|
|
|
|
مۇنبەردىكى دوستلار ياخشىمۇسىلەر !
ئانا تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ئوخشاش بىر ماكاندا تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ . تەبىئەتتىكى ھەر بىر گىياھنىڭمۇ بۇ پلانىتىدا بىز بىلەن ئوخشاش ھوقۇقتا ياشاش ئەركىنىلىكى بولغان بولىدۇ . ئۇنى قوغدىغانلىقىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى قوغدىغانلىقىمىز بولىدۇ .
بۇ نۆۋەت ۋاقىت چىقىرىپ ساياھەتكە چىقىپ قالدۇق ، مەنزىل ، ئىلى دىيارىنىڭ نىلقا ناھىيىسى تاڭبالا يايلىقى بولدى . ئۈچ كۈن تۇرۇش جەريانىدا بۇ يەردىكى ياپيىشىل يايلاقلار ، ئىگىز تاغلار ، دەريالار ، ساپ ھاۋا ... بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىراتلارنى قالدۇردى . شۇنىڭ بىلەن تەڭ يەنە كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ئىشلارمۇ كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى . بۇ كۆڭۈلسىزلىكلەر ئاساسلىقى بۇ يەرگە تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان سىرتتىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز ئىش ھەركەتلىرى بولدى . گەپنى ئاز قىلاي ، قالغىنىنى فوتو ئاپاراتىمدا قالدۇرۇلغان رەسمىلەردىن ھىس قىلىۋېلىڭ .
بىر تۈپ دەرەخ
تاشقا قونغان كېپىنەك
ئورمانلىقتىكى تاش
قاش دەرياسى
ئورمنالىق
ساياھەت نۇقتىلىرى
تاش ۋە سۇ
گۇگۇم چۈشكەندە
زۈمرەتتەك سۇلار
تاشلىۋېتىلگەن ئەخلەت
قاراڭ بۇ بولتۇلكىلارغا
مەدەنىيەتسىز قىلمىش
دۆۋلەپ قويۇلغان ئەخلەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 06:24 PM
|
|
|
|
|
|