جاۋاپسىز قالغان سۇئال
ھىكايە
ئابدۇمىجىت مەمەتئېلى
قوش مۇنارى ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان ھەيۋەتلىك مەسچىت دەرۋازىسى ئالدىدىكى نەچچە غۇلاچ يەرگە سايە تاشلاپ تۇرغان ئىگىز چىنارنىڭ يەرگە ساڭگىلاپ تۇرغان ئادەم بويىچىلىك چوڭلۇقتىكى يوغان شېخېغا توم ئارغامچىدىن سىرتماق قىلىنغان ئىدى. ئۈرۈمچى جاڭجۇڭى-ياڭ زىڭشىن تەرىپىدىن ئۆزگەرتىپ تەشكىللەنگەن خەنچىڭدىكى ھەربىي قىسىمنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن قۇماندانى-ئىككى قولى قەشقەر خەلقىنىڭ ئىسسىق قانلىرى بىلەن بويالغان قانخور جاللات-مافۇشىڭنى يالاپ،مەسچىت ئالدىغا ئېلىپ كەلدى-دە دار سۇپىسىغا چىقاردى.بىردەمدىلا مەسچىت ئالدىغا نەچچەمىڭ ئادەم يىغىلدى. چىرىكلەر جازا مەيدانىنى قورۇغداپ، بىرمۇ ئادەمنىمۇ مەيداننىڭ ئىچىگە كىرگۈزمەيۋاتاتتى. -گۇنايىڭنى بىلەمسەن؟-دەپ ۋاقىردى باش قۇماندان كۆزلىرىنى يىراقلارغا تىكىپ،مەغرۇر تۇرغان ماتىتەيگە قاراپ. -خوتۇنىڭغا ئازراق چاقچاق قىلىپ قويغان يېرىم بار شۇ!-دېدى ماتىتەي خۇددى ھېچئىش بولمىغاندەك. غەزەپتىن كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كىتەيلادەپقالغان باش قۇماندان دار ئارغامچىسىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ تۇرغان ئىككى جاللاتقا قاراپ:«تەييارلان!» دەپ ۋاقىردى. سىرتماق ماتىتەينىڭ بوينىغا سېلىندى.ماتىتەي كۈلۈمسىرىگىنىچەئاۋامغا قاراپ تۇراتتى. -تارت! دەپ بۇيرۇق بەردى باش قۇماندان.ئارغامچا تەڭلا تارتىلدى. ماتىتەينىڭ گەۋدىسى ئەرشى مۇئەللەقتە ئېسىلىپ قالدى.ئۇ جان ئاچچىقىدا بىردەم تىپىرلىغاندىن كىيىن بەدەنلىرى بوشاپ، ئاستا-ئاستا جىمىپ كەتتى.قەشقەر خەلقىنى سەككىز يىل زۇلۇم ئىسكەنجىسىدە قالدۇرۇپ،قانچىلىغان بىگۇنالارنى ۋاقىتسىز جېنىدىن جۇدا قىلغان، قەشقەر تۇپرىقىدا دەريا-دەريا قانلارنى ئاققۇزغان بۇ قانخۇر جاللاتنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى.
2
ئىككى تەرىپى ھەر خىل دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان مەھەللە يولىنىڭ بىر بۇرجىكىدىكى كۆل بويىدا چاق ئىگىرىۋاتقان ئاياللار دۇتتارنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ئاستا-ئاستا كۆتۈرلىشى بىلەن چاق ئىگىرىشنى توختۇتۇپ، دۇتتار چېلىۋاتقان ئىگىز بويلۇق خۇشپىچىم ئايالنىڭ دۇتتار چېلىۋاتقان ئەۋرىشىم قوللىرىغا قاراپ، ئولتۇرۇپ قېلىشتى. شۇ چاغدا كۆلنىڭ نېرىراقىدىكى چولاق تامنىڭ ئىچىدىن ھەسەتلىك بىر كۆز كۆل بويىغا غەزەپ بىلەن تىكىلمەكتە ئىدى ئۇ كۆل بويىغا قانچە قارىغانسىرى يۈرىگىدىكى ھەسەت ئوتى شۇنچە ئۇلغۇيۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بىر ھازا قارىغاندىن كىيىن چولاق تامدىن قارىسىنى يوقاتتى-دە، بېغىدىكى سەي-كۆكتات چۆنەكلەرنى ئاتلاپ، يېقىلىپ قوپۇپ، ھاسىراپ-ھۆمىدەپ، ھويلىغا چىقتى-دە،ھويلىدىكى دۇككاندا ئۆتۈك تىكىۋاتقان ئېرى-سەمىراخۇنغا گۆلىيىپ:
-سىلىنىڭ بولۇمسىزلىقلىرىدىن ئىنىللىرىنىڭ ئايالى كۆل بويىغا نەدىكى جىن ئاۋاپ قالىدىغانلارنى يىغىۋىلىپ،شەيتاننىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ يۈرۈيدۇ ساز چېلىش دېگەن شەيتاننىڭ ئىشى،زادى شۇ تۇنىساخان ئۆيىمىزگە چىققاندىن بېرى،ئىشىمىزدا بەركەت يوق!-دېدى.سەمەر ئاخۇن قولىدىكى يىپنى كالپۇگىدا بىر قىتىم نەمدىۋەتكەندىن كىيىن:
-سېنىڭچە، قانداق قىلساق بولىدۇ- ئانىسى.-دىدى.
-ئاشۇ تۇنىساخاننى ھازىرلا كۆزدىن يوقاتمىساق بولمايدۇ-دىدى توختىخان.كەچتە سەمىراخۇن ئىنىسى-سەمىراخۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ كەلدى.-خوتۇنۇڭ نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان ساز چېلىپ، جىن-شەيتانلارنى باشلاپ كېلىپ، ئائىلمىزنىڭ بەركىتىنى ئۇچۇرىۋەتتى.
مۇنداق جىن-شەيتانلارنى چىلايدىغان ئايالنىڭ بۇ ئۆيدەتۇرىشىغا يول قويماي مەن سەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى بۇ ئۆيدىن يوقات!-دىدى سەمىراخۇن كامال ئاخۇنغا
- ئۇ ھازىر ھامىلدار تۇرسا،نىمىشقا ئۇنى ھايداپ چىقارغۇدەكمەن؟ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشى كۆڭلۈڭگە ياقمىغان بولسا،دۇتتار چالمىسىلا بولىدۇغۇ؟-دىدى كامالئاخۇن.بىراق كامالئاخۇننىڭ قانچە يالۋۇرۇشلىرى سەمىراخۇنغا كار قىلمىدى.
-ئەگەر ئۇنى كۆزدىن يوقاتمايدىغان بولساڭ، سېنىمۇ قوشۇپ، ئۆيدىن ھەيدەپ چىقىرىمەن!-دىدى سەمىراخۇن.
