ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇسىلەر ، روزى ھېيتىڭلار تىنىچ- ئامان ، خۇشال- خۇراملىق ئىچىدە ئۆتتىمۇ ؟ ھەممە تورداشلارنىڭ تېنىغا سالامەتلىك ، ھېيت كۈنلىرىگە ھېيتلىق سالام يوللايمەن . تېمىغا قايتىپ كەلسەك ، مۇشۇ يېقىندىن بېرى مۇنداق ئەھۋال ماڭا بەك تولا ئۇچراپ كەتتى . نېمە دېسەڭلا بىرسى دەيدىكەن : مۇشۇ ئېكىىس ئېكىس بىر ئىشنى مانداق قىپتىكەن، مۇنداق بوپتۇ ، كېيىن ئانداق بوپتۇ ...... دېگەندىن كېيىنلا بىرسى بۇنىڭغا قارىتا :< ۋاي ئەجەپ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپتۇ ، شۇ زادى مۇشۇنداق قىلىش كېرەك ئىدى>
يەنە بىرسى : <ھە بۇ ئىشنى ئەسلى مۇنداق قىلىدىكەندە ................>
يەنە بىرسى :< ھەي بۇ ئىشى بولماپتۇ ، ئۇ ئىشنى ئانداق قىلسا بوپتىكەن ، بۇ قىلغىنى بولماپتۇ > بۇ گەپ چىققاندىن كېيىنلا
بىرسى قوپۇپ :
< بىز زادى مۇشۇنداق خەق ، ئۆزىمىز قىلالمايمىز ، خەق قىلغاننى ياراتمايمىز ...>دېگەندەكلا رەددىيە بېرىدۇ ، كېيىن بۇ تېما قانداق بولىدۇ دېسەڭلا ئۇرۇش تالاشقىلا چۈشۈپ كېتىدۇ . بۇ تېمىدىكى ئاساسلىق مەقسەت نېمە دېسەك ، شۇ < بىز زادى مۇشۇنداق خەق ، ئۆزىمىز قىلالمايمىز ، خەق قىلغاننى ياراتمايمىز > دېگەن گەپ بوپ قالدى . شۇنداق قىلىپ بىرمۇنچە ياخشى گەپلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا مۇشۇ گەپ چۈشكەندىن كېيىن توغرا نەسىھەتمۇ
كۆرەلمەسلىككە ، ياراتماسلىققا ئۆزگىرىپ كەتتى . ئۇنداق بولسا ئۈستىدىكى شۇ سوئالغا جاۋاپ ئىزدەپ باقايلى : <بىز زادى مۇشۇنداق خەق> بىز زادى قانداق خەقلىكىمىزنى شۇ گەپنى دېگەن ئادەم بىلمەيدىكەن ، ئەمەلىيەتتە بىز ئىنتايىن ساددا، ئىتتىپاق خەق ئىدۇق . لېكىن باشقىلارنىڭ زىدىيەتلىرىگە چۆكۈپ قېلىپ بىر بىرىمىزگە بىر كۆزىمىزدە قارايدىغان بوپ قالدۇق . شۇ گەپنى دېگۈچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا بىز ئۆزىمىز قىلالمايدىغان ، خەقنى ياراتمايدىغان مىللەتكەنمىز . نەدىمۇ شۇنداق ئىش بولسۇن . بىزدە قۇيۇق مىللەت ھېسياتى كۈچلۈك مىللەت تۇرۇپ شۇ ئىشنى قىلغۇچىنى كۆرەلمەسلىكىمىز مۇمكىنمۇ .ھەممە خەق شۇ بىر ئىشنى قىلسا قالغان ئىشنى
كىم قىلىدۇ ، ئەلۋەتتە بەزىبىر قىلالمىغۇچى ياكى ياخشى قىلغۇچى ئۇنىڭغا نىسبەتەن توغرا تەكلىپ پىكىر بېرىشى ھەقتە .
بۇ يەردە ئويلىنىشقا تېگىشلىكى شۇكى ، مىللىتىمىزدىكى ئەدەپ ئەخلاق ، مەدەنىيەت ، ئۆرۈپ ئادەت خىرىسقا تولغان بۈگۈنكى كۈندە ، تور دۇنياسىدا شۇنداق تەكلىپ پىكىرلەرنىڭ بېرىلىشى ھەق . بۇ ھەرگىزمۇ كۆرەلمەسلىك ، قىلالماسلىقنى كۆرسەتمەيدۇ، مېنىڭچە بۇ گەپنى ئېيتقۇچىنىڭ ئۆزى ئىنتايىن قانائەتچان ، مۇكەممەللىكنى قوغلاشمايدىغان ئادەمدۇر .
تورداشلارغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ، سىز ھەرگىزمۇ شۇ ئىشنى قىلالمايمەن دەپ ئويلىماڭ ، چۈنكى بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دۇنيادىكى نەرسىلەرنى بىز ئىنسانلار كەشىپ قىلغان .دېمەك بىزمۇ ئىنسان بولغاندىكىن بىزنىڭمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلالىشىمىز تامامەن مۇمكىن . ئەگەر ئىنسانلارنى قىلالمايدۇ دېيىشكە توغرا كەلسە پەقەت تەڭرىمىز قىلالىغان ئىشلارنىلا قىلالمايدۇ ، چۈنكى ئاللاھمۇ بىز ئىنسانلارنى ئىشلەتسۇن دەپ ئەقىل ئىدراك بەرگەن ، شۇڭا بۇنداق تەكلىپ- پىكىرلەرگە قارىتا قىلالماسلىق، كۆرەلمەسلىك دېگەن ئىدىيەدە بولمىساق .
تېمام سەل چۇۋالچاق بوپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ئاساسەن مەقسىدىمنى ئىپادىلىدىم دەپ قارايمەن ، مۇشۇ ھەقتە تورداشلار بىلەن پىكىرلىشىپ باقساق .