مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2337|ئىنكاس: 17

تەربىيىلىك ئايال [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

بىلمىگەننى بىل ،

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4482
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14593
تۆھپە نۇمۇرى: 525
توردا: 1531 سائەت
تىزىم: 2010-7-22
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 12:33:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مەزكۇر يازما تاتار ئالىمى رىزائىددىن ئىبنى فەخرىددىننىڭ <<ئىلمى ئەخلاق>> ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى. بۇ كىتابنى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2006-يىلى8-ئايدا نەشر قىلغان. (بارىلىق ئۇيغۇر قىز - ئاياللىرىنىڭ ئوقۇپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن - بىلدۈر)


تەربىيىلىك ئايال

ئېتقاد

تەربىيىلىك ئايال ئۆز ئېتقادىنى بۇزۇق تۇتۇشتىن پۈتكۈل ئېتىبارى بىلەن ساقلىنىدۇ. شەرىئەت بۇيرۇغان نەرسىلەرنى ئېنىق چۈشىنىپ ۋە ئۇنىڭغا ئېتقاد قىلىپ شەرىئەت مەنئى قىلغان نەرسىلەرگە زادىلا ئېتقاد قىلمايدۇ.

تەربىيىلىك ئاياللار سېھىرگەر ۋە پالچى كىشىلەرنىڭ مەنىسىز سەۋەبلەر بىلەن ئارىنى بۇزۇش ۋەياكى تۈزۈتۈش ئۈچۈن، ئاشۇنداق جىن-پەرىلەردىن مەدەت تىلەشنى دالالەت قىلغۇچى كىشىلەرگە ئەسلا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى، بۇنداقلار ئالدامچى، ھىيلىگەر بولغانلىقى ئۈچۈن. تەربىيىلىك ئاياللار ئۇلارنى ھەرگىز ئۆز يېنىغا ۋە ئۆز ئۆيىگە يولاتمايدۇ. سېھىرگەر ۋە ھىيلىگەرلەرگە بىر ئايال ئىشەنسە، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن ئېرىمۇ ئاستا-ئاستا ئىشىنىشكە باشلايدۇ. بۇ ئايالنىڭ ناچار ئېتقادى بالىلىرىغىمۇ مىراس بولۇپ قالىدۇ. ئاخىرىدا بۇ يۇرت ئىچىدە ئىمان ۋە ئېتقاد قالمايدۇ. بەلكى ھەربىر نەرسىدىن شەكلىنىپ ۋە شۈبىھلىنىپ، تامامەن قورقۇنچلۇق بىر خىيال ئىچىدە قالار. بۇ يۇرتنىڭ ھال-ئەھۋالى ئاق قۇرت چۈشكەن ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئۇۋىسىغا ئوخشاپ قالار.


ئىتائەت

تەربىيىلىك ئايال شەرىئەت ۋە ئەقىلگە خىلاپ بولمىغان ئورۇنلارنىڭ جۈملىسىدە ئۆز ئېرىگە ئىتائەت قىلار. چۈنكى، ئايالنىڭ زىممىسىدە ئەرنىڭ كۆپ، شۇنداقلا ئۇلۇغ ھەقلىرى بار. ئاللاتائالانىڭ رازىلىقىنى ئۈمۈد قىلغان ۋە ئاخىرەتتە شادلىق كۈتكەن ئايال ئۈچۈن، ئېرى بىلەن گۈزەل مەئشەت ئۆتكۈزمەك ۋە سۆزىنى جان-جېنى بىلەن ئاڭلىماق، ئىتائەتتە بولماق لازىمدۇر.

بۇنىڭ ئەكسچە بولغان ئاياللار دۇنيادا پۇشايمان ئىچىدە ئۆتەر، ئاخىرەتتە بەلكى قورقۇنچلۇق جازاغا ئۇچرار. پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئېرىنى رازى قىلغان ھالدا ۋاپات بولغان ئايال جەننەتكە كىرەر»، «بەش ۋاخ نامىزىنى ئۆتىگەن، پەرز روزىسىنى تۇتقان، ئۆزىنى نامەھرەمدىن ساقلىغان، ئېرىگە ئىتائەت قىلغان ئايال ئاللانىڭ جەننىتىگە كىرەر»، «ئەگەر بەندىلەرگە سەجدە قىلماق شەرىئىتىمىزدە دۇرۇس بولسا، ئۆز ئېرىگە سەجدە قىلىش ھەققىدە ئاياللارغا بۇيرۇغان بولاتتىم» دېگەن سۆزىدىن ئەرلەرگە ئىتائەت قىلىش ئاياللار ئۈچۈن ئۇلۇغ بۇرۇچ ئىكەنلىكى ھەمدە ئىتائەتلىك ئايالنىڭ كەلگۈسى كۈنلەردە تولىمۇ راھەت-پاراغەتتە ئۆتىدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ… ئاياللارنىڭ شان-شۆھرىتى ئۆز ئېرىگە ئىتائەت قىلىش، سائادىتى ئائىلە ئەزالىرىغا كۆيۈنمەكتۇر.

تەربىيىلىك ئايال ئېرىنىڭ چاچ-ساقاللىرىنى بالدۇر ئاقارتىۋىتىشتىن، ئەركىلەپ بولسىمۇ قاتتىق سۆز ۋە ئېرىنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىگە خىلاپلىق قىلىشتىن بارىلىق ۋۇجۇدى بىلەن ساقلىنىدۇ. ئەر كىشى قانچىلىك ئەخلاقسىز ۋە جاھىل بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئايالى تەربىيىلىك بولسا، ئۆز ۋەزىپىسىگە رىئايە قىلىپ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلالايدۇ. تىرىشچانلىق ۋە ئېتقادى سەۋەبلىك ئېرى بىلەن خۇشال تۇرمۇش ئۆتكۈزۈشكە مۇۋەپپەق بولىدۇ.

خۇشال تۇرمۇش دەپ شۇنى ئېيتىدۇركى، نۇرغۇن كۈچ بىلەن ھەل بولمىغان ئىشنى ياخشى سۆز ۋە گۈزەل خۇلق ئاسانلا ھەل قىلىدۇ. نۇرغۇن پۇل-مال بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولمىغان نەرسىلەرنى ياخشى سۆز ۋە گۈزەل خۇلق بىلەن قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. تەربىيىلىك ئايال ئەگەر ئېرى پادىشاھ ۋە كاتتا ئالىم بولسىمۇ، ئۆز ۋەزىپىسىنى بىلىپ ھەرىكەت قىلىش، ئەدەپ-قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش، ئىخلاس بىلەن ئىتائەت ۋە ھۆرمەت كۆرسىتىش ئارقىلىق ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئالالايدۇ. بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەتتا ئېرىنى ئۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرالايدۇ.

ئەرنىڭ يېقىنلىرىغا قىلىنغان يۈز-خاتىر

تەربىيىلىك ئايال ئېرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئاكا-ئۇكىسى، ئاچا-سىڭىللىرى، يېقىنلىرىغا ھەم بارىلىق دوستلىرىغا يۈز-خاتىر قىلىش كېرەك.

كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش – ئۇنىڭ دوستىغا دوست، دۈشمىنىگە دۈشمەن بولۇشتىن باشلىنىدۇ. بۇنىڭ ئەكسچە، دوستىنى دۈشمەن، دۈشمەننى دوست دەپ بىلىش ئورۇنسىز ئىشتۇر. كونىلار «دوستلارنىڭ ئىتىنىمۇ غەيرى ئىتلاردىن ئارتۇق كۆرۈش لازىم» دېگەن. ئىككى كىشىنىڭ ئارىسىدا بولىدىغان دوستلۇق شۇنداق ئىكەن، ھەر ۋاقىت ئېرىنىڭ كۆڭلىدىكىنى تېپىش ۋە خۇش قىلىش ئۆزىگە ۋەزىپە بولغان بىر ئايال ئۈچۈن، ئېرىنىڭ يېقىنلىرىغا قانچىلىك ھۆرمەت ۋە رىئايە قىلماق لازىملىقىنى چۈشەندۈرۈش تەس ئەمەس.

دەرۋەقە، ئاللادىن قورققان ۋە ئۇنىڭدىن ئۈمۈد قىلغان بىر مۇسۇلمان ئۆز يېقىنلىرىغا، خۇسۇسەن ئاتا-ئانىسىغا قىلىدىغان ئىززەت-ھۆرمەتنى ھېچ ۋاقىت ئېسىدىن چىقارماس. مەسىلەن، بىر ئەر ئۆزىنىڭ تەربىيىسىزلىكى ۋە ئادەمگەرچىلىكى يوقلىقىدىن يېقىنلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى بىلمىسە، ئۇنىڭ تەربىيىلىك ئايالى بولسىلا، ئۆزى ئىززەت، ھۆرمەتكە رىئايە قىلىشتىن تاشقىرى، ئېرىنىمۇ بۇنداق ئىشلارغا دالالەت قىلىدۇ.

يېقىن قوشنىلارنىڭ ھەققى شەرئىتىمىزدە ناھايىتى ئۇلۇغ، بۇنىڭدىن قان-قېرىنداش بولغان يېقىنلىرىنىڭ ھۆرمەت ۋە رىئايە خاتىرلىرىنىڭمۇ قانچىلىك ئۇلۇغ بولىدىغانلىقىنى ھەركىم روشەن چۈشىنەلەيدۇ. شۇڭا، ئېرىنىڭ يېتىم بالىسىنى ئۆز بالىسى قاتارىدا ياخشى تەربىيلەش تەربىيىلىك ئايالنىڭ بۇرچى. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئاللاتائالانىڭ رەھمىتىگە لايىق بولغاندىن تاشقىرى، ئېرىنىڭ رازىلىقىنىمۇ قولغا كەلتۈرەلەيدۇ. كىشى قانچىلىك دىلى قاتتىق ۋە ئاچچىق سۆزلۈك بولسىمۇ، ئۆز بالىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خارلىنىشىغا رازى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىبىر ئۆگەي ئانىلار تەرىپىدىن بالىلارغا ئازار قىلىنغاندا، دادا بولغۇچى قاراپ تۇرۇپ ئېغىز ئاچماي تۇرۇش بۇنىڭغا قوشۇلغانلىق ياكى بالىنى ياخشى كۆرمىگەنلىك ياكى خوتۇنىنى بالىسىدىن ئارتۇق كۆرگەنلىك ئەمەس، بەلكى بۇنىڭ باشقا سەۋەبلىرى بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بىر ئاتا ئۆزىنىڭ يېتىم بالىسىدىن خوتۇنىنى ئارتۇقراق كۆرسە؛ خوتۇنىنىڭ ئاچچىق سۆزلىرى، زەھەرلىك قاراش ۋە قوپال مۇئامىلىسى ئاستىدا ئۆز بالىسىنىڭ خارلانغانلىقىنى نەزەرگە ئالمىسا، يېتىم بالىنىڭ ئاھۇ-زارىنى ئاڭلىغۇچى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئاخىر بىر كۈن كېلەركى، بۇنداق ئايال ئۆز ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىگە بەرىبىر جاۋاب بېرىدۇ. يېتىم ھەققى قۇرۇپ تۈگەيدىغان سۇ ئەمەس، شۇنىڭدەك توزۇپ تۈگەيدىغان ھاۋامۇ ئەمەس.

ھالبۇكى، ئۆگەي بالىسىنى ياخشى تەربىيلىگەن ئايال ئېرىنىڭ قەدرلىشىگە  ئېرىشىپ، مۇھەببەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدۇ. ئۆگەي بالىلىرىغا شەپقەتسىز ئايال ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر يىرتقۇچ ھايۋان. ئۆز بالىلىرىنىڭ باغرى قاتتىق بىر ئايال تەرىپىدىن خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەن ھەربىر ئايال بۇ سۆزنىڭ ھەقىقىتىگە ئىشىنىدۇ. يېتىملەرگە زۇلۇم ۋە شەپقەتسىزلىك قىلىش ئېغىر گۇناھ بولۇپ، ئۇ يالغۇز ئۆگەي ئانىغىلا ئەمەس، بەلكى ئۆگەي ئاتىغا ۋە بارىلىق يېقىنلارغا، بالىلارغا قارىغۇچىلارغا ھەم مۇناسىۋەتلىك. «ئاللاتائالانىڭ ياخشى كۆرگىنى يېتىملەر ھۆرمەت قىلىنغان ئۆي، دۈشمىنى بولسا يېتىملەرگە جەبىر-زۇلۇم قىلىنغان ئۆيدۇر.» دېگەن سۆز رەسۇلۇللادىن رىۋايەت قىلىنغان. مانا بۇ كۆزى ئوچۇق ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن بۈيۈك ئىبرەت بولسا كېرەك.

سۆزنىڭ قىسقىسى شۇكى، ئەرنىڭ مۇھەببىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بالىسىغا رەھىم-شەپقەت قىلىش، ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا يېقىن قېرىنداشلىرىنى ھۆرمەت قىلىشتىن چوڭ ئىش يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ۋە ئەقىللىق ئاياللار بۇنى ياخشى بىلىپ، شۇ يول بىلەن ماڭار، بۇ ئىشلىرى ئۈچۈن يورۇق دۇنيادا راھەت ۋە ئاخىرەتتە ياخشى ئەجرلەرنى كۆرىدۇ. دەرۋەقە، دۇنيادا قىلغان ياخشىلىق ۋە يامانلىق مادامىكى  بۇلۇتتەك تارقىلىپ كەتمەستىن، بەلكى ئىگىسىگە قايتار. ئانىسىغا خىزمەت قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگىمۇ بالىسى كەلگۈسىدە ياخشى خىزمەت قىلغۇسى. قىيناتا بىلەن قىينانىغا خىزمەت قىلىشتىن قېچىپ، ئېرىنى ئۇلاردىن ئايرىۋەتكەن كېلىننىڭ كەلگۈسىدىكى كېلىنىمۇ ئۇنىڭغا ئەينەن ئاشۇ ئىشنى قىلغاي. چۈنكى، «نېمە تېرىساڭ شۇنى ئورۇسەن» دېگەن گەپ بار.


سۆھبەت

تەربىيىلىك ئايال ياخشى ۋە كۆركەم خۇلقلۇق ئاياللار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئەخلاقى ناچار ئاياللار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇشتىن قاچىدۇ ۋە ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ. چۈنكى، ياخشىلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ، ئۇلار بىلەن دوست بولۇش ياخشىلىققا سەۋەب بولغاندەك، يامانلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇپ ئۇلارغا يولداش بولۇش نۇرغۇن يامانلىقلارغا سەۋەب بولىدۇ.

يامان ئايال ئادەم ئەمەس، بەلكى شەيتاندۇر. شۇ سەۋەبتىن بۇنداق قىلىقى ناچارلارغا ئوچۇق چىراي ئاچماق ۋە ئۇلارنى ئۆيگە كىرگۈزمەك ياخشى ئىش ئەمەس. شەيتان بىلەن دوست بولۇشتىن ھېچبىر پايدا چىقمايدۇ. «ئۆزۈم ياخشى بولغاندىكىن، ئۇنىڭ يامانلىقىدىن ماڭا نېمە زىيان» دەپ ئاددىي قارىماسلىقى كېرەك. ئۇنىڭ چوڭ زىيان كەلتۈرۈشى ناھايىتى ئېنىق ۋە ئاشكارىدۇر، بۇنىڭدىن شۈبىھلەنمەسلىك كېرەك.

ئادەم بالىسىنىڭ ھالىنى بىلىش زۆرۆر بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۇنىڭ «دوستلىرى كىملەر» دەپ سورىلىدۇ. دوستلىرى ۋە ئارىلاشقان كىشىلەرنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ بۇ كىشى توغرۇلۇق ھۆكۈم قىلىنىدۇ. بۇنداق ھۆكۈم قىلىشتىكى سەۋەب شۇكى، تۈگمەنگە كىرگەن كىشىگە ئۇن، قازانغا يېقىنلاشقان كىشىگە قارىسى يۇقىدۇ، ئەلۋەتتە. ھالبۇكى، ناچار ئاياللاردىكى ھىيلە-مىكىرلەرگە شەيتانمۇ ھەيران قالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق ئاياللار ئىشىكتىن كىرىپ قالسا، ئائىلىنىڭ ئىشى تەتۈرسىگە ماڭىدۇ. بىچارە ئادەم بالىسى قانچىلىك ئەقىللىق بولسىمۇ، خەقنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش ئاجىزلىقىدىن خالىي ئەمەس، خۇسۇسەن «سەن توغرۇلۇق پالانچى مۇنداق دېدى» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ، تۈرلۈك كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قالىدۇ. ئۇ ھەرقانچە ئىشەنمىسىمۇ، بۇنداق گەپلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايدۇ. يامان ئايال ئىشىكتىن كىرىپ كەلسە، چوقۇم ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىغا سوغۇقچىلىق پەيدا قىلىش، غەيۋەت-شىكايەت تارقىتىپ كۆڭۈل ئاغرىقى پەيدا قىلىش… قاتارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەرنى بىللە ئېلىپ كېلىدۇ.


سىر ساقلىماق

تەربىيىلىك ئاياللار چوڭ ياكى كىچىك بولسىمۇ، ئۆز ئېرىنىڭ سىرىنى باشقىلارغا پاش قىلىشتىن، سۆزلەپ يۈرۈشتىن ساقلىنىدۇ.

سىرى پاش بولغان كىشى كۆپ مۇشەققەتلەر بىلەن مۇرادىغا يېتىدۇ. بەلكى بالدۇر يېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىرنى باشقىلارغا بىلدۈرۈش زىيانلا كەلتۈرىدۇ. سىرنىڭ ساندۇقى كۆڭۈل، ئاچقۇچى تىلدۇر. ساندۇقنىڭ ئاچقۇچىنى ياخشى ساقلىمىغان ۋە كۆڭۈل ئاچقۇچى بولغان تىلنى ياخشى ساقلىمىغان كىشى شەكسىز چوڭ ئەخمەق. ھالبۇكى، سىر ساقلىمىغانلىق شەرىئەت قانۇنىدىمۇ چوڭ گۇناھ.

دېمەك، ئەرنىڭ سىرىنى بىلىپ، ئۇنى ياخشى ساقلىماي، بەلكى ياتلارغا پاش قىلغۇچى ئايال ھەم ئېرىگە، ھەم شەرىئەتكە خىيانەت قىلغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ سىرىنى ساقلىماي، ئىككىنچى بىر كىشىگە سۆزلەپ «سىزگىلا دېدىم، باشقىلارغا پەقەت ئېيتماڭ» دېگەن كىشى دۇنيادىكى ئىككى ئەخمەقنىڭ بىرىدۇ. چۈنكى، ئۇ سىرىنى ساقلاشقا كۈچى يەتمەي سۆزلىگەن بولسا، ئۇنى ئاڭلىغان كىشى قانداق ساقلىسۇن؟ كونىلار «كىشىلەرنىڭ 100لېگەن ئالتۇنىنى ساقلاشتىن بىر ئېغىز سۆزىنى ساقلاش تەس» دېگەن ئىكەن. سىر ساقلىيالماسلىقى مەلۇم بولغان كىشىلەرگە باشقىلار ئىشەنمەيدۇ. بۇنداقلارنىڭ خەلق ئارىسىدا ئىناۋىتى قالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆز ئېرىنىڭ سىرلىرىنى ياخشى ساقلىمىغان ئايال ياخشى ئايال بولۇشقا لايىق ئەمەستۇر.

ئەگەر بىر ئەر ئۆز ئايالىنىڭ بۇ يامان ئادىتىنى سېزىپ «ئۇنىڭغا سىرنى بىلدۈرگىلى بولمايدىكەن» دەپ دۈشمەنلىرىدىن سىر ساقلىغاندەك، ئۆز سىرىنى ئايالىدىن يوشۇرۇپ يۈرسە، ئۇلارنىڭ دۇنيادا ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىشىدىن قانداق لەززەت ۋە راھەت بولسۇن؟! سىر ساقلىغۇچى ئايالغا ئېرىنىڭ مۇھەببىتى كۈنسېرى ئېشىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئېرىنىڭ سىرىنى ياخشى ساقلاش تەربىيىلىك ئايالنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇچلىرىدىن بىرى.


قانائەت ۋە رىزالىق

تەربىيىلىك ئايال ھەردائىم قانائەتچان بولىدۇ. قانائەت دېگىنىمىز، ئۆزى ئېرىشكەن رىزىققا قانائەت قىلماق دېگەنلىكتۇر. بۇ، ئەرلەر ئۈچۈنمۇ، ئاياللار ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئالىي بىر سۈپەت.قانائەت بىر بايلىقتۇركى، ئۇ ھېچقاچان كېمەيمەيدۇ. ئۆزىنىڭ رىزىق-نېسىۋىسىگە رازى بولمىغان كىشى ئالەمچە بايلىقى بولسىمۇ، ھەرگىز قانائەت قىلمايدۇ. دېمەك، قانائەتسىزلىك ئادەم بالىسىغا يېپىشقان بىر كېسەللىكتۇركى، بۇنىڭ تۈپەيلىدىن قانائەتسىزلىك كېسەللىكىگە مۇپتىلا بولغان كىشى ئاخىرەتنىڭ توغرا يولىدىن چەتنەپ، تۇرمۇشنىڭ كۆپلىگەن مۇشەققەتلىرىگە مۇپتىلا بولىدۇ. قانائەتسىز كىشىنىڭ ھاجىتى تولا ۋە ئاچ كۆزلىكى چەكسىز. ئۇ ئۆز مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دائىم سەمىمىيەتسىزلىك قىلىدۇ. شۇڭا ئاياللارغا نىسبەتەن ئەرلەرنىڭ قولىدا بار ئىقتىسادىغا قانائەت قىلىش لازىم. ئەگەر ئادەم بالىسى ھەرقانداق چاغدا ئۆزىدىن بىچارە ھالەتتىكى كىشىلەرنى كۆرۈپ تۇرسا ھەم ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بىچارە ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشىنى خىيالىغا كەلتۈرسە، ئەلۋەتتە ئۆزىدە بارغا قانائەت قىلغۇسى.قولغا كەلگەن ئىقتىسادنى كۆڭۈل قويۇپ مۇۋاپىق سەرپ قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىكىگە ھەم رازى بولىدۇ. «تەن ساقلىق زور بايلىق» دېگەننى ئۇنتۇماسلىق كېرەك. ئىقتىسادچانلىقئۆي ئىچىگە قارىماق، يېمەك-ئىچمەك توغرۇلۇق تەدبىر قىلماق ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر. تەربىيىلىك ئايال ھەرقانداق ئىشتا ئىقتىسادچان بولىدۇ. ئىسراپچىلىقتىن ۋە لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى بىھۇدە زايە قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. چۈنكى، دۇنيادا ياشاش ۋە بالىلىرىنى باشقىلارغا مۇھتاج قىلىپ قويماسلىق بايلىق ۋە ئىقتىسادقا مۇناسىۋەتلىك. ئۆلگەن كىشىگە كېپەن زۆرۈر بولغاندەك، تىرىكلەرنىڭ ئىقتىسادقا مۇھتاج بولۇشى مۇقەررەر.«باي ھالدا ۋاپات بولۇپ، ئاللانىڭ دەرگاھىدا ھېساب بەرمەك كىشىلەرگە مۇھتاج بولغاندىن ياخشىراق» ياكى «دۈشمەنگە مال قالدۇرۇپ ئۆلۈش دوستلارغا مۇھتاج بولۇپ ياشىغاندىن ياخشىراق» دېگەن سۆزلەر ناھايىتى دانىشمەن كىشىلەرنىڭ تەۋەرۈكى. خۇسۇسەن بىز شۇنداق بىر زاماندا ياشىماقتىمىزكى، بارىلىق ئىززەت ۋە ئېتىبار بايلىقتا، زەلىل ۋە خارلىق پېقىرلىقتىدۇر. ھالبۇكى، بايلىق تېپىش ئۈچۈن تىرىشىش ۋە قولىدا بار ئىقتىسادنى ئاسىراشنى بىلىش كېرەك. ئۆي ئىچىدىكى چىقىم ۋە خىراجەتلەردىكى خىزمەتلەر ئايالنىڭ ئىلكىدىكى ئىشلار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەردىن بەكرەك كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم. خۇددى ئەلگەككە بۇلاقتىن ھەرقانچە سۇ چۈشۈپ تۇرسىمۇ ھەرگىز تولمىغىنىدەك، ئايال ئۆي تۇتۇشنى بىلمىسە، ئېرى ھەرقانچە كۆپ پۇل-مال تاپسىمۇ ئائىلە راۋاج تاپمايدۇ.مەرد ۋە سېخىيلىق – ئەرلەرنىڭ ياخشى پەزىلىتى بولغان بىلەن، ئايال ئۈچۈن ئەيىپلىك ئىش دېگەن گەپ بار. ئىقتىسادنىڭ قەدرىنى بىلگەن ئايال ھەتتا ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنىمۇ بىھۇدە ئىسراپ قىلمايدۇ. ئوزۇق-تۈلۈكنى ھاجىتىدىن ئارتۇق ئىسراپ قىلمايدۇ. دۇنيادا بىر پارچە نان ۋە بىر يۇتۇم سۇغا زار بولغان تالاي ئىنسان بالىلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىدىن كۆز يۇمۇش خاتا. كېرەكلىك نەرسىلەرنى بىھۇدە ئىسراپ قىلماق، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى باشقىلارغا قىلدۇرماق… قاتارلىقلار ئارتۇقچە ئىسراپچىلىق. ئاز ۋە كىچىك نەرسىلەردىن مۇۋاپىق پايدىلانمىسا، كېيىن چوڭ ۋە قىممەتلىك نەرسىلەر ھەم زايە بولۇپ كېتىدۇ. ھالبۇكى، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئەھۋاللار ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلسا، ئائىلىگە يىل بويى بەرىكەت ياغىدۇ. بۇنىڭدىن چۈشىنىشلىككى، ئۆي تۇتۇشنى بىلىش ئايال ئۈچۈن كاتتا ھۈنەر ۋە ئۇلۇغ كەسىپ.تەربىيىلىك ئايال بۇنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارمايدۇ. ئۇ «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇن» دېگەن ماقالغا مۇۋاپىق كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت ئىشلىرىغىچە تولۇق دىققەت قىلىدۇ. دۇنيانىڭ مەنزىلى ئۇزاق، ئىقتىساد تېپىشنىڭ قىينلىقى ئۇنىڭ ئېسىدىن ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى، كۆرگەنلا نەرسىنى سېتىۋالماق، كىيىم-كېچەك، زىبۇ-زىننەت ۋە بايلارغا ئەگەشمەك ئىسراپچىلىق ئىشىكىنى كەڭرى ئاچقانلىقتۇر. ئىسراپچىلىق بىلەن بايلىق بىر كىشىنىڭ قولىدا مەڭگۈ بولماس. بىر قېتىم خەيرلىشىپ ئايرىلىپ كەتكەن دۆلەت ئىككىنچى قېتىم قايتا كەلمەيدۇ. ئىقتىسادنى تۇتۇشنى بىلمىگەن ئايالنىڭ ئېرى كېچە-كۈندۈز جاپا تارتسىمۇ، پۈتۈن ئائىلە ئىلگىرى باسمايدۇ. شۇ تۈپەيلى بىچارە ئەر تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە خارلىق ۋە مۇھتاجلىقتا ھالاك بولىدۇ، دۇنيادا ھېچبىر نامى قالماي سۇغا چۈشكەن تاشتەك يوقايدۇ. مۇشۇ ھۆكۈمگە بىنائەن بۇرۇنقى زامانننىڭ ئېزگۈ ۋە تەربىيىلىك ئاياللىرى ئەرلىرىنى بۇنداق ئاقىۋەتتىن ساقلاش ئۈچۈن، ناھايىتى قانائەتچانلىق بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزگەن. ئەرلىرى سەھەر تۇرۇپ ئىش-ھەركەتكە ماڭغان ۋاقىتىدا «ھارام ئىشقا قەدەم باسماڭ، ئاچ قالساقمۇ سەۋىر قىلىمىز، لېكىن دوزاخ ئوتىدىن قورقىمىز» دەپ ئېرىنى يولغا سالىدىكەن.بۇ دۇنيادا بۇنداق ياخشى ئاياللار بەلكى ھازىرمۇ كۆپتۇر. ئەقلى بار كىشى ئۈچۈن، بۇنداق ياخشى ئايالغا ئېرىشمەك بىرەر ئەلگە بادىشاھ بولغاندىن ياخشىراق. ئۆزىنىڭ ئاچ-يالىڭاچ قالمىغانلىقىغا شۈكۈر قىلىپ سەۋر-قانائەت قىلغان بىر ئەقىللىق كىشىنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ تىرىشىپ-تىرمىشىپ تېپىپ كەلگەن ئىقتىسادىنى ياخشى تۇتۇشنى بىلمەي، چېچىپ سورۇپ تۈگەتسە ياكى ئېلىپ كەلگەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى مۇۋاپىق ئىشلەتمەي بىر تەرەپكە تاشلاپ قويسا، ياكى ئېغىر كۈنلەر ئۈچۈن ساقلاپ قويغان ئىقتىسانى ئېھتىياجسىز نەرسىلەرگە ياكى جاھاننىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىگە سەرپ قىلىپ، بىھۇدە زايە قىلىۋەتسە، بۇنداق بىچارە ئەرنىڭ ھالىغا ۋاي. ئەگەر بۇنداق تەربىيىسىز ئايال ئۆز ئەھۋالىنى ياخشى بىلمەي، ئېرىنىڭ نەسىھەتلىرىگە قارشى ئىش قىلسا، بۇنداق ئايال بىلەن تۇرمۇش ئۆتكۈزمەك دوزاخقا كىرگەن بىلەن ئوخشاش. شۇڭا ھەربىر ئايال…تۇرمۇش ئىشلىرىنى بىلمەك، ئۆي تۇتۇشنى ئۆگەنمىكى لازىم. دانالار «ئەقىللىق ۋە تەربىيىلىك ئايال بار ئۆي ھېچقاچان خاراب بولماس، تەربىيىلىك ئانىسى بولغان بالىلار ھەم يوقالماس» دېگەن.


پاكلىق ۋە زىننەت

تەربىيىلىك ئايال ئۈستۋاشلىرىنى دائىم پاكىز ۋە ئازادە تۇتۇش بىلەن بىرگە ئۆي ئىچىنىمۇ تولۇق پاكىز تۇتىدۇ. چۈنكى، ئىسلام شەرئىتىنىڭ ھۆكمىگە ئاساسەن، پاكىزلىق ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن زۆرۈر.ئايال ئۆزىنى ھەرۋاقىت ئېرىگە گۈزەل ۋە مۇھەببەتلىك كۆرسەتكەن ھالدا، ئۆي ئىچىنىمۇ پاكىز تۇتۇشى لازىم. «ئۆينىڭ پاسكىنا بولۇشى خاراب بولۇشىنىڭ ئالامىتىدۇر» دېگەن ماقال بار. ئۆينىڭ پاكىزلىقى تەربىيىلىك ئايالنىڭ بارلىقىغا، ئۆينىڭ پاسكىنا بولۇشى تەربىيىسىز ئايالنىڭ بارلىقىغا دەلىل بولىدۇ. ئاياللارنىڭ ئېرىگە سۆيۈملۈك كۆرۈنۈش ئۈچۈن، ئازادە كىينىشى ۋە ئۆزىگە زىننەت قىلىشى ياخشى ئىش بولۇپ، ئەخلاققا زىت ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ئاياللار كۆڭلىدىكىدەك پاكىز بولۇشى، مۇمكىنقەدەر ئېرىگە ساپ ۋە پاك دىل بىلەن ئىتائەت قىلىشى، ئېرىنىڭ كۆڭلى خۇشال ۋاقتىدا گۈزەل قىياپەت ۋە خۇشخۇيلۇق بىلەن ھەمراھ بولۇشى لازىم. ئايالنىڭ تەربىيىلىك بولۇشى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئەھلى ئۈچۈن زۆرۈر ئىش بولسىمۇ، لېكىن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا زىبۇ-زىننەتلىرى پەقەتلا ئېرى ئۈچۈن بولۇشى لازىم. ئۇنىڭ ئەكسچە، سىرىتقا چىققاندا ۋە ئويۇن تاماشالارغا ياخشى كىيىنىپ ئۆزىنى پەردازلاپ بېرىپ، ئۆيدە ئېرىنىڭ قېشىغا بېزەكسىز، ئادەتتىكى كىيىملىرى بىلەن كېلىش ئاياللاردىكى تەربىيىسىزلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.يۇقىرىدا، ئايالغا ئېرىنىڭ مېھىر-مۇھاببىتىنى قوزغاش ئۈچۈن، پاكىزلىق ۋە ئازادىلىك لازىم دېدۇق، لېكىن پاكىزلىق ۋە پاكلىقنىڭ ئۆزى نېمە؟ پاكلىق دېگىنىمىز، ھەردائىم سوپۇن بىلەن يۇيۇنۇپ تۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى زۆرۈر چاغدا كېچىكتۈرمەي يۇيۇنۇش ۋە ئۆزىنى پاكىز تۇتۇشتۇر. پاكىز ۋە ئازدە بولىمەن دەپ، ئۆز ۋۇجۇدىغا باشقا نەرسىلەرنى قوشۇش ۋە ئۇلاش مۇناسىپ ئىش ئەمەس.


ئىپپەت-ھايا

ئىپپەت-ھايا تەربىيىلىك ئايالنىڭ دائىملىق ئادىتى بولۇش لازىم. ئۇ ئاياللارنى ئەرلەرگە سۆيۈملۈك كۆرسەتكۈچى سەۋەبلەرنىڭ ئاساسلىقى.ئايالنىڭ ئەدەپسىز يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ھاياسىز قىلىق ھەرىكەتلىرىگە غورۇلۇق ئەرنىڭ ھېچقاندىقى رازى بولمايدۇ. ئايالى ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىنومۇس ۋە ھاياسىزلىقىنى بىلگەن ئەرنىڭ شۇئان كۆڭلى سوۋۇيدۇ. ئەردە بۇنداق ئايالغا قارىتا، مۇھەببەت ئورنىغا نەپرەت پەيدا بولىدۇ.ھاياسىزلىق ۋە نومۇسسىزلىق كىشىلەر تەرىپىدىن ھېچقاچان كەچۈرۈلمەيدىغان قەبىھ ھەرىكەت. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ئايال بىر تەرەپتىن ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئىزدەش، يەنە بىر تەرەپتىن ئاللانىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، نومۇسسىزلىق ۋە ھاياسىزلىقتىن يىراق بولۇشى لازىم. ھايالىق كىشى قانچە پېقىر بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەتلىك بولىدۇ. ئەكسىچە، ھاياسىز كىشىلەر قانچە باي بولسىمۇ، كىشىلەر ئالدىدا ھۆرمەت ئېتىبارى بولمايدۇ. ھايانىڭ يىلتىزى جان ۋە تەندە، شاخلىرى بولسا يورۇق دۇنيادا. بۇ شاخلارغا يېپىشقان زات ئەلۋەتتە يىلتىزىغىمۇ ئۇلىشالايدۇ. ئايالنىڭ يۈزىدە كۆرۈنگەن شەرم-ھايانىڭ ئىپادىسى بولغان قىزىللىق ئەرنىڭ كۆڭلىگە چاقماقتەك تېز ۋە بەخىتلىك تەسىر قىلىپ، مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچىدۇ.سۆز توشۇش، غەيۋەت ۋە يالغان سۆزلەشتەك بۇزۇق خۇلق مىجەزلەر قەبىھ ھاياسىزلىقتۇر. تەربىيىلىك ئايال كىشىلەر ئارىسىدا سۆز توشۇمايدۇ. غەيۋەت قىلمايدۇ ۋە يالغان گەپ قىلمايدۇ. ئەگەر يالغان گەپ سۆزلەر ئۇلار تەرىپىدىن ئەرلىرىگە ئېيتىلسا، ئۇنىڭ يامانلىقى تېخىمۇ ئارتۇق بولىدۇ. ئېرىگە يالغانچىلىق قىلغان ئايال دۇنيادا ئەڭ بۇزۇق ۋە تەربىيىسىز دەپ قارىلىدۇ. غورۇرلۇق كىشىلەر يالغانچى ئاياللارنى خوتۇنلۇققا ئەمەس، ھەتتا ئائىلە خىزمەتكارلىقىغىمۇ ئالمايدۇ. ئاشۇنداق سۆزى قەبىھ، كىشىلەر بىلەن ئورۇنسىز تىللىشىپ، كىشىلەرنى قارغاپ، كىشىلەرگە لەنەت-نەپرەت ئوقۇپ، كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىش، تەكەببۇرلۇق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ناچار ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش تەربىيىلىك ئايالنىڭ ئىشى ئەمەس.دېمەك، ئىپپەت-ھايا ئاياللارنىڭ ئاساسلىق مەنىۋى گۈزەللىكى. ئاياللارنىڭ ھەرقانچە ئۈستۈن تاشقى گۈزەللىكىنىمۇ ئۇنىڭغا تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. چىرايى ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ، ھايا ۋە ئىپپىتى بولمىسا، بۇنداق ئايالدىن ئېرى ۋە باشقا يېقىنلىرى نەپرەتلىنىپ تېز ئارىدا زېرىكىدۇ.


تەدبىر ۋە غەيرەت

تەربىيىلىك ئايال ئۆز ئۆيىنىڭ ۋە ئۆيىدە بار نەرسىلەرنىڭ تەرتىپ-ئىنتىزامىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. تەرتىپ-ئىنتىزام دېگىنىمىز، ئۆيدىكى نەرسىلەر ئۆز پېتى بويىچە تەرتىپلىك بولۇشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ، مەشئەت ئىلمىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر بابىدۇر.ئۆينىڭ نەرسىلىرى بەلگىلىك ۋە ئۆزىگە مۇناسىپ ئورۇنغا قويۇلسا، پاكىز ۋە رەتلىك ساقلىنىدۇ. لازىم بولغان ۋاقتىدا ئاسان تاپقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئائىلىدىكى نەرسىلەرنىڭ بەلگىلىك ئورنى بولماي، ئۇچرىغانلا يەرگە تاشلاپ قويۇلسا، جىددىي لازىم بولغاندا، ئۇنى دەرھال ئىزدەپ تاپالماي ئاۋارە بولىدۇ، خۇسۇسەن پىچاق، ئاچقۇچ، گۇگۇت، قايچا، قەلەمتىراچ، شام، پالتا، كەكە، قەلەم، قەغەز ۋە باشقا ئۆي سايمانلىرى، ھەر تۈرلۈك ئاشخانا سايمانلىرىغا ئوخشاش جىددىي لازىملىق نەرسىلەرنى كېرەك بولغاندا ئۆز ۋاقتىدا تاپالماي، ئادەم بەكمۇ دىققەت بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇنداق نەرسىلەرنىڭ قويۇلىدىغان ئورۇنلىرى ئۆي ئىچىدە بەلگىلىك ۋە مۇقىم بولۇپ، ھەركىم كېرەك بولغان ۋاقتىدا شۇ يەردىن ئېلىپ ئىشلىتىپ بولۇپ، يەنە شۇ يەرگە قويۇش لازىم. بۇنى بىر قائىدە قىلىپ، خۇسۇسەن ئاشخانا سايمانلىرىنى ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ تازلىقىغا رىئايە قىلىش ئاياللارنىڭ ۋەزىپىسى.ئاياللارنىڭ تەربىيىلىك ۋە ئىش بىلەرمەن بولغانلىقىنىڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرى نېمە؟ بۇنى بىلىش ناھايىتى ئاسان. يەنى ئاشخانا رەتلىك ۋە پاكىز، يېمەك-ئىچمەك سايمانلىرى تازا ھەم ھەربىر نەرسە خۇددى ماگىزىنلاردىكىدەك تېگىشلىك جايلىرىغا قويۇلغان بولسا، ئۇ ئۆيدىكى ئايال تەربىيىلىك ۋە ئىش بىلەرمەن ئايالدۇر ھەم بۇنىڭغا ھېچ شۈبھە يوق. ئۆينىڭ تەرتىپلىك ياكى تەرتىپسىز بولۇشى شۇ ئۆيدىكى ئايالغا باغلىق. ئۆي ئىچىدىكى ئايال تەربىيە كۆرگەن بولسا، ئۆي تەرتىپلىك بولىدۇ؛ ئايال تەربىيىسىز بولسا، ئۆيمۇ تەرتىپسىز بولىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك باي، مەرتىۋىلىك ھەم ھۆرمەتلىك بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ تۇتقان ئۆيىنى كۆزىتىپ، نەرسىلەرنى تەرتىپلىك ۋە رەتلىك ئىشلىتىش تەربىيىلىك ئايالنىڭ ۋەزىپىسى. ئەگەر ئۆي ئىچىدە بۇنداق تەرتىپ بولمىسا ھەمدە كېرەكلىك نەرسىلەرگە مەخسۇس ۋە لايىق ئورۇن بولمىسا، ئۇلارنى ئىشلىتىش جەھەتتىمۇ تەرتىپ-ئىنتىزام بولمايدۇ. ئاشخانا ۋە ئۆي ئىچىدىكى نەرسىلەر رەتلىك بولغان ئۆيدىكى ئايال ئەگەر چاي كېرەك بولسا، بەش مىنۇتتا چاينى دەملەپ داستىخانغا ئېلىپ كېلىدۇ. بۇنىڭ ئەكسچە بولغاندا بەش مىنۇت ئەمەس، بەش سائەتتىمۇ ئىش پۈتمەيدۇ. مېھمانلار چاينى كۈتۈپ تاقىتى تاق بولىدۇ. ئاقىۋەتتە ئۆي ئىچىدە ئەر-ئايال ئوتتۇرىسىدا ماجىرا ۋە غوۋغا پەيدا بولىدۇ.ئومۇمەن، ئۆينى تەرتىپكە سالمىغان، نەرسىلەرنى رەتلىك قويمىغان ئاياللارنىڭ تۇتقان ئائىلە تۇرمۇشى ئىنتايىن كۆڭۈلسىز ۋە مەنىسىز ئۆتىدۇ. بۇنداق تەرتىپسىز ئائىلىدە مېھمان كۈتكەن ئايال ئۆزى بىھۇدە جاپا چەككەننىڭ سىرتىدا، ئېرىدىنمۇ رەھمەت ئاڭلىمايدۇ ھەم بۇنداق ئائىلىدە ھاياتنىڭ ھېچ لەززىتى بولمايدۇ.ئايال-دېمەك – بىر ئۆينى تەرتىپلىك ۋە ئائىلىنى قائىدە بىلەن تەربىيە قىلغۇچى دېمەكتۇر. ئايال خىزمەتكارلىرى بولغان خوجايىن ئايال ئائىلىسىنىڭ پۈتكۈل ۋەزىپىسىدىن خالاس بولۇپ كەتمەيدۇ. بەلكى خىزمەتكار ئاياللار قانچە كۆپ بولسا، خوجايىن ئايالنىڭ يۈكى شۇنچە ئاشىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسىغا ئۆزىگە لايىق خىزمەت تەقسىم قىلىپ بېرىشى ۋە ھەممىسىنى شاۋقۇن-سۈرەنسىز، تەرتىپلىك ئىشلىتىشنى بىلىشى لازىم.  ئالايلۇق، خىزمەتچى ئايال بىرەر ئىشنى قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلمىسە، ئاغزاكى تاپىلىغان سۆزنىمۇ چۈشەنمىسە، خوجايىن ئايالنىڭ ئۆز قول تىقىپ ئىشلەپ، ئۇلارغا قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىشى ۋە ياخشى چۈشەندۈرۈپ قويۇشى زۆرۈر بولىدۇ.كىشىلىك تۇرمۇشتا ئاياللارنىڭ يىڭنە ئىشلىرىغا ۋە تاماقنى ئۆز ۋاقتىدا تەييارلاپ بېرىشىگە دائىم مۇھتاج بولىمىز، بىر ئايال ئۈچۈن ئائىلە ئىشلىرىنى ئۆز رېتى بويىچە قىلىشنى بىلىشىمۇ زۆرۈر ھۈنەر ھەمدە ئىشنىڭ تەرتىپىنى بىلىپ ئىشلىمەك ئەڭ كاتتا ئىش. ئىشلىتىشنى بىلىش بىرىنچىدىن قانداق سۈرەتتە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىش، ئىككىنچىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئۇلارنى مۇلايىملىق بىلەن خىزمەت قىلدۇرماقتىن ئىبارەت. ئېھتىياتسىزلىق قىلىپ، بىرەر ئىشنى بۇزۇپ قويغان ئائىلە خىزمەتكارلىرىغا ئاھانەت قىلىش ۋە تەن جازاسى بېرىش تەربىيە كۆرگەن كىشىلەرگە مۇناسىپ ئىش ئەمەس. ئادەم بالىسى ھەرقانچە بىغەرەز ۋە پاراسەتسىز بولسىمۇ، ئۇرۇش-تىللاش ۋە قىيناش بىلەن ئەمەس، بەلكى ياخشى سۆز ۋە كەچۈرۈم قىلىشتىن تەسىرلىنىدۇ. ئەنە شۇ سەۋەبتىن باشقىلارنى ياخشى ئىشلەتمەكچى بولغان كىشى خەقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى ئوبدان بىلىشى لازىم.شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ئايال خىزمەتكارلىرىدىن ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن ئاچچىقلانماي، سەۋر-تاقەت بىلەن ئىشنى بەجا كەلتۈرىدۇ. خەقنىڭ ئىشكى ئالدىدا خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەنلەرنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرماي، ئۇلارغا قېرىنداشلىق مېھرى بىلەن مۇئامىلە قىلىش لازىم.


سالامەتلىكنى ئاسىراش

تەن ساقلىق – ئىنسان ئۈچۈن بىر نېمەتتۇركى، ئۇنى ھېچ نەرسە بىلەن تەڭ قىلغىلى بولمايدۇ. تەن ساغلام بولمىسا، پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولسىمۇ، كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەس. كېسەللىكنىڭ تۈرلىرى كۆپ ۋە سەۋەبلىرى ھەرخىل بولسىمۇ، بەزىلىرىنىڭ سەۋەبلىرى تەجرىبە ئارقىلىق مەلۇم بولىدۇ… شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ئاياللار تەن ساقلىقىغا زىيان كەلتۈرىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىدۇ. ئاز بولسىمۇ كېسەللەرگە زۆرۈر بولغان ياردەم ئىشلىرىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭلى يۇمشاق ۋە شەپقەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كېسەللەرنى مۇلايىم ۋە ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن كۈتۈشنى بىلىدۇ.سالامەتلىككە زىيان قىلغۇچى نەرسىلەرنىڭ كۆپچىلىككە مەلۇم بولغانلىرىدىن بەدەن قىزىتما بولغاندا سوغۇق سۇ ئىچىش ياكى يۇيۇنۇش، كىشىلەر بار يەردە سېسىق ئىس-پۇراقلارنى قويۇپ بېرىش، تۇرمۇش كەچۈرىدىغان ئورۇنلارنى ئارتۇقچە زەيلەشتۈرۈش، مايلىق نەرسىەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش، شۇنداقلا باشقا نەرسىلەرنى زىيادە ئارتۇق يېيىش، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىچىش، قىمار ئويناش، زىنا قىلىش، نەشە چېكىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار بار.ساغلام بولۇشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بەدەن ۋە كىيىم-كېچەكنى، ئۆي ئىچى ۋە ھويلا ئارامنى پاكىز تۇتۇش، كېرەك بولغان چاغدا يۇيۇنۇپ تۇرۇش ۋە تەرەت ئېلىش، ئائىلىدە ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇش قاتارلىقلار بار. ئەگەر بىرەر تۈرلۈك كېسەللىك پەيدا بولسا، ئارتۇقچە قايغۇرۇش ۋە ھەسرەتلىنىش، ئۈمۈدسىزلىنىش توغرا ئەمەس. بەلكى سەۋىر-تاقەت بىلەن داۋالىنىش لازىم. بارىلىق كېسەللىكنىڭ داۋاسى بار، ئەلۋەتتە. ھازىرقى دەۋردە ھەممە يەردە يۇقىرى مەلىكىلىك دوختۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇمكىنقەدەر شۇلارغا كۆرۈنۈپ ئىشەنچ بىلەن داۋالىنىش لازىم.خۇراپىي ۋە نادان مومايلار، تىبابەتتىن ھېچقانداق خەۋرى يوق ئالدامچى داخان-پېرخونلارغا ئىشىنىپ كېسىلىنى كۆرسىتىش ۋە ئۇلاردىن شىپا ئىزدەش كىشىلەر ئارىسىدىكى قائىدە-نىزاملارغا خىلاپ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئىسلام شەرئىتىگىمۇ خىلاپ ئىش. ئاۋام خەلقنىڭ كۆپىنچىسى كېسەللىكلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى جىن-ئالۋاستىلارنىڭ ياكى يامان كىشىلەرنىڭ زىيانكەشلىكى سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، بۇ خىلدىكى كېسەللىكلەرگە دوختۇرلارنىڭ دورىسى پايدا قىلماي، بەلكى قېرى موماي ۋە ھىيلىگەر داخان-پېرخونلارنىڭ دۇئا-ئەپسۇنلىرى پايدا قىلارمىش. مۇشۇ خۇراپىي ئېتقادلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن كېسەللەرنى ئۆز ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرسەتمەستىن، ھېلىقىلارغا دۇئا-ئەپسۇن ئوقۇتۇپ ئاۋەرە بولىدۇ. بۇ خىل ھەرىكەت شۇنچىلىك قەبىھ ۋە ئەقىلسىزلىقتۇركى، ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېزىش مىللەت ئۈچۈن نومۇسلۇق ئىش. مەجۇسىيلىق زامانىدىن ھازىرقى زامانغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يۇقىرىقى ھەرىكەتلەر ئىنتايىن خۇراپىي ۋە خىلاپىي شەرئى ھەرىكەتتۇر. ھېچبىر ئىلمى ئاساسى بولمىغان ھالدا كېسەللەرگە: «سېنى جىن ئۇرۇپتۇ» دېگەندەك ئاشۇنداق خۇراپىي گەپلەر بىلەن كىشىلەرنى قورقىتىپ، ئۇلارنىڭ كېسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئۆلۈمىنى تېزلىتىدۇ.ئەگەر بىرەر ساغلام ئادەمگە «ساڭا پالان كېسەللىك يۇقۇپتۇ» ياكى «جىن ئالۋاستى تېگىپتۇ» دېسە، ئۇ ئاشۇنداق خۇراپاتقا ئىشىنىدىغان ئادەم بولسا، چوقۇم بىرەر كېسەللىككە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق كىشىلەر يامان سۆز ۋە ئىغۋالارنى تارقىتىپ، ئىش بۇزغۇچى بەتپېئىل ھاماقەتلەردۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، تەربىيىلىك ئايال بۇنداق خۇراپىي سۆزلەرنى ئېغىزغا ئالمايدۇ ھەم بۇنداق سۆزلەرگە قەتئىي ئىشەنمەيدۇ.ياخشى ئەخلاقىي تەربىيە بولۇپ قالار دېگەن ئۈمۈدتە يازغانلىرىمىز شۇنىڭ بىلەن تامام بولدى.


ئاياللار توغرۇلۇق دانالارنىڭ ھېكمەتلىرى

l         ئايال-پېقىرلىققا قارشى پاسىبان.l         ئەرلەر بەدەن بولسا، ئاياللار جاندۇر.l         بىر ئايالنىڭ يالغۇز ئۆز ئېرىنىلا بەخىتلىك قىلىش بۇرچى بار.l         ئايالنىڭ بايلىقى ئېرىنىڭ مۇھەببىتى.l         ئاياللارنىڭ مىيىغىدا كۈلۈشى قانچىلىك يېقىملىق بولسا، ئۇلارنىڭ قاقاقلاپ كۈلۈشى شۇنچىلىق يېقىمسىز.l         بىر كىشىنىڭ ئۆيىدە تەدبىرلىك ۋە تەربىيىلىك ئايالى بولمىسا، ئۇنىڭ ھالى قورقۇنچلۇقتۇر.l         ئىنسانلارنىڭ سائادىتى ئاياللار قولىدىن باشلىنىدۇ.l         ئاياللارنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىكى ئەڭ قانائەتچان بولغىنىدۇر.l         دۇنيادا ئەڭ بەخىتسىز كىشىلەر – تەربىيىلىك ئايال بىلەن تەربىيىلىك پەرزەنتلەردىن مەھرۇم بولغانلار.l         گۈزەللىكى بىلەن ماختانغۇچى ئايال ھەقىقىي گۈزەل ئەمەس، بەلكى ياخشى تەربىيە كۆرگەن ئايال ئىسمى-جىسمىغا لايىق گۈزەلدۇر.l         پاك ئايالنىڭ ئىپلاس خىزمەتچىسى بولماس.l         كۆڭۈللۈك تۇرمۇش ياخشى خۇلقلىق ئايالدىن ھاسىل بولىدۇ.l         تەكەببۇرلۇق – كىشىلەر ئۈچۈن، بولۇپمۇ ئاياللار ئۈچۈن يامان ئادەت.l         بالىلىرىنى كۆرۈپ، ئانىسىنىڭ تەربىيىسى ۋە ئاڭ سەۋىيىسىنى بىلگىلى بولىدۇ.ئەرلەرنىڭ ئۆيدە ئولتۇرىشى، ئاياللارنىڭ كوچىلاردا يۈرۈشى ئائىلىگە پېقىرلىق كەلتۈرگۈچى ۋاستىلەردىندۇر.


ئەسلى مەنزىل: http://www.bildur.net/?p=1703


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boraoghli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 12:40 PM  


ياخشى بولساڭ ئەلگە تۇمارسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81119
يازما سانى: 621
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6057
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 334 سائەت
تىزىم: 2012-6-5
ئاخىرقى: 2015-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 01:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا ھەقىقى ئايال دىگەن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83225
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3362
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-7-30
ئاخىرقى: 2012-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 01:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پايدىلانغان  كىتابىڭىزنى   تاپقىلى بۇلارمۇ ؟   تەربىيىۋى ئەخمىيتى زور  كىتابكەن   .  .

ئۆتمۈشىڭىز ئۈچۈن ياش تۆكۈۋاتقان بولسىڭىز ، كەلگۈسىڭىزنى ئۆزىڭىز يېزىپ چىقىڭ ! ! !

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 922
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8528
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 865 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2015-1-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 01:55:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تىما ئىگىسىگە كۆپ تەشەككۇر بىلىۋالدىم

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84102
يازما سانى: 1133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6260
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 544 سائەت
تىزىم: 2012-8-18
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 02:02:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەرنى ئەر قىلدىغانمۇ ئايال كىشى ،ئەرنى يەر قىلدىغانمۇ يەنە شۇ ئايال كىشى...

خەلىقلا قارشى تۇردىكەن ھەر قانداق دۈشمەن ئارزۇسىغا يىتەلمەيدۇ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 02:21:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خەت   رەڭگى    بولماپتۇ   .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 02:23 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
boraoghli + 91 قايسى ياخشى؟

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 91   باھا خاتىرىسى

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 02:24:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنى قىزلارغا 1-يىللىق ئىلىپبە دىكى غۇنچەمنىڭ تېكىسىتىنى ياتلاتقاندەك ياتلىتىۋەتكەن بولسا ھە

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6432
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5698 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 03:32:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەنسار يوللىغان ۋاقتى  2012-8-23 02:24 PM
مۇشۇنى قىزلارغا 1-يىللىق ئىلىپبە دىكى غۇنچەمنىڭ تېكىسى ...


  دىققەت قىلىڭ !   ئىلىپبە ئەمەس  .  ئېلىپبە  ، ياتلاتقاندەك ئەمەس . يادلاتقاندە   چاقچاق قىلىپ قويدۇم بۇرادەر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   KURAX.JAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-23 03:33 PM  


ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82472
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3628
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2014-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 04:43:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83340
يازما سانى: 558
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4277
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-8-2
ئاخىرقى: 2013-7-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-23 04:52:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا ياخشى تىما ئىكەن تىما ئىگىسىگە كۇپ رەخمەت .

دوسلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش