فىلىمنىڭ تەرجىمىسى ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات
1) فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد كونىستانتىپۇلنى پەتىھ قىلغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ ئىسمىنى ئىسلامبۇل ئىسلام شەھىرى دەپ قويغان ئىدى. يېقىنقى دەۋىردىكى بەزى سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىستانبۇل دەپ ئۆزگەرتىلگەن . بىز سۇلتان مۇھەممەدنىڭ ئەسلى ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ، فىلىمدە ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن قويغان ئىسلامبۇل نامىنى ئۆز ئەينى قوللاندۇق .
---------------------------------------------------------------
1.سۇلتان مەھمەدخان كونىستانتىنپولنى پەتىھ قىلغاندىن كېيىن شەھەرنىڭ <ئىسلامبۇل>دەپ ئۆزگەرتكەن ئەمەس،<ئىسلامبۇل> دېگەن گەپتىنمۇ ئىسلام شەھىرى دېگەن مەنە چىقمايدۇ،بەلكى ئىسلاملاش دېگەن مەنە چىقىدۇ.
2.ئىستانبۇل دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ يېقىنقى دەۋردە بەزى سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان ئەمەس بەلكى مىلادىيە 10-ئەسىردىن باشلاپلا تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر كونىستانتنپولنى <ئىستانبۇل>(İstanbul)دەپ ئاتاشقا باشلىغان، بۇ نام گرىك تىلىدىكى سىتمبولى(στην Πόλη)دېگەن سۆزدى كەلگەن بولۇپ <شەھەردە>،<شەھەرگە كىرىش >دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بۇ يەردىكى <شەھەر>دېگەن سۆز كونىستانتىنپولنىڭ ئالاھىدە ئاتىلىشىدۇر. 1453-يىلى تۈركلەر كونىستانتىنپولنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن <ئىستانبۇل>تەدىرجى ھالدا بۇ شەھەرنىڭ ھۆكۈمەتچە ئاتىلىشى بولغان ھەم كونىستانتىنپول بىلەن تەڭ قوللىنىلغان.كېيىن كىشىلەر كونىستانتىنپولنى بەك ئۇزۇن دەپ قاراپ بۇ نامىنى قىسقارتىپ سىتانپول دەپ ئاتىغان.تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن ،يەر نامىلىرىنىڭ تۈرك تىلىغا تېخىمۇ ماس كەلتۈرۈش ئۈچۈن 1930-يىلى بۇ شەھەرگە رەسمىي ھالدا ئىستانبۇل دەپ نام بەرگەن.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،ئىستانبۇل دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ يېقىنقى زاماندا پەيدا بولغان بولماسىتىن بەلكى 10-ئەسىردىلا تۈركلەر،ئەرەبلەر شۇنداق ئاتاشقا باشلىغان،ئىستانبۇلنى گرىكچىدىكى كونىستانتىنپولنىڭ تۈركچە قىسقارتىلىپ ئاتلىشى دەپ قارىساق توغرا بولىدۇ.كونىستانتىنپولغا سۇلتان مەھمەدخان ئىسلامبۇل دەپ نام قويغان،كېيىن بەزى سىياسى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتكەن دېگەن قاراش ئاساسسىز قاراش،چۈنكى ئوسمان ئېمپىرىيەسى شۇنداق كۈچلۈك ئېمىپىرىيە تۇرۇپ <ئىسلامبۇل> دېگەن شۇنداق ياخشى ئىسىمىنى ئىستانبۇلغا ئۆزگەرتىشى ئەقىلگە سىغمايدۇ.ئىككى گەپ بىر- بىرىگە يېقىن كەلگەنلىكى ئۈچۈنلا خالىغانچە ئۆزگەرتىۋالساق توغرا بولمايدۇ،دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە ھەتتا تۈركىيەنىڭ ئۆزىدىمۇ ئىستانبۇل دەيدۇ،بىز ئۆزىمىزچە ئۆزگەرتىۋالساق قاملاشمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 01:07 PM