ھاياتلىق
ھاياتلىق ئەسلىدەچوڭ بىرئائىلە،
كۈچلىكلەر ئاجىزنى ھاپاشلايدىغان.
ھاياتلىق ئۇيەنە چېلىش مەيدانى،
بىرىنى-بىرىمىز چىماقلايدىغان.
ھاياتلىق دولقۇنلۇق بىرئەزىم دەريا،
ياشلىقتۇر دەرياداشۇدولقۇنلىغان.
ھاياتلىق ھايرامنىڭ تىپ-تىنىچ كۆلى،
ئۇنىڭدا كۇرمىڭلاپ سىرلار يۇشۇرۇنغان.
ھاياتلىق گوياكى قايناق بىربازا،
تۈمەن خىل ئادەملەربىرگەتوپلانغان.
ھاياتلىق ۋاقىتلىق ئۆتەڭدۇر يەنە،
قېرى-ياش،باي-گاداي ئايرىمايدىغان.
ھاياتلىق تاغلاردەك مەزمۇتتۇر يەنە،
ھەرقانداق قار-بوران ئۇچۇرىتالمىغان.
ھاياتلىق ۋەيەنەسايدىكى قامغاق،
شامالغا ئەگىشىپ ئىغاڭلايدىغان.
ھاياتلىق دەششەتلىك گۈلدۈرمامدۇر،
چاشقاندەك ياتقاننى جەڭگە چىللىغان.
ھاياتلىق بەزىدە قانلىق بىرجەڭگاھ،
قىلىچ بول ياۋلارنى قانغا بۇيىغان!
مەنبە؛ مەن