ھاياتنىڭ يېڭى رۆجىكى
ھايات قايتماس ئەمدى ئىزىغا ،
سەن بۇرۇلۇپ ئۇھسىنغان چاغدا .
گۈلگۈن پەيتلەر كۈلرەڭ بويالغان ،
چىكىم -چىكىم يۈرەكلەر داغدا .
ئەمما بولدۇڭ بىر پەللە ئاقىل ،
زامان ئەمەس ساڭا جاۋاپكار .
ئۆزگە بىلەن ئۆز مەلۇم بولار ،
داغدام يوللار بولغىنىدا تار .
مەۋجۇتلۇقۇڭ بۇلاقتەك تېشىپ ،
مۇھەببەتكە قوشار يېڭى جان .
ياشىمايمەن دىسەڭمۇ ئەمدى ،
بولۇپ بولدۇڭ قەلبىڭگە سۇلتان .
پۇشايماننى كىم سورار سەندىن ،
چىراقلىرى ئۆزىگە يانار .
ئەقىدىسى مىڭدىن بىرىنىڭ
ھەق چىقىدۇ ، قالغىنى چانار .
پەلەك سۈكۈت ئىچرە چۆرگىلەر ،
ئالدانمىغىن ۋاڭ -چۇڭلارغا ، بەس!
ھەركىم تاللار ھايات يولىنى ،
چىن ئادەمدەك ياشىماق بەك تەس .
جىسمىڭ ياشار ،روھىڭ ياشىرار،
يېڭى تاڭدىن ئىزدىسەڭ مەنا ،
كۈلۈپ قويغىن جاھان كارىغا ،
شۇچاغ ساڭا ھەقىقەت رەنا .
مەنبە : دىلىمدىن نىدا -تىلىمدىن سادا دىگەندەك ......
2012-يىل 8-ئاينىڭ 23-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەھرا ئوغلى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 10:50 AM