بەخىت توغرىسدا...
ئەسسالام دوسىتلار ، ياخىشمۇسىلەر ؟...
مەن ئۆز بېشىمىدىن ئۆتكەن ۋە كۆرگەن ۋە بىلگەن بىر قىسىم ئىشلارنى مىسال قىلىش ئارقىلىق ھەممىمىز ئىنتىلىۋاتقان بۇ بەخىت ھەققىىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىلماقچىمەن .
تۇرمۇشتا كىشنىڭ ئەقلى بولسىلا ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى دەپ ياشايدۇ ، بەخت دىگەن كىچكىلىتىپ ئېيتقاندا بىر ئائىلىنىڭ شادلىقىدىن ئىبارەت ، چوڭراق ئېلىپ ئىيتساق كۆزلىگەن نەتىجىگە باشقىلار بىلەن تەڭ يېتىشتىن ئىبارەت ، شۇڭلاشقا بەخىت دىسە تەلپۈنمەيدىغان ئادەم يوق ، ئەمما بۇ بەخىتنى زادى قانداق قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۈزى بىر مەسلە ...ئۇنداقتا بەخىت دىگەن زادى نىمە؟...
بۇ توغرىسىدا مەن جىق كېتابلارنى كۆردەم ، بۇھەقتە كۆپ ئىزدەندىم ، نۇرغۇن ئىشلار ئارقىلىق ئاخىرى بۇ توغرىسدا ئاددىي بولسىمۇجاۋابىغا ئېرىشكەندەك بولدۇم .
بەخىت – تۇرمۇشقا رازىمەنلىك بىلەن قاراش ، بۇنداق بۇلىشى ئۈچۈن ئۇكىشى چىن نىيتى بىلەن ئۈمىد قىلغان ھەم ئېرىشمەكچى بولغانلىرىغا ئېرىشكەن بۇلىشى كېرەك.
مەن بۇ ھەقتە شۇنداق ئىزدىنىپ يۈرگەن كۆنلەرنىڭ بىرىدە بىر دوستۇمنىڭ ياردىمى ۋە ئۇنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ يېغىپ ساقلىغان بىر قىسم نەرسىلىرى ئىچىدىن ناھايتى ئەھمىيەتلىك بىر ئەسەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،بۇ ئەسەر(رەسىم)دە بولسا بىزدائىم بېدىلىكتە ئۈزىمىزنىڭ تەلەيلىك ھېسابلاپ ئىزدەپ يۈرىدىغان بېدىنىڭ << تۆت قۇلاق >> نى مىسال قىلىش ئارقىلىق بەخىت ھەققىدە خەنزۇچە ئىپادىلەنگەن مۇنداق بىر نەچچە جۈملە سۆزلەريېزىقلىق ئىكەن .
< <... كشىلەر دائىم ، تۆت قۇلاقنى تاپقانلىق بەخىتنى تاپقانلىق دىيشىدۇ ، ئۇنداق بۇلىشنىڭ سەۋەبى :
بىرىنچى قۇلاق بولسا بەدەل تۆلەشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،
ئىككنچى قۇلاق بولسا ئۈمىدۋارلىققا ۋەكىللىك قىلىدۇ ،
ئۈچىنچى قۇلاق بولسا مۇھەببەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ ،
شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن تۆتىنچقى قۇلىقى بەختىكە ۋەكىللىك قىلىدۇ .
ئۈچ قۇلاقنىڭ مەنىسدەك سىز بەدەل تۆلىيەلىسڭىز، ئۈمىدۋار بۇلالىسىڭىز ، مۇھەببەتنى بېرەلىسىڭىزلا چۇقۇم بەخىت بولمايدۇ ، پەقەت تۆت قۇلاققا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن ھەقىقىي مەنىدىكى بەخىت بۇلىدۇ .
مەن پۈتۈن بەختىنى ئېلىۋالدىم ، بىر كىچىك بازاردا ماڭغان ۋاقىتمدا ، مەن دەماللىقا ھاياتىمىدىكى تۆت قۇلاقىنى تاپالمىساممۇ، ئەمما مەن شۇ ۋاقىتلارنىڭ مىنىڭ ئەڭ بەختىلىك ............... ئىشىنىمەن >>
سەۋىيەم چەكلىك ، بەلكىم بۇ جۈمللىلەرنىڭ تەرجىمىسى ئانچە توغرا قىلىنمىغاندۇ؟.. شۇڭلاشقا چۈشنىپ ئۇقۇپ كېتەرسىلەر .
مەزمۇن چۈشۈرۈلگەن بۇ ئەسەر بولسا بۇ دوستۇمنىڭ قىز دوسىتى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ يۈرگەن شۇكۈنلەردە مۇھەببىتنى ئىپادىلەپ يېغىپ توپلىغان رەسىملىرىدىن پايدىلىنىپ تۇرمۇشقا ئاتاپ لاھىيلىگەن ئۆز يۈرەك قېنى سىڭگەن بىر ئەسىرى ئىكەن .
يىگىت ئەينى ۋاقىتتا بۇ رەسىمنى قىز دوستىغاچۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەپتۇ ؛
ياخشى ئاڭلاڭ ، بۇ رەسىم بولسا ئىلگىرى مەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى خاتىرلەپ ، ئىلگىرى بىز يېغقان ۋە لايىھلەپ چىققان بارلىق رەسىملەردىن ۋە سىز ئۆز قۇلىڭىز بىلەن ياسىغان 7.15 ئەسەردىن پايدىلىنىپ كېرىشتۈرۈپ چىقتىم ، بۇنى قىلىش ئۈچۈن بەش كېچە كۈندۈزدەك ۋاقتىم كەتتى ، بۇنىڭغا ئىنتايىن چۇڭقۇر مەنالارۋە يۈرەك قېنىمىز سىڭگەن ، مەن سىز گە بۇنى دەپ بىرەي . سىز بۇنى چۇقۇم قەدىرلىشىڭىزكېرەك .
بۇ 6ۋە9 تال گۈلنى بولسا سىز ۋە مەن ئۈزىمىزتاللىغان ، مەن سوۋغا قىلغان تۆت تال ئەتتىرگۈلدىن سىز بۇ 7.15دىگەن بۇ ئەسەرنى ياساپ چىقتىڭىز ، ئىككى تەرىپىدىكى رەسىم بولسا خوشاللىق ۋە خاپىلىقتىن ئىبارەت ، تۇرمۇشتا خاپىلىقمۇ بۇلۇپ تورىدۇ ، خوشاللىقمۇ بۇلۇپ تۇرىدۇ ، ئەمما بىز يەنىلا ئايرىىلىپ كەتمەسلىكىمىزكېرەك .
مەن سىزنى ياخشى كۈرىمەن ، سىزمۇ مىنى ياخشىكۈرسىز ، شۇڭا بىز بىر گۈلىستاننىڭ بىر جۈپ بۇلبۇلىغا ئوخشايمىز ، بىز بۇتۇرمۇشتا ئۈز بەختىمىزنى تېپىشىمىز كېرەك، شۇڭا بىز ئاۋۋال بەخىتىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئۇنىڭغا قانداق ئىېرىشىش كېرەكلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك .
بەخىت بولسا .........دەپ بايام دىگەنگەئوخشاش يۇقارقىدەك بەخىت چۈشەندۈرمىسنى سۆزلەپ بىرىپتۇ ، ئاندىن بىز ھەرقانداق قېيىن شارائىتتىمۇ بىر – بىرىمىزنىڭ قۇلىنى قۇيىۋەتمەي ، يەتمەكچى بولغان گۈزەل كەلگۈسىنى بىللە يارىتشىمىز كېرەك – دەپ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى رەسىمنى كۆرسىتىپتۇ ،ئاندىن يەنە: بۇ جەرياندا مەن سىزدىن ئايرىلالمايمەن ، سىزمۇ مەندىن ئايرىلىسڭىزھەم بولمايدۇ ، بولمىسا نىشانىمىزدىن ئادىشىپ كېتىمىز ، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خۇدا نىسىپ قىلىپ ياراتقان بۇ بەختىمىزنى قەدىرلەپ ئۇنى رىئاللىقا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ، بىر –بىرىمىزنىڭ قۇلىنى مەڭگۈ قۇيىۋەتمەسلىكىمز لازىم دەپ – بۇ ئەسەرنى ئوراپ تۇرغان يىشل ۋە قىزىل رەڭدىكى تۆت قۇلاقلارنى كۆرىسىتىپتۇ ، ئۇنىڭ دىيشچە يېشىل تۆت قۇلاق ئۈزىگە ، قىز رەڭلىك تۆت قۇلاق ئۇ قىز بالىغا مەنسۈپ ئىكەن . قىز بالا بولسا ئۇتۆت قۇلاقنى بىر مەزگىل بوينىغا ئېسپ يۈرگەنىمىش ، ھەمدە قىزمۇ ئۈزى ياساپ چىققان بۇ ئەسەرنى توي قىلغاندا ئاندىن كۆرسىتدىغانلىغىغا ۋەدە بىرىپتىكەن .
بۇ ئوغۇل بالا دىگەندەك خوشاللىق كۈنلەرئۈتۈپ قايغۇلۇق كۈنلەرمۇ يېتىپ كەپتۇ ، بۇ قىزبۇ ئۇغۇل بالىنىڭ مۇقىم خىزمىتى يوق دەپ قاراپ ، خىزمەتنى دەپ ۋەدىسىگە ۋاپاسىزلىق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كىتىپتۇ ،ھەمدە ئۇ ئەسەرنىمۇ تاشلىۋېتىپتۇ .
بۇ ئۇغۇل بالىنىڭ قارىشىچە مۇشۇنداق قايغۇلۇق كۈنلەرنىڭ ھامان بىر كۈنى كېلىدىغانلىغنى كۆڭلى بۇرۇنلا تۇيغان ئىكەن ، چۈنكى بۇ قىز بالىدىكى كۈچلۈك يۇقىرىغا ئىنتىلىش تۇيغۇسى ئۆزىگە شۇنداق تەسىر بەرگەنىكەن ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ قىز بالىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئوغۇل بالا خۇدادەپ چوڭ بىر تەۋەككۈلچىكىنى باشلىغان ئىكەن ،ھەم شۇنداقلا بۇلار ئايرىلىپ كېتىشتىن خېلى ئىلگىرى قىزنىڭ دىگەن بىر ئېغىز سۈزى بۇ يېگىتنى ئويلاندۇرۇپ قۇيۇپتۇ ، يەنى قىز بولسا << مەن سىزنىڭ مۇھەببتىڭىزگە ئىشىنىمەن ، ئەمما سىزنىڭ ئىرادىڭىزگە ئىشەنمەيمەن ... تويمىز بەك تېز بۇلۇپ كېتەمدۇ- نىمە ؟...>>دىگەندەك ، بۇ گەپچە بولغاندا ھازىر بۇ قىز بۇ يىگىتنىڭ ئىرادىسىنى سىناۋاتىدۇ - دىسەكمۇ بۇلغۇدەك ، گەرچە بۇ كۈڭۈلسىز ئىشلار يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇ يەنىلا باشتا بۇ قىزغا دىگەنلىرىگە ( تۇرمۇشتا خوشاللىقمۇ بۇلىدۇ، خاپىلىقمۇ بۇلىدۇ ، بەخىت بولسا بەدەل تۆلەش .....) ئەمەل قىلىپ بۇ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇلۇغ ئاللادىن سۆيگەن يارىنىڭ قايتىپ كىلىشنى تىلەپ سەۋرچانلىق بىلەن بۇ قىزنى كۈتۈشكە مەجبۇر بۇلۇپتۇ . ئەمما قىز بولسا ئۇنىڭ بو ئويلىرىنى ئىزچىل خاتا چۈشنىپ كەپتۇ ، بەلكىم ئۇ بۇلارنى كۆرسە يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ تېگىگە يېتىشى ۋە بۇ بالىنى ئەمدى خاتا چۈشەنمەسلىكى مۈمكىن .
تورداشلارنىڭ كۆپىنچىسى بەلكىم بۇنداق مۇھەببەت ئەسەرلەرنى كۆپ ئۇقۇپ كۆزلىرى تېلىپ كەتتى– بولغاي ، شۇنداق بولسىمۇ بۇ نەرسىلەرنى بۇ يەرگە يەنە يېزىپ چىقتىم ، بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت بولسا تۇرمۇشنىڭ ئۈزىگەچۇشلۇق خوشلۇقى بولسا ھەم قايغۇسىمۇ بۇلىدۇ ، شۇنىڭغا ئوخشاش ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ تاتلىق جايلىرى بولسا ئاچچىق يەرلىرىمۇ بۇلىدۇ ، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭغاتوغرا قاراپ ، كەمچىلىكلەرگە يول قۇيۇش ھەم كەمچىلىكلەرگە قارىتا بارا – بارا ئۆزگەرتىش پۇزىتسىيەسىدە بولساق ئېھتىمال نۇرغۇن ئىشلرىمىز نەتىجىلىك بۇلۇپ كېتىشى مۈمكىن ، تۇرمۇشتا مۇكەممەل ئادەم ۋە ئىش مەۋجۈت ئەمەس ( بىرئاللادىن باشقا ) ، يالغانچلىق – پۈتۈن رەزىللىكنىڭ مەنبەسى ، ئەمما ئۇنىڭدىن ساقلىنشمۇ تەس،شۇڭا بىز يۇلۇققان قېينىچلىقلارغا قارىتا سەرچان ۋە سالماق بۇلۇپ ، ئىشلارنى ئەستايىدىل بىر تەرەپ قلساق ، ئېرىشكەنلىرىمىزگە قارىتا شۈكرى قىلىشنىمۇ بىلىسەك دۇنيادا بىزدىنمۇبەكرەك خوشال كېشى بولماس ،بۇلۇپمۇ ئەڭ مۇھىمى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىتا ، ھەممىگەقادىر ئىكەنلىكىگە ، قىيامەت كۈنىنىڭ ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشنىمىز كېرەك ، بۇدۇنيادىكى ئىشلارنىڭ بىزگە بىر سىناق ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئىسىمىزدە چىڭ ساقلىشىمىز ۋە شۇنىڭغا قاراپ ئىش تۇتىشىمىز كېرەك .
مەلۇم بىر كىتاپتا مەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆرگەن : << ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھىچكىم ئازدۇرالمايدۇ ، ئاللاھ ھىدايەت قىلىمىغان كىشنى ھىچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ >> ، ھېچكىمنىڭ تۇرمۇشتاخاتا يولغا كىرىپ قالغۇسى يوق ، خاتا يولغا كىرىپ قېلىپ دەرت تارتىۋاتقان كىشلەرنىڭ ئازابىلىرىنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز ، ھەم بىزمۇ شۇنداق كۆنلەرنىڭ بىر قىسملىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان ،ئاشۇ خاتا يولغاكىرىپ قالغانلارنى قۇتۇلدۇرۇشقا ھەرقانداق بىر جەمئىيەت ۋە شەخىسىنىڭ كۈچىمۇ ۋاقتى كەلگەندە چەكلىك كىلىپ قالىدۇ ، شۇڭلاشقا تۇرمۇشتا توغرايولدا ياشايمىز دەيدىكەنمىز ئاللاھنى ھەرۋاقىت ئېسىمىزدىن چىقارمىساق ، ئۇنىڭ قائىدىللرىگە ئەمەل قىلساق ، ئىنسانچلىقنىڭ ئىسل پەزىلەتلەرنى ئۆزىمىزگە مۇجەسسەملەشتۈرسەك ، ھەرقانداق قېيىن شارائىتتىمۇئۆزىمىزنى يوقىتىپ قويماي تەمكىن بۇلۇپ چىدام ، غەيرەت ۋە ئەقىل بىلەن ئىش قىلساق ، سۆزىمىز بىلەن ھەركىتىمىزنى بىردەك قىلىپ باشقىلارغا زىيان سالمىساق ، ئۆزىمىزنى ياخشى بولغان ئىلىم –پەن بىلىملىرى بىلەن قوراللاندۇرۇپ ، ئۇنى تۇرمۇشمىزنى ياخشىلاشنىڭ ۋە ھەقىقەتنى چۈشنىشنىڭ ھەم توغرا يولغا مېڭشىنىڭ ئاساسى قىلساق ئىشنىمەنكى بىز ھەممىمىز بۇتۇرمۇشتا ئۆز بەختىمىزنى تاپالىغان بۇلاتتۇق – دەپ قارايمەن . شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممىز بىر ئەقىل ئىگىسى بۇلۇش سالاھيتىمىز بىلەن ئۆز بەختىمىزنى توغرا يول ۋە توغرا ئىېتىقادىمىز ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرەيلى .ئاتا - ئانىمىزنىڭ نەسھىتىنى قۇبۇل قىلايلى ، تۇرمۇشتىن ئاغرىنشىڭ ئورنىغا ، تۇرمۇشتا يوق خىيالنى كاللىدىن چىقىرىۋىتىپ ئەملىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلايلى ، مىللىتىمىزنىڭ ۋەشۇنداقلا ۋەتەن – خەلقىمىزنىڭ ياراملىق ئىز باسارلىرىدىن بۇلۇپ يىتىشىپ چىقايلى .
تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى بۇ ئۇلىنىشقا يوللاپ قويدۇم . http://user.qzone.qq.com/603602100
ئەسكەرتىش : بۇ ئەسەر << ئايرىلغاندىن كىينكى يېزىلغان مۇھەببەت خېتى3،2،1>> نىڭ داۋامى .
2012- يىل 8- ئاينىڭ 22- كۈنى