ئۆي ئىچىدە تاماق ئېتىۋاتقان تۇنىساخان ھويلىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش تۆكتى. ئەتىسى ئەتتىگەندە تۇنىسا كامالئاخۇن مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن پۇرسەتتە بوخچىسىنى تەييارلاپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ، ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
3
تۈن كىچە.كۆپكۆك ئاسماندا سانسىز يۇلتۇزلار جىمىرلاپ تۇراتتى. بىر چاغدا شەرق تەرەپتىن تۇيۇقسىز بىر يورۇق يۇلتۇز پەيدا بولۇپ، زىمىنغا ئالايىدە يورۇق نۇر چېچىپ، ئۇچقاندەك كۆك قەھرىدە توختاپ، جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭ يورۇق نۇر چېچىشىدىن قالغان يۇلتۇزلار ھەيران قېلىشتى. دەل شۇ پەيىتتە قەشقەر شەھرىنىڭ كىندىكىدىكى قازانچى مەھەللىسىدىكى بىر غېرىۋانە ئۆيدە يېڭى بىر ھاياتلىق دۇنياغا كۆز ئاچتى. ئۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىشى بىلەن ئۇنى كۈتىۋالغىنى دەرت-ھەسرەت،ئازاپ- ئوقىبەت بولدى. ئۇ يورۇق دۇنياغا كۆز ئېچىپ، بىر نەچچە ئاي بو9لماستىنلا ئۇنىڭ بىردىن-بىر يۆلەنچىگى، ھايات شامىنى ياندۇرغۇچى ئانىسى -تۇنىساخاننى ماتىتەينىڭ چوماقچىللىرى تۇتۇپ كەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي شوخ بىلىقتەك پىلتىڭلاپ
تۇرغان بۇ مىھمانغا بىردىنلا سوغۇق قول تېگىپ، ئۇنى ئۆز ئائىلسىدىن ئايرىۋەتتى. شۇنداقتىمۇ بەخىتسىز بۇ يېڭى مىھماننىڭ يۇلتۇزى بارغانسىرى نۇرلۇنۇپ، پۈتۈن جاھان ئەھلىنى ئۆزىگە جەلپ قىلغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ تۇراتتى. دەرۋەقە بۇ يورۇق يۇلتۇز ئۇزاققا قالماي جاھانغا تونۇلدى.
ئۇنىڭ ئەۋرىشىم قوللىرى بىلەن چالغان دۇتتارىدىن ئۇرغۇغان يېقىملىق كۈيلىرى ھەسرەتلىك يۈرىكىدىن ئوخچۇپ، چىققان جاراڭلىق ناخشىللىرىنىڭ ئاۋازى-ئاتۇش ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ئىتىگىگىچە بېرىپ يەتتى. سانسىزلىغان ئوتلۇق يۈرەكلەر بۇ نۇرلۇق چولپانغا يالقۇنلۇق تىلەكلەرنى بىلدۈرۈشتى. شۇنداقتىمۇ بۇ يورۇق يۇلتۇزنىڭ ئەتراپىدا ھامان بىر پارچە قارا بۇلۇت ئەگىپ يۈرەتتى. ئۇنىڭ قەلبىدىكى دەرت-ھەسرەت،تېگى كۆرۈنمەس ھىجران ئۇنى تولىمۇ ئازاپلىماقتا ئىدى. ئۇ شۇنچە ئويلاپمۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك قەلبىنى چۇلغۇۋالغان دەرت-ھەسرەتنىڭ قانداق پەيدا بو لغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمەيۋاتاتتى.ئۇنىڭ سەھنىدە ناخشا ئېيىتقان،ئۇسۇل ئوينىغان، دىراممىلاردا رول ئېلىپ،سەھنىلەردە ئۆز تالانتىنى نامايان قىلىۋاتقاندا تۆۋەندە نەچچە مىڭلىغان تاماشىبىننىڭ ياڭراتقان ئالقىش ساداسى ئۇنىڭ دەرت-ھەسرىتىنى يۈرىگىدىن چىقىرۋىتەلمەيۋاتاتتى. ئۇ نىمىگە ئازاپلىنىدىغاندۇ؟ئۇيالغۇز قالغان ۋاقىتلىرىدا كۆزلىرىدىن تاراملاپ تۆكىۋاتقان ياشلىرىنى سۈرتۈپ، ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، دەرىزە ئالدىغا كېلىپ، كۆك بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان قىزىلتاغ مۇنارىغا قارىغىنىچە،بىر ھازا تۇرۇپ كېتەتتى. بۇ رەھمىسىز تەقدىر نىمە ئۈچۈن ئۇنى مۇشۇنداق سىرلىق دۇنياغا باشلاپ كەلدىكىنە؟! سىرىتتا سوغۇق شامال يۈزلەرنىسىيپاپ ئۆتۈپ، ئاپپاق قار ئۇچقۇنلىرى زىمىننى ئاقارتىشقا باشلىغان ئىدى. شۇ ئارىلىقتا بىر قانچە تامچە قار ئۇچقۇنى قىيا ئوچۇق تۇرغان دەرىزىدىن ئۇچۇپ كىرىپ، چولپاننىڭ مۆرىسىگە قونۇپ، ئاستا-ئاستا ئېرىپ كەتتى. شۇئان ئىشىك تاراقلاپ ئېچىلىپ، ئۇنىڭ يولدىشى- ھامۇتجان سومكا كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى. ئۇنىڭ كەينىدىنى يوغان بوخچا كۆتەرگەن بىر ياشانغان ئايال كىرىپ كېلىۋاتاتتى. بۇ ياشانغان چىراي چولپانغا ناتونۇش ئەمەس ئىدى. چولپان ئاشۇ چېچىغا ئاق ئارىلىغان،سۇلغۇن چىراي ئانىنىڭ يۈرەك باغرىنى يېرىپ،يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقان ئەمەسمىدى؟بۈگۈن ئەنە شۇ جان تەسەددۇق ئانىسى-تۇنىساخان شۇنچە يىراق يەردىن قىزى بىلەن دىدارلاشقىنى كەلسە،چولپان قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىللىق قۇچىقىنى ئاچماي تۇرالىسۇن؟
قانداقمۇ ئانىسىغا بالىلىق مىھرى-مۇھەببىتىنى يەتكۈزمەي تۇرالىسۇن؟
چولپان ئانىسىنى باغرىغا باستى.ئانا-بالىنىڭ خوشاللىق ياشلىرى زادىلا توختىمايۋاتاتتى.بىراق بۇ خوشاللىق ياشلىرى بىردىنلا توختاپ قالدى.چۈنكى، كۆزلىرىدىن قان تېمىپ تۇرغان سۆرۈن تەلەت بىر جۇپ گەۋدە بۇ ئۆيگە پەيدا بپلدى. ئۆينى يەنە كۆڭۈلسىزلىك قاپلىدى. شۇ تاپتا چولپان تولىمۇ تەڭقىسلىقتا قېلىۋاتاتتى. چولپاننىڭ ئىككى تەرىپىدە نەپەسلىرى رىتىمىنى يوقاتقان ئۈچ يۈرەك ئىككى تەرەپ بولۇپ، خۇددى ئوت بىلەن سۇدەك،بىر-بىرىگە ھۆرپىيىشىۋاتاتتى.بىرسى 9ئاي 9كۈن قوساق كۆتۈرۈپ، چولپاننى يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچقۇزغان ئانىسى-تۇنىساخان،يەنە بىرسى-چولپاننى چوڭ ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن تارتىۋىلىپ، ئاۋال كۇچارغا قېچىپ كېتىپ، كىيىن ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ، چولپاننى شۇ يەردە بېقىپ چوڭ قىلغان دادىسى-سۇلتان مىرشاپ بىلەن ئانىسى-پاتەمخان ئىدى.
قانداق قىلىش كىرەك؟چولپاننىڭ يۈرىگىنى يەنە تىگى كۆرۈنمەس تەشۋىش قاپلىۋالغان ئىدى. چولپاننىڭ بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىسى گەرچە ئۇنى تۈگىمەس ئازاپ-ئوقىبەت،دەرت-ئەلەمگە دۇچار قىلغان بولسىمۇ، لىكىن ئۇ نىمىلا دېگەن بىلەن چولپاننى بېقىپ چوڭ قىلغان ئاتا-ئانىلاردە!
بىراق چوڭلپاننىڭ بۇ ئىككى تەرەپ ئولتۇرسىدىكى زىددىيەت توقۇنىشىنى
ئۇلارنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ كەتكەن ئۆچمەنلىكىنى يوقۇتۇشقا قۇربىتى يەتمىدى. ئاخىرى چولپاننىڭ ئۆز ئانىسى-تۇنىساخان سۇلتان مىرشاپ بىلەن پاتەمخاننىڭ زەھەرلىك نەشتەرلىرىنى سانجىشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، شەپىسىزلا چولپاننىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىپ، تەڭرىتاغ ئېتىگىنى قاپلىغان سوغۇق تۇمانلار ئارىسىدا كۆزدىن غايىپ بولدى. تېخى بىر نەچچە كۈن بۇرۇنلا چولپاننىڭ ئۇنىڭدىن:«ئانا، مېنىڭ دادام كىم؟»دەپ سورىغان سۇئالى جاۋاپسىز قالغان ئىدى. ھەي... دەپ ئېغىر ئۇھسۇندى تۇنىساخان بارا-بارا يىراقلاپ كېتىۋاتقان قىزىلتاغ مۇنارىغا قاراپ.جان-جىگەر قىزىمغا نىمىشقىمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېيىتمىغاندىمەن؟چولپاننىڭ ئاشۇ سۇئالى مەڭگۈلۈك جاۋاپسىز قالدى. ئەشۇ جاۋاپسىز سۇئالنىڭ سەۋەپكارى بولغان ماتىتەينىڭ زۇلمەتلىك ھۆكۈمرانلىقى يەنە قانچىلىغان بىگۇنا سەبىي بالىلارنىڭ ئەنە شۇنداق چىگىش مۇرەككەپ سۇئاللىرىنى ئۆز-ئۆزىگە قويۇپ، ھەسرەتلىك نىدا قىلغانلىقىنى بىلىپ بولغىنى بولمايتى.
4
ئاسماندىكى قار بۇلۇتلار تارقاپ سانسىز يۇلتۇزلار تېخىمۇ يورۇق نۇر چېچىپ، جىمىرلاپ تۇراتتى. سانسىز قەلىبلەر چەكسىز شاتلىققا تولدى. شۇئان قاتار كەتكەن بىنالار ئارىسىدىكى بىر ئىگىز بىنانىڭ دەرىزىسىدىن بېشىنى چىقارغان بىر گەۋدە نۇرسىز كۆزلىرىنى قىزىلتاغ مۇنارىغا تىككىنىچە،بىر جايدا قىمىرلىماي، بىر ھازاغىچە تۇرۇپ كەتتى. ئۇنىڭ يۈرەك قەلبىنى چىرمىۋالغان دەرت-ئەلەملىرى،ئازاپ-ئوقىبەتلىرىنىڭ يالقۇنلۇق ئوتلىرى بارغانسىرى ئۇلغايماقتا ئىدى. ئۇ قىزىلتاغ مۇنارىغائاخىرقى قىتىم قارىدى. ئۇ بارا-بارا ماغدۇرسىزلىنىپ، بالا-چاقىللىرىنىڭ يۆلىشى بىلەن ئاستا كارۋىتىغا كېلىپ،يېتىشقا تەمشەلدى. ئۇنىڭ ياتقۇسى كەلمەيۋاتاتتى. ئەگەر مۇمكىن بولسا، ئۇ خۇددى ئاسماندا ئۇچىۋاتقان ئەركىن قۇشتەك قانات قېقىپ ئۇچۇپ، تۆمەن دەرياسى بويىدىكى ئەشۇ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ماكانىنى باغرىغا بېسىۋالغان بولسا، نىمە دېگەن ياخشى بولاتتى-ھە؟ئەينى ۋاقىتتا جاۋاپسىز قالغان سۇئالنى ئانىسىدىن يەنە بىر نۆۋەت سورىۋالغان بولسا، بۇ دۇنيادىن ئارمانسىز كەتمەسمىدى؟!بىراق، ئىش ئۇنىڭ ئەكسىچە بولدى. ئۇ ئاسماندىمۇ ئۇچالمىدى. يەردىمۇ بىردەم مېڭىشقا قۇربىتى يەتمىدى. بۇ يورۇق چولپان ئاخىرى ئەنەشۇ ھەسرەت-نادامەت ئىچىدە دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى.
ئاپتور-قەشقەر شەھەرلىك 16-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى-
-2012-يىلى 22-ئاۋغۇست
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-22 05:57 PM