مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1117|ئىنكاس: 6

پوپ يۇھانېس ۋە خىرىستىيان تاتارلار. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82429
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3318
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-7-3
ئاخىرقى: 2013-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:34:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
12-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇيۇقسىز ئوتتۇرغا چىققان بىر خەۋەر قۇددۇسقا<پەلەستىن>گە ھۇجۇم قىلىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن تىركىشىۋاتقان خىرىستىيان ھۇكۇمدارلارنىڭ قەلبىگە بىر ئۇمىد ئاتاقىلغان ئىدى.
1145-يىلى سۇرىيەدىكى گابالا باش رۇھانىسى،پاپا ئېۋگىنىئۇس111 كە بىر مەكتۇپ يوللىغان بولۇپ،ئۇنۇڭدا ئەرمەنىستان بىلەن ئىراننىڭ نېرىسىدا يۇھاننىس ئىسىملىك بىر ھۇكۇمدارنىڭ بارلىقى،ئۇنىڭ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مېدىيە ۋە ئەجەمىستان بىلەن ئۇرۇشۇپ،ئېكباتانانى ئالغانلىقى،دۇشمەن قۇشۇنىنى تېرە-پېرەڭ قىلىۋەتكەنلىگى ۋە خىرىستىيانلارغا ياردەم قىلىش ئۇچۇن لەشكەرلىرى بىلەن قۇددۇسقا بېرىشقا نىيەت قىلغانلىقى ،بايان قىلىنغان ئىدى.ئاسىيالىق ھوكۇمدار يۇھاننېس ۋە ئۇنۇڭ قوۋمى خىرىستىيان ،تېخىمۇ تۇغرىسى نېستۇرىيان بولۇپ،ئۇ قوۋمىنىڭ ھۇكۇمدارىلا ئەمەس،ھەم رۇھانىسى ئىدى.
پوپ يۇھاننېس رىۋايىتى مانا مۇشۇنداق بارلىققا كەلگەنىدى.گابالا باش رۇھانىسى بەرگەن مەلۇماتنىڭ كەينىدىن يېڭى-يېڭى خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى ۋە غەرىپلىكلەر،ئاسىيالىق خىرىستىيان ھوكۇمدارنىڭ چۆچەكلەرنى ئەسلىتىدىغان سىماسىنى،قىيىن ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغان غەرپ خىرىستىيانلىرىغا مەدەت بېرىدىغان بىر ئادەم دەپ ،رەڭدار خىيال چىچەكلىرى بىلەن پەردازلاشتى.دەرۋەقە ئىككىنچى قىتىملىق ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى ئۇنۇڭ مۇتلەق دەپ قارالغان ياردىمىگە ئىشىنىپ باشلانغانىدى.13-ئەسىرنىڭ بېشىداغەرپ خىرىستىيان دۇنياسى تاتار ئىستىلاسىنىڭ قورقۇنچلۇق تەھدىتى ئاستىدا قالغاندا،پوپ يۇھاننېس رىۋايىتى يېڭىدىن جانلاندى.
سۆز-چۆچەكلەرنىڭ كۆپلۇكى پوپ يۇھاننېس رىۋايىتىنى مۇرەككەپلەشتۇرۋەتكەنىدى.پوپ يۇھاننېس ۋە ئوغلى داۋىد بەزىدە ئاسىيالىق بەزىدە ئافرىقىلىق بولۇپ قالاتتى.تاتار ئىستىلاسى دەۋرىدىكى سەيياھلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ھەيران قالارلىق ئىشلىرى،قەھرىمانلىقلىرى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغانىدى.لېكىن بۇ بىر يۇرۇش بايانلارنى ئۆز-.ارا سېلىشتۇرۇدىغان بولساق ،زىت ھۇكۇملەر ئۇچراپ تۇرۇدۇ.12-ئەسىردىن14-ئەسىرگىچە ئىچكى ئاسىيادا خىرىستىيان دىنىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى ئەمەلىيەتمىدۇ؟تاتار خانلىرىدىن خىرىستىيان دىنىنى قۇبۇل قىلغانلار بارمىدى؟ئەگەر بولسا ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەپسانىۋى پوپ يۇھاننېس،دىيىشكە بولىدىغان بىرىنى تاپقىلى بولامدۇ؟
بۇ سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى،شۇنىڭدەك مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنى گابالا باش رۇھانىسىنىڭ مەكتۇبىدىن تاپالايمىز.پاپاغا يوللانغان بۇ مەلۇمات پوپ يۇھاننېس ۋە قەۋمىنىڭ نېستۇرى ئىكەنلىگىنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇدۇ.
سۇرىيەدىن چىققان نېستۇرىنىڭ رىم چېركوۋى بىلەن قانداق سۇركىلىشلەرنى چىقارغانلىقى ،قانداق قىلىپ بىدئەت بىر ئەقىدىنى ياراتقانلىقى خىرىستىيان دىنى تارىخىنى بىلىدىغانلار ئۈچۈن مەخپى ئەمەس.
نىستۇرى،سۇرىيەنىڭ گېرمانكىيە ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،ئەمما ۋاقتىنى بىلمەيمىز.ئانتاكىيەدە چوڭ بولۇپ،رۇھانىيلىق ھاياتىغا ئۇ يەردە كىرىشكەنلىكى مەلۇم.ئۇ ئاۋازىنىڭ چىرايلىقلىقىغا، ناتىقلىقىغا تايىنىپ  بىلىملىك ۋە ئىخلاسمەن پوپ بولۇپ تونۇلغانىدى.كەسپىدە تېز ئىلگىرلەپ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇرى ئورۇنغا چىققان،يەنى 428-يىلى ۋىزانتىيە ئېپىسكوپى بولغانىدى.بۇ ئالى رۇھانىلىق مەرتىۋىسىگە چىققاندا پۇتۇن ئەمىلى،ئۇ چاغلاردىكى پىرقىچىلىككە قارشى رەھىمسىز جەڭ قىلىش بولدى.ھالبۇكى ئۇزاق ئوتمەي ئوزى پىرقىچى بولۇپ كەتكەنىدى.نېستۇرى ئەيسا پەيغەمبەردە ئىككى روھى مەۋجۇدىيەت يوشۇرۇنغانلىقىنى تارقىتىش بىلەنلا قالماي،
ئۆز ئەقىدىسى بويۇچە ئۇنۇڭدا تەڭرىلىك ۋە ئىنسانىيلىقتىن ئىبارەت ئىككى <سالاھىيەت>بارلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.خىرىستىيان دىنى جەمىيىتى نېستۇرىنىڭ بۇ تەشەببۇسىغا رەددىيە بەردى ۋە 431-يىلى ئۇنى دىنى جەمىيەتتىن ھەيدەپ چىقاردى،تۆت يىلدىن كېيىن{435-يىلى}مىسىرغا سۇرگۇن قىلدى.ئېپىسكوپلار ئاىسىدا ئۇنۇڭغا ھىسداشلىق قىلىشقا ئىنتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مەرتىۋىلىرىدىن ئايرىلىپ قالاتتى.شۇڭا ئۇ مىسىرنىڭ ئۇ يېرىدىن-بۇ يېرىگە ھەيدىلىپ يۇردى.نەگىلا بارسا سۇغاق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى،كىشىلەر ئۇنۇڭدىن ماخاۋ كېسىلىدىن قاچقاندەك قاچتى،شۇنۇڭ بىلەن ئۇ تەخمىنەن454-يىلى ۋاپات بولدى.
نېستۇرىلار دەسلەپتە ھىندىستان يېرىم ئارىلىدا ئاز-تولا مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشكەن نېستۇرى ئەقىدىلىرىنى بىۋاستە تەرغىباتچى توماس ھەزرەتلىرىدىن ئالغانلىقىغا بۇ يەردىكى مۇخلىسلىرى

