مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1243|ئىنكاس: 23

ئىچە.. ئىچە.. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82103
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4889
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-10-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 05:30:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
      تېخىچە ئۆيدە ئولتۇردۇڭمۇ ؟ چىقە تالاغا،   - نېمە قىلىمىز؟ يائاللا سېنىڭ مۇشۇ سۇئالىڭدىن زېرىكتىم، چىققاندىن كېيىن بىر گەپ بولمامدۇ .  ...يا ئاداش مەن بىر نوچى كىتاب ئوقۇۋاتاتتىمچۇ؟ پىلانىمدا بۈگۈن تۈگەتمەكچى ئىدىم .  ۋاي قويە شۇ كىتابىڭنى ، قاچاندىن بېرى ۋاقىتنى پىلانلاپ كېتىدىغان بولۇپ كەتتىڭ ،ئىتتىك چىقە بىر جىڭلا ئىچىپ قويىمىز، كەچكىچە كىتاب، كىتاب دەيدىكەنسەن ، ئوقۇۋەرگەننىڭ پايدىسى نېمە شۇكىتابنى ، ئا ئابلەتمۇ شۇنچە ئوقىغان ئۇ كىتابنى ، بىلمەيدىغىنى يوق . ئەمما نېمە قىلالىدى شۇ ئوقۇغانلىرىنى ... ئا... ئاداش راست گەپنى قىلسام مەن ھېلىقى كۈندىن باشلاپ ئىچمەسلىككە نىيەت باغلىدىم ، ئويلاپ باقسام ئۆزۈمدىن ، ئەجدادلىرىمدىن بەكمۇ - بەكمۇ يىراقلاپ كېتىپتىمەن . ..پاھ مانى ئىككى تال كىتاب ئوقۇب ، ماڭا دەرس ئۆتكۈدەك بولۇپ كەتتىڭمۇ، ھاراقمۇ بىكارغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس جۇمۇ، نى ھاراقلار بار سېنىڭ ئا ئوقۇۋاتقان كىتابلىرىڭدىنمۇ قىممەت. كىتابىڭدىنمۇ بەك ھوزۇر بېغىشلايدىغان .راست گېپىڭنى قىلە چىقامسەن چىقمامسەن؟   ... چىقالمايمەن ، خاپا بولما ....           مۇشۇنداق تەكلىپلەر بىلەن قانچىلىغان ئىشلىرىمىز ئارقىدا قالغاندۇ ، ھە؟!     تەنەپۇسلۇق پاراڭلار :  ھې ئاداش سەن بۇ شەگە يەرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارزۇلۇق ئوغلۇڭنىڭ تويىغا قوپۇپسەن ، ئانچە - مۇنچە ئىچمىسەڭ، باشقىلار بىلەن ئارىلاشمىساڭ تويۇڭنى ئۆزۈڭ يالغۇز قىلماسسەن؟ ئالە ما رومكىنى، ئاخىرقىسى بولۇپ قالسۇن . بولدى قىلە ئاداش ، ھېلىمۇ مۇشۇنداق دەۋەتلىرىڭلار بىلەن ئۈزۈلدۈرمەي ئىچىۋاتقىلى تۆت كۈن بوپتۇ، يۈرىگىم ئېغىپ تۇرىدۇ، ئۆزۈڭ بىلىسەن ، يۈرىگىمنىڭ دەردى بارلىقىنى ... شۇ ئۇققاچقا ئاخىرقىسى دېدىمغۇ....   ھەي ؟ بوپتۇ ئاخىرقىسى بولسۇن ...      ئىچە- ئىچەۋۋا تولا نازلانماي . ئۆلگەننىڭ ئارقىسىدىن ئۆلگىلى بولمايدۇ . چىرايلىق ئۇزىتىۋالدىڭ مانا داداڭنىڭ نەزىرلىرىنىمۇ .. ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز ..     ھەي، بىز ئەشۇنداق سورۇنلاردا بىر -بىرىمىزنى زەھەرلەپ ئۆمرىمىزنى قىسقارتىۋاتقاندا دۇنيادا قانچىلىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇۋاتقاندۇ ھە...      سورۇن قىزىۋاتاتتى... مېھىر- مۇھەببەت كۆيۈۋاتاتتى، ئادىمىيلىك كۆيۈۋاتاتتى، ۋىجدانىمىز كۆيۈۋاتاتتى، شەرم-ھايا كۆيۈۋاتاتتى . ھاراق ئەمەس، قان ئىچىۋاتاتتۇق .  ھاراقنى بىز ئىچمەي ئۇ بىزنىڭ بارلىقىمىزنى سۈيۈقلۇققا ئايلاندۇرۇپ بىزنى ئىچىۋاتاتتى... قۇرۇقدالغان بوتۇلكىلاردەك يىقىلىپ ، قۇرۇقدالغان، پۇچۇلۇپ كەتكەن بوتۇلكىلاردەك ئورۇپ - سوقۇلۇپ ،بوتۇلكىلار بىلەن  بادام دوپپىلىرىمىز دۆگىلىگەن پېتى ئەسكىپۇرۇشخانا دەرۋازىسىدا توختىدى . .. بوتۇلكىنىڭ قورسىقى، بوينى بار ، بېشى يوق ...   سورۇن داۋاملىشىۋاتاتتى... " ئىچكەندە شاھ بولدۇم يېشىلسەم گاداي، شاھلىقنى تاشلىدىم تەستە چىدىماي، "  ھې بولدى ، مۇشەرىدە توختىتە كەيپىمىزنى ئۇچۇرماي، ساق ۋاقتىمىزدا شاھ بولالمىساقمۇ ئىچكەندە بولسىمۇ بولايلى . مۇشۇ ئاداش ئۆزىنىڭ ئىچمىگىنى يەتمىگەندەك غىش مۇشۇنداق ھاراقنى چۈشۈرىدىغان ، پەسلەشتۈرىدىغان بىر نىمىلەرنى دەپ سورۇننى بۇزىدۇ ، بىزگە باغۇ ئاۋۇ ھەييامنىڭ رۇبائىيلىرى كېرەك ، قۇيە ھارىقىڭنى ئىچە، ھېچنىمىنى ئويلىماي ئىچىشە ...   سورۇن داۋاملىشىۋاتاتتى... قاراڭلار ھې ھېلىقى ئالىمىمىز ئىككى يىلدا بىر كىتاب يېزىپتىكەن ، قالتىس ئالىمكەنتۇق . ياشلا ۋاپات بولۇپ كېتىپتۇ، كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى جۇمۇ؟... قويە ئۇنداق ئالىم - پالىملىرىڭنى، مەلىمىزدىكى ھېلىقى ئادەممۇ ياش كەتتى . بىچارە مۇشۇ سوغۇقتا ئىچىپ تالادا يېتىپ قاپتىكەن، ئۈلپەتچىلىگى بار ئادەمتى . قاچان قارىساڭ قىزىۋېلىپ ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرەتتى ئەمەسمۇ . ئىچە، بەك ساقلىتىۋەتتىڭ ئادەمنى . ھاراقلار ئىچىلىۋاتاتتى، ھاراقنىڭ كەيپى بىلەن تەڭ يوقۇلىدىغان قالتىس دەبدەبىلىك ،ساق بولسا بىرسىگە دېيىش ئۆمرىگە نېسىپ بولۇنمايدىغان چوڭ ۋەدىلەر بېرىلىۋاتاتتى ... ئەجدادلىرى كۆرۈشنى ئارزۇلاپ كۆرەلمىگەن بەختلىك كۈنلەردە ئىچىۋاتاتتى. ئەجدادلىرى ياراتقان ئۆلمەس كىتابلار ھەققىدىكى پاراڭلار ھاراق بۇسلىرى ئارىسىدا تىنالمايۋاتاتتى، ئاجايىپ ھېكمەتلىك سۆزلەر يېزىلغان نەپىس جازىلار ئاستىدا " ئىچە، ئىچە" ئاۋازلىرى تەكرارلىناتتى .  "قىلىچ تەڭلىگەن دۈشمىنىڭدىن ، ھاراق تەڭلىگەن دۇستۇڭ يامان " دەپ قويۇشۇپ ئىچىشەتتى . قانبېسىمىم ئۆرلەپ كەتتى دەپ ئىچىشەتتى، مۇسابىقىدە يېڭىلىپتۇق دەپ ئىچىشەتتى.. مەھەلىمىزنى چېقىۋەتتى دەپ ئىچىشەتتى ..توي قىلىپ ، ئاجرىشىپ، يەنە يارىشىپ ئىچىۋاتاتتى ..ھاراق ئىچىشنى كىمنىڭ بالدۇر باشلىغانلىقى ھەققىدە بىرلىككە كېلەلمەي، بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلماي ئىچىشەتتى.. . "سالام لوتۇپۇللا  ئەسلەيمەن سېنى" دەپ ناخشا بىلەن ئىچەتتى.. "ئىز" نى ئېيتىپ ئىچەتتى، " ئاچىل-ئاچىل"نى ئېيتىپ ئىچەتتى... "بىز مۇئەللىم" گە چۈشۈپمۇ كېتەتتى ...    "بىز ئۇيغۇرلارچۇ؟ دۇنيادىكى..."  بولدىلا ،ئاغزى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى ... ئىچە.. ئىچە ...بىئارامچىلىقنى چېقىپ تاشلايلى... ئىچە ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abaytarim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 05:35 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:06:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراق بىلەن قىلىنغان ھۇجۇم دەپ بىر ماقالە ئوقۇغان بىر چاغدا، ناھىيە ئېتى بار يۇرتلىرىمىزغا قارىساق، كۆچمەنلەر ئاچىدۇ، يەرلىكلەر ئىچىدۇ، باشلىق زورلاپ قويىدۇ، كادىرلار ئىچىدۇ، شۇنىڭمۇ يوقلىمىسىنى قىلىدۇ تېخى...مەن نېمە دېمەكچى بولغىيتىم...بولدىلا ئىچىۋېتەي شۇ گەپلەرنى...

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1298
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 15953
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8359 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:12:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھاراقنىڭ ھاراملىقى، تەنگە زىيانلىقلىقى ئاللىقاچان دىن ۋە پەندە ئېنىق ئىسپاتلانغان.

ئەمما مەن ھازىر باشقىلارغا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن،  ياشلىقىدا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى قىلغان قىلغان كىشىلەرنىڭ تولىمۇ كۆپ ئىچىدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەم ئۇلارغا نەپرەت بىلەن ئەمەس بەلكى ھېسسىداشلىق بىلەن قارايمەن.

ئۇلار زادى نېمە سەۋەپتىن ئىچىدۇ دېگەننى ئويلاش زادى نەچچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا كېلەر؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 07:14 PM  


قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47340
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3765
تۆھپە نۇمۇرى: 438
توردا: 1117 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-10-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:16:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭىلسىز نەرسىنىڭ ھەممىسى  مۇشۇ نەرسىدىن  باشلىنىدۇ   ئەسلى .  بىر كۇنى ھۇشىنى  تاپىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 16053
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1322 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:23:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆپ   ئۆتمەيلا    ئانچە ـ  مۇنچە  ھاراق  ئىچىپ قويىدىغانلارمۇ بۇ  تېمىغا
ھاراقنى  سۆكۈپ  ئىنكاس  يېزىپ قويىدۇ  ،  ھەي    مۇنبەرچىلىك  ...
بىر  قېتىم  كوچىدا  مەسىت بولۇپ  قېلىپ قۇسۇق  ئىچىدە  ياتقان بىرىنى
كىشىلەر   تىللاپ  ئۆلەرسەن  ھاراقكەش   دەپ   قارغاۋاتقاندا  ،  مەسچىتنىڭ
ئىمامى كىلىپ ،  ئۇنى   يۈلەپ    يولغا  سېلىپ  قويغان  ئىدى .
ئۇ  ئىمامنىڭ بۇ  خالىسانە  مىھرىبانلىقى  ھۆرمىتىمنى  قوزغىغان .




ئەڭ ئاۋال ئۆزۈمنى باشقۇرۇشنى  ئۆگىنىشىم كېرەك .

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 820
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:24:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82806
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3646
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-7-21
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:36:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيادا بەزى ئىشلارغا ئامال يوق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81195
يازما سانى: 949
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6172
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 304 سائەت
تىزىم: 2012-6-6
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 07:52:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ ھاراقـــــــــــــــنى كىم ئىجـــــــــاد قىلغان  بولغىيتى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uyghur05 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 07:53 PM  


جاھان باقى ئەمەس، لوقمان چىغىدا تاپمىدى دەرمان،
مىسالدۇر بۇڭا ئىسكەندەر ۋە ھەتتا ئەركە چىڭگىزخان.
كىلىپ كەتمەك بىلەن مەشغۇل جاھانغا بىھىساب كارۋان،
ئۆتەردۇنيا، كىتەر دۇنيا، پەقەت ھەقلا سۈرەر دەۋران.
ئۆمۈر مەنزىلىدىن تاپتىم ناھايەت شۇ ھەقىقەتنى.

چــــــــــــــــــــــــــوغ

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80968
يازما سانى: 1616
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8589
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 500 سائەت
تىزىم: 2012-6-2
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 08:03:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ دوسلۇرۇمنىڭ زورلىشى بىلەن بىر قىتىم ئىچىپ باققان،ئاتالمىش كەيىپنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىمىز دىگۈچىلەر،ئۆزىنىڭ جىنىنى ئۆزى قىينايدىغان،ساق كاللىنى بۇزۇپ ساراڭ قاتارىغا ئۆتىۋالىدىغان،ئىغىزىنىڭ تورموزىنى ئۈزۈپ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىيدىغان،ئۆزىنىڭ نام ئابرويىنى تۆكىۋالىدىغان،ئاتا-ئانا بالا چاقىللىرى ئالدىدا ھايا قىلمايدىغان،ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇپ ھايۋانلارچە قىلىق قىلىدىغان،.....ۋاھاكازالار مانا بۇلار ئۇلارنىڭ ھوزۇرى.ھازىر ھاراق ئەرلىرىمىزنىڭ غۇرۇرىنى،ئاياللىرىمىزنىڭ ھايا ئىپپەت نۇمۇسىنى يوقۇتىشىغا بەلگىلىك تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ!قىرىنداشلار ھاراق ئىچمەيلى مىللىتىمىزنىىڭ كاللىسىنى داتلاشتۇرمايلى! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qog تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 11:12 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
7YURTTAX + 100 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
iksan1 + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

قۇربان ھىيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!كەلدى ئايەم كۈلدى ئالەم.خۇشال كۈنلەر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 08:09:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur05 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-23 07:52 PM
مۇشۇ ھاراقـــــــــــــــنى كىم ئىجـــــــــاد قىلغا ...

بۇرۇنقى زاماندا  ئافرىقا تەۋەسىدە بىر خانلىق ئۆتكەن ئىكەن. بۇ خانلىقنىڭ پادىشاھى ئىنتايىن ئۇيۇن قېپى بۇلۇپ كۇندە ئوردىدا ئەينى ئىشرەت بىلەن كۇن ئۆتكۇزدىكەن، بىر كۈنى ئۇ ئىنتايىن ئىچى پۇشقان ھالدا ئوردىدىكى ۋەزىرگە ساق ئادەمنى ساراڭ قىلدىغان يۇۋاش ئادەمنى يولۋاس قىلدىغان ساددا ئادەمنى ھىلىيگەر قىلدىغان بىر ئىچىملىك ياساپ كەل دەپتۇ. بۇ ۋەزىرنىڭ بۇنداق نەرسىنى قانداق تېپىش توغرىسىدا بېشى قېتىپ بىر چۆلدە كىتىپ بارسا ئالدىغا بىر جادۇگەر ئۇچراپتۇ . ۋەزىر جادۇگەردىن مەسلىھەت سوراپتۇ.  جادۇگەر ۋەزىرگە تۈلكىنىڭ قېنى يولۋاسنىڭ قېنى ھەم يەنە بىرنەرسىنى قۇشۇپ ئۇنى ئېچىتىپ مەينى ياساپ ۋەزىرنىڭ قولىغا بېرىپتۇ. ۋەزىر بۇنى كۇتۇرۇپ بېرىپ پادىشاھقا كۆرسۇتۇپتۇ. شۇنچە سەلتەنەتلىىك پادىشاھ بۇنى ئىچكەندىن كىيىن مەس بۇلۇپ يۇۋاشلا بىر ئادمگە ئايلىنىپ قاپتۇ. شۇنچە مۇلايىم ۋەزىر بۇنى ئىچكەندىن كىيىن يولۋاسقا ئايلىنىپ پادىشاھنىڭ ياقسىىغا ئېسىلىپتۇ. كىچىك شاھزادە بۇنى ئچىكەندىن كىيىن مەس بۇلۇپ كەيىپچىلىكتە ئاتسىنىڭ گېلىغا پىچاق سۈرۈپتۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش