ئازابلىق كۈتۈش
يازالمىدىم سۆيگۈناخشىسى،
قىيناپ مېنى تاتلىق ئازابلار.
يىراقلارغا كەتتىڭ سەن جېنىم،
ھىجرانلارغا مېنى تاشلاپلا.
قىينار مېنى سېغىنىش ئوتى،
گاھ كۈچىيىپ،گاھىدا پەسلەپ.
قەستەن مېنى قىينامسەن قېنىم،
گەپ-سۆزۈڭ يوق،كۈنلەپ،ھەپتىلەپ.
كۆيۈش دېسە چۈشەنمەپتىمەن،
كۈيۈش دىگەن تاتلىق ئازابكەن.
سۆيۈش دېسە چۈشەنمەپتىمەن،
سۆيۈش ئەسلى تاتلىق شارابكەن.
گەركۆيمىگەن بولسام مەن ساڭا،
بۇنچە ئازاب چەكمەس بۇلاتتىم.
كۆيسەممۇ گەر سۆيمىگەن بولسام،
ۋەسلىڭگە زار ئەتمەس بۇلاتتىم.
ئادىمىيلىك
ئادەمدۇر دۇنيادا ئەڭ ئالى ھايۋان،
گەربولسا ئۇنىڭدا ئەخلاقى مىزان.
ۋىجدان ھەم غورۇرنى قىلساڭ دەپسەندە،
بۇلىسەن قايتىدىن ھەقىقى ھايۋان.
كۈتۈش
تاپالمىدىم ئۇيقىمنى زىنھار،
ئېيتىشمىساق سۆيگۈ ناخشىسى.
بۇزۇلمىسۇن تىلفۇنمۇ ھەرگىز،
مۇڭدىشايلى ھەركۈن ئاخشىمى.
مۇڭدىشايلى ھەر كۈن ئاخشىمى،
ئەسلەپ بىرگەيۈرگەن كۈلەرنى.
سۆيگۈمىزدىن ئاچسۇن گۈل-چېچەك،
دىلخانەمگە تىزاي گۈللەرنى.
دىلخانەمگە تىزاي گۈللەرنى،
قۇرۇپ قالار پەرۋىش قىلمىساق.
داۋاملاشسسۇن شۇنداق رەۋىشتە،
مۇھاببەت ھەم سۆيگۈمىز قايناق.
مۇھاببەت ھەم سۆيگۈمىز قايناق،
ئۆتكەن كۈنلەر بۇنىڭغا جاۋاب.
كۈتەي سېنى بىرئۆمۈر كۈتەي،
ئىشەنچ بىلەن يولىڭغا قاراپ.
مەنبە؛ مەن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەلىكە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 03:53 PM