نى ئىشەندۇرۇشكە تىرىشقانىدى.نېستۇرى دىنىنىڭ ئىچكى ئاسىياغا تارقالغان ۋاقتى5-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا تۇغرا كېلىدۇ.مەرۋ،ۋە ھېرات ئېپىسكوپلۇقلىرى شۇ چاغدا قۇرۇلغانىدى.ئىچكى ئاسىيا كۆچمەنلىرىدىن بولغان نېستۇرى مۇخلىسلىرىنىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىرىمۇ مۇڭغۇل ھاكىمىيىتىدىن بۇرۇنقى دەۋىرگە توغرا كېلىدۇ،بۇ دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۇنجى كۆچمەن قوۋم كېرەيلەر ئىدى.11-ئەسىردە ياشىغان بار ھېبرائېئۇس ئىسىملىك بىر يىلنامىچىنىڭ ئەسىرىدە مەرۋ رۇھانىسى1009-يىلى نېستۇرى ئېپىسكوپىغا مەكتۇپ يوللىغانلىقى خاتىرلەنگەن،مەكتۇپنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:شەرقى -شىمال تەرەپلەردە ئىچكى تۇرك دىيىلگەن بىر  كېرەي قوۋمى ياشايدىكەن،بۇ قوۋمنىڭ پادىشاھى بىر كۇنى بىر ئىگىز تاغقا چىقىپتۇ،قىش كۇنلىرى ئىكەن،پادىشاھ قاردا يولدىن ئادىشىپ قاپتۇ،قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي تېڭىرقاپ يۇرسە ئاسماندىن بىر ئادەم چۇشۇپ ئۇنۇڭغا<ئەيسا پەيغەمبەرگە ئىمان كەلتۇرسەڭ يولۇڭنى كورسىتىپ بېرىمەن ۋە ئۆلۇمدىن قۇتۇلىسەن>دەپتۇ،ۋە ئەۋلىيانىڭ يول باشلىشى بىلەن قارارگاھىنى ئاسانلا تېپىۋاپتۇ،ئاندىن مەملىكىتىدە تىجارەت قىلىۋاتقان سودىگەرلەرنى چاقىرىپ ئۇلارنىڭ ئەقىدىلىرىنى ئاڭلاپتۇ ۋە قوۋمى بىلەن خىرىستىيان دىنىغا كىرىپتۇ.مەرۋ رۇھانىسى مانا بۇ خىرىستىيان كېرەيلەر ئۈچۈن ئېپىسكوپقا مۇراجىئەت قىلغان ئۇنۇڭدىن كۆچمەنلەرنىڭ پەرھىزلىرىنى يېنىكلەشتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.كېرەيلەرنىڭ يىمەكلىكى گۆش بىلەن سۇت تۇرسا قانداق پەرھىز تۇتالىسۇن؟ئېپىسكوپنىڭ نىمىدەپ جاۋاپ بەرگەنلىكى مەلۇم ئەمەس،ئەمما مەكتۇپنى ئالغاندىن كېيىن ئۇلارغا مىسسىيونېر ئەۋەتكەنلىكى راست.چۇنكى مەكتۇپتا دىيىلگىنىدەك كېرەيلەرنىڭ ئارىسىدا پادىشاھتىن باشقا يەنە 2000 نېستۇرى ياشايتتى.

ئارىدىن200يىل ئوتكەندىن كېيىن كېرەيلەرنىڭ نامى ئىشەنچىلىك مەنبەلەردە قايتا كۆرۇلۇشكە باشلىغان. بۇ چوڭ تۇرك قەبىلىسى ئۇ چاغلاردا ئورخۇن ۋادىسى ئەتراپلىرىدا ياشايتتى.ئوڭ خان ئىسىملىك خانى چىڭگىزخاننىڭ سادىق ئىتتىپاقدىشى بولۇپ موڭغۇللارنىڭ دەسلەپكى چوڭ قەبىلە ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقانىدى.خىرىستىيان پوپ يۇھاننېس رىۋايىتى مۇشۇ خان بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن،ھەقىقەتەن كېرەيلەرنىڭ ھەممىسى خىرىستىيان ئىدى.
ئىچكى ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ  ئارىسىدا نېستۇرى دىنى بىلەن داڭ چىقارغان قەبىلە پەقەت كېرەيلەر ئەمەس ئىدى.خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالى جەينىكىدە ئىسمى پات-پات ئاڭلىنىپ تۇرۇدىغان كۆكخوت يەنى كۆك شەھەرنىڭ ئونغۇت قەبىلىسى ھەم شۇلارنىڭ جۇملىسىدىن بولۇپ،ئۇلار غەربى كۆكتۇرك خانلىقىدىن ئايرىلغان چۆل تۇركلىرىدىن ئىدى. بۇ چۆل تۇركلىرى چىن خانلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ مانجۇرىيىدىن گەنسۇغىچە بولغان چىن چېگرىلىرىغا كېلىپ -كېتىپ تۇراتتى.موڭغۇللار ئۇلارنى چاغان تاتار{ئاق تاتار}دېيىشەتتى.موڭغۇل دەۋرىدە ئونغۇتلارنىڭ پايتەختى تىيەندۇ بولۇپ،ماركو پولو تەندۇك دەپ تىلغا ئالغان شەھەر مۇشۇ شۇ ئىدى.
بىز ئىچكى ئاسىيادىكى نېستۇرى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئىككى تۇرك قەبىلىسىنى،يەنى كېرەيلەر بىلەن ئونغۇتلارنى بىلگەندىن كېيىن،موڭغۇللار دەۋرىدىكى سەيياھلارنىڭ پوپ يۇھاننېس ۋە خىرىستىيان تاتارلار ھەققىدە يازغانلىرىنى دەرھال باشقىچە بىر نەزەردە ئوقۇيمىز.كېرەيلەر بىلەن ئونغۇتلاردىن باشقا،بولۇپمۇ نايمانلار بىلەن قارا خىتايلار ئىچىدىمۇ خېلى ساندا نېستۇرى مۇرتلىرى بارلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك.
13-ئەسىردە تاتارلار ئىچىگە ساياھەت قىلغان ۋە ئۇلارنىڭ پايتەختى قارا قۇرۇمغىمۇ بارغان،شۆھرەت جەھەتتە پلانو كارپىنىدىن قېلىشمايدىغان رۇبرۇك،پوپ يۇھاننېسنىڭ نايمانلار ھۆكۇمدارى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ.ئۇنۇڭ دىيىشىچە،كېرەيلەرنىڭ ئوڭ خانى مەزكۇر پوپ يۇھاننېسنىڭ قېرىندىشى ئىدى.رۇبرۇك يەنە تېخى نايمانلارنىڭ پوپ يۇھاننېسنى قارا قىتان دەپ ئاتىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.تارىخى ھەقىقەت شۇكى،چىڭگىزخان نايمانلارنىڭ نېستۇرى ھۇكۇمدارىنى يەڭگەن،بۇنۇڭ بىلەن ھۇكۇمدارنىڭ ئوغلى قاراقىتانلاردىن پاناھلىق تىلىگەن.ئۇ يەردە ئۆزىنى ھىمايە قىلغان قارا قىتان خانى جى لۇ گۇ نىڭ قىزىنى ئالغان،ئۇنۇڭدىن كېيىن تەخىتكە ئولتۇرغان.شۇ سەۋەبتىن رۇبرۇك ئېيتقان پوپ يۇھاننېس بىردىنلا نايمان ۋە قارا قىتان بولۇپ قالغان.بۇ دىيارلاردا كەزگەن رۇھانىيلار بىلەن دىن تارقاتقۇچىلارغا كەلسەك،ئۇلار پوپ يۇھاننېسنىڭ نېستۇرى جامائىتىنى ۋە پوپلىرىنى نىسبەتەن ئاز تىلغا ئالىدۇ.مەسىلەن :روبرۇك بۇ پوپلارنىڭ ھىچ نەرسە بىلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.گەرچە ئۇلار دىنىي مۇراسىم ئۆتكۇزسىمۇ،سۇرىيە تىلىدا يېزىلغان كىتاپ لىرى بولسىمۇ،لېكىن دىننىڭ ئاساسلىرىدىن تولۇق خەۋىرى يوق ئىدى.ئوقۇمۇشلۇقلىرى غەرىپتىكى لاتىنچىنى شاراقلىتىپ سۆزلەيدىغان بىلىمسىز رۇھانىيلارنى ئەسلىتەتتى.ھەتتا ئۇلار قارا نىيەت،رەھىمسىز،مەنپەئەتپەرەس،شاللاق ئادەملەر ئىدى.جۇمە كۇنىمۇ گۆش يەيتتى،تاتارلار ئىچىدە ياشايدىغانلىرى بىر ئەمەس ئىككى خوتۇن ئالاتتى.
ئىچكى ئاسىيادا موڭغۇللارنىڭ ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ بۇ يەردىكى نېستۇرىلىقمۇ يۇقۇلۇشقا باشلىغان.بۇ دىن ئالدى بىلەن چىندا تازىلىنىپ،كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ كۇچۇيۇشى بىلەن ئىچكى ئاسىيادا پۇت تىرەپ تۇرالمىغان.تۆمۇرلەڭ ئۆز ئېمپىراتورلىقى دائىرىسىدە نېستۇرىلاردىن ھەتتا خەۋەرچىمۇ قالدۇرمىغان.يۇقالغان بۇ دىننىڭ مۇقەددەس كىتاپلىرى ئۇ يەر-بۇيەردە بىر مەزگىل تارقىلىپ يۇرگەن.بېنېدىكتۇس دې گوېس بىزگە مەلۇم بولغان ساياھىتىدە قارا شەھەرنىڭ تۇرك خانى ئالدىدا ئىسلام دىنى ئۆلىمالىرى بىلەن مۇنازىرىلىشىپ،خىرىستىيان ئەقىدىسىنى چۇشەندۇرگەندە،ھۆكۇمدار ئەجداتلىرىنىڭ دىنىنى ئەسلەپ ھەيرەتتە قالغان.ئەمما قارا شەھەر تۇرك خانىنىڭ ئەجدادلىرى رىم چېركاۋىنىڭ ئەمەس،نېستۇرى دىنىنىڭ جامائىتىدىن ئىدى.
ئىچكى ئاسىيا تەتقىقاتلىرى جەريانىدا نېستۇرى دىنىغا ئائىت نۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەر مەيدانغا چىققانىدى.يەتتەسۇ ۋە ئىلى ئەتراپلىرىدا تۆت نېستۇرى مۇخلىسىنىڭ مازىرى بولۇپ مازار تاشلىرىدىكى يادنامىلىرىدىن ئايان بولۇشۇچە،بۇلار1200-1360-يىللار ئارىسىدا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ،تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىدىكى ئالمالىق ۋە توقماق نېستۇرىلىرىگە ئائىت ئىدى.ئالمالىق ۋە توقماقتىكى نېستۇرىلارنىڭ ھەممىسى تۇرك ئىدى.
ئىچكى ئاسىيادىكى زور بايقاشلارمۇ نېستۇرى دىنىغا ئائىت ئەسەرلەر تېپىلدى،گېرمانلارنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە كارۋانلىرى تۇرپان بوستانلىقىنى تەكشۇرگەندە بىر قىسىم نېستۇرى چېركاۋلىرىمۇ مەلۇم بولدى.ئۇيغۇرچە يېزىلغان كۆپ جايلىرى كەمتۇك قوليازمىلار دەل بۇ يەردىكى خارابىلار ئىچىدىن تېپىلغانىدى.تۇرپانلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نېستۇرى دىنىغىمۇ ئېتىقاد قىلغانلىقى يېڭى مەلۇم بولغان نەرسە ئەمەس ئىدى.قەدىمى غەرپ سەيياھلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە يېزىلغىنىدەك بۇ يەردىكى نېستۇرى مۇرتلىرى845-يىلىدىكى يات دىندىكىلەرنى تازىلاش ۋەقەسىدە يۇقىلىپ كەتكەن ۋە كېيىن موڭغۇللارنىڭ تارىخ سەھنىسىگە چىقىشى بىلەن قايتا جانلانغان.
داۋامى بار.


باشقۇرۇش ئەسكەرىتمىسى: تېمىڭىزنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بولغاچقا تەستىقلاندى، مەنبەسىنى ئەسكەرتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-25 12:03 AM  


يولدىن چىقما ،خاندىن قوقما

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20827
يازما سانى: 1522
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8642
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 2969 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 04:00:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن . بىلۋېلىشقا تىگىشلىك تارىخكەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:17:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تارىخى ماتېرىيال يوللاپسىز ،داۋامىنى پاتراق يوللىغايسىز.

غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80496
يازما سانى: 973
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7596
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 606 سائەت
تىزىم: 2012-5-22
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-30 04:24:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزدا تىلغا ئېلىنغان خرىستىيان تاتارلار بىلەن ھازىرقى تاتارلار بىر ئۇقۇم ئەمەسقۇ دەيمەن.ئەينى ۋاقىتتا كەرەي،نايمان،ئونغۇت(ئۇيغۇرلار بىلەن يېقىن) قاتارلىق تۈرك قەبىلىرى خرىستىئان دىنىنىڭ نېستۇرى مەزھىپىگە ئىشەنگەنلىكى راست.


未命名.jpg



موڭغۇل ئىستىلاسىدىن ئاۋالقى ياۋرو-ئاسىيا


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Bilge تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-30 04:28 PM  


غەزەبلىنىش دۆتلۈكتىن باشلىنىپ،پۇشايمان بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85956
يازما سانى: 51
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 178
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-11 07:19:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چۇشەنچىلىرىم قالايمىقانلا بوپ قالدىغۇ ؟  بۇ قانداق گەپلەر ئەمدى ؟!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 59318
يازما سانى: 595
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3727
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 150 سائەت
تىزىم: 2011-10-6
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-10-27 09:12:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلۋېلىشقا تىگىشلىك تارىخكەن

wopolo5 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-11-9 10:41:54 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش