مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 680|ئىنكاس: 13

تور بانكا كەسپى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13567
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 06:19:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تور بانكا  كەسپى



  تور بانكىسى زامانىۋى خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى، تور تېخنىكىسى ۋە كومپيۇتېر تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق بانكا كەسپىنى بېجىرىشنى كۆرسىتىدۇ. تور بانكىسى 1996–يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كەلگەن.دۆلىتىمىزنىڭ سودىگەر چاقىرىش بانكىسى 1998–يىلى تور بانكا كەسپىنى تۇنجى بۇلۇپ يولغا قويغان. ھازىرغىچە ئېلىمىزدە 45 بانكا تور بانكا كەسپىنى يولغا قويدى.

  تور بانكىسى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە: بىرىنچىدىن، سېتىش يوللىرى ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋى بانكىنىڭ سېتىش يوللىرى بانكا تىجارەت تور–نۇقتىلىرىدىن ئىبارەت، ئەمما تور بانكىسىنىڭ سېتىش يوللىرى كومپيۇتېر تور تېخنىكىسىنى ئاساس قىلغان ۋاكالىتەن بېجىرىش سودىسى تۈزۈمىدىن ئىبارەت. ئىككىنچىدىن، ئەنئەنىۋى بانكىلارنىڭ مۇلازىمىتىنىڭ پەرقى مەبلەغ ۋە مۇلازىمەتتە ئىپادىلىنىدۇ، ئەمما تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت پەرقى تىجارەت كۆز قارىشى ۋە تىجارەت ئۇسۇلىدا گەۋدىلىنىدۇ. ئۈچىنچىدىن، كەسىپ دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. ئەنئەنىۋى بانكا كەسپىنىڭ دائىرىسى نىسبەتەن ئېنىق بولىدۇ، تور بانكىسىنىڭ كەسىپ دائىرىسى يۇقىرى سۈرئەتتە كېڭىيىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ.

  ئېلىمىزدىكى تور بانكا كەسپىنىڭ تەرەققىياتى

  بىرىنچىدىن، كومپيۇتېر تىخنىكىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تور بانكا كەسپىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ئېلىمىزدە كارخانىلارنىڭ تور بانكىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى% 57.6 كە، يان تېلېفون بانكىسى، ئاپتوماتىك پۇل ئالغۇ،پۇل سىيرىش ئاپپاراتى قاتارلىق باشقا ئېلېكتىرونلۇق بانكىلاردا ئىگىلىگەن نىسبىتى % 37.4 كە، تېلېفون بانكىسىنىڭ تور بانكىسىدىكى سودا سوممىسى ئېلېكتىرونلۇق بانكا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %.2 3 ۋە % .8 1 نى ئىگىلىگەن. ئىككىنچىدىن، توردا چىقىم قىلىشنىڭ يوللىرى كۆپ خىللاشتى. توردا چىقىم قىلىش سودا تەننەرخى تۆۋەن بولۇش، قولايلىق ۋە تېز بولۇشتەك ئەۋزەللىككە ئىگە. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 2011–يىلى تورداشلار توردا چىقىم قىلغان پۇلنىڭ ئىشلىتىش ئورنى ئىچىدە توردا مال سېتىۋېلىشنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى% .5 83 كە، تېلېفون ھەققى، سۇ–توك ھەققى، گاز ھەققى تاپشۇرۇش قاتارلىق تۈرلۈك ھەقلەر، توردا سېپىرلىق نەشر بۇيۇملىرى، ئويۇن كارتىسى سېتىۋېلىش، توردا ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىش قاتارلىقلار% .5 16 نى ئىگىلىگەن. ئۈچىنچىدىن، بەزى بانكىلار ئېلېكتىرونلۇق بانكا بۆلۈمى، پەن – تېخنىكا بۆلۈمى قۇرۇپ، تور بانكىسىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتتى. 2011–يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەملىكەت بويىچە تور بانكىسىدا پۇل چىقىم قىلغان خېرىدار 369 مىليونغا، بېجىرگەن مۇئامىلە 15مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مۇئامىلە سانى ۋە سوممىسى 2010–يىلىدىكىدىن %77 ۋە %33 ئاشتى.

  ئېلىمىزنىڭ تور بانكا كەسپىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

  بىرىنچىدىن، تور بانكىسى خېرىدارلىرى ئاز. نۆۋەتتە تور بانكىسى بىرقەدەر راۋاجلانغان رايونلار مەركىزىي شەھەرلەردۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت رايونى، مۇلازىمەت ئوبيېكتى ۋە ھېسابات سوممىسى مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقتىن، كەسىپ مىقدارى ۋە كۆلىمى كېڭەيمىدى، ئۇنى بانكىلارنىڭ ئەنئەنىۋى خېرىدار توپى ۋە قاپلاش دائىرىسىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تۆۋەن . ئىككىنچىدىن، خېرىدارلارنىڭ تور بانكىسىغا بولغان تونۇشى كەمچىل. بانكىلارنىڭ تور بانكا كەسپىنى تەشۋىق قىلىشى يېتەرسىز بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى تور بانكىسىنى چۈشەنمەيدۇ. ئۈچىنچىدىن، تور بىخەتەرلىكىدە يوشۇرۇن خەۋپ مەۋجۇت. تور بانكىسىدىكى ئەڭ يادرولۇق مەسىلە بىخەتەرلىك ۋە باشقۇرۇش مەسىلىسى. بانكا كەسپىي تورى بىلەن ئىنتېرنېت تورى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، تور بانكىسى قانۇنسىز تاجاۋۇز قىلىش ۋە قەستەن ھۇجۇم قىلىشنىڭ ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، نۇرغۇن خېرىدار تورنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، توردا ئۆزىنىڭ ئىناۋەتلىك كارتا ھېساب نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى يوللاشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.

  ئېلىمىزدە تور بانكىسى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى تەكلىپلەر

  بىرىنچىدىن، تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسى خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشى ۋە تاللىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىستېمالچىلار تور بانكىسى تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى ۋە ئىقتىدارى، مۇلازىمىتى ۋە ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئەنئەنىۋى بانكىلار تەمىنلىگەن مەھسۇلاتلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، تور بانكىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇڭا تور بانكىسىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش كېرەك. ئىككىنچىدىن، تور بانكىسىنىڭ تور بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. تور بانكا كەسپىنى ئاچقان بانكىلار مۇكەممەل بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تور بانكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىش تېخنىكىلىق تەدبىرلىرىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، تور بانكىسىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. تور بانكا كەسپىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى تۈزۈپ، تور بانكىسىنىڭ كەسىپ ئالاھىدىلىكى ۋە خېيىم–خەتەردىن ساقلىنىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خېيىم–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. كەسپىي خادىملارنىڭ تور باشقۇرۇش تېخنىكىسى ۋە خېيىم–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماھارىتىنى ئۆستۈرۈپ، تور بانكا كەسپىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئېھتىياجىغا داۋاملىق ماسلىشىش كېرەك. تۆتىنچىدىن، ئەمەلىي مەشغۇلات بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، خېرىدارلارنىڭ تور بانكا مەشغۇلات تېخنىكىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تور بانكا كەسپى خېرىدارلىرىنى كۆپەيتىپ، خېرىدارلارنىڭ بانكا تىجارەت زاللىرىدا ئۇزاق ئۆچرەتتە تۇرۇپ كەسىپ بېجىرىشىنى ئازايتىپ، بانكىلارنىڭ خىزمەت بېسىمىنى يېنىكلىتىش كېرەك.



           مەنبە    :   خەلق   تورى

http://uyghur.people.com.cn/157596/15252528.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83324
يازما سانى: 328
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2347
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توربانكىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەت بېرىدىغان ۋە ئادەمنى ئىشەندۈرگۈدەك تەپسىلارلار بولمىغاچقا  تور بانكىسىنى ئىشلىتىشتىن ئېھتىيات قىلىۋاتقانلار كۆپ دىيەرلىك، بۇ تېما ياخشى يوللىنىپتۇ، بۇمۇ دەۋىرنىڭ ئېھتىياجى، بۇ توغرىدا تېمىلار كۆپرەك بولسا، چۈشەنچە چوڭقۇرلاشسا دىگەن ئويدىمەن.
ئەگەر بىخەتەرلىككە كاپالەت بېرىلسە، بولۇپمۇ خاككىرلاردىن مۇداپىئەلىنىشنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىسا، تور بانكىسى راسلا ئىشلىتىشكە قولايلىق ئىدى.

پويىزنىڭ گۈدۈك چالغىنى، سىزگە ھارقاچان ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇشنى ئەسكەرتكىنى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13567
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:56:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
               تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا نىمىلەرگە دېققەت قىلىش كېرەك


تور بانكىسىدا مەشخۇلات قىلغاندا تۆۋەندىكى تەرەپلەردە ئادەت شەكىللەندۈرۈش كېرەك .
   (1) تورخانا ۋە ئورتاقئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېرلاردا تور سودىسى قىلماسلىق .
  (2) ئادىرېسنى تور كۆرگۈچكە بىۋاستە كىرگۈزۈش ، ھەقىقى ئادىرېسنى ساقلاپ (收 藏)  قويۇپ ، كىيىن زىيارەت قىلىشنى قولايلىقلاشتۇرۇش .
  (3) تور بانكىسىغا كىرگەندىن كىيىىن HTTPS نىڭ ئۇلانغان ياكى ئۇلانمىغانلىقىنى ، تور كۆرگۈچنىڭ ئوڭ ئاستى تەرىپىدە ئالتۇن رەڭلىك كىچىك قۇلۇپنىڭ بار ياكى يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ، ئاشۇ قۇلۇپنى ئوڭ چېكىپ ئىسپاتنىڭ ئۈنۈملۈك ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرۈش . ئەڭ ياخشىسى ئىسپاتتىكى ئادىرېسى بىلەن تور كۆرگۈچنڭ ئادىرېس كىرگۈزۈش ستونىدىكى ئادىرېسىنىڭ ماس يەكى ئەمەسلىكىنىمۇ تەكشبۈرۈش . ئەگەر مۇشۇلاردىن بىرى نامۇۋاپىق بولسا شۇئان تور بانكىسى مەشخۇلاتىنى توختىتىپ سەۋەبىنى ئېنىقلاش .
  (4) تور بانكىسىدىن چىكىنگەندا بىخەتەر چىكىنىش (安 全 退 出) كونۇپكىسىنى بېسىپ چېكىنىش .
  (5) تور بانكىسىنىڭ تىزىملىتىش پارولى بىلەن سودا قىلىش پارولىنى ئوخشاش قىلماسلىق ۋە تۇغۇلغان كۈن ، تېلفۇن نۇمۇرى ، كىملىك قاتارلىق تەرتىپلىك سانلاردىن تۈزۈلگەن پاروللارنى ئىشلەتمەسلىك . يەنە پات - پات پارولىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇش .
  (6) سودا خاتىرسىنى قەرەرلىك تەكشۈرۈپ تالون بىلەن سېلىشتۇرۇپ تۇرۇش .
  (7) ھەر قانداق ۋاقىتتا ھىسابات نۇمۇرى ۋە پارولىنى ئۆزى ساقلاش ، ھەرگىزمۇ باشقىلارغا ئېيتىپ بەرمەسلىك كېرەك .  ھەر قانداق ئېلخەت ، قىسقا ئۇچۇر . تېلفۇن قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھىسابات ۋە پارول سۈرۈشتە قىلىش ھەركەتلىرىگە ھەرگىزمۇ ئىشەنمەسلىك .  ئەگەر ناتونۇشلارنىڭ پارولنى بايقاپ قالغانلىقىنى سەزگەن ھامان پارولنى ئۆزگەرتىش كېرەك .




http://www.izchila.com/a/banks/banks-2/2011/0213/81.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13567
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:01:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
           تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇشنىڭ نىمە رولى
تور بانكىسى ئاچقۇزغاندىن كىيىن قانداق مەشغۇلاتلارنى توردىلا ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ:

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
ئەزىز دوستلار، يىقىنقى يىللاردىن بۇيان تور بانكىسى تۇرمۇشىمىزغا بارا-بارا سىڭىپ كىرىپ،تۇرمۇش ۋە خىزمەت شەكلىمىزنى بارا-بارا ئۆزگەرتمەكتە. شۇندقلا تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلمەكت. ئۇنداقتا  تور بانكىسى ئاچقۇزغاننىڭ نىمە رولى بار؟
تور بانكىسى ئاچقۇزغاندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلاتلارنى توردىلا ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ:
1. بانكا ھىسابات كارتىسىدىكى پۇلنى تەكشۈرۈش،پۇلنى بىر كارتىدىن يەنە بىر كارتىغا يۆتكەش (يەنى پۇل سىلىش)... قاتارلىق مەشغۇلاتلار.
يەنى بۇ مەشغۇلاتلارنى بانكا ياكى پۇل ئىلىش ماشىنىسىغا بارماي تۇرۇپلا تور ئارقىلىقلا ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدا بانكىغا بىرىش،ئۆچرەت ساقلاش قاتارلىق نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلاردىن ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ ۋە ئىنتايىن قولايلىق؛
2. توردىن مال سىتىۋىلىش.
ھازىر توردىن مال سىتىۋىلىش چەتئەللەردىلا ئەمەس، ئىلىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،خەنزۇچىسى ياخشى ۋە توردىن يىتەرلىك پايدىلىنىشنى بىلىدىغان كىشىلەر ئارىسىدا خىلىلا بەك ئوموملىشىپ كەتتى. چوڭ تىپتىكى توردىن مال سىتىۋىلىش تور پونكىتلىرى مالنىڭ سۈپىتى، سودىگەرنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى ۋە مالنى ياقتۇرمىسا قايتۇرىۋەتسە بولىدىغانلىقى توغرىسىدا كاپالەت بىرىدىغانلىقى ئۈچۈن، توردىن مال سىتىۋىلىشتا ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. ھالبۇكى توردىن مال سىتىۋىلىشتا چوقۇم تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش كىرەك. چۈنكى پۇل تاپشۇرغاندا تور بانكىسى ئارقىلىق پۇل تاپشۇرىلىدۇ، ئەلۋەتتە  支付宝 غا ئوخشاش بەزى توردا پۇل تۆلەش ۋاستىلىرىدىن قوللانسىمۇ بولىدۇ، بىراق بۇنىڭ ھىساۋاتىغا پۇل قاچىلاشتا يەنىلا تور بانكىسىنى ئاچقۇزۇش زۆزۈر بولىدۇ؛
3. توردىن ئايروپىلان بىلىتى سىتىۋىلىش.
توردا ئايروپىلان بىلىتى سىتىۋىلىش ئىنتايىن قولايلىق ۋە ئايروپىلان بىلەت سىتىۋالىدىغان چوڭ تور پونكىتلىرىدا خۇددى توردىن مال سىتىۋىلىشقا ئوخشاشلا كاپالەتكە ئىگە،ئىشەنچلىك. بۇنىڭ ئاساسلىق ئارتۇقچىلىق:

بىرىنچىدىن: قولايلىق، ئايروپىلان بىلەت سىتىش ئورنىغا بىرىشنىڭ ھاجىتى يوق. ئۆيدە تۇرۇپلا بىلەت ئالغىلى بولىدۇ. كىملىك بىلەنلا ئايروپىلانغا چىققىلى بولىدۇ، پۈتۈن جەرياننى توردىلا قىلغىلى بولىدۇ؛
ئىككىنچىدىن: ئىزدەش دائىرىسى تىخىمۇ كەڭ بولىدۇ. ئايروپىلان بىلەت سىتىۋالىدىغان چوڭ تىپىتىكى تور پونكىتلىرىدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نۇرغۇنلىغان بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىكى بىلەت باھاسى چىقىدۇ.
ئۈچىنچىدىن: كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئەرزان چىقىدۇ. ئالدىدا دىيىلگەندەك چوڭ تور پونكىتلىرىدا پۇتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىن بىلەت ئاختۇرىلىدۇ ۋە بىلەت باھاسى بويىچە رەتكە تىزىپ بىرىلىدۇ، شۇ سەۋەپتىن بىرلا قىتىمدا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدىكى نۇرغۇن بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىن بىلەت باھاسىنى ئۇقۇشقان ۋە ئەڭ ئەرزان بىلەتنى تاللىغانغا ئوخشاش بولىدۇ؛
تۆتىنچىدىن: ئاختۇرۇشتا تىخىمۇ كەڭ ئەركىنلىككە ئىگە بولىدۇ. يەنى بىر قانچە كۈن،بىر ھەپتە ھەتتا بىر ئاي ئىچىدىكى ئەڭ ئارزان بىلەت باھاسىنى ئاختۇرغىلى بولىدۇ. ئايروپىلان بىلەت سىتىش ئورۇنلىرىدىن سىتىۋالغاندا بولسا ئادەتتە كۆپىنچە ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ.
دىمەك توردىن ئايروپىلان بىلەت سىتىۋىلىش تولىمۇ قولايلىق ۋە كۆپ ئارتۇقچىلىققا ئىگە.

4. تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش
تور بانكىسى ۋە باشقا تىلفۇنغا پۇل قاچىلاش تور پونكىتلىرى ۋە دىتاللىرى ئارقىلىق مۇقىم تىلفۇن ۋە قول تىلفۇنغا توردا پۇل قاچىلىغىلى بولىدۇ. بەزىدە ھەتتا ئەرزان بولىدۇ،يەنى 49.50 تۆلەپ 50 يۈەن قاچىلىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىمۇ تور بانكىسى زۆرۈر بولىدۇ؛
5. توك،سۇ،گاز...پۇللىرىنى تاپشۇرۇش
بەزى بانكىلار تور بانكىسى ئارقىلىق توك،سۇ،گاز...پۇللىرىنى تاپشۇرۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان، بەزى بانكىلار بولسا يولغا قويۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. بۇ ھەم كەلگۈسى زامانىۋى تۇرمۇشتىكى مۇقەررەر يۈزلىنش. بۇلار ئۈچۈنمۇ تور بانكىسى ئاچقۇزۇش زۆرۈز بولىدۇ؛

6. توردا قەغەز ئالتۇن سودىسى قىلىش.
7. توردا پاي چىكى سودىسى قىلىش.
8. توردا قەرەللىك مال سودىسى قىلىش.
9. توردا زايۇم،فوند،基金 ، سودىسى قىلىش.
10. باشقىلار.




http://www.izchila.com/a/banks/banks-2/2011/1023/438.html بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 12:02 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8508
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 654 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2012-11-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 12:21:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇش ھەقىقەتەنمۇ نۇرغۇن قولايلىقلارنى ئېلىپ كېلدىكەن،مەيلى توردىن نەرسە سېتۋېلىش،بىلەت زاكاز قىلىش بولسۇن ۋە ھەرخىل ھەق تاپشۇرۇش بولسۇن ھەر جەھەتتىن تولىمۇ قولايلىق،پەقەت تور كەسپىنى ئىشلىتىشتە بىخەتەرلىك ۋە ئىشلىتىش جەرياندىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۋالسىلا بۇ ھەقىقەتەنمۇ بەكلا قولايلىق~~~~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3488
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 94 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:54:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا تارتىپسىز ،رەھمەت .مۇمكىن بولسا تور كارتىسىدا پۇل تۆلەش ئۇسسۇللىرى ۋە جەريانى توغرۇلۇق ئازراق مەلۇمات بەرسىڭىزكەن.

قاۋا ئىتلار ، توختىماي قاۋا ، مەن ئۈچۈن بەرىبىر .

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن-«ئو

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47896
يازما سانى: 447
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8069
تۆھپە نۇمۇرى: 597
توردا: 4181 سائەت
تىزىم: 2011-7-15
ئاخىرقى: 2012-11-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:57:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  تور بانكىسىدىكى ھىساۋاتتىن  باشقا بانكا ھىساۋاتىغا پۇل يۆتكىسە،  رەسمىيەت ھەققى ئالامدۇ؟

مەن سىلەرگە بولدۇم خاقان،
ئېلىڭلار يا بىلەن قالقان.
تامغا بولسۇن بىزگە بۇيان،
كۆك بۆرە بولسۇن ئۇران.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 453
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4041
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 133 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-11-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 01:58:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پەقەتلا چۇشەنمەيدىغان كەسىپكەنبۇ لىكىن بىلۋالساق ياخشىدەك قىلدۇ رەىمەت.

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13567
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 07:10:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oghuzkhan يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 10:57 AM
تور بانكىسىدىكى ھىساۋاتتىن  باشقا بانكا ھىساۋاتىغا پ ...

ئەمدى ئالاھىدە تور بانكىسىنى ئىشلىتىڭ
2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى جۇڭگو خەلق بانكسى باش بولۇپ شېنجېن،تىيەنجىن،بېيجىڭ،گۇاڭجو قاتارلىق شەھەرلەردە 2-ئەۋلات تور بانكىسى «ئالاھىدە تور بانكا» 超级网银 نى سىناق تەرەققىسىدە يولغا قويدى.11-ئايدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە يولغا قۇيۇلۇپ ،توردا بانكىلار ئارا شۇ ۋاقىىتا پۇل يۆتكەش ئەمەلگە ئاشۇرىلىدۇ.بىر بانكىنىڭ تور بانكىسى ئارقىلىق باشقا بانكا ھىساۋاتلىرىنى تەكشۈرگىلى ،پۇل يوللىغىلى بۇلىدۇ.ھەممە بانكىنىڭ تور بانكا كەسپىنى ئىچىش ھاجەتسىز.بانكىلار ئارا پۇل يۆتكىگەندە رەسمىيەت ھەققى ئەرزان بۇلۇش،مەشغۇلات ئاسان بۇلۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن رايۇنىمىزدىكى تور بانكا كەسپى ئىشلەتكۈچىلەرگە مىسىلسىز قۇلايلىقلارنى يەتكۈزىدۇ.
ئۇقۇم: كەسپى ئاتالغۇسى توردا بانكا ئاتلىغان چىقىمنىڭ ھىساپلىشىش سېستىمىسى 网上支付跨行清算系统 . بۇ تور بانكا سېستىمىس ئالدىنقى 1-ئەۋلات تور بانكا سىستىمىسىغا قارىغاندا تېخىمۇ زور ئەۋزەللىك ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولغاچقا خەلق ئىچىدە «ئالاھىدە تور بانكا» دەپ ئاتالدى.


ئىشلەتكۇچىلەر: بانكىدا ھىساۋات ئاچقان ۋە تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەن شىركەت (ئىدارە –ئورگان) ۋە شەخىسلەر. (توۋەندە شەخسلەرنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ چۇشەنچە بېرىلىدۇ).
ئىقتىدارى: بانكا ئاتلاپ ھىساپ سۈرۈشتۈرۈش، بانكا ئاتلاپ پۇل يوتكەش، بانكا ئاتلاپ ھىساۋات باشقۇرۇش، بانكا ئاتلاپ چىقىم قىلىنغان پۇل نەق شۇ ۋاقىتتا ھىساۋاتقا كىرىپ بولۇش، كىرەلمىسە سەۋەبىنى نەق شۇ ۋاقىتتا بىلگىلى بولۇش قاتارلىقلار.
قاتناشقۇچىلار: خەلق بانكىسى باش بولىدۇ، ھەرقايسى بانكىلار قاتنىشىدۇ. نوۋەتتە دولەت ئىگىلىدىكى 5 چوڭ بانكا، 9 پاي چەكلىك بانكىسى، 5 شەھەر بانكىسى، 5 يىزا بانكسى ۋە 3 چەتئەل بانكىسى بولۇپ جەمئى 27 بانكا قاتنىشىپ بولدى. 3-تەرەپ چىقىم قىلىش شىركەتلىرى (مەسىلەن جىفۇباۋ دىگەندەك) كەلگۇسى 1 يىل ئىچدە شىركەت ئىلتىماس قىلىش، خەلق بانكسى تەستىقلاپ، ئىجازەتنامە تارقىتىپ بىرىش شەكلى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ.
قاتناشقان بانكىلار (ئوزلۇكىسز كوپىيىپ تۇرىدۇ)


ھەق ئېلىش: مۇلازىمەت بولغان ئىكەن ھەق ئېلىشمۇ بولىدۇ. نوۋەتتە خەلق بانكسى يىتەكچى باھانى ئېلان قىلدى.
ھىساۋات سۇرۇشتۇرۇش تۇرىگە ھەق ئېلىنمايدۇ.
پۇل يوتكەش 转账 تۇرىگە ئېلىنىلىدىغان ھەق ئىككى تۇرلۇك، 1- مۇقىم ھەق، بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 0.5 يۇەن ئېلىنىلىدۇ. 2-يوتكىگەن پۇل سوممىسىغا قاراپ ئېلىنىلىدىغان ھەق. ئولچىمى توۋەندىكىدەك:
1 تۈمەندىن توۋەن بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 5 يۇەن
1 تۈمەندىن 10 تۈمەنگىچە بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 10 يۇەن
10 تۈمەندىن 50 تۈمەنگىچە بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 15 يۇەن
50 تۈمەندىن 100 تۈمەنگىچە بولسا بىر قېتىملىق مۇئامىلىگە 20 يۇەن
100 تۈمەندىن يۇقىرى بولسا %0.02 بويىچە ئېلىنىلىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 200 يۇەن ئېلىنىلىدۇ.
شۇنداق قىلىپ بىر قېتىمدا 1 تۈمەندىن توۋەن پۇل يوتكىسىڭىز (مەسىلەن 4500يۇەن) 5.5 يۇەن ھەق تولەيسىز. قىممەت ئەمەستۇ؟
لېكىن ھەرقايسى بانكىلارنىڭ بۇ باھانى ئىجرا قىلىش بىردەك ئەمەس، بەزىلەر نىڭ بۇنىڭدىن توۋەن، بەزىلەرنىڭ سەل-پەل يۇقىرى. كونكىرىت باھانى كونكىرىت بانكىدىن سۈرۈشتۇرۈڭ.


ئىشلىتىش: ھەرقانچە ياخشى، ئىقتىدارلىق بولسىمۇ ئىشلەتمىسە يەنە بىكار. توۋەندە قانداق ئىشلتىمىز؟ دىگەننى قويۇپ ئىشلەتسەك قانداق قولايلىقلار بولىدۇ؟ دىگەننى دىيىشىلى.
1. بىر تال بانكا قالقىنى بىلەن ھەر قايسى بانكىلاردىكى ھىساۋاتىڭىزنى باشقۇرالايسىز.
بۇ دىگەنلىك سىز ئاۋۇ «ئالاھىدە تور بانكا» غا قاتناشقان بانكىنىڭ خالىغان بىرسىدىن تور بانكا كەسپىنى ئاچقۇزۇپ، بانكا قالقىنى بىجىرگەن بولسىڭىز، شۇ بىر تال بانكا قالقىنى بىلەن باشقا بانكىلاردا ئاچقان ھىساۋاتىڭىزنى باشقۇرالايسىز، يەنى ھىساپنىڭ قالدۇقىنى، تەپسىلاتىنى تەكشۈرەلەيسىز، ھىساۋاتىڭىزدىكى پۇلنى باشقا ھىساپقا (ئوزىڭىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ، شۇ بانكىدىكى ياكى باشقا بانكىدىكى) يوتكىيەلەيسىز، پۇل چىقىم قىلالايسىز ( تېلفون ھەققى، ئىمتاھان ھەققى دىگەندەكلەر تولىيەلەيسىز )
كونكىرىت قىلىپ ئېيتقاندا: سىز قۇرۇلۇش بانكىسىدا تور بانكا كەسپىنى بىجىرگەن. سىزنىڭ يەنە سودا – سانائەت بانكىسىدا بىر بانكا كارتىڭىز، يېزا ئىگىلىك بانكىسىدا بىر بانكا كارتىڭىز بار، لېكىن سىزنىڭ بۇ ئىككى بانكىدا تور بانكا كەسپى يوق. ھەرقايسى بانكا كارتىدىكى پۇل سانى توۋەندىكىدەك:
قۇرۇلۇش بانكا: 30.00
سودا – سانائەت بانكا: 512
يېزا ئىگىلىك بانكا: 211
ئەمدى سىز تورئارقىلىق 200 يۇەن تېلفون ھەققى تولىمەكچى،ھەم سىرتتا ئوقۇۋاتقان بالىڭىزغا(بالىڭىزنىڭ كارتىسى قاتناش بانكىسىنىڭ) 500 يۇەن تۇرمۇش پۇلى سالماقچى دەيلى. قانداق قىلىسىز؟
بۇرۇنقى ئۇسۇلدا: ئالدى بىلەن سودا – سانائەت بانكىسىغا بىرىپ 500 پۇل ئالىسىز، ئاندىن يېزا ئېگىلىك بانكىسىغا بېرىپ 200 يۇەن پۇل ئالىسىز، ( بۇ جەرياندا ناۋادا بانكا تاقاق بولسا، ATM كارتىنى يۇتۇۋالسا، پۇلىڭىز ياكى كارتىنى ئوغرى ئالسا، چۇشۇپ قالسا، ياكى ..... بولسا ئىشنىڭ ئوخشىغىنى شۇ) ئاندىن قۇرۇلۇش بانكىسىغا بېرىپ، 700 يۇەن پۇلنى بانكا كارتىسىغا سالىسىز. ئاندىن ئويگە بېرىپ تورغا چىقىپ، قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ بانكا قالقىنى ئارقىلىق 200 يۇەننى تېلفون ھەققىگە تولەيسىز، 500 يۇەننى بالىڭىزنىڭ قاتناش بانكىسىدىكى كارتىسىغا يوتكەپ بېرىسىز. ئاندىن بالىڭىزغا تېلفون قىلىپ پۇلنى سالغانلىقىڭىزنى ئېيتىسز، بالىڭىز قاتناش بانكىسىغا بېرىپ ( بەلكىم ATM ، تېلفون ياكى تور ئارقىلىق) پۇلنىڭ كەلگەن – كەلىمىگەنلىگىنى سۇرۇشتۇرىدۇ، ئاندىن سىزگە تېلفون قىلىپ، كەپتۇ يا كەلمەپتۇ دەيدۇ، كەلسە خۇداغا شۇكرى، كەلمىسە توختىماي قاراپ باقىدىغان، توختىماي تېلفون قىلىدىغان ساقلايدىغان گەپ شۇ.

ئەمدى ھازىرقى ئۇسۇلدا: سىز ئويىڭىزدىن چىقمايلا قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ تور بانكىسىغا چىقىپ، يىزا ئىگىلىك بانكا كارتىدىكى پۇلدىن 200 يۇەننى تېلفون ھەققىگە تولەيسىز، ئاندىن سودا – سانائەت بانكا كارتىڭىزدىكى 500 يۇەن پۇلنى بالىڭىزنىڭ قاتناش بانكىسىدىكى كارتىسىغا يوتكەپ بېرىسىز. 20 سكونت ئىچىدە پۇل بالىڭىزنىڭ قاتناش بانكىسىدىكى كارتىسىغا يىتىپ بارىدۇ. يىتىپ بارغانلىغىنى قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ تور بانكسى سىزگە دەپ بىرىدۇ.( ئەگەر مۇئامىلە مەغلۇپ بولسىمۇ ئوخشاشلا 20 سكونت ئىچىدە نىمە سەۋەپتىن مەغلۇپ بولغانلىغىنى قۇرۇلۇش بانكىسنىڭ تور بانكسى سىزگە دەپ بىرىدۇ) قانداق، قولايمىكەن؟ يۇقاردىكى بانكا مىسال ئۇچۇن ئېلىندى، ئەمىلىيەتتە ئۇ بانكىلارنىڭ ئورنى ئالماشسىمۇ ئوخشاشلا قىلغىلى بولىدۇ.



http://www.izchila.com/a/banks/banks-2/2011/0219/111.html

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2769
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13567
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1066 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-11-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 07:19:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saba01 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 01:54 AM
جاپا تارتىپسىز ،رەھمەت .مۇمكىن بولسا تور كارتىسىدا پۇل ...

سودا-سانائەت تور بانكىسىدىن پۇل يۆتكەش ۋە ئىشلىتىش دەرىسلىكى ‹‹سۈرەتلىك فىلىم››

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش