بولمىسامكەن دۇنياغا مېھمان ، كۆكلەر ئىدى مەندىكى بۇ جان. زارلىرىمنى ئاڭلىغىن جاھان، تەغدىرىمگە بولاي ساھىپخان.
تەغدىرىمنى ئوينىتاي قولدا ، ئۇمۇ ماڭسۇن مەن ماڭغان يولدا. تا، دېگۈچە ئەمدى بولدىلا، تەغدىرىمگە بولاي ساھىپخان.
ئالما مېنى ھەرگىز چاڭگالغا، ( يۇلۇقتۇرما ياكى ئابدالغا ). ئاق كىرگۈچە تاكى ساقالغا، تەغدىرىمگە بولاي ساھىپخان.
نىمە قىلسام كۆزۈڭنى چىڭ يۇم، مېھمانلارغا قالغان بۇ ئۇدۇم. تاكى ماڭا كەلگۈچە ئۆلۈم، تەغدىرىمگە بولاي ساھىپخان.
ھايات يولى بولسىمۇ توقاي، سايراپ تۇرسۇن ھەمىشە تورغاي. :-شۇنى بىلگىن ئاكاڭ قارىغاي، تەغدىرىگە بولسۇن ساھىپخان!!!.
مەنبەسى: ئەپچىلەم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 11:11 PM
|