رۇستەم قاراسۇ
ئىجادىيەتلىرى
ناخشا تېكىستېى
ئۈزۈڭ گۇناھكار
سۆيگەن ئىدىم شۇنچە ئارزۇلاپ،
كۆڭلۈمدىكى پەرىشتەم ساناپ.
ئەقىدەمنى بىلمىدىڭ نادان،
ئەمدى يۆرمە ئۈزۈڭنى ئاقلاپ.
قايتۇرما
بۇ قەلبىمدە ساڭا ئۇرۇن يوق،
سۆيگۈ سۇراپ بولمىغىن ئاۋار.
باشتا ئاتقان يۈرەككە سەن ئوق،
مەندىن كۆرمە ئۈزۈڭ گۇناھكار.
خەيىر بىزنىڭ يولىمىز ئايرىم،
مەنمۇ سېنى دىمەيمەن يارىم.
ئامان بولسا ئەزىز جان تەندە،
كىلەر ھامان مېنڭ باھارىم.
2
ئاغرىنمايمەن
تاشلاپ كەتسەم يىغلايدۇ دىمە،
يىغلايدىغان مەن بوۋاق ئەمەس.
يەنە كەلسەم يار دەيدۇ دىمە،
چىقىپ چۈشەر يا،قولۋاق ئەمەس.
قايتۇرما
تاشلاپ كېتەر ھەممە ھەممىنى،
ئەمەس باقى دۇنياغا ھەر كېم.
كەتسەڭ ئەگەر شۇ پېشانەمگە،
يېزىلغان شۇ تەغدىردۇر بەلكىم.
ئاغرىنمايمەن قويدۇڭ دەپ تەنھا،
مەن ياشايمەن ئالدىمغا قاراپ.
لېكىن ئاڭلا ئۆتنە بۇ ئالەم،
قىلار بىرى سىنېمۇ خاراپ.
ئەمگەككە ھۆرمەت قېلىڭ.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش