چوڭ بولغاندا قانداق ئادەم بولىسەن ؟
قىزىم بىريېرىم ياشتىن ئاشقاندىن كىيىن ھېلى قونچاقلىرىغا كىيىم كىيگۈزۈپ ئوينىسا ، ھېلى" ئۇكۇل ئۇرۇپ "، "دورا بىرىپ " ، ھېلى تامغا چاپلاپ قويغان ئېلىپبەسىنىڭ ئالدىغا كۇرسىسىنى قۇيىۋېلىپ ، ئېيىقىنى قۇچىقىغا ئولتۇرغۇزىۋېلىپ خەت -سۆرەتلەرنى كۆرسىتىپ ، چۈچۈك تىلىدا بىرنەرسىلەرنى دەپ ئوينايدىغان بولدى ، بەزىدە كىچىك ماشىنىسىغا مىنى "ئولتۇرغۇزۇپ ،بازار ئايلاندۇرۇپ " كىلەتتى .
بىر كۈنى ئۇنى تىزىمغا ئولتۇرغۇزۇپ سورىدىم :- قىزىم چوڭ بولسىڭىز ، قانداق ئادەم بولىسىز ؟ مۇئەللىم بولامسىز ، دوختۇر بولامسىز ، ياكى ئۇچقۇچى بولامسىز ؟ سوتچى بولامسىز يا ؟
قىزىم بىردەم تامغا -تۇرۇسقا قاراپ ئويلىنىپ ئولتۇرغاندىن كىيىن جاۋاپ بىرىپ دىدى :- ئاپاش !
ئالا كۈچۈك نەگە كەتتى ؟
قىزىم بەزىدە بەك ئەركىلەپ تۇرىۋېلىپ كەپسىزلىك قىلىپ ياكى مەن تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئۇرۇنلىماي تىپچەكلەپ يىغلاپ تۇرىۋالاتتى ، بۇنداق چاغدا رايىغا باقماي قاپىقىمنى سەل تۈرۈپ تۇرۇپ قاتتىقراق تىگىپ قوياتتىم ، شۇنداق چاغلاردا مىنىڭ سىپايە مۇئامىلەمگە كۈنۈپ قېلىپ قوپاللىقىمنى كۆتىرەلمىگەن قىزىم بەزىدە دومسىيىپ بىر چەتكە بېرىپ ئولتۇرىۋالاتتى ، ياكى لەۋلىرىنى ئوماققىنا ئۈمچەيتىپ بىرپەس يىغلىۋالاتتى ، بۇنداق چاغدا ئۇنى بەزلىمەستىن مەيلىگە تاشلاپ كۆزۈمنى باشقا ياقلارغا تىكىپ ئولتۇرىۋالسام ، مىنىڭ دىققىتىمنى تارتىپ بولالماي يا ئۆزىنى كاچاتلىۋالاتتى ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ يەردىكى گېلەمگە نەچچىنى بوشقىنا ئۈسىۋالاتتى ، مەن بۇنىڭغىمۇ پەرۋا قىلماي خاتاسىنى تونىسۇن ئۈچۈن ۋاي دىمەيتتىم . بىركۈنى يەنە شۇنداق ئىش تەكرارلاندى ، بۇ كىچىك جاھىل ئاخىر ماڭا تەن بىرىپ ئۆزى بېرىپ لۈڭگىدە ياشلىرىنى سۈرتۈپ ، چىرايلىرى ۋىللىدە ئېچىلغان ھالدا ئالدىمغا ئەركىلىگىنىچە : ئاپوۋ...- دەپ كەلدى ، شۇ چاغدىلا مەن ئۇنىڭغا قۇچىقىمنى ئېچىپ : - ھە ، ئەمدى ئۆزىڭىزگە كەلدىڭىزمۇ ، بايىقى ئالا كۈچۈك نەگە كەتتى ؟- (خاپىلىقلارنى ئۇنتۇدىڭىزمۇ دىگەن كۆچمە مەنىدە بالىلارغا دىيىلىدىغان سۆز ) دىدىم .
قىزىم بۇ چاغدا دەرھال قۇچىقىمدىن چۈشۈپ ، جىددى تەرزدە ئۆينىڭ ھەممە يىرىگە بىر قۇر قاراپ چىقتى ، ۋە پىلتىڭلاپ يۈگۈرۈپ بېرىپ ، مەن تىلۋىزۇرنىڭ كەينىگە نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا قۇيۇپ قويغان ، پۇتىنى مىجىسا قاۋاپ بىرىدىغان ئىلىكتىرۇنلۇق ئالا كۈچىكىنى كۆتىرىپ كىلىپ ، ماڭا كۆرسىتىپ :
- ئاپا ، ئال كۈچۈش ئەيەدە با .....(چىرايىدا ئالا كۈچۈكىنى تېپىۋالغاندىكى غەلىبە كۈلكىسى .....)
"بىژ ئۆيىن بوۋاي يوق ، بوۋا با ...."
قىزىم مۇشۇ يېقىنلاردىن سۆزلەيدىغان سۆزلىرى كۆپىيىپ ھەم ئۆگىتىش ئۈچۈن دىيىلگەن گەپلەرنى بىر ئاڭلاپلا دىيەلەيدىغان بولغان ئىدى ، قېرى -ياش ، ئەر -ئايال، ئوغۇل -قىز ، ئۇكاش - ئاچاشلارغىچە پەرىقلەندۈرىدىغان ،دەيدىغان بولدى . بىر كۈنى ئۇنى دادامنىڭ قېشىغا ئولتۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ، گەپكە سېلىپ سورىدىم :
- قىزىم ، (كوچىدىكى بىر ياشانغان ئايالنى كۆرسىتىپ ) ئاۋۇ كىمۇ ؟
- موماي .
بىزنىڭ ئۆيدە موماي بارمۇ ؟
-يوق .
- ئەمىسە بىزنىڭ ئۆيدە بوۋاي بارمۇ ؟
- قىزىم دەرھال دادامغا قاراپ ۋىلىققىدە كۈلىۋېتىپ جاۋاپ بەردى :- بىژ ئۆيىن (بىزنىڭ ئۆيدە دىمەكچى )بوۋاي يوق ، بوۋا با......
"ئاپتاپ بىلەن ئوينايمەن "
قىزىمنى ھەركۈنى كۈندۈزى قەرەللىق ۋاقىتتا سىرتلارغا ھەرىكەت قىلغاچ ئويناتقىلى ئەپچىقاتتىم ، بىر كۈنى كەچلىك تامىقىنى يەپ بۇلۇپ دەرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئولتۇرۇپ ، تۇيۇقسىزلا : ئاپا ، مەم(مەن ) تالا (تالادا ) ئوينام؟! (ئوينايتتم ) - دىدى. بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغانىدى .
-ھازىرلامما ؟
-ھە ....
- ياق بالام ، كەچ بۇلۇپ كەتتى ، ئەتە ئوينايلى ، - ئۇ كەچ بۇلۇپ كەتتى دىگەن گىپىمنى چۈشەنمەي ، يەرگە چۈشۈپ ئاياقلىرىنى كىيىپ ، ئوينىغىلى چىقىمەن دەپ تۇرۇپلىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن مەن :
- بالام ، ھازىر كەچ بۇلۇپ ، تالا قاپقاراڭغۇ بۇلۇپ كەتتى ، ئاپتاپ ئۆيىگە ئۇخلىغىلى كىرىپ كەتتى ، سىزمۇ ئۇخلايسىز ، ئېيىقىڭىزمۇ ، بوۋامۇ ، مەنمۇ ئۇخلايمەن .
- ئاپتاپ ئۇخلام؟(ئاپتاپ ئۇخلامدۇ )
-ھەئە بالام ، ئەتە ئاپتاپ چىققاندا ئاندىن ئوينىغىلى چىقايلى .
-(ئىككى قولىنى ئىگىز كۆتىرىپ )ئەتە ئاپتاپ ھۇئئئا ! (ئاپتاپ چىققاندا ) ئان (ئاندىن )ھۆييە (ھۆرىيەت )ئاپتاپ بىم(قوللىرى بىلەن ئۆزىنى چىڭ قۇچاغلاپ تۇرۇپ -ئاپتاپنى قۇچاغلىغىنى) ئوينا- ھە ؟
- ھەئە بالام ، شۇنداق قىلىمىز ، ئەتە ئاپتاپ چىرايلىق چىققاندا بىللە ئوينايمىز .
- ئاپتاپ ئاش ھام ھە ؟(ئاپتاپ -كۈن ئاش يەيدۇ ھە ؟)
ئۇنىڭغا يىمەيدۇ دىسەم ئادىشىم ئاش يىمەيدىكەن دەپ چۈشىنىپ قالمىسۇن دەپ :- ھەئە،- دەپ قويدۇم .
قىزىم شۇندىن كىيىنلا قايىل بۇلۇپ ، ئاياقلىرىنى يىشىپ ، ھۇجرىسىغا ماڭدى ، كىتىۋېتىپ ، مۇنۇلارنى دىگەچ ماڭدى : ئاپتاپ ئاداش ئۇخ ھە ، ھۆييە ئۇخ ھە ، ئەتە بىييە ئوينا........(15مىنۇتتىن كىيىنكى كۆرىنىش : ئۇنىڭ ئەركىن تاشلىنىپ ،تاتلىق پۇشۇلداپ ئۇخلاشلىرى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Gvljahan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 11:39 PM