قان تومۇرلىرىمدا ئون ئىككى مۇقام
قان تومۇرلىرىمدا ئون ئىككى مۇقام،
ئاڭلايمەن قانماستىن ئاۋازلىرىنى.
تارالدى شامالدەك يېقىن –يىراققا،
ئامان قىل ھەق ئىگەم پەرۋازلىرىنى.
يالقۇنلۇق بىر سادا ، ئېسىل ھاياجان،
قايغۇنىڭ ئۈستىگە كەلمەكتە دەسسەپ.
يىراق بىر ئۆتمۈش ۋە نۇرلۇق ھەقىقەت،
يىغلىتار يۈرەكنى شىرىن كونا گەپ.
گۈللەردەك ئېچىلغان بىر گۈزەل تارىخ !
ئۈزۈلمەي كەلمەكتە زاماندىن-زامان.
ئىنساندەك ياشاشنىڭ يولى ئىگىز-پەس،
ئۇخلىما بولدى بەس ، ئويغانغىن ۋىجدان.
ھېكمەتلەر بۇلىقى بۇلدۇقلاپ تۇرغان،
چاڭقىشىم سېنىڭدىن ئىچەر ئۇسسۇزلۇق.
گۈلخانغا ئايلاندى چوغۇڭ قەلبىمدە،
گۈللەرگە لىق تولدى مەندىكى بوزلۇق.
ياڭرىسا جاراڭلىق يېشىل ئۈنلىرىڭ،
چوقىلار ئېگىزلەر ، كۆك ئاسمان پەسلەپ.
يۈرەكنى يايرىتار ساپ ئۇيغۇر تىلى ،
سۇۋۇغان قانلارمۇ كېتەر چېچەكلەپ.
قان تومۇرلىرىمدا ئو ئىككى مۇقام،
يۈرۈيمەن پايانسىز چىمەنزار ئارا.
ئەڭ گۈزەل ئەسلىمەم ساقلانغان سەندە،
بەزىدە باغدا مەن ، بەزىدە داردا.
ئۆزلۈكىم ، بىرلىكىم ، يوسۇن-قائىدەم،
ئەجداتتىن ئەۋلادقا ئۇلىنىپ كەلدى .
بەزىدە قانايدۇ يارام جىرتىلداپ،
بەزىدە ئاھ ئۇرۇپ چۆللەرنى كەزدى.
قەلبىمنى لەرزىگە سالىسەن پات-پات،
سۈيۈملۈك دولقۇندەك قىرلارنى سۆيگەن.
دەردلىرىڭ ئاققۇزسا بەزەن يېشىمنى،
بەزىدە ئىشقىڭدىن جان –تېنىم كۆيگەن.
چاڭقىغان يۈرەككە بىرىسەن زەم-زەم،
ھاياتقا مۇھەببەت ئاتا قىلىسەن.
سېنىڭدە ئەڭ تاتلىق گۈزەل كەچمىشلەر،
قەلبىمگە مېرىڭنى قۇيۇپ تۇرىسەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 11:15 AM