ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىرىدىكى چوڭ -كىچىك،توڭ -پىششىق بارلىق ئەزىز قېرىنداشلار،ھەممىڭلار تېنچ -ئامان تۇرۇشتۇڭلارمۇ؟مېھرىبان اللاھ ئەزىز تېنىڭلارنى ئامان قىلسۇن،كۈنلىرىڭلار شادلىق ئىچىدە ئۆتسۇن... ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك،ھېسابلاپ باقسام بۈگۈن روزا ھېيتىنىڭ 4- كۈنى بولۇپ قاپتۇ،ھېيتنىڭ دەسلەپكى كۈنلىرى چوڭلارنى ،ئۇرۇقق -تۇققانلارنى يوقلاش ،ھېيتلاش بىلەن كۈن ئۆتۈپتۇ،بۈگۈن قولۇم سەل ئارا بولغان ئىدى،ھەرقايسى مۇنبەرداشلىرىمنى ئۆيۈمدە بولمىسىمۇ،مۇنبەر يۈزىدە ھېيتىلتىۋالاي دەپ ،تۆنۈگۈندىن بېرى كاتتا تەييارلىقلارنى قىلىپ،ئاددىي بولسىمۇ بۇ داستىخانلارنى ھازىرلىدىم،ئەمسە ھەممىڭلارغا مەرھەمەت.....
ھېيتلىق داستىخاننىڭ مول بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ،قوي سويىۋاتقان بۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلگۈڭلار بارمۇ؟بۇلار ماڭا ياردەملىشىش ئۈچۈن كەلگەن چوغ،سەزگۈرى،سارگەردا ..قاتارلىقلار...
بۇ سىلەر ئۈچۈن ئۆزۈم بىر قوللۇق بۇيرۇتقان ساڭزا...
سىلەر ئۈچۈن مەخسۇس ياقتۇرغان نانلار...
ئۆز قولۇم بىلەن تەييارلىغان نازۇ -نېمەتلەر......قېنى مەرھەمەت....
بۇ مۇنبىرىمىزدىكى ئاشپەز ئۇستام سىلەر ئۈچۈن تەييارىلغان سامسىلار،قېنى ئىسسىقىدا ئېغىز تېگىڭلار....
قېنى ھېرىپ ئاران بىر كەلگەندە ،ئىسسىقىدا بىر قاچىدىن چۆچىرىگە ئېغىز تېگىڭلار....
ئەمسە تۆۋەندىكى بۇ نازۇ -نېمەتلەردىن تارتىنماي ئالغاچ -باققاچ،يىگەچ ئولتۇرۇڭلار...
بۇ ئوخشۇتۇپ لەغمەن تارىتىۋاتقانلار نازىگۈل،رىزۋانگۈل،مەن،ئايچىن،مەلىكە ...قاتارلىقلار.........
ئىسسىقتا يەپ -ئىچىپ تەرلەپ، ھېرىپمۇ كەتكەنسىلەر ،ئەمدى بىردەم باغلىرىمنىڭ ھوزۇرىنى سۈرۈڭلار،قېنى،باغ سەيىلسىگە مەرھەمەت.....
باغ سەيلىسى قىلپى ھېرىپ كەتتىڭلار ھەقاچان،ئەمدى مىسرانىمنىڭ مۇڭلۇق مۇزىكىسىدىن بىر پەدە ھوزۇرلىنىڭلار،قېنى مەرھەمەت...
تۆۋەندە قىزلار كوللىكتىبىنىڭ ئورۇنلىشىدا ئۇسۇل......
ئاخىرىدا ھۆكۈمىران بوۋاينىڭ بىر قوللۇق ئەتكەن پولوسىغا ئېغىز تېگىڭلار...
بۇ دوپپىلار مۇنبەردىكى قىز -يىگىتلەرگە ئاددىي بولسىمۇ ھېيتلىق سوۋغام،قوبۇل كۆرگەيسىلەر.....
ئەمسە ھېيتلىق زىياپەت مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى، داستىخىنىم ئاددىي،چۆپچىل بولۇپ قالسىمۇ ئېغىر ئالماسسىلەر...ھەممەيلەن ئامان بولۇڭلار،اللاھقا ئامانەت،رەنجىمەي يانارسىلەر....
مەنبە : رەسىملەر بەيدۇ تورى...مەزمۇنلار قېرى كاللام.. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-23 12:16 AM
|