مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1056|ئىنكاس: 28

خىزمەت يۆتكەش ھەققىدە ياردەم سورايمەن. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئادەمسەن. يا- ئاد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10899
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8829
تۆھپە نۇمۇرى: 743
توردا: 3624 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 06:16:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، مەن يىقىندا مۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كىلىپ قالدىم. قانداق قىلىشىمنى پەقەت بىلمەي  سىلەردىن ياردەم سوراي دەپ مۇنبەرگە يوللىدىم. ئەگەر بىلىدىغانلار بولسا ياردىمىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر!
   مۇنداق ئىش ،مەن  2008-يىلى  يىزا دوختۇرخانىلارنىڭ تولۇقلاش ئىمتاھانىغا قاتنىشىپ ئۆتۈپ قەشقەرنىڭ مەلۇم ناھىيسىنىڭ مەلۇم يىزىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. يىڭى خىزمەتكە چىققان چاغدا 3 يىللىق توختام تۈزگەن.،ئاساسى قاتلامدا 3 يىل ئىشلىسە ئاندىن يۆتكىلىپ كەتسە ياكى ئىمتاھانغا قاتناشسا بولىدۇ دىيىلگەن توختامدا. مانا مەن ھازىر 4 يىل ئىشلەپ بولدۇم . ئەمدى يۇرتۇمغا يۆتكىلىپ كىتەي دەپ ئىلتىماس يازسام تىخى تەستىقلانمىدى، يۇرتۇمغا قاراشلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا  ئىمتاھان بىرەي دىدىم، چۈنكى ئىمتاھانغا پۇتۇنلەي شەرتىم توشىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق شەرتىمۇ1. ئاساسى قاتلامدا ئىشلىگەن ۋاختى 3 يىلغا توشقان بولىشى كىرەك.2. لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسى بولىشى كىرەك.3. ئاساسى قاتلامدا ھازىرمۇ ئىشلەۋاتقان بولىشى كىرەك .دەپ بەلگىلىنىپتۇ. پۈتۈن شەرتكە چۈشىدىكەنمەن.شۇنىڭ بىلەن تىزىملاتتىم. ئىمتاھانغا تىزىملىتىش جەدۋىلىنى تاپشۇرۋالغۇچىلار كۆرۈپ تامغىسى كەمكەن دەيدۇ. قارىسام ھەقىقەتەن 3 تامغا كىتىدىكەن.1-سى  ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىنىڭ تامغىسى.2-سى سەھىيە ئىدارىسىنىڭ تامغىسى.3-سى كادىرلار ئىدارىسىنىڭ تامغىسى كىتىدىكەن.  شۇنىڭ بىلەن تىزىملاش ئورنىدىن چىقىپ ئۇدۇل خىزمەت ئورنۇمغا كىلىپ يۇەنجاڭغا جەدۋەلنى كۆرسەتتىم.يۇەنجاڭ تامغا باسقىلى ئۇنىمىدى، ئۇ سەھىيە ئىدارىسىدىن شۇنداق ئۇقتۇرۇش چىققانلىقىنى
ھىچكىمگە ئىمتاھانغا  قاتنىشىشقا قول قويۇپ بەرمەسلىكنى دىگەنلىكىنى ئىيتىپ تۇرىۋالدى . ئەقىۋەت سەھىيە ئىدارىسىغا بىللە كىردۇق.جۈجاڭ كۆرۈپ كادىرلار ئىدارىسىدىن تامغا باسسا ئاندىن مەن باساي دىدى. شۇنىڭ بىلەن كادىرلار ئىدارىسىغا باردىم. مۇئاۋىن جۈجاڭ بار ئىكەن.ئۇمۇ قولۇمدىكى جەدۋەلنى كۆرۈپ ئاۋال تۆۋەندىن باسسۇن تامغىنى،ئاندىن بىز مەسلىھەتلىشىپ بىسىپ بىرىلى دىدى. شۇنىڭ بىلەن سەھىيە ئىدارىسىغا بىرىپ شۇ گەپنى دىدىم جۈجاڭ ناھايىتى تەستە تامغىنى باستى،كەينىدىن يۇەنجاڭمۇ باستى.يەنە كادىرلار ئىدارىسىغا ئىلىپ بادىم.
ئەمما كادىرلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى تامغا باسقىلى ئۇنىمىدى. ئۇنىڭ دىيىشىچە ئاساسى قاتلامدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ يىل سانى 6 يىلغا توشمىسا  ھەر قانداق ئىمتاھانغا قاتناشسا ياكى يۇرتىغا يۆتكىلىپ كەتسە بولمايدىكەن. شۇنداق يالۋۇردۇم...  ئىسىت 4 يىلدىن بىرى زار بولۇپ كۈتكەن  پۇرسىتىم.. يىڭى ئىمتاھاندىن ئۆتكەن چاغدا تىخى ئاساسى قاتلامنىڭ ئىمتاھانىدىن ئۆتۈپ بۆلۈنگەن جايغا بامىسا 3 يىلغىچە ئىمتاھان بىرىش پۇرسىتى يوق دىدى. كەلدىم ، 4 يىل ئىشلىدىم ، ئەمدى بولغاندا بۇ گەپنى تىپىپتۇ... ئەجەبا مىنىڭ ئىمتاھانغا قاتنىشىش ھوقوقۇممۇ يوقمۇ ؟ ئۆز يۇرتۇمغا يۆتكىلىش ھوقوقۇممۇ يوقمۇ ؟  بىچارە ئاتا ئانىمىز يىمەي يىگۈزۈپ ،كەيمەي كەيگۈزۈپ جاپا تارتىپ ئوقۇتتى ، بىزنى ياخشى كۈن كۆرسۇن بالام دەپ قىلمىغىنى قالمىدى.. ئاخىرىسدا نىمىگە ئىرىشتى؟ ياشانغاندا يالغۇز قالدى... بالىسىنىڭ  ئىككى تۆت تال پۇلىدىن باشقا ھىچنىمىسىگە ئىرىشەلمىدى، ئاغرىق سىلاق بولدى يالغۇز يالغۇز قالدى،.. بالىسىغا  تەشنا بولدى ... بىز تىخى باشقا يۇرتتا جاپا تارتىۋاتىمىز ...ئاتا ئانىمىزنى كۆرگۈمىز كەلسە ۋاختىدا بارالماي، تازا ئاتا ئانىمىزغا تەشنا بولغىنىمىزدا بۇلۇڭغا كىرىپ  كۆز يىشىمىزنى ئىيتىۋىتىپ يۇرىۋەدۇق...  ھەقىقەتەن ئازدۇر كۆپتۇر پۇلغا ئىرىشىپتۇق ئەمما مەھرۇم قالغان
لىرىمىزچۇ؟؟؟..  ئىسىت  4 يىل ۋاختىم.. ئىسىت بالا ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتىغان  ئاتا ئانام..   راستىنلا ئاچچىقىمدا خىزمەتنى تاشلىۋىتىپلا كىتىشنى ئويلىدىم. ئەجەبا ھۆكۈمەتمۇ شۇنچە يالغانچىلىشىپ ،خىزمەتچىللىرىنىڭ  ھالىغا يەتمەس بولۇپ كەتكەنمىدۇ ياكى مەن قانۇننى تازا چۈشىنىپ بولامماي قىلىۋاتامدىمەن؟  بەلكىم بۇنداق جاپالارنى تارتىۋاتقان بىر مەنلا ئەمەسمەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   قارلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 09:45 PM  


ئىي ئاللاھ  رىسقىمنى ھالالدىن قىلغىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80009
يازما سانى: 433
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4028
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 359 سائەت
تىزىم: 2012-5-11
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:02:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئادۇكات تەكلىپ قىلىڭ!!!
جۇجاڭ،يۇەنجاڭ دەپ ئالماي،ساپ ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىڭ!!!

پۈتكۈل ۋۇجۇدىڭىز، پۈتكۈل قەلبىڭىز بىلەن ئاللاھنى سۆيۈڭ!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81460
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 140 سائەت
تىزىم: 2012-6-12
ئاخىرقى: 2012-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:04:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
6يىل دېگەنگە ئۇنىڭ ھۆججىتى بارمىكەن، شۇنى سۈرۈشتۈرۈڭ. ئەڭ چوڭ ئەسلەرتىدىغىنىم بۇنداق ئىشلاردا چوقۇم يازما بىرنەرسە بولمىسا بولمايدۇ، مەسىلەن ھېلىقى توختامدەك.‹،ئاساسى قاتلامدا 3 يىل ئىشلىسە ئاندىن يۆتكىلىپ كەتسە ياكى ئىمتاھانغا قاتناشسا بولىدۇ دىيىلگەن توختامدا›  ھېلىمۇ جىق ئاۋارە قىپتۇ سىزنى ئىسپات ئېلىش ئۈچۈن ئىسپات ئەكەل دېگەندەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57398
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5444
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 269 سائەت
تىزىم: 2011-9-21
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:05:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلار!!!  مەن سىزگە قانداق ياردەم قىلىشنى بىلەلمىدىم جۇمۇ!!

ھويلامىنى بىزەپ قويدۇم.كۈرۈپ بىقىڭلار (كۈلگەن  چىراي ئىپادىسى )

ھەممىڭلارغا تىن

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 381
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10835
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7113 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:05:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئا جۇيجاڭغا  ماۋ ئەپەندىنىڭ سۇرئىتى بار قىزىل قەغەزدىن  ئازراق ئېلىۋېلىڭ ، تامغۇسى بېسىلىپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس ، جوڭگوچىلىق ئەمەسمۇ .

ھېچ ئىش قىلمىغان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4278
يازما سانى: 516
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 22439
تۆھپە نۇمۇرى: 633
توردا: 661 سائەت
تىزىم: 2010-7-18
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:07:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۆزلىرىڭىز  ئىچىڭىزدىن ئۇخچۇپ، ئۇخچۇپ چىقىۋېتىپتۇ... ساقىلى مەيدىسىگە چۈشىدىغان ماركىسنىڭ نەزەرىيىسىگە چوقۇنىدىغان ئەڭ ئادىل ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ساقىلى يوق چىقىپ قالدى ئەمەسمۇ...بۇنىڭغا ئامال يوق... ئامال بار تۆت يىل ۋاقتىڭىزغا بۇنداق ئېسىتلەرنى ئەيلىمەڭ...تۆت يىلدىن بېرى بېكار يۈرمىگەنسىز...شىپاخانىلاردا نۇرغۇن بىمارلارغا مېىرى بەرگەنسىز... بۇلارنى خىزمەت مائاش مەسئۇلىيىتى زۆرۈرىيىتىدىن ئەمەس، ئاللاھ رازىلىقى تۈپەيلى قىلغان بولسىڭىز، مېنىڭچە مېھرىبان ئېگىمىز سىزگە يول بېرىدۇ...

ھېچ ئىش قىلمىغان كىشى خاتالاشمايدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83047
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3088
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-7-26
ئاخىرقى: 2012-9-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:09:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يەنەشۇ خىزمەت ئىشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66058
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1793
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 897 سائەت
تىزىم: 2011-11-20
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:16:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oztekin يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 07:07 PM
سۆزلىرىڭىز  ئىچىڭىزدىن ئۇخچۇپ، ئۇخچۇپ چىقىۋېتىپتۇ... س ...

بەك توغرا دىدىڭىز بۇرادەر ! كىشىنىڭ ھاجىتىدىن چىقماقتىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇ ؟ !

ئادەمسەن. يا- ئاد

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10899
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8829
تۆھپە نۇمۇرى: 743
توردا: 3624 سائەت
تىزىم: 2010-9-20
ئاخىرقى: 2012-10-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 07:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ، پۈتۈن  زىھنىم بىلەن  ئىشلەپتىمەن ، گەرچە يىراقتا بولساممۇ بىمارلار نىڭ ساقىيىپ ئالدىمدىن رازى بولۇپ كەتكىنىنى كۆرسەم  ئىچ ئىچىمدىن شۇنداق خۇش بولىمەن.

ئىي ئاللاھ  رىسقىمنى ھالالدىن قىلغىن!!!

چانايمە جۇما !

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83894
يازما سانى: 364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 784
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 08:02:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاي-ۋۇي بەك مۇرەككەپ دىلوكەنغۇ بۇ ؟ بۇ دىلونى چوقۇم خەلىقارا سوتقا تاپشۇرۇش كىرەك !

مەن خاتالىقىمنى چوقۇم تۈزىتىمەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش