مىسرانىمغا قېتىۋال دوستۇم!
مىسىرانىمنى بىللەتتىم بۇرۇن،
بىراق كەمتى مەندە ئىشتىياق.
ئىسىل بولغاچ نامى پۇر كەتتى،
مىسرانىم دەپ جار سالار ھەر ياق.
تورغا چىققان ۋاقتىم كۆپ ئىدى،
نە سەۋەپكىن مەن بۇندىن يىراق.
ئايلار ئۆتسە كىرەتتىم بىر رەت،
شۇچاغلاردا كاللامدۇر قالاق.
ئەمدى كۆندۈم ئۇشبۇ ماكانغا،
يات بىلىنمەي قالدى تۇيۇقسىز.
چۈنكى سەرخىل بولغاچ مەزمۇنى،
بىندى بولۇپ قالدىم ئۇيالسىز.
مىسرانىم يالغۇز ئەمەسكەن،
شۇ سەۋەپتىن شەرىپى داڭدار.
مەيلى تىما ۋەياكى ئىنكاس،
ھەر سەھىپە شۇنچىلىك رەڭدار.
ئۆز بالىسى قىلىۋالسا دەپ،
مىسىرانىم قوينىدا يۈردۈم.
ھەقىقەتەن كۆكسى كەڭ ئىكەن،
ئۇشبۇ جاينى ئۆيۈمدەك كۆردۈم.
ياتلىمىدى مىنى بالىلار،
بەكمۇ قىزغىن قارىشى ئالدى.
دەسلەپ بىلمەي يۈرگەن ئىكەنمەن،
كۆڭلىمدە بىر پۇشايمان قالدى.
شۇنچە نۇرغۇن لەشكىرى باركەن،
ساداقەتمەن ئىخلاسلىق قەلەم.
شۇ لەشكەرلەرگە قېتىلىش ئۈچۈن،
مەنمۇ ئالدىم بىر دادىل قەدەم.
يېتەرسىزلىك ھەر ئىنساندا بار،
كەڭ قورساقلىق بولىدۇ ئۈلگە.
ماڭا كۈچلىك مەدەتلەر بولسا،
خۇنۈك يۈزگە تولماسمۇ كۈلكە.
شۇڭا مەنمۇ سادىقمەن بولاي،
مىسرانىمغا رەسمى قوشۇلۇپ.
ئايرىلمىسام مەن بۇ ئۆيۈمدىن،
قالماس كۆڭلىم چۆلدىرەپ قۇرۇپ.
مادارىمدىن تاپسا بۇ مۇنبەر،
زەررىچىلىك بىراۋلار خۇشال.
سايە بېرىپ ياشاش مەقسىتىم،
بولۇپ تومۇز -كۈندە مەجنۇن تال.
تامام: :ئاپىرىن:سەرگەردان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Dakyanos تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-22 09:49 PM