مانا ئاشۇ ئۇدۇلدىكى تاغدىن ئېتىلىپ چىققان سۇلار گەرچە سىز ئىشەنمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لىكىن ئاشۇ تاغنىڭ ئارقا تەرەپكە بېرىپ قارىسىڭىز قۇرۇپ كەتكەن سايلىق ئالدى تەرەپتە مۇشۇنداق سۇ چىقماقتا توۋا لىكىن بۇ،سۇلار تاغنىڭ ئاستىدىن ئەمەس بەلكى ئوتتۇرىسىدىن چىقماقتا.
تارىخىي ماتېرىياللاردىن كۆرگىنىمىز بويىچە بۇ يەردە ئاتاقلىق ئالىم (ھۈسەيىنخان تەجەللى) ئىلگىرى مۇشۇ تاغ باغرىدا نۇرغۇنلىغان تالىپلارنى تەربىيەلەپتىكەن، لېكىن قېرىنداشلار بۇئەپسانە ئەمەس بۇ ھەقىقەت سىلەرنىڭ بۇيەرنى كۆرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، بۇلتۇرمۇ يەنى 2011- يىلى قاغىلىق ناھىيىسىنىڭ چىپان تاغ ئۆسكەنلىكىنى ھەممىڭلار ئاڭلىغانسىلەر ھەتتاكى دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلدى
ئاللاھ خالىسا سىلەرنىڭمۇ كېلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن
لىكىن مىنىڭ ئۆز يۇرتۇمنى ئېلان قىلىش مەخسەتتە يوللىمىدىم.
مانا ئاشۇ تاغنىڭ ئۈستى كۆرۈنۈشى، لىكىن بۇتاغنى زوڭلاڭ مازار غوجام دەپ ئاتايدۇ
ھازىر بۇجاي ئالاھىدە قوغدىلىنىدۇ
مانا بۇ ئاشۇ تاغنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان بۇلاق سۇلىرى لىكىن بەك تەملىك
مانا بۇ سۆگەتكە قانچە يىل بولغىنىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ
مانا بۇ بوۋىمىز ئاشۇ ئۇلۇغ ئالىمنىڭ يەنى(ھۇسەيىنخان_ تەجەللىنىڭ) ئىلگىرى تالىپلار تەربىيلىگەن ئۆڭكۈردە تۇرماقتا. بۇجايدا ئۆڭكۈردىن ئۈچى بولۇپ، بىرسىدە مۇشۇ بوۋىمىز ياشايدىكەن
مەن رامىزاندا چىقىپ كىرگەنتىم ئاشۇ جايغا.
ئەمدىلىكتە ئۇلۇغ ئالىمىمىز (ھۈسەيىنخان _تەجەللىنىڭ )مەقبەرىسىنى كۆرۈڭلار
كەچۇرۇڭلار بەلكىم نۇرغۇنلىغان ئىملا خاتالىقى بار. ئەمما مەكتەپ قارىسى كۆرمىگەن ئادەم ئۈچۈن بەك تەسكەن خەت يازماق.
مەنبەسى: ئۆز تىرىشچانلىقىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 05:03 PM