مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 293|ئىنكاس: 5

دۇنيا بەخت –سائادىتى ۋە ئاخىرەت نىجاتلىقى ئىمان نىئمىتىدۇر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16045
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 969 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2012-10-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:20:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيا بەخت –سائادىتى ۋە ئاخىرەت نىجاتلىقى ئىمان نىئمىتىدۇر


ئىمان ئىنسان ھاياتىنى ھەممە تەرىپى يېشىللىققا پۈركەنگەن بوستانلىققا ئايلاندۇرىدۇ. ئىنسان ئۆزىنى خۇددى سۇلىرى ئىقىپ تۇرغان، گۈل-چېچەككە پۈركەنگەن باغچىدا تۇرۇۋاتقاندەك، شۇ باغچىنىڭ دەل-دەرەخلىرىنىڭ سايىلىرى ۋە مېۋە-چىۋىلىرىدىن بەھىرلىنىۋاتقاندەك، بۇ دۇنيادا ھېچقانداق جاپا-مۇشەققەت تارتمىغاندەك ھېس قىلىدۇ.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشىراق ۋە ئاللاھقا سۈيۈملۈكرەكتۇر» دەيدۇ، يەنە بىر ھەدىستە: «مۆمىن كىشىنىڭ ئەھۋالىغا قاراڭلار! ئۇنىڭ ھەممە ئىشى ياخشىلىقتۇر. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر خۇشاللىق كەلسە ئاللاھقا شۈكۈر ئىيتىدۇ.ئەگەر بىرەر زىيان –زەخمەتكە دۇچ كەلسە ئۇنىڭغا سەبىرە قىلىدۇ. مانا بۇ مۆمىنلەرگىلا خاس پەزىلەتتۇر.»

دېمەك مۆمىن دائىم ئاللاھنىڭ نۇرىنى ۋە تەقدىر ھېكمىتىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ.مەيلى خۇشاللىق ياكى غەم –قايغۇدا بولسۇن ئاللانىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، ئاللاھ رىزالىقىنى ئىزدەپ، بىرىلدىغان ئەجىر ساۋابنىڭ كۆزلەيدۇ. ھەتتا ئاللاھ مۆمىننىڭ پۇتىغا سانجىلغان تىكەننىڭ ئاغرىقىنى، ئۇنىڭ بىرقىسىم گۇناھلىرىنىڭ كاففارىتى ئورنىدا ھىسابلاپ مەغپىرەت قىلىۋېتىدۇ.

بۇ نېمە دېگەن چوڭ ئىلتىپات-ھە!

بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەڭداشسىز بۇيۈك نىئمەتتۇر. شۇڭا باشقىلار مال-دۇنيا يىغىش بىلەن بەند بولسا، مۆمىن بەندە خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى مال-دۇنيا يىغىشتا ئەمەس بەلكى سالىھ ئەمەل ۋە ياخشىلىقلارنى قىلىشتا باشقىلار بىلەن بەسلەشكەندەك، ياخشى ئەمەللەرنى تالىشىپ تۇرۇپ قىلىدۇ. بۇ ھەقتە ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن كەلگەن بىر ھەدىستە ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا: «يا رەسۇلۇللاھ! بايلار ئەجىر-ساۋاپتا پىقىرلاردىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلار بىزگە ئوخشاش ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، ماللىرىنىڭ ئاشقىنىنى سەدىقە قىلىدۇ» دەپ، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئەجىر ساۋابلارغا ئېرىشەلمىگەنلىكىدىن ھەسرەتلىنىۋاتقانلىنى ئىپادىلىگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا تەسەللى بىرىپ ۋە ياخشىلىق دەرۋازلىرىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگىمۇ سەدىقە قىلدىغان پۇرسەتلەرنى بەرمىدىمۇ؟ ھەربىر تەسبىيھ (يەنى سۇبھانە ئاللاھ دېيىش)، ھەربىر تەھليل(لائىلەھە ئىلەللاھ دېيىش)،ھەربىر تەكبىر، ھەربىر تەمھيد (ئەلھەمدۇلىللاھ دېيىش) ،ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش سەدىقە ئەمەسمۇ؟» دەيدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ساھابىلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىشىغا ئىككىنچى قېتىم قايتا كىلىپ: «يا رەسۇلۇللاھ! قېرىنداشلىرىمىز سىلە كۆرسەتكەن ياخشىلىق يوللىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىز قىلغاندەك قىلىۋاتىدۇ دىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئۇ ئاللاھنىڭ پەزلى –مەرھەمىتى، خالىغان كىشىگە بىرىدۇ» دېدى.

ساھابىلەرنىڭ ئەھۋالىنى بايان قىلىپ كەلگەن مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، بەزى ساھابىلەر سەدىقە قىلدىغان نەرسە تاپالماي قالاتتى، شۇنداق ئەھۋلدا ئاللاھ ئۇلارنى كەچۈرگەن بولسىمۇ ئۇلار قانداق قىلاتتى؟ ئۇلاردىن بىرى مۇنداق دەيدۇ: «ئارىمىزدا كۈچى بارلار ھامماللىق قىلاتتى. بۇ ھەرگىزمۇ كۆپرەك پۇل تىپىپ ،باياشات ياشاش ئۈچۈن ئەمەس، ياكى خەزىنىلىرىنى مال-دۇنياغا تولدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئەمەس، ۋەياكى بۈگۈنكى زاماندا كىشىلەر ئىغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان كەلگۈسى ئۈچۈنمۇ ئەمەس، بەلكى ئاللاھ يولىدا سەدىقە قىلدىغان بىرەر نەرسە تېپىش ئۈچۈنلا ئىدى.

ئۇلار نېمىدىگەن ئېسىل ئادەملەر-ھە! ئۇلاردىكى نېمىدىگەن يۈكسەك غايىلەر-ھە!

ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بەخت-سائادەت دىگەن،ئاللاھ ئۈچۈن بېغىشلاش، مۇسۇلمان قېرىندىشىنى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىشتۇر.

بۈگۈنكى كۈندە كىشلەرنىڭ يالغانچىلىق، پىتنە-پاسات، خائىنلىق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، غەيۋەت-شىكايەت، سۇخەنچىلىك پاتقىقىغا بارغانسېرى پېتىپ كېتىش كىشنى چۆچىتىدۇ.

ئەي،مۆمىن قىرىندىشىم! تىلىڭىز دائىم ئاسمان –زېمىننىڭ ئىگىسى بولغان ئاللاھنى زىكرى قىلىش ۋە تەسبىھ ئېيتىش بىلەن بەند بولسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەركۈنى 70 قېتىم مەغپىرەت تىلەپ تۇرغاندەك سىزمۇ ئاللاھدىن گۇناھلىرىڭىزغا مەغپىرەت تىلەپ تۇرۇڭ. (يەنە بىر ھەدىستە 100 قېتىم مەغپىرەت تىلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «تىلىڭ ھەمىشە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ تۇرسۇن» دېگەن ۋەسىيىتىنى ئىسىڭىزدە چىڭ ساقلاپ، ئاللاھنى كۆپ زىكىر قىلىڭ.باشقىلار ئويۇن-تاماششا، ئازغۇنلۇقتا ئادىشىپ يۈرگەندە، سىز قۇلىقىڭىزنى، تىلىڭىزنى، دىلىڭىزنى قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن بەھرىمەن قىلىڭ. كۆكسى –قارنىڭىزنى كەڭ تۇتۇپ، قەلبىڭىزنى پاكلاڭ، دۇنيانىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرى ئىچىدە، باتىل سۆزلەر كۆپىيىپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك كۈنلەردە تىلىڭىز قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە بولسۇن.

مۇسۇلمان كىشى ھەمىشە باشقىلاردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ ئاللاھنى زىكرى قىلىشنى تاشلاپ قويمايدۇ. ئومۇميۈزلۈك تەكىتلىنىپ كەلگەن ئىلاھى كۆرسەتمىنىڭ مەقسەت-مۇددىئاسىنى ھېس قىلالايدۇ. بۇ ئىلاھى بۇيرۇقنىڭ ئومۇمىيلىقنى تۆۋەندىكى ئايەت كەرىمە بايان قىلىپ بىرىدۇ « ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھنى كۆپ ياد ئىتىڭلار.» (سۈرە ئەھزاب 41-ئايەت). يەنى ئاللاھنى زىكرى قىلىشنىڭ چەك-چىگىرىسى، ئاخىرقى نۇقتىسى ۋە مۇئەييەن ۋاقتى بولمايدۇ. بەلكى كېچە –كۈندۈزدە، ئەتىگىنى- ئاخشىمى ۋە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاللاھنى زىكرى قىلىپ تۇرۇڭ. ھەربىر كۈنىڭىزنى ئاللاھنى زىكرى قىلىش بىلەن باشلاڭ ،ئاللاھ سىزگە ئۆز رىزالىقىغا ئىلىپ باردىغان يول، دۇنيا بەخت-سائادىتىگە ئىلىپ باردىغان مول رىزىققا مۇيەسسەر قىلىدۇ. ئۇ كۈنىڭىزنى يەنە ئاللاھنى زىكرى قىلىپ ئاخىرلاشتۇرۇڭ، شۇندىلا ئاللاھ پەزلى-مەرھەمىتى ئاستىدا ئەمىنلىككە ئىگە بولۇپ، خاتىرجەم تاڭ ئاتقۇزىسىز.

باشقىلار جىن –شەيتانلارنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغاندا، يەنى ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن تەگكىنىدە ،بەزىلىرى شەيتاننىڭ چاڭگىلىغا چۈشۈپ قالغىنىدا ،سىز بۇ ئىشلاردىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ساقلىنىپ قالىسىز.بۇ نېمىدېگەن چوڭ بەخت! نېمىدېگەن ئۇلۇغ نېئمەت! نېمىدېگەن زور ئىلتىپات ھە!

ئەي،مۆئمىن قېرىندىشىم! بەزى كىشىلەر كېچىلىرىنى بىھۇدە شاۋقۇن–سۈرەن، گۇناھ –مەئسىيەت، تېتىقسىز چاقچاقلار ۋە شەھۋانىي فىلىملەرگە بېرىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە سىز ھاياتلىقنىڭ شاۋقۇنلىرىدىن، كېچىنىڭ جىمجىتلىقىغا يۈزلىنىڭ. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «پەرۋەردىگارىمىز كېچىنىڭ ئاخىرقى ئۈچتىن بىرىدە دۇنيا ئاسمىنىغا چۈشۈپ :تىلەك تىلىگۈچىلەر بارمۇ؟ ئىجابەت قىلىمەن، گۇناھلىرىدىن تەۋبە قىلغۇچىلار بارمۇ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىمەن، گۇناھلىرىغا مەغپىرەت تەلەپ قىلغۇچىلار بارمۇ؟ مەغپىرەت قىلىمەن دەيدۇ. ھەمدە بۇ مەرھەمەت ھەر كېچىسى شۇنداق بولىدۇ.›› دەپ بايان قىلىپ بەرگىنىدەك، بۇنداق ئەڭ ئۇلۇغ ۋاقىت قىلىنغان، ئەڭ زور ئىلتىپاتلار ئاتا قلىنىدىغان سائەتلەردە ئاللاھقا يۈزلىنىپ بىر نەچچە رەكەت ناماز ئوقۇڭ.

خوش، ئۇنداقتا ئاۋۇ غەپلەتتە قالغانلار ۋە ئاسىي گۇناھكارلار بۇ ئىلتىپاتلاردىن قانداقمۇ بەھرىمەن بولالىسۇن؟

،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەلۋەتتە ئۇلار بۇ ئىلتىپاتلاردىن جەزمەن مەھرۇم قالىدۇ.

ئەمما سىز كېچىلىك نامازنى ،سەھەردىكى تەسبىھ -دۇرۇتلارنى قولدىن بەرمىسىڭىز، ھەمدە ئاشۇ پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردا ھەقىقى چىن ئىخلاس بىلەن ياش تۆكەلىسىڭىز، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھنى زىكىر قىلىش ۋە دۇئا– ئىستىغفارنى داۋاملاشتۇرالىسىڭىز، دېمەك سىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ‹‹سالام قىلىشنى ئومۇملاشتۇرۇڭلار، پېقىر –مىسكىنلەرگە تائام بېرىڭلار، سىلە –رەھىمنى ئۇلاڭلار، كېچىلىرى باشقلار ئۇخلاۋاتقاندا ناماز ئوقۇڭلار ،شۇندىلا پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ جەننىتىگە تىنچ –ئامان كىرىسىلەر›› دېگەن ۋەدىسىگە ئېرىشىدىغان ئەڭ تەلەيلىك ۋە نېسىىۋىلىك ئادەم بولۇپ ھېسابلىنىسىز.

چىرايلىرى تۇتۇلغان، قوشۇمىسى تۈرۈلگەن ھالدا ئۇچقۇلىرىدىن ئويغانغان كىشىلەرنىڭ ھالى نېمە بولار؟

ھەقىقى مۆئمىن دېگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بايان قىلىپ بەرگىنىدەك قەلبى ئىسلامغا ئېچىلغان، ھەر كۈنىنى يۇقارقىدەك ئىبادەت ۋە ئاللاھ بىلەن مۇناجاتلىشىش بىلەن باشلايدىغان كىشىدۇر. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ئۇخلىغان ۋاقتىڭلاردا شەيتان سىلەرنىڭ گەدىنىڭلارغا ئۈچ تۈگۈن سالىدۇ، ھەر بىر تۈگۈندە ‹ ئۇخلاۋەرگىن، كېچە تېخى ئۇزۇن› دەيدۇ. ئەگەر ئويغانسا ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلسا بىر تۈگۈن يېشىلىدۇ، ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ تاھارەت ئالسا ئىككىنچى تۈگۈن يېشىلىدۇ، ناماز ئوقۇسا ھەممە تۈگۈن يېشىلىدۇ–دە روھلۇق تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، روھى چۈشكۈن، ھورۇن ھالدا تاڭ ئاتقۇزىدۇ.››

ئەي مۆئمىن قېرىندىشىم !قولىڭىزدا بەخت سائادەتنىڭ ئاچقۇچى، كۆز ئالدىڭىزدا بولسا خاتىرجەملىك ۋە ئاسايىشلىق ئېلىپ كېلىدىغان، مەنىلىك ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان، چىرايلىق سۆزلەر ۋە ئەڭ ياخشى سالىھ ئەمەللەر بىلەن ئورالغان نۇرغۇنلىغان ياخشىلىقلار ۋە پۈتمەس–تۈگمەس بايلىقلار تۇرۇپتۇ. بۇ نېمىدېگەن ئالاھىدە ئىمتىياز! نېمىدېگەن چوڭ سالاھىيەت-ھە! بۇ سالاھىيەت مۆمىننى  ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى تۇتۇپ ماڭمىغان ھەرقانداق ئادەمدىن پەرىقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئەگەر بىز نېمەتلەرگە سەل قاراپ قەدرىگە يەتمىسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناماز ھەققىدە: ‹‹مېنىڭ خوشاللىقىم نامازدىدۇر›› دەپ كۆرسەتكەن ئىبادەتتىكى ھۇزۇر–ھالاۋەتنى ھېس قىلالمىساق، ئاخىرىدا بۇ نېمەتلەردىن مەھرۇم بولساق ھالىمىز نېمە بولۇپ كېتەر؟

بۈيۈك بەخت، ئەڭ زور خۇشاللىق ،ھەقىقى قەلب شادلىقى ،چىن يۈزلىنىش ۋە ھۇزۇر ھالاۋەت مانا مۇشۇ ئىبادەتلەردە!

ئۇنداقتا كىممۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، قەلبى سۆيۈنىدىغان نەرسىلەرگە ئىنتىلمەيدۇ؟ ئېنىقكى، ئىنسان ئۇلارنى ئۇچراتسا جەزمەن ئىنتىلىدۇ ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە ئاتىۋېتىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بارلىقىدىن كېچىدۇ.شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقسا دەرھال نامازغا كىرىشەتتى–دە، شۇندىلا بىر خىل خاتىرجەملىك ۋە بەخت-سائادەتنى ھېس قىلىپ ،قەلبىدە يېڭىدىن بىر مۇستەھكەم ئىشەنچ پەيدا بولاتتى. شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹ئەي بىلال ،بىزنى ناماز بىلەن ئارام ئالدۇرغىن ›› دەيتتى.

قېنى، ئۇنداقتا بىزمۇ ئاللاھقا بويسۇنۇش ،ئىتائەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش سايىسىدە بۇ ھاياتنىڭ كىشىنى بىئارام قىلدىغان تۈگىمەس شاۋقۇنلىرىدىن ئارام ئالايلى!

چۈنكى بۇ -ئىنشائاللاھ- دۇنيادا بەخت-سائادەتكە، ئاخىرەتتە نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگۈچى يولدۇر.


مەنبە:  ھىبە بەريس تورى.

دوكتور ئەلى ئۆمەر بادەھدەھنىڭ ‹‹ئاللاھ بىلەن مۇناجاتلىشىش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ھۇزۇر –ھالاۋىتى›› دېگەن نۇتىقىدىن ئېلىندى.


تەرجىمە قىلغۇچى: زۇمەر.

2012-02-24

مىسىر-قاھىرە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 08:29 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 797
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4993
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 573 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 09:24:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ قۇلىڭىزغا دەتبەرمىسۇن،

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:27:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
....  نىمە دەي مۇشۇنداق تىمىلارنىڭ چۆلدەرەپ قالغىنىغا .

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

تەنلىرىمنىڭ ئۆز

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8068
يازما سانى: 338
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5032
تۆھپە نۇمۇرى: 902
توردا: 158 سائەت
تىزىم: 2010-8-27
ئاخىرقى: 2012-8-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:29:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
QU}W[76WH[B{CB2WVL2J2L2.jpg


تەسىرلىك .... راسلا تەسىرلەندىم  .ئۆزۈمنىڭ كۈنۈمگە ئۆكۈنىمەن ...

ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ قىيىن ئىش پىلسىرات كۆۋرۈكىدىن ئۆتۈش .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 1905
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1475
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1464 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:32:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھالەنكى بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ تاكى تۈگە يىڭنىنىڭ تۈشۈكىدىن ئۆتكىچە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 11:33 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83553
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3561
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 55 سائەت
تىزىم: 2012-8-6
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 10:36:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ سىزگە ئەجىر ئاتاقىلسۇن، قەلەملىرىڭىز يەنە توختاپ قالمىسۇن قىرىندىشىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش