 08:30:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئارستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشىدىكى ئورتاقلىقلار

قاسىم سىدىق



ئېھتىمال بەزىلەر يۇقىرىقى سەرلەۋھىنى كۆرۈپ، مىلادىدىن ئىلگىرى ياشىغان ئارىستوتىل بىلەن بۈگۈنكى دەۋىردىكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن ئالبېرت.ئېينىشىيىننىڭ ئالەم قاراشلىرىدا قانداقمۇ ئورتاقلىق بولسۇن؟ دەپ ھەيران قېلىشى مۇمكىن. پەلسەپەۋىي نۇقتىدىن ئېيىتقاندا، ئەھۋال دەل ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىنىڭ ئەكسىچە.


ئارستوتىل بىلەن ئېينىشتىيىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئالەم قارىشىدا «ئالەم چەكلىك، چىگرىسىز»، «ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس» دېگەن پەلسەپەۋىي ئىدىيە يادرولۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارىستوتىل 2500 يىل ئىلگىرىكى ئىلىم-پەن مۇھىتىدا «چەكلىك-چىگرىسىز» ئالەم ئىدىيىسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرغا قويدى، ئېينىشتىيىن بولسا پەلسەپە-لوگىكا جەھەتتە ئارىستوتىل ئىدىيىسگە تەقلىد قىلدى ۋە 20-ئەسىر ئىلىم-پەن مۇھىتىنىڭ ئىلمىي مىتودولوگىيىسىگە ئاساسەن، بۇ ئالەم قارىشىنىڭ ماتېماتىكىلىق مودىللىرىنى تۇرغۇزدى. مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئالەمشۇناسلىقتا ئېينىشتىيىننى ماتېماتىكىلاشقان ئارىستوتىل دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىقى نۇقتىنەزەرلەرنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئارستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ھەر ئىككىسىنىڭ ئەسەرلىرىدىن يىتەرلىك دەلىللەرنى كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.

1.   ئارىستوتىل: ئالەمدىكى جىىسملار چەكسىز ئەمەس، ئالەم شار شەكىللىك بولىدۇ①.

ئېينىشتىيىن: بىزنىڭ شار شەكىللىك ئالىمىمىز چەكلىكتۇر②.

2.   ئارىستوتىل: بىز ھەقىقىي بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلمايمىز③.

ئېينىشتىيىن: ئاللىقانداقتۇر «ھەقىقىي بوشلۇق» مەۋجۇت ئەمەس④.

3.   ئارىستوتىل: بارلىق ھەركەتتىكى نەرسىلەر مەلۇم نەرسىگە نىسبەتەن ھەركەت قىلغان بولىدۇ⑤.

ئېينىشتىيىن: نىسپىيلىك- نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ماھىيىتى⑥.

4.   ئارىستوتىل: زامان (ۋاقىت) ھەركەتنىڭ ئۆلچىمى. بارلىق مەۋجۇدات زامان ئىچىدە ۋە پۈتكۈل ئاسمان ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ⑦.

ئېينىشتىيىن: زامان-ماكان ماددىنىڭ ئىپادىلنىش شەكلى ۋە كېڭىيىشچانلىقى   ⑧.



يۇقىرىقلاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، ئارستوتىل ئالەم قارىشى بىلەن ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشى ئوتتۇرسىدا ئۇمۇمىي جەھەتتىن ۋە پەلسەپەۋىي نۇقتىدىن ئېيىتقاندا پىرىنسىپال پەرىق يوق. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئالەمنى شارسىمان ۋە چەكلىك دەپ قارايدۇ. ھەر ئىككىسى ھەقىقىي بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس دەپ چۈشىنىدۇ، نىسپىيلىك ئىدىيىسىمۇ ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئورتاق. ئارىستوتىلنىڭ «زامان ھەركەتنىڭ ئۆلچىمى، بارلىق مەۋجۇدات زامان ۋە پۈتكۈل ئاسمان ئىچىدە مەۋجۇت بولىدۇ»، دېگەن كۆز قارشلىرى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ «زامان-ماكان ماددىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە كېڭىيىشچانلىقى» دېگەن قاراشلىرى ھەمنەپەسلىككە ئىگە.

بىزگە مەلۇمكى، يۇقارقى نۇقتىنەزەرلەر ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھالبۇكى، پەلسەپەۋىي ئىىديە سۈپىتىدىكى بۇ «يادرو» 20-ئەسىردىكى ئېينىشتىيىننىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، بەلكى مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئارىستوتىلنىڭ ئىدىيۋىي مىراسى ئىدى. گالېلىي پىسا يانتو مۇنارىدىن ئىككى دانە شارنى تاشلىغاندىن كېيىن ئارىستوتىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخرلاشتى. ئەپسۇسكى، ئارىستوتىل پەلسەپەۋىي ئىدىيىلىرى 20-ئەسىر ئىلمىي لىباسىنى كىيىپ، ئېينىشتىيىن سىياقىدا قايتا ئوتتۇرغا چىققاندا ئىنسانىيەت گويا تارىخنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتكەندەك قىلاتتى. يەنى، ئېينىشتىيىن «ئىدىيە  ئىنقىلابى» قوزغىدى دەپ قارىلىپ، يەر شارى قاتتىق «ھاياجانلاندى». لىللا گەپ قىلساق، ئېينىشتىيىن ئېرىشكەن شان-شەرەپ ماھىيەتتە، ئارىستوتىلغىمۇ ئوقۇلغان مەدھىيەدىن ئىبارەت. باشقىچە ئېيىتقاندا، ئېينىشتىيىن يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئالاقىدار نۇقتىلاردا مەيلى توغرا ياكى خاتا قىلغان دەپ قارالسۇن، بۇ باھالار ئۆز نۆۋىتىدە ئارىستوتىلغىمۇ ئورتاق بولىدۇ.

ئىلىم ئەھلىگە مەلۇمكى، كونكىرىت پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە قارىغاندا، پەلسەپەنىڭ تەرەققىيات قەدىمى تولىمۇ ئاستا بولىدۇ. مەن ئىنسانىيەت تېخى قەدىمقى يۇنان پەلسەپەسىنىڭ رامكىسىدىن چىقىپ كېتەلمىدى دەپ قارايمەن. ئۆزىنى «مەن مۇتەخەسستىن كۆرە تولىراق پەيلاسوپقا ئوخشايمەن» دەپ باھالىغان ئېينىشتىيىن دەل كىلاسسىك پەلسەپەۋىي رامكا ئىچىدىكى بىر شەخىس. ئۇنىڭ تەپەككۈر يۆنىلىشى ئارىستوتىل ئېقىمىنىڭ ئىدىيۋىي مىراسلىرىنى قايتا زاھىر قىلدى. ھالبۇكى، ئېينىشتىيىن پەيلاسوپ سۈپىتىدە ھېچقانچە يېڭى ئىدىيەنى ئوتتۇرغا قويغىنى يوق.

ئېينىشتىيىن كەڭ مەنىلى نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنىڭ ئاۋانگارتى ئېرىنىست.ماخ دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. رىمان، فرىدمان، مىنكوۋىسكىي قاتارلىقلارنىڭ ئېينىشتىيىن تەلىماتىدا تۇتقان ئورنى ئىلىم ئەھلىگە مەلۇم. يۇقىرىقىلاردىن بىز ئېينىشتىيىن تەلىماتىنىڭ پەلسەپە ۋە ماتېماتىكىلق يىلتىزلىرى ئۈستىدە قايتا ئويلىنىشنىڭ ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.

ئەلۋەتتە، ئارىستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن ئالەم قارىشىدىكى ئورتاقلىقلار يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن نۇقتىلار بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ پەقەت بىر مۇقەددىمە خارەكتىرلىك يازما بولىشى مۇمكىن.

بۇنىڭدىن باشقا، ئارىستوتىل ۋە ئېينىشتىيىن  ئالەم قارىشىدا خاسلىقلارمۇ يوق ئەمەس. خاس كۆز قاراشلار ئىچىدە ئېينىشتىيىننىڭ ھەممىسى توغرا، ئارىستوتىلنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ كېتىشىمۇ ناتايىن.

يەنە قىستۇرۇپ قويۇشقا تىگىشلىك بىر نۇقتا شۇكى، ھەر ئىككىسنىڭ بىر پۈتۈن پەلسەپە-نەزەرىيە سېستىمىسىدا، ئاز بولمىغان زىددىيەتلەر مەۋجۇت بولۇپ، قىزىقارلىقى شۇكى، بۇ زىددىيەتلەرنىڭ بەزىلىرى ھەر ئىككىسى ئۈچۈن ئورتاق. بۇ نۇقتا ئەلۋەتتە مەخسۇس تېما تەلەپ قىلىدۇ.

ئېينىشتىيىن نىسپىيلىك نەزەرىيىسنى تەتقىق قىلغاندا بۇ نەزەرىيىدىكى ئالاقىدار ئۇقۇملارنىڭ ئاساسلىرى ۋە تارىخى يىلتىزلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش زۆرۈر ئىكەن دەپ قارىدىم. يەنى، بىزگە «فىزىكا ئۇقۇمشۇناسلىقى» ۋە «فىزىكا ئۇقۇملىرى ئېتمولوگىيىسى» لازىمدەك قىلىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسى يەنىلا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تاشلىۋېتىلگەن «تەبىئەت پەلسەپەسى»قايتا مۇراجىئەت قىلمىسا بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. «فىزىكا پەلسەپەسى»دىن ئىبارەت يېڭى پەننىڭ مەيدانغا كېلىشى فىزىكىنىڭ پەلسەپەگە موھتاجلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. دەرۋەقە، پەلسەپەدىن ئايرىلغان بۈگۈنكى دەۋىر فىزىكىسى ۋە ئالەمشۇناسلىقى خىلمۇ-خىل زىددىيەتلەرگە پېتىپ قالدى.



پايدىلانمىلار:

①«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، جوڭگو خەلق ئونۋېرسىتىتى نەشىرياتى 1991-يىل نەشىرى، 2-توم. 280،321-بەتلەر.

②«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم 148-بەت.

③«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، 2-توم 110، 111-بەتلەر.

④«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم 590-بەت.

⑤«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، 2-توم 226-بەت.

⑥«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم 455-بەت.

⑦«ئارىستوتىل ئەسەرلىرى»، 2-توم 111-بەت.

    ⑧«ئېينىشتىيىن ئەسەرلىرى»، سودا نەشىرياتى1979-يىل نەشىرى، 1-توم

2010-يىل 10-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئۈرۈمچى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83370
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4843
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 141 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:09:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېينىشتىيىن بولسائالەم بوشلىقى تەتقىقاتى ۋەفىزىكاتەتقىقاتىدىكى بۈيۈك ئابىدە ئارسىتوتىلنىڭ نەتىجىللىرگەگەرچەكۆزيۇمغىلى بولمىسمۇ ئەممائۈزنىڭ قاراشلىرنىڭ مۇكەممەل قاراش ئىكەنلىكنى كەڭ خەلىق ئاممىسنىڭ ئىدىيەبىرلىكىگە ئەكلەلىگەن ئەمەس ئەممائېينىشتىيىن
بولسا.ۈزنىڭ مۇكەممەل قارشى ۋەشۈبھىسىزدەلىلى بىلەن پۈتۈن خەلىقكە ئۈزنىڭ بىرئۇلۇغ ئالىم
ئىكەنلىكنى ئىسپاتلىغان  ئۇنداق بولمىغان بۇئارستوتىلنىڭ بايقىشى ئىدى دەپ قارالغان ھالەتتىمۇ ئېينىشتىين دەلۋاختىدائوتتۇرغاچىقىپ بۇقاراشلارنى مۇكەممەل دەلىل ئىسپاتلاربىلەن
دۇنيەغاجاكارلىمغان بولسا بەلكىم ئارسىتوتىل قارشى بۈگنگەقەدەربىكىنمەھالەتتەكۈمۈلۈپ قالغان بۇلاتتى   ئۇنداق بولسا بۈگۈنكى تەرەققىيات ئەسلا بولمايتى  شۇڭاسىزنىڭ ئىككى ئۈچ ئېغىزدەللىلىڭىزگەئاساسلىنىپلا بۇ.ئۇلۇغ ئالىمىمىزنىڭ  تۆھپىسنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا ئەسلا بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:14:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى مۇھىم مەزموننى يوللاپسىز . مۇنبىرىمىزگە مۇشۇ خىلدىكى ماقالىلار قانچە كۆپ يوللانسا شۇنچە ياخشى . بىز تەبئىي پەن ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىزنى بەك بىلىپ كەتمەيمىز . ھەم بۇلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارمۇ ئارىمىزدا كۆلەم ھاسىل قىلالمىغان ھالەتتە ، 11 يىل ئوقىغان بىر ئوقۇغۇچىدىن مەشھۇر، ئۇلۇغ ئادەملەرنى سورىسىڭىز تەبئىي پەن مۆتىۋەرلىرىدىن قانچىلىگىنى ئېيتىپ بېرەلەر؟ بولۇپمۇ ئۆزىمىزدىن يېتىشىپ چىققانلارنى ... نوبىل مۇكاپاتى ساھىبلىرىنىڭ ئىچىدىمۇ يېڭى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويغانلارمۇ بار . بىز ھەرگىزمۇ يېڭى خىيال -تەسەۋۋۇرلارغا ئېتىبارسىز قارىمايلى ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4009
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 114 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:50:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋىلىشقا تىگىشلىك بەكلا مۇھىم تىمىكەن .تەبى پەن ئالىملىرمىزدىن زادى كىملەر باردۇ؟.

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3622
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-10-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 04:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزغا كۆپتۈن كۆپ رەھمەت !

كامىل يۇۋاش

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34036
يازما سانى: 561
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6075
تۆھپە نۇمۇرى: 192
توردا: 1488 سائەت
تىزىم: 2011-3-16
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 04:32:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكمۇ ياىشى تېما بوپتۇ  بىندىن كېيىن داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى سورايمەن

كامىل،يۇۋاش

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82634
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 04:38:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pah يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 12:09 AM
ئېينىشتىيىن بولسائالەم بوشلىقى تەتقىقاتى ۋەفىزىكاتەت ...

قوللايمەن . ھەربىر ئىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بولىدۇ . مەسىلەن : ھازىرقى زامانىۋى لامپۇچكىلارنى ئېدىسون ياسىدى دىيىشكە تامامەن بولىدۇ . ناۋادا ئېدىسون بولمىسا لامپۇچكىمۇ بولمايتتى بولغان تەغدىردىمۇ بارلىققا كىلىشى كەينىگە چىكىنگەن بولاتتى . يۇقارقى مىسالمۇ دەل مۇشۇ قانۇنيەتكە ئوخشاش

ھەقىقەت چۈمىلىنىڭ قولىدا بولسا پىلمۇ سالامغا كىلىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82634
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5000
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 217 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 04:41:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
pah يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 12:09 AM
ئېينىشتىيىن بولسائالەم بوشلىقى تەتقىقاتى ۋەفىزىكاتەت ...

ئارىستاتول 2500 يىل بۇرۇن ئالەمنىڭ شەكلىنى بايقىغاندىن كىيىن 20 - ئەسىرگە كەلگەندە ئېينىشتىيىن دەلىللىرى بىلەن بايقاپتۇ دىمەك غەلبە ئارىستاتولغا مەنسۈپ

ھەقىقەت چۈمىلىنىڭ قولىدا بولسا پىلمۇ سالامغا كىلىدۇ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 1444
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7276
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1796 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 03:03:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قاسىم سىدىق: 张永德نى بىلىدىغانلار بارمۇ؟

http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=13008&page=1&extra=#pid38824


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-10-14 03:04 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 462
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-14 05:31:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزگە كۆپتىن كۆپ رەخمەت گەرچە مىنىڭ تەبىي پەن نەتىجىللىرىمنىڭ يىغىندىسى 0 بولسىمۇ ھاھاھا ئىشقىپ مەن تەبىي پەن ئالىملىرىمىزنى بەك چوڭ بىلىمەن .قاسىم سىدىق ئەپەندى سىزنىڭ تەتقىقاتلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇقلۇق بولۇپ بۇداقى نوبىل مۇكاپاتى شەرىپىگە نائىل بولىشىڭىزنى ئارزۇ قىلىمەن.خۇدايىم ئىشلىرىڭىزغا بەركەت بەرسۇن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش