نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، زور سوممىلىق مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشىشھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى پۇل بولغاندا مەبلەغ سالغىلى، سوداقىلغىلى شۇنداقلا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئۇسۇلغا ياشىغىلى بولىدۇ، ئەممارىئاللىقچۇ؟ قېنى تۆۋەندە زور سوممىلىق مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ ھازىرقىئېچىنىشلىق تۇرمۇشىغا قاراپ باقايلى:
ئون يىلدا پۈتۈن مال-دۇنياسىنى قۇرۇتۇش
66ياشلىق ئەنگلىيەلىك ئەر جون جۇنسۇن 13يىلنىڭ ئالدىدا لاتارىيە بېلىتىسېتىۋېلىپ 10مىليون فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىدۇ، قىز دوستىنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشىكۆرىدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، ئۇ ئۆزىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىنى ئۇنىڭدىنيوشۇرىدۇ شۇنداقلا قەستەن نامرات بولۇۋالىدۇ، بىر يىلدىن كىيىن قىز دوستىمۇ ئۇنىڭسىنىقىدىن ئۆتىدۇ، جۇنسۇن شۇنىڭ بىلەن ھەقىقىي ئۆمۈرلۈك ھەمراھغا ئېرىشكەنلىكىدىنخۇشال بولۇپ، باياشات تۇرمۇشىنى باشلايدۇ، لېكىن بەكلا ئىسراپخورلۇق قىلغانلىقىشۇنداقلا مەبلەغ سىلكىپ مەغلۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ 10يىل ئىچىدە ئۆزىنىڭ بارلىقمال-مۈلكىنى خەجلەپ تۈگىتىدۇ، ھازىر ئۇ ئايالىدىنمۇ ئايرىلىپ، كىچىك بىر ئېغىزئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا.
بايۋەتچىدىن ۋاقىتلىق ئىشچىغا ئايلىنىش
توققۇز يىلنىڭ ئالدىدا، تەيۋەندە ئولتۇرۇشلۇق خۇاڭ رۇڭيۈەن تاسادىپىيپۇرسەتتە 200مىليون تەيۋەن پۇلى مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىجەننەتكە كىرىپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، توختىماي پۇل خەجلەيدۇ، ئەمما ئىككى يىلغابارمىغان ۋاقىتتا ئۇ خىيالىدىكى جەننەتتىن رېئاللىققا قايتىپ كېلىدۇ، ئۇ ئالتە يىلۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئاندىن ئۆزىنى ئوڭشىۋالىدۇ، ھازىر ئۇ ۋاقىتلىق ئىشلەمچىلىكقىلىش ئارقىلىق جىننى باقماقتا.
مۇكاپات پۇلىنى خەجلەپ بولۇپ، نەۋرىسىنى سېتىپ قەرز تۆلەش
2010-يىلى 11-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ مىسسۇرى شىتاتىدىكى بىر كىشى ئەمدىلاتۇغۇلغان نەۋرىسىنى سېتىۋەتمەكچى بولغاندا، ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان، بۇكىشى دەل ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ بىر مىليون ئامېرىكادوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن پاتتى بېگبى، ئەمما بۇ پۇللاردىن ھازىر بىر تىيىنمۇقالمىغان، قەرز ئالغان پۇللىرىنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ ھەتتا قولىنى نەۋرىسىگەسۇنغان.
قايتىدىن تازىلىق ئىشچىسى بولۇش
بۇ يىل 26ياشقا كىرگەن مەجىگلوبىن ئەسلىدە ئەنگلىيەنىڭ نورفولك رايونىدىكىئاددىي بىر تازىلىق ئىشچىسى ئىدى، 2002-يىلى ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، 9مىليون700مىڭ فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، بىر كېچىدىلا تازىلىق ئىشچىسىدىنمىليونېرغا ئايلىنىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن مەجىگلوبىن پۇلنى ئايىمايخەجلەپ كاتتا قورۇ، داڭلىق ئاپتوموبىللارنى سېتىۋالىدۇ، ھەتتا ئاخىرىدا بېرىپزەھەرلىك چېكىملىككە ئۆگىنىپ قالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ خىل تۇرمۇشى پەقەت سەككىز يىلداۋام قىلىدۇ، ئۇ پۇللىرىنى خەجلەپ بولغاندىن كىيىن، ئامالسىز قايتىدىن تازىلىقئىشچىسى بولىدۇ، ھەتتا ھۆكۈمەتتىن قۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭزەھەرلىك چېكىملىك، قىمارۋازلىق تۇرمۇشىدىن ئاللىقاچان بىزار بولغان ئايالىمۇ ئۇنىڭدىنئايرىلىپ كەتكەن ئىدى.
مۇكاپات پۇلىنى ئەرلەرگە خەجلەپ بەرگەن ئايال
ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 2006-يىلىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئەنگلىيەدەبىر ئايال لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ بىر مىليون فوندستېرلىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،ئەمما بىر يىل ئىچىدىلا بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى خەجلەپ بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىدىنقۇتقۇزۇش ياردىمى تەلەپ قىلىدىغان بىچارىگە ئايلىنىپ قالغان. بۇ ئايالنىڭ ئىسمىۋىندى گىرىن بولۇپ بولۇپ، بىر بالىنىڭ ئانىسى. مۇكاپات چىققاندىن كىيىن، ئۇ كۈندەبەزمىخانىلاردا بېرىپ پۇل خەجلىگەن، ھاراق، تاماكا، زەھەرلىك چىكىملىكلەرگەئالاھىدە ئىشتىياق باغلىغان. ھەتتا 15مىڭ فونتسىرلىڭنى ئەرلەرگە خەجلەپ بەرگەن. كىيىنچەقىمارغا ئۆگىنىپ قالغان، ئۇ يەنە داۋاملىق تەلىيىم كېلىدۇ، يەنە پۇل تاپالايمەندەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشكە ئايلانغان.
مۇپاكات پۇلىغا رازى بولماي، پۇلىنىڭ ھەممىسى لاتارىيە بېلىتىسېتىۋېلىش
تەيۋەندىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 2009-يىلى 6-ئايدا تەيۋەندە900مىليون تەيۋەن پۇلى لاتارىيە مۇكاپاتى چىققان، بۇ پۇلغا ئېرىشكەن سۇ فامىلىلىككىشىگە بۇرۇنلا مىليونغا يېقىن مۇكاپات پۇلى چىققانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ماڭا بۇنىڭدىنمۇكۆپ مۇكاپات چىقىدۇ دەپ ئويلاپ، بۇ پۇلنىمۇ كۆپ كۆرمىگەن، ھەتتا بۇ پۇللارنىڭھەممىسىگە قايتىدىن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان. ئەمما كىيىن ئۇنىڭغا بىر پۇڭمۇچىقمىغان. ھازىر قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ ئىشلەۋاتقان سۇ فامىلىلىك مۇخبىرغا مۇنداقدېگەن: مىنىڭ مائاشىم 1000 تەيۋەن پۇلى ۋاقتىدا، ماڭا 100مىليون مۇكاپات چىققان،بۇ پۇلغا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۆيۈمنىڭ قەرز پۇلىنى تۆلىگەن ئىدىم، شۇڭلاشقا ئېشىپقالغان پۇلنى ئاز كۆرۈپ يەنە لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم. راستتىنلا تەلىيىم كېلىپ،يەنە مىليون مۇكاپات چىقتى، ئارقىدىن بۇ پۇلنىمۇ ئاز كۆردۈم، شۇنىڭ بىلەن ھەممەپۇلۇمغا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدىم، لېكىن ئۇنىڭدىن كىيىن ماڭا مۇپاكات چىقمىدى،ھازىرمۇ بىر، ئىككى يۈز تەيۋەن پۇلىغا داۋاملىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ،تەلىيىمنى سىناۋاتىمەن.
مۇكاپات پۇلىنى خەجلەپ بولۇپ ئۆلۈۋېلىش
كانادالىق جىلارد مۇسفاگىن يەتتە يىلنىڭ ئالدىدا ئىككى ئامېرىكا دوللىرىخەجلەپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغان، نەتىجىدە ئۇنىڭغا 100مىليون ئامېرىكا دوللىرىمۇكاپات چىققان. ئەمما قىسقىغىنا يەتتە يىل ئىچىدە ئۇ بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنىخەجلەپ بولغان. 2005-يىلى 2-دېكابىر، بىر تىيىن پۇلى قالمىغان جىلارد مۇسفاگىنئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىدە دارغا ئېسىلىپ ئۆلۈۋالغان.
جىلارد مۇسفاگىن بۇ پۇللارغا بەك ئاسان ئېرىشكەنلىكى ئۈچۈن بولسا كېرەك،مۇكاپات چىققاندىن كىيىن ئۇ بۇ پۇللارنى ئەسەبىيلەرچە خەجلەشكە باشلىغان. ئۇ ئۆزىۋە دوستلىرىغا بىردىن قىممەت باھالىق ئاپتوموبىل سېتىۋالغان، يەنە بەزمە قىلىش ئۈچۈنئۆي سېتىۋالغان، ھەتتا بىر قېتىم بىر كۈن ئىچىدىلا دوستلىرى ئۈچۈن قىممەت باھالىقتېلېۋىزوردىن سەككىزنى سېتىۋالغان، ئەمما ئۇنىڭ بۇ دۇستلىرى ئۇنىڭغا زەھەرلىكچېكىملىك چېكىش، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەتكەن. بۇ پۇللارنى خەجلەپ تۈگەتكەندىن كىيىن،ئۇنىڭ بۇ دوستلىرىمۇ ئالىدىغانلىرىنى ئىلىپ ئاستا-ئاستا ئۇنىڭدىن ئايرىلغان. بىرمىليون ئامېرىكا دوللىرىنى 7يىل ئىچىدە خەجلەپ بولغاندىن كىيىن، قىز دوستى ۋە ئالتەبالىسىنى بېقىش ئۈچۈن، ئۇ ئېغىر جىسمانىي ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇربولغان. ئەمما تۇرمۇشىدىكى بۇنداق زور پەرقكە ئۇ يەنىلا بەرداشلىق بېرەلمىگەن،ئاقىۋەت ئۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش يولىنى تاللىغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قەستكە ئۇچراش
2006-يىلى ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە شىتاتىدا يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىمۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر ئەر تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەن. ئارقىدىن ساقچىلار شەھەرنىڭسىرتىدا ئۇنىڭ لايغا مىلەنگەن جەسىتىنى بايقىغان، بارماق ئىزىنى سېلىشتۇرۇشئارقىلىق ئۇنىڭ دەل مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىبراھىم شېكىسپېرئىكەنلىكىنى بايقىغان.
شېكىسپېر 2006-يىلى 170مىليون ئامېرىكا دوللىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن،مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭدىن پۇل سوراپ خەجلىگەن. ئۇمۇكاپات چىقىپ، توققۇز ئايدىن كىيىن غايىب بولغان، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن ئۇدائىم: ئەگەر ماڭا مۇكاپات چىقمىغان بولسا قانچىلىك ياخشى بولاتتى-ھە، دەيدىغانبولۇپ قالغان.
شېكىسپېر شوپۇر بولۇپ، ئانىسى بىلەن بىرگە تۇرىدىكەن، ئۇ ساۋاتسىزكەن،بۇرۇن ھەتتا جىنايەت ئۆتكۈزگەن. مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇ بىر يۈرۈش قورۇ-جايسېتىۋالغان، ھەمدە باشقىلارغا مەردلىك بىلەن پۇل بېرىپ تۇرغان.
ئۇ ئۆلتۈرۈلۈشنىڭ ئالدىدا يېقىن دوستىغا: مەن ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنىڭھەممىسىنى يېقىن دوستۇم دەپ قارايمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەقسىتى مىنىڭپۇلۇمنى خەجلەش دېگەن. ئۇنىڭ دوستىنىڭ ئېيتىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇبۇرۇنقى تۇرمۇشىدىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان.
مۇكاپاتقا ئېرىشكەن بىر جۈپ ئەر-خوتۇن ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈپ كەتكەن
2000-يىلى 2-ئايدا، ئامېرىكىدىكى مەيت ئەر-خوتۇن «كۈچلۈك توپ» قىمارئويۇنى ئويناپ، 65مىليون 400مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئۇتىۋالغان، ئۇلار مۇكاپاتقائېرىشىشتىن بۇرۇن، ئايال مىجىل مەيت قەغەز قاپچۇق ياسايدىكەن، ئەر مەيك مەيت بولساشوپور ئىكەن، مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كىيىن، ئۇلار بىز ئۆز ئالدىمىزغا ئارزۇيىمىزنىئىشقا ئاشۇرغىلى يولغا چىقىمىز دېگەن.
ئايال تەرەپ بۇ مۇكاپاتتىن 13مىليون 600مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالغان،ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ، 559مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ 5000مىڭ كىۋادراتفۇت كېلىدىغان كاتتا قورۇ سېتىۋالغان. 10نەچچە كۈندىن كىيىن، بالىسى ئۇنى ئىزدەپكەلگەندە ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان. ساقچىلار ئۇنىڭ نەچچە كۈننىڭئالدىدا ئۆلگەنلىكىنى بايقىغان، لېكىن تاھازىرغىچە ئۇنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى بىلەلمىگەن،يەنى كېلىپ بىرەرسىنىڭ ئۆيگە كىرگەنلىك ئىزىنىمۇ بايقىمىغان.
ئەر تەرەپ بولسا 20مىليون 500مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئىلىپ، ئاۋسترالىيەگەبېرىپ يېڭى تۇرمۇشىنى باشلىماقچى بولغان، 2003-يىلى 2-ئايدا ئۇنىڭ تاغ باغرىدىكىكاتتا قۇرۇلۇشى پۈتمەي تۇرۇپلا، ھاراقتىن زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ قالغان.
ئامېرىكىنىڭ بىر تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، يېقىنقى 20يىلدىنبۇيان، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا زور سوممىلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نۇرغۇن كىشىلەر بەشيىلغا بارمىغان ۋاقىتتا مۇكاپات پۇلىنى قالايمىغان خەجلەش سەۋەبىدىن نامراتلىشىپكەتكەن. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىدا لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپمۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ۋەيران بولۇش نىسبىتى %75 يېقىنلاشقان، ھەر 12يىلدامۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرنىڭ توققۇزى ۋەيران بولغان.
زور سوممىلۇق مۇكاپاتقا ئېرىشىش نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى، ئەمما پۇل خەجلەشنىتۇرمۇشنىڭ بارلىق خۇشاللىقى دەپ قارايدىغانلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق پۇلنىڭئۇلارغا ئېلىپ كېلىدىغىنى بەختكە تولغان يېڭى تۇرمۇش بولماستىن بەلكى تىنچتۇرمۇشىنى قالايمىغانلاشتۇرىۋىتىدىغان ئاپەت بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۆزكۈچىگە تايىنىپ تاپقان پۇلنىڭ قەدرى تەلەيگە تايىنىپ تاسادىپىي ئېرىشىپ قالغانپۇلدىن چوڭ بولىدۇ، ئەلۋەتتە قەدەممۇ-قەدەم ئېرىشكەن نەتىجىمۇ، ئاسماندىن چۈشكەنبايلىقتىن سىزگە بەكرەك ئۇزۇن ھەمراھ بولالايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قان-تەرىسىڭگەن.
http://www.airkan.biz/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا axin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 03:28 PM