wisalay يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 06:37 PM
ھەممىنى تىلۋىزوردىن ئۈگەندۇق.
قىلغان گۇناھلىرىمىزنى شەيتاندىن ، چاكىنا ئادەتلىرىمىزنى تېلۋوزۇردىن
كۆرۈپ ئۆتەمدۇق ؟
نېمىشقا سىلەر چاكىنا ئادەتلىرىڭلارنى غەرىبلىكتىن كۆرىسىلەر ؟
غەرىبتىمۇ مۇسۇلمانلار بارغۇ ؟ يېقىندا نىيو ـ يورىكلىق بىر مۇسۇلمان بىلەن
بىر كۈن بىللە سەپەر قىلىشىمغا توغرا كىلىپ قالدى . ئۇنىڭ سەپەر
جەريانىدا نامازنى قازا قىلماسلىقى ، مىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئىشىدىغانلىقىمنى
بىلگەندىن كىيىن ، يېنىدىن << قۇرئان >> چىقىرىپ ئوقۇيالامسەن ؟
دېگىنى مىنى خىجىل قىلدى . ئۇنىڭغا كىچىكىمدە ئانامدىن ئۆگىنىۋالغان
نەچچە پارچە ناماز سۆرىسىنى ئاران ئوقۇپ بېرەلىدىم . ئەجەب يېقىندىكى
شۇ كىشىلەرگە يۇقماي بىزلەرگە يۇقۇپ قالارمۇ ؟
غەرىب دېسە ، ئالا ـ يىشىل چىراغلار ، بۇزۇقچىلىق تولغان دەپ قارايمىز .
ئەمما غەرىب ، ئىنسان مەدەنىيتىنى يۇقرى پەللىگە كۆتۈرۈش ئۈچۈن
تېرىشىۋاتقان ، پەن ـ تەتقىقات ، كەشىپيات ، يېڭىلىققا تولغان جەمىيئەت
بولۇشىمۇ مۇمكىن . چاكىنا قاراش ، بۇزۇقچىلىققا ھەممە دۆلەت ، مىللەت
قارشى تۇرىدۇ . مەسىلەن : لەيدى گا گا دەك يالىڭاچ ، بەدقىلىق ئۇسۇل
ئوينايدىغانلارنىڭ ياپۇنيەدە ئويۇن قويۇشىغا ياپۇن خەلىقى قارشى تۇردى .
بىر قىسىم غەرىب دۆلەتلەردە مەسچىت ۋە دىنىي سورۇنلارنىڭ ئەتراپىدىكى مۇھىت
ئامىلنىڭ ساپ بولۇشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ .
ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە مەسچىتنىڭ يېنىغا پاھىشخانا ، قىمارخانا ، قاۋاقخانا
ئاچسا غىڭ قىلالمايمىز . ھەتتا نەچچە يۈز كوينى كۆپرەك بەرسە ، ئۆيىمىزنى
ئۇلارغا ئىجارە بېرىمىز .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 07:07 PM