  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					مىنىڭ بۇنى يىزىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ 麻辣串 يەيدىغان دوسلىرىمىزنى سۆكۈپ تاشلاش ئەمەس ، مەنمۇ بۇرۇن يىگەن ئىدىم . كىيىن بۇ نەرسىلەرنىڭ قانداق ياسالغىنىنى ، 清真 دەپ خىتى بولغىنى بىلەن ئەسلى ھاراملىقىنى بىلىپ ناھايتتى كۆپ پۇشايمان قىلدىم . شۇڭا ئىبرەت بولسۇن ئۈچۈن بۇلارنى يوللۇدۇم ، ئۇلۇغ ئاللاھدىن گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت بولىشىنى تىلەيمەن  ئامىن ........ 
 
 
 
 
 
بازالاردا سىتىلىۋاتقان 麻辣串 نىڭ ئارىسىدا 清真 دەپ خىتى يىزىلغان قىزا (火腿肠(تولىمۇ كۆپ ، بۇ نەرسىنىڭ سىتىۋىلىش باھاسىمۇ ئىنتايىن ئەرزان ھەم 清真 دەپ خىتى يىزىلغانلىقى ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تىجارەتچىلەر سىتىۋالىدۇ . مانا بۇ مىللىتىمىزدىكى ئىغىر مەسىلە ؛ يەنى ئىتىمالدا 清真 دەخەتتىن بىرسى بولسىلا قارغۇلاچە ئىستىمال قىلىش ، ئۇنداقتا سىز دىگەندەك 清真 ھالال دەپ خىتى بولسىلا ئىستىمال قىلىۋەرسىڭىز ، ئۇنداقتا يىقىندا بازارغا سىلىنغان ھالال ماركىلىق چوشقا گۆشى دىيارىمىزغا كىرسە ئۇنى يەسىزمۇ؟؟؟؟؟؟ 
 
 
 
 
 
 
مانا بۇ 清真 دەپ خىتى چۈشۈرۈلگەن 火腿肠 نىڭ خام ئەشيالىرىنىڭ پىششىقالاپ ئىشلىنىش جەريانى ، بەلكىم بۇ ئەمەس دەپ تۇرىۋىلىشىڭىز مۇمكىن ، ئويلاپ كۆرۈڭ بۇلار بۇ نەرسىلەرنى بۇنداق قىلىپ نىمىمۇ ياسار ، يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى تۆۋەندە سىز كۆرگەن ئۆلۈك ھايۋانلار دەل رايۇنلىرىمىزدىكى لوبەنلەر ئەرزان باھادا سىتىۋالغان ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلار . ئەگەر ئىشەنمىسىڭىز يىزا بازارلاردا سەھرالاردا تونۇشلىرىڭىز بولسا سوراپ بىقىڭ . ھەر يىلى لوبەنلەر يىزا بازارلارغا سەھرالارغا بىرىپ ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى سىتىۋىلىشىدۇ . سىزنىڭچە ئۇلار بۇ سىسىق پۇرايدىغان تاپلارنى نىمىگە ئىشلىتەر................ 
 
( ئى مۆمىنلەر،  بىز سىلەرنى رىزىقلاندۇرغان ھالال نەرسىلەردىن يەڭلار ، ئەگەر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىدىغان بولساڭلار ، ئاللاھقا شۇكرى قىلىڭلار ، ئاللاھ سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننى ، قاننى ،  چوشقا گۆشىنى ، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ (بۇتنىڭ) نامى ئىيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋاننى يىيىشنى ھاران قىلدى . كىمكى ئۆز ئىختىيارىچە ئەمەس ، ئىلاجسىزلىقتىن ( يۇقىرقى ھارم قىلىنغان نەرسىلەردىن )ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يىسە ، ئۇنىڭغا ھىچ گۇناھ بولمايدۇ . ھەقىقەتەن ئاللاھ ناھايتتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. ناھايتتى مىھرىباندۇر . ( بەقەرە سۈرىسى 172-173-ئايەتلەر ) 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
[سىلەرنىڭ ۋە يولۇچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن ، سىلەرگە دىڭىز ھايۋانلىرى ، دىڭىزدىن چىقىدىغان يىمەكلىكلەر ھالال قىلىندى .(مائىد سۈرىسى 96-ئايەت)  ]  
بەلكىم سىز 麻辣串 يىگەندە 火腿肠 يىمەيمەن دىيىشىڭىز مۇمكىن ، لىكىن مۇسۇلمان قىرىندىشىم ئىسلام شەرىئىتىدە قىلچىلىك ھارام ئارلاشقان نەرسىنىڭ ھۆكۈمى ھارامدۇر . سىز يەيدىغان نەرسىلەرنى دەل سىز بايا كۆرگەن  火腿肠 نى پۇشۇرغان ياغدا پۇشۇرىدۇ . ئۇنداقتا سىز ئاشخانىدا چوشقا  گۆشى قايناۋاتقان قازاندا قوي گۆشى پۇشۇرۇپ يىگەندەكلا ئىش قىلمامسىز . يەنە شۇنى قىستۇرۇپ ئۆتەيلى ئىسلام دىنىدا سىز باشقىلارنىڭ تامىقىنى يىيىش توغرا كەلسە «قازان ئىگىسى » مۇسۇلمان بولمايدىكەن شۇ تائامنىڭ ئۆزى دۇرۇس بولمايدۇ . شۇڭا ئەزىز قىرىنداشلار بىز مۇسۇلمان بولغانكەنمىز ، ئاللاھ بۇيرىغان پاكىزە ، ھالال  رىزىقلاردىن ئىستىمال قىلايلى .  
ئاللاھ ھەمىمىزنى ھارام نەرسىلەردىن يىراق قىلسۇن . ئامىن.......... 
 
 
تورداشلىرىمىزنىڭ بۇنى بۇنى باشقا قىرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىمەن . 
 
 
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 12:03 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |