مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 796|ئىنكاس: 31

ئانام بولسىدى (تەۋسىيە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

كۈلكە جان ئوزۇقى !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41410
يازما سانى: 1806
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14050
تۆھپە نۇمۇرى: 95
توردا: 597 سائەت
تىزىم: 2011-5-20
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 12:22:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

بۇ يازمىنى مەن ئۈچۈن ئەڭ سۈيۈملۈك ، ئەڭ ئەزىز بولغان رەھمەتلىك ئانامغا بېغىشلايمەن . ئەي ئۇلۇغ ئاللاھ ، رەھمەتلىك ئانامنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلغايلا !  ئامىن !
تاغ ئارىلاپ بوران كەلدى ،
باغ ئارىلاپ شامال كەلدى .
ئاچ  ئانا  ئىشىگىڭنى ،
دەردى بار بالاڭ كەلدى .
ئانا ، مانا مەن كەلدىم ، بىز يەنە ئامان - ئېسەن يۈز كۆرىشىشكە نىسىپ قىلغان مېھرىبان ئاللاھقا يۈز مىڭ قەترە شۈكرى !
ئانا ، مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە ؟ شۇنداق ، نېجىس كېسەل سېنى ئاز قىينىمىدى . ياراتقان ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن !
ئانا ، جېنىم ئانا ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، سەن ھەر يىلى مەن مەكتەپكە قايتىدىغان ۋاقىتتا مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېسىل نېممەت بولغان سەپەر توقىچىنى ھاردىم - تالدىم دېمەي شۇنداق ئوخشىتىپ يېپىپ بېرەتتىڭ !
ئانا ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، مېنى ئۇزۇتۇپ پويىزئىستانسسىغا بارغاندا ، ماڭا قىيماي ، كۆزلىرىڭ كۈلۈپ تۇرسىمۇ ، ياشلىرىڭ ئىختىيارىڭغا بوي سۇنماي يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلەتتى . مېنىڭ قارام يۈتكىچەكۆزۈڭنى ئۈزمەي  بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئارقاڭغا سىلجىيتىڭ ... ...
ئانا ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، مەن قايتىپ كەلگەن ۋاقتىمدا ، بويۇڭ ئېگىز بولمىغاچقا ئادەملەر توپى ئارىسىدىن بىر قولۇڭنى سايىۋەن قىلىپ تۇرۇپ ھېلى ئۇياققا ، ھېلى بۇياققا < بالام ، ياقۇپجان ، قەيەردىسەن ؟ > دەپ ئوتلۇق كۆزلىرىڭ بىلەن باقاتتىڭ .
ئانا ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، كۆرۈشكەن ۋاقتىمىزدا مېنى باغرىڭغا چىڭ بېسىپ كىچىك بالىدەك بۇقۇلداپ يىغلاپ كېتەتتىڭ . مەن كۈلۈپ تۇرۇپ ياشلىرىڭنى ئېيتاتتىم.
ئانا ، ھېلىمۇ ئېسىمدە ، ماڭا دائىم : < مەن سېنى ئوغۇل دەپ تۇغقان ئىكەنمەن ، ئوغۇل بالىدەك ياشا ، چىرايىڭدىن تەبەسسۇم ئۆچمىسۇن ، نېمە ئىش بولىشىدىن قەتئىنەزەر ، تۇرمۇشقا ، ھاياتقا كۈلۈپ باق . ئەتراپىڭدىكى كىشىلەرنىڭ سۇلغۇن چىرايىغا  سەن تېرىقچىلىك كۈلكە ئاتا قىلالىساڭ ، ياردەمگە مۇھتاج بولغىنىدا ھاجىتىدىن چىقالىساڭ ، ھېچبولمىسا يول كۆرسىتەلىسەڭ ، ئۆزۈڭنى ئەر چاغلا ، شۇندقلا ھاياتنىڭ مەنىسىنى تاپىسەن ، مەن شۇندىلا سەندىن رازى بولىمەن . بەختىڭنى تاپقىن ئوغلۇم ! > دەيتىڭ .مەن بۇ سۆزلىرىڭنى ئەمدى ھەقىقى چۈشىنىۋاتىمەن ئانا !
2012-يىل 8-ئاينىڭ 10-كۈنى ، ئۇلۇغ جۈمە كۈنى . مەن بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنۇتالمايمەن . چۈنكى بۇ كۈندە مەن مەن ئۈچۈن ئەڭ ئەزىز بولغان ئىنسان __ ئانامدىن ئايرىلىپ قالدىم .
مانا ئەمدى سەن مەندىن ۋاقىتسىز ئايرىلغىنىڭدا بولسا ، مەيلى مەكتەپكە قايتىدىغان ، مەيلى ئۆيگە تەتىل قىلىپ قايتىپ كەلگەن ۋاقىتتا بولسۇن پويىز ئىستانسىسىدا ئىختىيارسىز بىر سىمانى ئىزدەيدىغان بولۇپ قالدىم . كۆزۈمدىن ئىختىيارسىز بىر تامچە ياش دومۇلاپ چۈشتى . ئەسلى ياش دېگەن ئىچ - ئىچىدىن چىقىرىپ يىغلىغاندا ئاندىن چىقىدىكەن . مەن ئىزدىگەن ئۇ سىما دەل سېنىڭ سىمايىڭ ئىدى .
ئانا ، جېنىم ئانا ، مەن چوڭ بوپتىمەن ، سېنى ھەقىقى سېغىنىپتىمەن ئەمەسمۇ !
ئانا ، مەن يەنە سەندىن ئايرىلىپ ، ئانا يۇرتتىن ئايرىلىپ ئوقۇشۇمنى تاماملاش ئۈچۈن مەكەتەپكە قايتىۋاتىمەن . خاتىرجەم بول ئانا ، مەن چوقۇم سەن ئېيىتقاندەك ياخشى ئوقۇيمەن ، ئوقۇشۇمنى غەلبىلىك تاماملاپ ئۆمىدىڭنى ئاقلايمەن .
كونىلار ناھايتى توغرا ئېيىتقان ئىكەن : < كەتكەنلەرغۇ كېلەر بىر كۈنى ، كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر ! > .ئانا ، تۈنۈگۈن سېنى چۈشۈمدە كۆردۈم . سەن كۈلۈمسىرىگەن ھالدا  ئاشۇ ئانىلىق مېھىر - مۇھەببەتكە تولغان ئالقانلىرىڭ بىلەن مېنىڭ يۈزۈمنى سىلاپ تۇرۇپ پىشانامگە سۆيۈپ قويدۇڭ . دەل شۇ ۋاقىتتا مەن ئويغىنىپ كەتتىم .
ئانا ، بىلەمسەن ؟ مەن بۇ چۈشنىڭ رېئاللىق بولۇپ قېلىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلاتتىم . مۇمكىن بولسا مەن ئويغانماسلىققا رازى ئىدىم .
ئانا ، ياقا يۇرتلاردا بىلىم ئالىمەن دەپ ساڭا ئەسقاتىدىغان ۋاقىتلاردا يېنىڭدا بولالمىدىم ، مېنى كەچۈرگىن ، مەن دىن رازى بولغىن ، ماڭا بەرگەن ئاق سۈتۈڭگە رازى بولغىن ئانا !
ئۇلۇغ ئاللاھ ياتقان يېرىڭنى جەننەتتتە قىلسۇن !

تۆۋەندىكى قىسقىغىنا فېلىمنى كۆرۈپ رەھمەتلىك ئانام يادىمغا كېلىپ ئىختىيارسىز يىغلاپ تاشلىدىم .
سىلەرمۇ كۆرۈپ باقساڭلار . ئانىلىرىمىزنى قەدىرلەيلى ، دىلىغا ئازار بەرمەيلى ، ۋاقىت چىقىرىپ يوقلاپ تۇرايلى .
ھېلھەم بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ، بىز ئۈچۈن تېنىم - تاپماي بالام دەپ تەر تۆكۈۋاتقان مېھرىبان ، جاپاكەش ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ، بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغان .ئانىلىرىمىزنىڭ روھى قورۇنمىسۇن ، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن !  (ئامىن !)

تۆۋەندىكىسى بولسا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىمىز ئورۇنلىغان ئانام بولسىدى ناملىق ناخشا ، ئاڭلاپ باققايسىلەر !

ئاخسا يىگىت  
2012-يىل 24- ئاۋغۇسىت


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-26 01:51 PM  


بۇلبۇل خالىغان گۈلگە قونالايدۇ ، گۈل خالىغان بۇلبۇلنى قوندۇرالمايدۇ .

_________ ئاخسا يىگىت

jula 0997  misranimdiki barl

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 13458
يازما سانى: 480
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9889
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 1658 سائەت
تىزىم: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 02:13:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ مىھرىبان ئانىىڭىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن . ئامىن !!!

ئى ئاللاھ،بىلىپ-بىلمەي ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىمنى مەغفىرەت قىلغايسەن،ماڭا شۇنداقلا بارلىق مۇسۇلمان مۆئىمىنلەرگە ئىمان ئاتا قىلغايسەن،ئامىن!!!...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83084
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3978
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 143 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 02:24:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بارلىق ئۇيغۇر قىزلىرىمىزنىڭ تەرىپلىگۈدەك ، شەرمى ھايالىق ئۇلۇغ ئانىلاردىن بۇلۇشىغا تىرىشىشىغا تىلەكداشمەن .
ئانىڭىزنىڭ ياتقان جايى جەننەتتە بولسۇن ، ھەقىقەتەن ئويغا سالدىڭىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   izqin.com تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 02:27 AM  


ئېيىق ئادەم بولمايدۇ مىڭ يىل يۈدۈپ باقساڭمۇ؛ يەرگەپاتماس شوينىنى بازغان بىلەن قاقساڭمۇ؛ ئىچىڭ قارا بولسا  گەر ئاقارمايسەن ئۆلگۈچە؛ناشتىلىققا سوپۇن يەپ دەريالاردا ئاقساڭمۇ..........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 432
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4006
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 112 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 08:34:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىكى بارلىق مۇمۇن مۇسۇلمان ئانىلارنىڭ ياتقان يىرى جەننەتتە بولغاي .

ئادىل ئابابەكرى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 08:37:51 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھنىڭ شاپائىتى بىلەن ئانىڭىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە  بولغاي   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 2171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11862
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 981 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 09:18:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نان ياققانتىم    قىززىق   تونۇرغا ،  
كۈلگە چۈشۈپ مىلىنىپ كەتتى.
تىرىكلىكتە  قەدرىڭ بىلەنمەي ،
بۈگۈن ئەجەپ بىلىنىپ كەتتى.

ياتاق ئىچى گۆردەك قاراڭغۇ ،
سۇخانىدىن سۇ تامچىلايدۇ .
سۈرىتىڭگە قاراپ ئولتۇرسام
كۆزلىرىمدىن ياش تامچىلايدۇ.

مەكتەپلەردە   بېسىم سەل ئېغىر ،
دەرس    بىلەن تەكرار كۆپەيدى .
سېغىنىشنىڭ     قۇم قەغەزلىرى ،
يۈرىكىمگەھەجەپ سۈركەلدى؟!


مەنبە   :    ساقلاپ  قويغانلىرىم   .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-24 09:19 AM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6790
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1235 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 10:27:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىمىز رەھمەتلىك بولغانلار ھەر ۋاقىت  ياد  ئىتىپ  روھىغا  دۇئا  قىلايلى .
ئانىمىز  بارلار  قەدىرلەيلى . كەتكەندە  يىغلىىغاننىڭ  پايدىسى  يوق .

مەن ئاجىزلارنى ياقتۇرمايمەن!

پەرىشتىلەرمۇ يا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4373
يازما سانى: 1795
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25545
تۆھپە نۇمۇرى: 1223
توردا: 3337 سائەت
تىزىم: 2010-7-20
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:01:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانا ئۇلۇغ،ئانا مۇقەددەس!  
ئانا، سەن ھەقىقەتەن ھەر قانداق مەدھىيە،ماختاشلارغا لايىقسەن ،بېشىمىزغا ئېلىپ قانچىلىك كۆتۈرسەكمۇ ئەرزىيدىغان بۈيۈك ئىنسانسەن!شۇڭا ، بىز ساڭا تەزىم قىلىمىز،سەندىن روھىي ئۇزۇق ئالىمىز!سېنى رەنجىتىشنى،سېنىڭ كۆڭلىڭنى يېرىم قىلىشنى زىنھار خالىمايمىز! ئانا ،سەن ئۇلۇغ، سەن مۇقەددەس! بىز ساڭا تېخىمۇ مۇقەددەسلىك تېخىمۇ  ئۇلۇغلۇق تىلەيمىز!   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 464
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5439
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 268 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 11:17:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە دىيىشىمىنى بىلەلمەي قالدىم

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ھەر بىر كۈن يېڭى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68760
يازما سانى: 97
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3737
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2011-12-6
ئاخىرقى: 2012-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-24 12:16:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى ئوقۇپ مېنىڭمۇ كۆڭلۈم بەك بۇزۇلدى.كۆز ياشلىرىم يىپىدىن ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۆكۈلدى.ئاھ نىمە دىگەن ئېغىر قىسمەتلەر ھە!قەدىرلىك ئاپامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلۈپ باققىنىمنى بىلمەيمەن..............‹ئانام بولسىدى›دىگەن بۇ ناخشىنى قانچە قېتىم ئاڭلىسام شۇنچە قېتىم كۆڭلۈم يېرىم بولىدۇ.ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلۋالساملا كۆڭلۈم ئازراق ئارام تاپىدۇ.كەتكەنلەر كېلەر بىر كۈنى،كەلمەيدىكەن كەتمەنلەنگەنلەر......ئۇلۇغ ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش