« خەلق گوڭشىسى ياخشى» ئوپىراسى توغرىسىدا
( بۇ ئوپىرانى شىنجاڭ ناخشا-ئۇسۇل ئوپىرا ئۆمىگى 1973-يىلى ئورۇنلىغان.) سىنارىستلار:-تىيىپچان ئېلىيۇپ، ئابدۇكىرىم خوجا، مەمەت زۇنۇن رىژسۇر-مەمەت تاتلىق.مۇزىكا ئىشلىگۈچى-ھۈسەنجان جامى. ئۇسۇل ئىشلىگۈچىلەر-ھاجى رەخمان، ئابلىمىت توختى، زەينەپ سىدىق قاتارلىقلار قىسقىچە مەزمۇنى: بۇ ئۇسۇللۇق ئوپىرادا ئازاتلىقتىن بۇرۇن دىھقانلارنىڭ پومىشچىك-مۇشتۇمزورلارنىڭ زۇلىمى ئاستىدا ۋەھشىلەرچە ئېزىلىپ، تۇرمۇش يولىنى تاپالماي، سەرگەردانلىق ئىچىدە خانىۋەيران بولغانلىقى، پەقەت ئازاتلىقتىن كىيىن پارتىيە ۋە ماۋجۇشىنىڭ دەنا رەھبەرلىگىدە 1958-يىلى خەلق گوڭشىسى قۇرۇلۇپ، يېڭىچە ھاياتقا ئېرىشىپ، بەختىيار تۇرمۇشقا قەدەم قويغانلىقىنى تەسۋىرلەپ بەرگەن. شۇنداقلا زوڭلۇشەن، دايۈجىن ۋە خەلق گوڭشىسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىزىل بايراقنىڭ ئالاھىدىلىگىنى مەدىھلەپ، شاتلىق كۈيىنى ياڭراتقان بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ خەلق گوڭشىسى قۇرۇلغاندىن كىيىنكى بەختىيار تۇرمۇشقا قەدەم قويغانلىقىدىن ئىبارەت مىھرى-مۇھەببىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگەن. ئوپىرادا ئابدۇقادىر ئابدۇللارنىڭ ئوقىغان ياڭراق مۇقامى تاماشىبىنلارغا مەنىۋىي زوق ئاتا قىلىدۇ. زوڭلۇشەن مەشئەل بولدى بىزنىڭ يولىمىزغا، دايۈيجىن قانات بولدى دۇلدۇلىمىزغا. خەلق گوڭشىسى داغدام يول ئاچتى مەنزىلگە، تەۋرەنمەس ئۇل سالدۇق ئىقبالىمىزغا.... ئىلاۋە: خەلق گوڭشىسى رەئىس-ماۋزېدوڭنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىزىلاردا قۇرۇلغان ھوقۇقلۇق ئورگان بولۇپ، بۇ سۆز تىلىمىزدا خەلق كومىناسى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. خەلق كومىناسى-1958-يىلى قۇرۇلۇپ، 1980-يىلغىچە قوللۇنۇلغان. 1980-يىلدىن كىيىن يىزىلاردا يىزىنى بىرلىك قىلغان ھوقۇقلۇق ئورگان يولغا قويۇلدى. يازغۇچى-ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى 2012-يىلى 22-ئاۋغۇست يېزىلدى. قەشقەر
|