ئۇنچېۋالامۇ ئەمەس
(مۇخەممەس)
بەزىلەر دەيدۇ ئوغۇلار ۋاپاىسز،
مۇھەببەتلىشىپ ئېشىنىش تەس.
بەزىلەر دەيدۇ قېزلار بىپەرۋا،
مۇھەببەتلەشمەك تېخىمۇ تەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۇنچېۋالا ئەمەس.
يۈرىدىغۇ ئەمسە ئەنە بىر جۈپلەر،
مۇھەببەتلىشىپ شۇنداق بىر ھەۋەس.
كەلمەيدۇ دەيسىز تېخى بۇندان كۈنلەر،
ئۆتمىكى كاللىڭىزدىن بۇ تېخى تەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۇنچېۋالا ئەمەس.
چېقىدۇ چاۋاك ئىككى قولدىن،
بىر قولدىن لېكىن چېقمىقى تەس.
چېقاچقا شامالنىڭ تەسىرىدىن،
دەل-دەرەخلەرھەر ئېگىز-پەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۇنچېۋالا ئەمەس.
بەزىلەر مۇھەببەتلىك پۇشايماندا،
ھەسىرەتتە ئەمدى بولدى بەس.
لېكىن مېنىڭچە بولسا دۇنيادا،
بىر-بىرىنى ھەقىيقى چۈشۈنۈش تەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۇنچېۋالا ئەمەس.
مانا،قېزلارغا سالام خەت يازمىغان،
مۇھەببەتلىك تەلپىنى قويمىغان.
شۇ قېزلارنىڭ ئېشقىدا كۆيۈپ،
پېشمىغانلارمۇ ئەلۋەتتە يوق ئەمەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۇنچېۋالا ئەمەس.
مۇھەببەتلىك تاتلىق چۈش كۆرۈپ،
ساياھەتلەرنى قىلمىغانلار يوق ئەمەس.
شۇنداق تاتلىق مۇھەببەتلىشىپ ئۆتۈپ،
بىر-بىرىدىن ئايرىلغانلارمۇ يوق ئەمەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىز بەك ئۇنچېۋالامۇ ئەمەس.
شۇنداق مۇھەببەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ،
چېن مەنىسىنى بېلمېگەنلەرمۇ يوق ئەمەس.
مۇھەببەتنىڭ سۈيىدە ئېقىپ،ئېشقىدا كۆيۈپ،
ۋېسسالىغا يېتەلمىگەنلەرمۇ يوق ئەمەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىزمۇ ئۇنچېۋالا ئەمەس.
بىر چېرايلىق كۆڭۈل بېرىپ مۇھەببەتلىشىپ،
ئاسانلا ئايىرىلىپ كەتكەنلەرمۇ يوق ئەمەس .
شۇنداق ،لېكىن مېنىڭچە بولسا ئەسلىدە،
مۇھەببەت ھەرگېزمۇ بىر ئويۇن ئەمەس.
قېز-ئوغۇللىرىمىز بەك ئۇنچېۋالامۇ ئەمەس
بىر-بىرىنىڭ مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەتتا،
ئاتا-ئانىسىدىن كەچمىگەنمۇ يوق ئەمەس.
شۇنداق قېلىپ تۇرۇپمۇ ھېجراندا قېلىپ،
ۋېسالىغا يېتەلمىگەنلەرمۇ يوق ئەمەس .
قېز-ئوغۇللىرىمىز بەك ئۇنچېۋالامۇ ئەمەس.
شۇ مۇھەببەتنىڭ تارىخىدا بارغۇ ئەنە،
مەرھوم پەرھات-شېرىن،تاھېر-زۆھرە،
مېسالىدۇر مانا بۇ مۇھەببەتنىڭ ئۆزىگە.
دېمەك مانا مېنىڭچە بولسا ئەسلىدە،
قېز-ئوغۇللىرىمىز بەك ئۇنچېۋالامۇ ئەمەس
مەنبە: ئۆز ئىجادىيتىم :2012-يېل8-ئاينىڭ 10 كۈنى، قەشقەر