قاراماينىڭ - قاراماي دەپ ئاتىلىشى...
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، 1950 - يىل 27 - مارت، جۇڭگو – سوۋېت ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا جۇڭگو – سوۋېت نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى قۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىدى. جۇڭگو – سوۋېت نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى 1951 - يىلىدىن باشلاپ قاراماي تېغى ئەتراپىدا نېفىتنىڭ بار - يوقلۇقىنى گېئولوگىيەلىك تەكشۈردى. رۇسچە ماتېرىياللاردا قاراماي تېغى «kapaмай» دەپ ئاتالغان، شۇڭا، ئۇنىڭ ئاتىلىشى «قاراماي» دېيىلدى. 1955 - يىلى جۇڭگو – سوۋېت نېفىت پاي ھەسسىدارلىق شىركىتى مەملىكىتىمىزنىڭ شېرىكسىز باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، خەنزۇچە كىتابلار ۋە ئېغىز تىلىدا ئادەتتە «قاراماي تېغى — 黑油山» دەپ ئاتالدى، 1955 - يىلى يانۋاردا «قاراماي تېغى رايونىنى چوڭقۇرلاپ چارلاش ئومۇمىي لايىھەسى» تۈزۈلدى. مارتتا تۇنجى چارلاش قۇدۇقىنىڭ ئورنى ئۆلچىنىپ، قاراماي تېغى 1 - قۇدۇقى دەپ ئاتالدى.
1955 - يىل 29 - ئۆكتەبىر 1 - نومۇرلۇق قۇدۇقتىن نېفىت چىقتى، بۇ يېڭى بىر نېفىتلىكنىڭ بارلىققا كەلگەندىلىكىدىن دېرەك بەردى. 25 - نويابىر «شىنجاڭ گېزىتى» دە ۋە 16 - نويابىر شىنخۇا ئاگنېتلىقىنىڭ تېلېگراممىسىدا بۇ خەۋەر بېرىلدى، ھەممىسىدە بۇ يېڭى نېفىتلىك «قاراماي تېغى نېفىتلىكى» دېيىلدى.
1956 - يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۇنجى شۇجىسى ۋاڭ ئېنماۋ، رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى نېفىتلىكنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇيغۇرچە ئوقۇلۇشى بويىچە قاراماي تېغى نېفىتلىكىنى قاراماي نېفىتلىكى دەپ ئۆزگەرتىش تەكلىپىنى بەردى. ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا، ئالدى بىلەن نېفىتچىلىك تارماقلىرىنىڭ ھۆججەت ماتېرىياللىرىدا قاراماي نامى بىۋاسىتە ئىشلىتىلدى ياكى تىرناققا ئېلىپ ئەسكەرتىش بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىشلىتىلدى. 1956 - يىل 11 - ماي، شىنخۇا ئاگنېتلىقى بەرگەن خەۋەردە، نېفىت سانائىتىنى مىنىستىرلىقى مەسئۇلىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قاراماي رايونى «ئىستىقباللىق چوڭ نېفىتلىك» ئىكەنلىكى جاكارلىنىپ، زور زىلزىلە پەيدا قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىن، قاراماي يەر نامى سۈپىتىدە مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقالدى
.
بۈگۈنكى قاراماي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر بولۇپ، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 86°1′~84°44′، شىمالىي كەڭلىك °8′~44°7′ 46 نىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان، قاراماي، مايتاغ، جەرەنبۇلاق، ئورقۇدىن ئىبارەت تۆت رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەر مەيدانى 9500 كىۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 300 مىڭ. تەۋەسىدە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىن نوپۇسى تەخمىنەن 60 مىڭ بولغان بەش تۇەن - مەيدان بار. نېفىتلىكنىڭ نامى سۈپىتىدە، گېئولوگىيە جەھەتتىن ئالغاندا قىزىلتاغ — قاراماي — ئاقبۇلاق نېفىتلىك رايونىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى جايىر تېغىنىڭ ئالدى ئۈزۈلمە پەلەمپەيسىمان بەلبېغىنىڭ شەرقىي شىمالىدىن غەربىي جەنۇبىغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 50 كىلومېتىر كېلىدىغان شەرقىي جەنۇب تەرەپكە قىيسايغان يانتۇلۇقنى ئاساس قىلغان قاتلام قورشالمىسىلىق نېفىت ئۇۋىسى بولۇپ، يەر ئاستىنىڭ ئەھۋالىغا
قاراپ i - ix رايونغا ۋە كونا قاراماي رايونىغا ئايرىلىدۇ؛ ئادەتتە ئېيتىلىدىغان قاراماي نېفىتلىكى تار مەنىدە قاراماي نېفىتلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىزىلتاغ، ئاقبۇلاق، ئورقۇ، شەيتانكەرش، چېپەيزە، شازغەت قاتارلىق نېفىتلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۇتلەق كۆپ قىسمى قاراماي مەمۇرىي رايونىنىڭ دائىرىسىدە. جۇغراپىيەلىك ئورۇن سۈپىتىدىكى نامى قاراماي رايونىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ پۈتۈن شەھەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت مەركىزى ۋە جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتىنىڭ شىنجاڭ نېفىت ئىدارىسى، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز پاي ھەسسىدارلىق شىركىتىنىڭ شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى تۇرۇشلۇق جاي. قاراماينىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلى نامى بولغان كونا قاراماي شەھەر رايونىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى نېفىت ئاسفالت دۆڭىدىن ئىبارەت بۇ تەبىئىي جۇغراپىيەلىك ئەمەلىي گەۋدىنىلا كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:قارماي تورى...
قوشۇمچە :بەھېر ئېلشىڭلار ئۈچۈن قارماي شەھرىنىڭ ساقلىۋالغان رەسسىملىرىمدىن ئارىيە....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-22 06:21 PM