نۇرغۇن سەۋەبلەر بىلەن ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىدا قانداق دۇئا قىلىشنىمۇ بىلمەيدىغان ھالغا كىلىپ قىلىۋاتقانلىقى بىر ئاچچىق رىياللىق.بۇنى بىلىدىغان كىشىلىرىمىزمۇ شىددەت بىلەن ئازىيىۋاتسا كىرەك.شەخسەن ۋە مەن دايىم ئالاقە قىلىدىغان،كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقانلارمۇ بۇ ئىشلارنى تولوق بىلمەيدۇ ياكى ئازراقمۇ بىلمەيدۇ.بۇنى بىلىدىغانلار شۇ بىر توپ قىرى سانالغانلار ياكى دىندا ئوقوغانلار بولىشى مومكىن،ئەمما بۇلار ھەقىقەتەن چەكلىك .بۇ بىر نەچچە يىل جەريانىدا ئوقوش پۈتتۈرگەنلەر ۋە ھازىر ئوقوۋاتقانلارنىڭ بۇ ئشىلارنى تىخمۇ بىلمەسلىكى تەبىي بىر ئەھۋال بولىشى مومكىن.
بىز شۇنداق بىر ئاچچىق رىئاللىققا دۇچ كەلدۇقكى بىزنى بىقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئۆلىمىدە نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەيدىغان،ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىدا قانداق ئىشلارنى قىلىش كىرەكلىكىنى،ئەڭ ئاددىيسى ئۇلارنىڭ تۇپراق بىشىغا سۇ قويوشقا توغرا كەلسە قايسى تەرەپتىن قايسى تەرەپكە،قانداق قۇيىمىز بۇنى بىلىدىغانلار قىنى قانچىلىك ؟ پو ئاتماڭ،تۇپراق بىشىغا سۇ قۇيۇش سىزنىڭ قاغجىراپ كەتكەن دەرىخىڭىزگە سۇ قۇيۇشقا قەتئى ئوخشىمايدۇ.
ھازىر شۇ قەدىردانلىرىمىز بىزدىن ئايرىلسا ئۇلارنىڭ ئاخىرەتلىكىنى قانداق ئۇزىتىشنى بىلىدىغانلار قىنى قانچىلىك ؟ بەلكىم كىيىنچە ئۇلارنى ئەخلەت ئورنىغا ئەخلەت تاشلىغاندەكلا، جەستخانىغا تاپشۇرۇپ بىرىپ قۇتۇلىشىمىز ياكى ئۇلارنى ئىت،ئىشەكنىڭ سىسىق تاپىسىنى كۆمگەندەكلا كۆمىۋىتىپلا قۇتۇلىشىمىز مومكىن.ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە ھەمشىرىلىرىگە بۇ جەھەتتىن يىتەرلىك ساۋاق بىرەلمىگەن ھەر بىر كىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. سىزچە شۇ ئىشلارنى ئۇزىتىدىغانلار ،بىلىدىغانلار مۇشۇ خىل ھالەتتە داۋام قىلسا يەنە قانچىلىك داۋاملىشار ؟
مەن مۇنبەرلىرىمىزدىن بىرىگە يوللانغان <<خۇدايىمغا خەت>>نامىلىق تىمىنى ئوقوپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم.بۇ ئەتراپىزدىكى ھەقىقى ئومويۈزلۈك ئەھۋال بولغاچقا بۇ توغورلوق پىكىر قىلىشنى تەخىرسىز دەپ قاراپ گەپنى مەزكۇر تىمىنى مۇلاھىزە قىلش جەريانىدا ئوتتورغا قويماقچى مەن.
ئاپتۇر بۇ تىمىدا دىيارىمىزدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى،بۇلۇپمۇ دۈلەت مەمۇرلىرى،ئىشچى-حىزمەتچىلىرى دۈچ كەلگەن زور بېسىمنى،ناھاقچىلىقنى،يەرلىك ھۈكىمەتنىڭ بەزى يولسىز تەلەپلىرىنى ئىپادىلىگەن.دىيارىمىزدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئازاپلىق ھىسياتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق،يەرلىك ھۈكىمەتنىڭ بۇنداق سىياسىتىگە نارازىلىقىنى ئىپادىلەشتىن باشقا،خەلىقنىڭ ئەڭ ئاددى ۋە ئەقەللىي ئەكىنلىكنلىكىنىڭمۇ بوغولغانلىقى،تەسىرگە ئۇچىغانلىقىنى شۇنداقلا يولسىز،جاھالەت تۈسىنى ئالغان سىياسەت ۋە تەلەپلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرغان خەلىقنىڭ ئاڭ،تەپەككۇر،ئىددىيە جەھەتتىن يىگىلەش،يىمىرلىش،چىكىنىش جەمىيەتتىكى تەرەپلىرىنى ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن يورىتىپ بەرگەن.مەن بۇ ئەسەرنى ئوقوغان بۇ جەريانلاردا كاللامدا پەقەت‹‹زونون قادىرنىڭ ماغدۇر كەتكەندە ھىكايىسى››لا بار.
بۇ تىمىنى يازغۇچىنىڭ تىمىدىكى مەن ئەمەسلىكى ئىنىق،چۈنكى شۇنداق بولسا ئىدى بۇ جەرياننى يوروتوش خىيالىغىمۇ كىرمىگەن بولاتتى.ھەر قانداق بىر ئاپتۇرنىڭ تىمىدىكى مەننىڭ ئۆزى بولىشى ناتايىن ئەمما شۇ مەن جەمىيتىمىزدىكى تالاي تىرىك مەنلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلىدۇر.
مەزكۇر تىمىنى يازغۇچى 19 يىللىق خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ خىلى ياشتا توختىغان بىر قىرىندىشىمىز بولوپ،ئۇ بىر يىل ئىچىدىكى دۇئا ئەڭ ئىجابەت بولىدۇ دەپ قارالغان كۈن،رامىزاننىڭ 27 كۈنىدە قىلغان دۇئايىنى ھوزورىمىزغا سۇنۇپتۇ.مەن ئۇ قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئايىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ئەپسۇسلاندىم.
ئۇ بۇ دۇئايىنى ئەڭ ئالدى بىلەن ياراتقۇچىمىزنىڭ ئۆزىنى ياراتقانلىقى ۋە ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزگە ھەقىقەتەن بەرگەن نىئمەتلىرىنى،رەھىمدىل،شەپقەتلىك،مىھرىبان ئىكەنلىكىنى،ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىمىزنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ھەقىقەتەن ئەمەل قىلغۇسى بارلىقى ئەمما ئۆزىنىڭ بىر ھۆكىمەت خىزمەتچىسى بولوشى سەۋەبلىك، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلالمىغانلىقى ۋە قىلالمايدىغانلىقىنى،خىزمەتنى تاشلاي دىسە ئىككى ياشلىق ئوماق بالىسى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىقتىسادى،تەقدىرىنى ئويلايدۇ.ئاخىر خىزمەتنىڭ ئىھتىياجى،سىياسەتنىڭ بۇنىڭغا قارشى بىسىمى بىلەن ناماز ۋە ئىبادەتلىرىنى قىلالمىغانلىقىنى،ھىيىت نامىزىنىمۇ ئوقويالمايدىغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ بۇنى ئىگىمىزنىڭ ئەپۇ قىلىشىغا دۇئا قىلىدۇ .ئەمما ئۇ ھىچقاچان مۇشۇنداق سىياسەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىپ،ئۇلارغا ئىنساپ تىلەپ،سىياسەتنىڭ بىزنىڭ دىنىمىزنى قوغدايدىغان،يول قويىدىغان بولىشىنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويىدۇ.دوسلار ئويلاپ بىقىڭلار بۇ زادى قانداق دۇئا ؟بىرسى ئىگىسىنى،ئۇنىڭغا بويسىنىدىغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇ،ئەمما ئۇنىڭ بۇيرىقىغا بويسىنىشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىتراپ قىلىدۇيۇ،شۇ بويسىنىشقا ئامالسىز قويغان ئىشلارنىڭ تۈزىلىشىگە دۇئا قىلماي،ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا ئامالسىز بويسىنالمىغانلىقىنى كەچۈرىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىدۇ بۇ زادى قانداق دۇئا ؟بۇ زادى قانداق تەپەككۇر قىلىش ؟
تىمىنىڭ ئاسالىق مەزمۇنى مۇشۇ.ئارتۇق كەم تەرەپلىرىنى ئەسلى تىمىنى ئوقوپ چۈشەنگەيسىزلەر.
توغرا بۇ بىر ئاددى قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى.لىكىن بۇ 19 يىل پارتىيە-ھۆكىمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ساپالىق،ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمى بار كىشىنىڭ دۇئاسى.ئەگەر ئۇ ساپاسى ۋە ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمى بولمىغىنىدا ئەلبەتتە ھۆكىمەت ئورنىدا خىزمەت قىلالمىغان بولاتتى.يەنە كىلىپ بۇ بىر دادىنىڭ دۇئاسى،ئۇ دۇئاسىدا ئۆزىنىڭ بالىسىنى تىلغا ئالىدۇ.ئۇنىڭ 19 يىل ھۆكىمەت ئورنىدا خىزمەت قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ ياشتا توختالغان كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم.شۇنىڭدىن بۇ ھەم بۇ ياشتا توختالغان بىر قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى.خوش،19 يىل پارتىيە-ھۆكىمەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ساپالىق،ئۆزىگە چۇشلۇق بىلىمى بار بىر قىرىندىشىمىزنىڭ دۇئاسى مۇشۇنداق بولسا ساپاسىمۇ يوق،بىلىمىمۇ يوق،كۆرگەن بىلگىنىمۇ شۇ كىشىگە يەتمەيدىغانلارنىڭ دۇئاسى قانداق بولار ؟بىر ياشتا توختىغان،كۆرگەن بىلگىنى بار ئادەمنىڭ دۇئاسى مۇشۇنداق بولسا،ياشلارنىڭ،كۆرگەن بىلگىنى تىيىزلارنىڭ دۇئاسى قانداق بولار ؟بىر دادىنىڭ دۇئاسى مۇشۇنداق بولسا بالىلارنىڭ دۇئاسى قانداق بولار ؟
يۇقارقى سەۋەبلەرگە كۆرە بۇنداق تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلىرىمىزنىڭ قىسمەن ئەمەسلىكى مەلۇم.
بەلكىم بۇ بىزدىكى ئاڭ ۋە تەپەككۇردىكى يىگىلەش،يىمىرلىشنىڭ شۇنداقلا ئۆزىمىز سەزمىگەن ۋە ئىتراپ قىلىشنى خالىمىغان ئىغىر دەرىجىدىكى گومراھلىقنىڭ ئەڭ ئاددى بىر ئىپادىسى خالاس.
بۇ نوقول ھالدىكى گومراھلىقلا بولوپلا قالماي زامانىۋى،ئىلغار جەمىيەتكە ماسلاشقان زامانىۋى گومراھلىق.
بىز ئىگىمىزگە قانداق دۇئا قىلىشنى،ئۇنىڭغا قانداق نالە قىلىشنى،ئۇنىڭغا قانداق يىلىنىشنى ،ئۇنىڭدىن قانداق ئۆتىنىشنىمۇ بىلمىسەك مىنىڭچە بۇ بىر بىزدىكى دۇئا كىرزىسىدىن ئىبارەت بولوپ،ئۆزىمىزنىڭ ھال ئەھۋالىمىزدىن نارازى بولوش،قاقشاش،ئۆز ئەھۋالىمىزدىن ئەجەبلىنىشكىمۇ سالاھىتىمىز ،لاياقىتىمىز توشمايدۇ.
تەڭرىگە دۇئا قىلىش،يارتقۇچىغا ئىلتىجا قىلىش،بۇ بىر ئۆزىنىڭ يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇش،ئۆز ئارزۇ ئارمانلىرىنى،مەقسەت مۇددىئالىرىنى ئۇنىڭغا بايان قىلىش،ئىپادىلەش ۋە ئۇنىڭدىن ئۆتىنىدىغان،ئەڭ شەخسى پائالىيەت جەريانىدىن ئىبارەت.
مەن بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا دىنىي پائالىيەتنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى بىلمەيمەن،بۇنى تىخىچە ئاڭلمىدىم،ماتىرىياللاردىن ھەم كۆرمىدىم.دىننى چەكلەش بولسا دىيارىمىزنىڭ يۇقىرى بىسىملىق يەرلىك سىياسەتلىرىدىن دەپ قارايمەن.ئەمما ھازىرغىچە شەخىسنىڭ ئەڭ ئاددى شەخسى پائالىيەت جەريانى بولغان دۇئا قىلىش،ياراتقۇچىغا يىلىنىش،ئۇنىڭغا نالە پەريات قىلىشنىڭمۇ چەكلەنگنلىكىنى بىلمەيمەن.
ئۇ ئارىمىزدا بولغاچقا ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارىشى مومكىن.ئۇ تىما مەزمۇنىدا تىلغا ئالغان ناماز،روزا ھىيىت قاتارلىق ۋە باشقا مەزمۇنلاردىن ئۇنىڭ ئىسلامغا ئىنتىلىدىغانلىقىنى كۆرىۋىلىش تەس ئەمەس.
ئۇ ياراتقۇچىغا بويسۇنۇشتىن شۇ يۇقىرى بىسىملىق سىياسەتكە بويسۇنىدۇ.ھەم بويسىنالمىغانلىقىنى ياراتقۇچىنىڭ ئەپۇ قىلىشنى ئۆتىنىدۇ.بۇنىڭدىن ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ يارالغۇچى ئىكەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشى يىتەرلىك بولمىغان مۈجمەل كىشى.بۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇنى مۇسۇلمان لايەقىتىگە قوشوش قويماسلىق شۇنداقلا يۇقارقى مەزمۇندا مۇنازىرى قىلىشنى سىلەرگە قويدۇم.
‹‹ تەڭرىگە خەت ›› دەپ يىزىلغان بۇ ماۋزۇنىڭ ئۆزىلا ئىيمانى سۇسلۇقنىڭ ئىپادىسى دەپ قارايمەن.ئۇنداق بولمىغىنىدا بۇنداق خەت يازغۇچە دۇئا قىلغان بولاتتى .ئۇندىن باشقا بۇ تىمىدا ئۆزىنى بىر مۇسۇلمان دەپ قارايدىغان بىرسىنىڭ،خۇداغا قارىغاندا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يوللوق،يولسىز بولىشىدىن قەتئىنەزەر ھەر قانداق سىياسىتىگە بەكرەك سېغىنىپ ياشاۋاتقانلىقى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇرىدۇ.بۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىلىمىز جۇڭگۇغا تۆھپە قوشىشىدىن،زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلىشىنى ئىشقا ئاشۇرىشىغا بىر كىشىلىك كۈچ چىقىرالىشىدىن قانداقمۇ ئۈمىت كۈتكىلى بولسۇن.ئىلىمىزنى،بۈيۈك ۋەتىنىمىزنى،خەلىقنى سۆيىدىغان ھەر قانداق بىر كىشى چوقوم يەرلىك سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇن بولمىغان تەرەپلىرىنى،ئاممىغا زىيانلىق بولغان تەرەپلىرىنى پاش قىلىش،بۇنى تۈزتىشتە بىر كىشىلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئىلىشى كىرەك دەپ قارايمەن.ۋەتەن،خەلىقنى سۆيۈش بىر مەۋھۇم سۆزلەر،ئەمما بۇ جەرياندا باسقان ئەمىلىي قەدەملا ئۇنىڭ سۆيىدىغان سۆيمەيدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىدىغان ئاساس.
ۋەتەن،خەلىقنى سۆيۈش قانداقتۇر ئىغىزىدا شۇئار توۋلىغاندەك،ياكى جۆيلۈپ قويغاندەك دەپلا قويسا شۇنداق بولىدىغان ئىش ئەمەس.
مەن دۇئا قىلسام،ئەڭ ئالدى بىلەن پەيغەنبىرىمىز،يولباشچىمىز موھەممەت سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنىڭ ھەققىگە دۇئا قىلىمەن.
قىلغان ئەمەل ئىبادەتلىرىمنىڭ قۇبۇل بولىشى،بىلىپ بىلمەي،سەۋەنلىك ۋە سەۋەنسىز قىلغان گۇناھلىرىمنىڭ مەغپىرەت بولىشى ئۈچۈن،بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمنىڭ ياخشى بولىشى ئۈچۈن،ئىگىمىزنىڭ مىنى ھەر ئىككىلى دۇنيادا ئەزىز قىلىشى ئۈچۈن،بارلىق مۈشلىكىلاتلىرىمنىڭ ئاسان بولىشى ئۈچۈن،ھەر خىل بالا-قازا ۋە كىلىشمەسلىكلەردىن ئىگىمىزنىڭ مىنى ئامان قىلىشى ئۈچۈن،ئاتا-ئانا،ئۇرۇق-تۇققان،پەرزەنتىم ۋە دوسىت بۇرادەر،تونوش،يىقىن-يوروق،ئەل-ئاغىنە،قىرىنداش،تەقدىرداش،سەبداشلىرىمنىڭ،پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەققى،تىنىچ ئامان خاتىرجەملىكى،ئىشلىرىنىڭ ئاسان بولىشى،دىيانىتى ۋە ئىتقادىنىڭ مۇستەھكەم بولىشى،ئىگىمىزنىڭ رەھمەت قىلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.
ھەق يول ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تىنى ۋە جىنىنى پىدا قىلىۋاتقان مۇجاھىتلىرىمىزنىڭ،ئەل يۇرت ۋە ئاۋام ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان،شەخسىيەتسىز قان-تەر تۆكىۋاتقان،شۇ مىھنەتكەش پىداكارلىرىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغىن،ئۇلارنىڭ غەلبىسىنى بەرگىن ئىھ ئاللاھ،ئۇلارغا رەھمىتىڭنى زىيادە قىلغىن ئىھ ئاللاھ،ئۇلارنىڭ ئەجرىنى زىيادە،تخىمۇ زىيادە،تىخىمۇ زىيادە،چەكسىز زىيادە قىلغىن،ئۇلارغا بارچە مۇكاپاتلىرىڭنى بەرگىن ئىھ ئاللاھ...
مۇستەبىتلەرنى،زالىملارنى،ئادەمنى ئادەمدەك ياشاشقا يول قويمىغۇچىلارنى،ئەزگۈچىلەرنى،زىمىندا ياشاشقا لايەقىتى توشمىغۇچىلارنى گومران قىلغىن ئىھ ئاللاھ.
زىمىندىكى ئازاپتىن ئىڭراۋاتقان،قينىلىۋاتقان،ئازاپ چىكىۋاتقان بارلىق ئاجىزلارغا رەھمەت ۋە شەپقىتىڭنى ئايىمىغىن ئىھ ئاللا.
ئەل يۇرت،خەلىق،ۋەتەننىڭ شان شۆھرىتى،ھۆرلىكى،شانو-شەۋكىتى،پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنىچلىقى ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئىجىل-ئىناق،خاتىرجەملىكىنى بەرگىن ئىھ ئاللاھ.
تۆۋبىلىرىمىزنى،ئىلتىجالىرىمىزنى،تىلغا ئىلىشقا مۇيەسسەر بولالىغان ۋە بولالمىغان نىدالىرىمىزنى، دۇئالىرىمىزنى ئىجابەت قىلغىن ئىھ ئاللا.تۆۋبە ۋە دۇئاغا،بارچە شانو-شەۋكەت ۋە بارچە ماختاشقا پەقەت ۋە پەقەت سەنلا لايىق...
بىزنى بۈگۈنىمىز ۋە ئەتىمىز،بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىمىز،ئۆزىمىز ئۈچۈن ئەڭ توغرا بولغان يولغا باشلىغىن ئىھ ئاللا. سەن بىزنىڭ بىردىنبىر ئىگىمىز ۋە بىردىنبىر قۇدرەت ئىگىسى سەن...
بىزلەرگە رەھمەت،شەپقەتلىرىڭنى زىيادە قىلغىن ئىھ ئاللا...
...
مەن مۇشۇنچىلىك يازاي،ئارتۇق كەم تەرەپلىرىنى زىرەك،چىچەن،مەسئۇلىيەتچان قىرىنداشلىرىمغا تاپشۇردۇم.