مەن يامغۇرغا ئۆچ بولدۇم
بۈگۈن مەن راستىنلا يامغۇرغا ئۆچ بولدۇم. ئەسلىدە كەيپىياتىم ھەر قانچە ناچار بولسىمۇ، يامغۇر ياغسىلا نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم بۆلەكچىلا ئېچىلىپ قالاتتى. ئەمما بۈگۈن......
ئاشخانىدىن چۈشلۈك تاماقنى يەپ چىقسام بايا شۇنداق ئاستا سىم- سىم يېغىۋاتقان يامغۇر ئوبدانلا كۈچىيىپ قالغان ئىكەن. كۈنلۈك ئېلۋالمىغاچقا ياندىكى كۈچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت زالىغا كىرىپ پاناھلىنىشقا توغرا كەلدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىشلەيدىغان قىز بىلەن ياخشى تۇنۇشاتتىم.
مەن زال ئىشكىنىڭ يېنىدا سىرتتىكى يامغۇرلۇق تەبىئەتنى تاماششا قىلىپ تۇراتتىم. بۇ ناھىيە مەركىزىگە ئەڭ يېقىن يېزا بولغاچقا چوڭ يولدا ناھيىە ئىچىگە ماڭغان، ناھيىدىن چىقىۋاتقان ماشنىلار شۇنچە كۆپ ئىدى. ماشىنىلار شىددەت بىلەن ئۆتكەندە ماشىنا چاقىدىن چاچىرىغان يامغۇر سۇلىرى شۇنچىلىك بېسىملىق ئىكەنكى....
شۇ يۇسۇندا قانچىلىك ئۇزۇن تۇردۇم بىلمەيمەن. بىر چاغدا كۇزۇپىغا لىق شوخلا بېسىلىغا تىراكتۇر دەل مېنىڭ ئۇدۇلۇمغا كەلگەندە كۇزۇپنىڭ بىر تەرىپگە جايلاشتۇرلغان جازا بوشاپ كەتتىمۇ ئەيتاۋۇر ماشىنىلار ئۇچقاندەك ئۆتۋاتقان چوڭ يولغا قىپقىزىل دانىمۇ- دانە شوخلار تىراكتۇر كۇزۇپىدىن دەۋرەپ چۈشۈپ چوڭ يولغا دوملاشقا باشىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە كۆز ئالدىمدىكى چوڭ يول قىزىلمەيدانغا ئايلاندى. تىراكتۇر شۇئان توختاپ تىراكتۇر شوپۇرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۋالغان بىر دېھقان سەكرەپ چۈشۈپ يولدا چېچىلىپ ياتقان شوخلىلارغا قاراپ ئىنتايىن ئىلاجىسىز بىر ھالەتتە ئۇھسىندى- دە، دەرھال كۇزۇپتىن بىر تىشاڭنى ئېلىپ چېچىلىپ چۈشكەن شوخلىلارنى كۇزۇپقا قايتىدىن ئۇسۇشقا باشلىدى. ئەمما، بايا شوخلىلار چېچىلىپ چۈشكەندە كۆپىنچىسى يېرىلىپ، مىجىلىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭ يولدا توختىماي ئۆتىۋاتقان ماشنىلار شوخلىلارنى يانجىماقتا ئىدى. دېھقان جان- جەھلى بىلەن شوخلىلارنى ئۇسۇيتى. يامغۇر تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى. دېھقان يامغۇر سۇلىرىنىڭ باش، بۇيۇن، يۈز- كۆزلىرىدىن سەلدەك ئېقىشىغا پەرۋا قىلمايتى. يۈزى پۈتۈنلەي يامغۇر سۇلىرى بىلەن يۇيۇلغان. بەلكىم بۇلار ئارىسىدا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىمۇ بادۇ......
بىركەمدە ئۇنىڭ بالىلىرى بولسا كېرەك. چوڭى 15ياشتىن كىچكى 8-9ياشلارغىچە ئۈچ بالا يىغلىشىپ يۈگۈرۈپ يولدا چېچىلىپ ياتقان شوخلىلارنى تېرىشكە باشلىدى. بىر كەمدە كىمدۇر بىرى كېلىپ، ئەتراپىنى دائىرە قىلىپ خىش تىزىپ ماشنىلارنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان قىلدى. لىكىن يامغۇر ھىچ توختاي دېمەيتى. بەلكى تېخىمۇ ئەدەيتى..... بەلىكىم يامغۇر دېھقاننىڭ كۆز ياشلىرىنى ئۆز تامچىلىرى ئارىسىغا يۇشۇرماقچىدۇ.
دېھقان نېمىشقا يىغلايدۇ؟ بەلكى سىز، كادىر، تىجارەتچى، ئوقۇغۇچى، ئىشقىلىپ باشقا بىر كەسىپتىكى كىشى بولسىڭىز بىلمەسىلىكىڭىز مۇمكىن. شوخلىنى تېرىپ پەرۋىش قىلغاندىكى جاپانىغۇ دىمەيلا قويايلى.
سىز بەلكىم 8- ئاينىڭ دەل چۈش پىژغىرىم ئاپتىپىدا ھەتتا كىچىكىننە ئاپتاپلىق يولدا ئۆز زۆرۈىيىتىڭىز ئۈچۈن پىيادە مېڭىشتىمۇ ئېرىنىپ، شۇ زۆرۈرىيىتىڭىزنى سالقىن كەچكە قالدۇرۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما شوخلا يىغىش ئىنتايىن ۋاقىت خارەكتىرلىك ئىش بولغاچقا ئاشۇ مېڭىنى ئېرىتىۋەتكۈدەك پىژغىرىم ئىسسىقتا، دەل چۈشتە دېھقان ئېتىزدا شوخلا يىغىۋاتقان بولىدۇ. چۈنكى دەل ۋاقتىدا يىغىش كېرەك، دەل ۋاقتىدا يىغقاندىن كېيىن، دەل ۋاقتىدا توشۇش كېرەك. ئېتىزغا قاتناش قورالى كىرەلمىگەندىن كېيىن خالتا سىېۋەتكە سېلىپ يۈدۈپ ئەپچىقىدۇ. شوخلا يۈدىگەن دۈمبە- گەدەندىن كىرگەن ئاچچىق سۇيۇقلۇق دەل تاپاندىن چىقىدۇ.
توشۇشقا ھارۋا بولمايدۇ. ھەربىر كىشىدە ماتۇرلۇق قاتناش قورالى كوزۇپىلىق ماشىنا، تىراكتۇر يوق، كىرا قىلىش كېرەك. كىرا قىلىپ ئاران دېگەندە زاۋۇتقا ئېلىپ كەلسە زاۋوت توشۇپ كەتكەن، ساقلاپ تۇرۇشى كېرەك. سېتۋېلىش، سېتىش ئېھتىياجىنى قامدىيالمايدۇ. شۇڭا دېھقان ساقلىشى كېرەك، لىكىن ساقلاپ تۇرسا شۇخلا بۇزلۇپ قالىدۇ. ئۇنداق بولسا شوخلا تېرىمىسا بولمامدۇ؟ لېكىن بۇ دېھقاننىڭ ئىختىيارى ئەمەس. بۇ دېگەن بەلگىلىمە، بۇ دىگەن بىر تۇتاش پىلان. بۇ دېگەن دېھقاننى باي قىلىش پىلانى، يەنى كىرىم چىقىمنى قامدىمايدىغان، قىلغان كىرىم، كەتكەن ئەمگەكنى قامدىيالمايدىغان پىلان. بۇ كۈنلەردە يامغۇرنىڭ ئەدەپ كېتىشىنى دېمەيسىز تېخى.
قانداق قىلىمىز؟ كىمدىن رەنجىيمىز؟ 6- ئايدا بۇغداي كۆك ئورۇلغاندا، بىزنىڭ بۇ تەرەپلەردە ھاۋا كېلىماتى باشقا يەردىن پەرقىلىق بولغاچقا پەقەت ھاۋادىن رەنجىيەلىگەن ئىدۇق. ئەمدى پەقەت يامغۇردىن، يامغۇردىنلا رەنجىيەلەيمىز خالاس. شۇڭا، مەن بۈگۈن يامغۇرغا راستىنلا ئىنتايىن ئۆچ بولدۇم.
مەنبە: مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tograkmalikisi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 06:33 PM