ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ، مىسرانىم مۇنبىرىدىكى كۈلكەخۇمار ئەزىز دوستلار ، پېقىر ئاقسا يىگىت سىلەرگە يەنە يۇمۇر ئېلىپ كەلدىم ، ھېرىپ چارچىغان ۋاقتىڭلاردا بۇ يۇمۇرلار سىلەرگە يىڭنە ئۇچىچىلىك خۇشاللىق بېغىشلىيالىسا كەمىنە ئالامچە خۇشال بولغۇسى ! ئۇنداقتا دىققىتىڭلار تۆۋەندىكى يۇمۇرلاردا بولسۇن !
سىلىقلاشتۇرۇپ دەڭ
زۇلەيخا چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كېتىپ ئالدىراش بولۇپ كەتكەچكە ئۆيگە خەت يازالماپتۇ ، بىر كۈنى ئۆيگە تېلفۇن قىلىپ يولدىشى ھۆكۈمران بىلەن ئەھۋاللىشىپتۇ : _ سۈيۈملۈكۈم ، مېنىڭ ھېلقى ئوماق مۈشۈكۈم ياخشى تۇرۇۋاتامدۇ ؟ _ ياق ، ئۇ ئۆلدى . _ نېمە ؟ نېمىشقا سىلىقلاشتۇرۇپ دېمەيسىز بۇنداق شۇم خەۋەرنى ؟ مەسلەن ، مۈشۈكىڭىز دەرەخكە قۇشقاچ تۇتىمەن دەپ چىقىپ ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈپ جەننەتكە كەتتى ، دېسىڭىز بولمامدۇ ؟ دەپتۇ ۋە يەنە سۇراپتۇ : _ چوڭلارچۇ ؟ ئاپامنىڭ كېسىلى خېلى ساقىيىپ قالدىمۇ ؟ _ ياق ، ئاپاممۇ تۈنۈگۈن دەرەخكە چىقىپ كەتكەن ... ...
رەھمەت
مۇسلىنە دوختۇرغا چىشىنى تارتقۇزماقچى بولغان ئىكەن دوختۇر مۇنداق دەپتۇ : _ ئېغىزىڭىزنى ئېچىڭ . _ سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت دوختۇر . _ نېمە بولدى ؟ مەن تېخى چىشىڭىزنى تارتمىدىمغۇ ؟ _ چۈنكى يولدىشىم ماڭا دائىم ئاغزىڭنى يۇم دەيتتى ... ...
ئۇچقۇچى
مارشال ئايرۇپىلان بىلەن روھى كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ بىردىنلا كۈلۈپ تاشلاپتۇ ، كۈتكۈچى نازىلە ھەيران بولغان ھالدا سوراپتۇ : _ نېمىگە شۇنچە كۈلۈپ كېتىسىز ؟ _ مىسرانىم ئەپەندى مېنىڭ قېچىپ چىققانلىقىمنى بىلسە چوقۇم تېرىكىپ ئۆلىدۇ ، ھاھاھا......
چىش تارتقۇزۇش
سەركەردە: تۆمۈر كالا ئەپەندى، چىشىڭىزنى تارتۋەتمىسەك بولمىغۇدەك ، ئەمما بەك چىڭ تۇرىدۇ ، ئۇنى پويىز بىلەن تاتقۇزۇپ سىناپ بېقىڭ . بىر قانچە كۈندىن كېيىن سەركەردە تۆمۈر كالا بىلەن ئۇچرشىپ قاپتۇ ، قارىغۇدەك بولسا ئۇنىڭ ھەممە چىشى چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن . دوختۇر ھەيران بولۇپ سۇراپتۇ : _ چىشىڭىزنى قانداق تارتقۇزىۋەتتىڭىز ؟ _ سىز دېگەندەك چىشىمنى پويىزغا تارتقۇزغان ئىدىم ... ... _ ھە ، چىشلىرىڭىز بىراقلا يۇلۇنۇپ چىقىپتۇ دە ... ... _ ياق ، چىشىم ئەمەس ، ئىككى ۋاگون رىلىستىن بىراقلا ئاجراپ چىقتى ... ... _ ئۇنداقتا چىشىڭىزغا نېمە بولدى ؟ _ پويىز خادىملىرىنى ئىككى ۋاگوننى بىكاردىن بىكارغا ۋەيران قىلدىڭ ، دەپ كالتەك بىلەن ئۇرۇپ چىشىمنى چۈشۈرىۋەتتى ... ...
قولى سۇنۇپ كېتىشنىڭ سەۋەبى
ئېلىجان دوستى قابىلجاننى يوقلاپ بېرىپتۇ ، ۋە قولى سۇنۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ سۇراپتۇ : _ ئاداش ، قولۇڭلا نېمە بولۇپ سۇنۇپ كەتتى ؟ _ ۋاي ئاداش ، نېمە بولاتتى ، ئايىقىمنىڭ ئىچىگە قۇم كىرىپ كەتكەنتى ... ... _ نېمە ؟ شۇنىڭغىمۇ قولى سۇنۇپ كېتەمدا ؟ _ ياق ، قۇمنى چىقىرىۋېتەي دەپ ئايىقىمنى سېلىپ يولدىكى ئىستولبىغا ئۇرۇۋاتسام ، جودا دېگەن لەقۋا كەينىمدىن كېلىپ مېنى توك سوقىۋەتكەن چېغى دەپ قولۇمغا كالتەك بىلەن بىرنى قويدى ... ...
پەرۋاسىز جاۋاپ
مەلىكە دوختۇرغا كۆرۈنگىلى بېرىپتۇ . _ دوختۇر ، راستىنى ئېيتىڭە ، مەن نېمە كېسەل ؟ _ ئەھۋال چاتاق ، ئۆپكىڭىزدە سۇ ، بۆرىكىڭىزدە تاش بار ئىكەن . _ شۇنداقمۇ ؟ ئۈىيىمدە قۇم بولغان بولسا بىر ئېغىز ئۆي پۈتىدىكەن ... ...
ئۇچرىشىش
بوغالتىر سىستىرا قىز بايخېنىمدىن سۇراپتۇ : _ قىزچاق ، مەن ئەتە ئوپراتسىيەدىن چىققاندىن كېيىن كەچلىك تاماقنى بىرگە يېسەك قانداق ؟ _ ئۇنى سىز ئەڭ ياخشىسى ئوغۇل دوستۇمدىن سوراپ بېقىڭ ، ئۇ دەل سىزنى ئوپراتسىيە قىلدىغان دوختۇر ... ...
غالجىرلىق كېسىلى
روھىي كېسەللەر دوختۇرخانىسىدىكى ئىككەيلەن پاراڭلىشىپ قاپتۇ . سۈمەييە : ئەگەر سىز غالجىرلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز ؟ نازپەرى : بىرىنچى بولۇپ قەغەز بىلەن قەلەم ئالىمەن . سۈمەييە : ۋەسىيەتنامە قالدۇرامسىز ؟ نازپەرى : ياق ، مۇنبەردىكى مەن چىشلىمەكچى بولغان ئەزالارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزىمەن ... ... قانداق كېسەل
ئۆلنىڭ يولىدىشى كېسەل بولۇپ قېلىپ ، دوختۇر تەكلىپ قىلىپ ئۆزى ئىشىكنىڭ سىرتىدا ئولتۇرۇپتۇ.
بىر ئاز ۋاقىتتىن كېيىن دوختۇر سوراپتۇ :
_ ئەتۋىركە بارمۇ ؟
_ بار ، مانا .
_ ئامبۇرچۇ ؟
_ ئۇمۇ بار ، مانا ئېلىڭ .
_ بولقا بارمۇ ؟
_ ۋاي دوختۇر سىز دوختۇرمۇ يا ، رېمۇنىتچىمۇ ؟ مۇنچىۋالا نەرسە - كېرەكلەر لازىم بولغۇدەك يولدىشىم زادى نېمە كېسەلگە گىرىپتار بوپتۇ ؟ تىز ئېيتىڭە ئادەمنى قورقۇتماي ؟
_ مەن تېخى نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدىم ، ھازىرقى مەسلە مەن دورا ساندۇقۇمنى ئاچالمايۋاتىمەن ... ...
ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يوللىدىم ، باشقا ئەزالارغىمۇ كېلەر قېتىم يوللايمەن،خۇشاللىق سىلەرگە مەڭگۈ يار بولسۇن !
مەنبە : تور دۇنياسى ۋە < ساغلاملىق ھەققىدىكى يۇمۇرلار>دىن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 10:02 PM
|