مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2746|ئىنكاس: 39

2012-يىللىىق مەمۇرلۇق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ھەققىدە! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82465
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:56:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كەچۇرۇڭلار دوسلار ، مەن بۇ قېتىمقى مەمۇرلۇق ئىمتاھانغا تىزىملىتىپ ئۇزۇمنىڭ كىيىنلىك چىقىش يولۇمنى تېپىپ ياخىشى بىر خىزمەت ئورنىغا چىقىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ يىللىىق  مەمۇرلۇق ئىمتھانغا تىزىملىتىش ئۇچۇن كىرگەن ئىدىم ئەمما ئويلىمىغان يەردىن مەن بولدىكەن دەپ تالىغان ئورۇنلارنىڭ ھەمىسىنىڭ دىگۇدەك قوبۇل قىلدىغانلار (خەنزۇ)  دەپ يېزىغلىق  ئىكەنلىكىنى بىلدىم،،، سىلەرچە بۇ تەڭسىزلىكمۇ قانداق ؟
مەن باشقا ئورۇنلارنىمۇ كۇرۇپ باقتىم ، ئەمما ھەمىسىلا دىگۇدەك شۇنداق ئىكەن ، بىزنىمۇ ئاتا ئانىمىز جاپاتارتىپ نۇرغۇن چىقىم تارتىپ يىمەي يىگۇزۇپ كەيمەي كەيگۇزۇپ ، ئۇزگە بىرتال يىڭنە چاغلىق نەرسىلەرنى ئېلىشتىن يالتىيىپ ، يەنە بىرقىسىم ئاتا ئانىلىرىمىز بولسا بالىرىنىڭ كەلگۇسىدە ياخىشى بىر خىزمەتكە ئېرشىپ ياخشى كۇن كەچۇرسۇن دەپ باشقىلاردىن قەرزئېلىپ بالىرنى ئالى مەكتەپكىچە ئوقۇتۇپ كېلۋاتىدۇ،،، مەسلەن ؛مەن ئۇزۇمنى ئېلىپ ئيتىسام مەن 2010يىلى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرسىتىتىنى پۇتۇرگەن مانا ئوقۇش پۇتۇرگىلى 2يىل بولدى، مەن ئوقۇش پۇتۇرگەندىن كىيىن نەچچە قېتىم  ئىمتاھانلارغا  قاتىنىشىنى مەقسەت قىلىپ مەمۇرلار  قوبۇل قىلدىغان ئورۇنلارنىڭ  جەدۋىلىنى كۇرۇپ كۇڭلۇم يېرىم بولاتتى،،
چۇنكى ھەمىسىگىلار قارسا خەنزۇلار كۇپ نىسبەتنى ئىگەلەيدكەن ،
  مەن ئوقۇش پۇتۇرگىلى ئەمدى 2يىل بوپتۇ، ماڭ ئوخىشاش نۇرغۇن ئالى مەكتەپنى پۇتۇرگەن ياشلىرىمىز  خىزمەت تاپالماي كوچلاردا سەرسان بولماقتا ھەتتا بەزى ياشلىرىمىز پۇل تېپىشنىلا مەخىسەت قىلىپ يامان يولللاردا ماڭماقتا ئاخىرى ئەيدىسدىن ئىبارەت بۇ نىجىس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس،،،كوچىغا چىقىپ قاراپبېقىڭلار  بىزنىڭ ئاشۇ ياشلىقى ئۇرغۇپ تۇرغان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمىز نىمىش قىلۋاتىدىكىن؟؟؟ھەتتا بەزى ياشلىرىمىز تۇرمۇش سەۋەبىدىن ئاشخانىلاردا  رېستۇران لاردا  قاچا يۇيۇپ كۇن كەچۇرۋاتىقانلارمۇ يوق ئەمەس يەنە بەزىلىرى تېخى قۇرلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتىدۇ،،،،،  نىمە ئۇچۇن بىزدەك ئالى مەكتەپنى پۇتۇرگەنلەر ئوقۇغۇچىلار خىزمەت تاپالماي يۇرۇپ قالمىز؟   ھەرقايسى ئىدارە ئورگانلارغا ئادەم ئىشلەتكۇچى ئورۇنلارغا بېرىپ ئۇزمىزنىڭ ئارخىپنى بەرسەك بىزگە قويۇلغان تەلەپلەر بەك يۇقرى،،، بۇنداق تەلەپلەر بىزگىلا بارمۇ ؟ يېزلاردىكى ئالى مەكتەپلەرنى پۇتۇرگەن ياشلىرمىز شۇ بىر قاتار تەلەپلەرنى دەپ ئۇزلىرنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى يوقۇتۇپ يەنە شۇ يېزىغا بىرى مەڭگۇلۇك  بەنتى قىلۋىتىلگەندەك دىھېقان  بوپ ياشاۋاتىدۇ ؟ ئۇلارمۇ ئالى مەكتەپلەردە ئوقۇغانغۇ ؟
  شۇنىڭدەك بىر قاتار سەۋەلەر ئەجىبا بىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى يوقۇلىشىغا سەۋەپ بولماسمۇ ؟
بەلكىم مۇشۇ مۇنبەردىمۇ  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولشى مۇمكىن . ئەي سۇيۇملۇك سىتودىنتلىرىمىز  ئۇزۇڭلارنىڭ ۋە ئۇيغۇرخەلىقىمىز ئۇچۇن سىلەرمۇ ياخىشى ئوقۇڭلار  جەمىيەتىكە چىقىقاندىن كىيىن ياراملىق بىر ئادەم بولۇڭلار!~!
ئەگەر كۇچۇڭلار يەتىسە ھەرقايسى يۇرتىكى ئالى مەكتەپنى پۇتۇرۇپ خىزمەت كۇتۇپ ئولتۇرماي  ئۇز ئالدىڭلارغا ئىگىلىك تىكلەڭلار!~! بىزنىڭ تالانتىلىق ئۇيغۇر كارخانچىلىرمىزدەك  ئگىلىك تىكىلەپ بىزدەپ ئامالسىز قالغان  ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرنى خىزمەتكە ئېلىپ  بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا كۇچ چىقارساق دىگەن ئۇمۇتىمەن ،،
بىلىمەن بىز ھەرقايسى كەسىپلەردە ئوقۇغان  كەسىپلىىرىمىز ئوخىشىمايدۇ، ئەمما بىزنىڭ كەسپلىرىمىز ئوخىشىمىغان بىلەن بىزنىڭ كەلگۇسى نىمشانىمىز ئوخىشاش،،،

ئەگەر مېنىڭ بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلدىغانلار بولسا ھەمىمىز بىرلىكتە كۇچ چىقىرىپ ئىگىلىك تىكلىسەك!~!`


مەنبە ؛ ئۇزۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Qabiljan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 12:25 PM  


1.jpg
مەيلى سىز قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراڭ,,  سىز باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن  بۇرۇن ئۇزىڭىزدىن سوراڭ ,چۇنكى باشق

تاماكا چەكمەڭ

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 424
يازما سانى: 2264
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15022
تۆھپە نۇمۇرى: 412
توردا: 5851 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:05:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ قايسى كەسىپتە ئوقۇغىنىڭىزدىن پەقەتلا خەۋىرىم يوق، ئەمما خىزمەت تاپالماسلىقىڭىزنىڭ سەۋەبى پۈتۈنلەي جەمىيەتتىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ، يۇقىرىدىكى تىمىڭىزغا قارىغان ئادەم سىزنى  ئالى مەكتەپتە 5 يىل قايسى كەسپنى ئۈگەنگەندۇ دەپ سۇرىغىسى كېلىدىكەن ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   elijan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 12:06 PM  


كۈمۈڭلار مېنى ئەجەل تۇمانى تولسا قارچۇققا
ئەجدادىم ئارماندا كەتكەن قەدىم شەھەر بارچۇققا
نە ھاجەت كۆز قىيالماي غەم شارابىن ئوتلىماق
روھىم كېزەر ئەرشتە جىسمىم كىرس

بۇ جاھان ئۆتنە جاھان

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25046
يازما سانى: 260
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8236
تۆھپە نۇمۇرى: 549
توردا: 4400 سائەت
تىزىم: 2011-1-5
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:09:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلارغا ئامال يوق،مەن دۇچ كەلگەن،

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kaLGundi + 500 دوللار

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

خۇشال ياشاش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82465
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:12:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنۋىرىستىتىنىڭ چارۋا مال دوخىتۇرلۇق كەسپىدە ئوقغان ،، مەن ئۇزۇمنىڭ ئوقىغان كەسپىنىلا قىلىمەن دىمىدىم،  قانداق ئىمتاھان بولسا قاتىنىشىمەن ،
ئەمما مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش  تۇزمىدە ھەمىسى دىگۇدەك چەكلىمە با،،، سىز مۇ بىلسىز ھازىر بۇكەسىپ ئىنتايىن ياخىشى ئەمما ئامال يوق ، كەسپىمىزنى قىلىمىز دىسەك تېخىمۇ ئۇزۇن خىزىمەت كۇتشىمىزگە توغىرا كېلىدۇ،، بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NADIRA1124 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 12:13 PM  


مەيلى سىز قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراڭ,,  سىز باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن  بۇرۇن ئۇزىڭىزدىن سوراڭ ,چۇنكى باشق

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11213
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2337 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:17:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  ئادەمنىڭ تېمىسىدا ئىملا خاتالىقىنىڭ بۇنچە كۆپ كۆرۈلۈشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ . سىڭلىم سىزگە ئامەت تىلەيمەن ~ ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئوڭ قىلسۇن ~

جەلىپكار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82465
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3653
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 30 سائەت
تىزىم: 2012-7-4
ئاخىرقى: 2012-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:20:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
jalipkar! يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 12:17 PM
ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  ئادەمنىڭ تېمىسىدا ئىملا خ ...


كەچۇرۇڭ ھەمىلا ئادەمنىڭ يۇز پىرسەنت بولۇپ كېتىشى ناتايىن ، مەن خەنزۇچە ئوقىغاچىقا كۇپ يەرلەردە ئىملا خاتالىقى كۇرۇلگەن بولشى مۇمكىن،، ھەم ئۇلارنى كۇرۇپ سەل ئاچىغىم كەپ قالدى،، توغرا چۇشنىڭ،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   NADIRA1124 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-22 12:21 PM  


مەيلى سىز قانداق ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچىراڭ,,  سىز باشقىلاردىن ياردەم سوراشتىن  بۇرۇن ئۇزىڭىزدىن سوراڭ ,چۇنكى باشق

ھەي~~كۆزۈمدىن يا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20877
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6224
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 118 سائەت
تىزىم: 2010-12-5
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:38:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھۈنەر ئۆگەنسەم ئاچ قالمايمەن دەپ ئاشپەزلىكنى ئۆگەنگەن،5يىلدىن كىيىن ئۇقۇشقا قانمىدىم  دەپ ئويلاپ چەيدونى تاشلاپ تۆت يىل مالدوختۇرلۇقنى ئۆگۈنۈپتىمەن.ئالە شەھىرىڭنى~ ئەتراپىمدىكى نەچچە مىڭ كوي مۇئاش،ئەمەلىيەتتە 500كوي ئېلىپ تۆت يىل تۇرمۇش كەچۈرگەن دوستلىرىمنى كۆرۈپ يەنىلا قازان -قۇمۇچ ياخشىكەنتۇق دەپ ئويلاپ قالدىم.
ئوقۇپ،قول سېلىپ ئىشلىگەنگە چۇشلۇق كەسىپتىنمۇ ئازراق خەۋەردار بوپتىمەن~ئارمىنىم يوق~
ئۆز ئەمەلىيىتىمىزگە چۇشلۇق ئىش قىلساق خىزمەت دىگەن ئەتراپىمىزدا جىق~
ئەي ..قازان-قۇمۇچ  چەيدولار

ھەي~~كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزغىچى  پىياز ~

ئاللاغا تاپشۇردۇم!

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6549
يازما سانى: 598
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11213
تۆھپە نۇمۇرى: 461
توردا: 2337 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-10-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:48:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
NADIRA1124 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 12:20 PM
كەچۇرۇڭ ھەمىلا ئادەمنىڭ يۇز پىرسەنت بولۇپ كېتىشى نات ...

بۇنداق بولسا تېخىمۇ تىرىشىڭ ~! تىرىشچانلىقىڭىزلا بولىدىكەن چوقۇم نەتىجە قازىنالايسىز ! سىزگە ئامەت تىلەيمەن !

جەلىپكار!

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 738
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7490
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2221 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-10-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:55:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاندىنقى قېتىم بۇ توغرىلىق ئۇچۇر تارقالغاندا، مەن ھامان مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ئىدىم، چۈنكى، چەكلىمىلەر يىلدىن يىلغا كۆپىيىدۇ.

بىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەردە ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا ئېرىشىشنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىكى ئەڭ ئالى، ئەڭ ئاخىرقى غايە قىلىۋىلىش ئېڭى كۈچلۈك. شۇڭا، ھۆكۈمەتنىڭ دەپتىرىگە ئۆتۈشتىن باشقىنى ئويلاشمايمىز. دەرۋەقە، شۇنداق مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشكىنىمىز ياخشى، ئەمما، چەكلىمىلەر بۇنچىۋالا كۆپ تۇرسا، يەنە باشقا يول تاپالمامدۇق؟
مېنىڭ ئوقۇغان كەسپىم مەمۇرىي باشقۇرۇش. مەنمۇ مەمۇرىيلىق ئىمتىھانىغا 5 قېتىم قاتناشقان، ماتىماتىكا بىلمەسلىك( ئادەتتىكى ماتىماتىكىلىق ھىسابلاشلارنىمۇ تەستە ئىشلەيمەن) ۋە ئۆزۈمنىڭ كالۋالىقىدىن ھەممىسىدە ئۆتەلمەي، ئۆيدىكىلەردىن تىل دىگەننى راسا ئاڭلىغان. بېشىمنى كۆتۈرەلمەس ھالەتكە كېلىپ قالغان. شۇ مەزگىلدە مەن شىركەتتىن خىزمەت تېپىپ بولغان، ئەمما ئۆيدىكىلەرنىڭ بىر ئاۋاز بىلەن ئىنكار قىلشىى، كۈچلۈك تەلىپى ئاستىدا، ئوقۇتقۇچىلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىپ، يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولدۇم. شۇ مەزگىلدىمۇ 2 قېتىم ئىمتىھان بېرىپ ئۆتەلمىگەن، ئاخىرى ۋاز كېچىپ، ئوقۇتقۇچىلىقىمنى قىلىۋەردىم. مەكتەپتە، پالانى ئىشنى كىم قىلالايدۇ؟ دېسە، ئىككىلەنمەي« قىلالايمەن» دەپ قولۇمغا ئالدىم. (مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلەن ئەمەلىيەت تۈپتىن ئوخشىمايدۇ) بىلمىگەنلىرىمنى خىجىل بولماي سورىدىم، تەجرىبە توپلىدىم. نەتىجىدە، مەكتەپتە 1 كۈن رۇخسەت سوراپ، ئەتىسى مەكتەپكە بارسام، بەزى مۇھىم ئىشلار دۆلىشىپ، مېنىڭ قىلىشىمنى ساقلاپ تۇرۇدىغان ھالەت شەكىللەندى. ئاللاھ ئاسانلىق بېرىپ، مائارىپ ئىدارىسىغا كېلىپ قالدىم. ھازىر ئىدارىدا مەن بىر كۈن بولمىسام، %30 ئىش ئاقمايدىغان ھالەت شەكىللەندى(مۇقىملىق، بىخەتەرلىك خىزمىتى ئىنتايىن كۆپ، ھەر كۈنى ئاز دىگەندە 1 ھۆججەت كېلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىدارىدا پەقەت مەنلا بۇ خىزمەتنى ئىشلەيمەن)، باشقىلار تەتىل مەزگىلدە نۆۋەتلىشىپ ئارام ئالدى، لېكىن مەن داۋاملىق ئىدارىدا، مېنىڭلا تېلفۇنۇم 24 سائەت ئوچۇق تۇرۇشى شەرت.
بىز تاللاش يوللىرىمىزنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ. ئۈگەنگەن كەسپىمىزنى قىلالماي باشقا كەسىپ بىلەن شۇغۇللانساق قەتئىي بوشاشماي، بۇرۇن ئۈگەنگەنلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەي، تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ھەر جەھەتتىكى سەۋىيەرىمىزنى ئۆستۈرسەكلا، ئىشىنىمەنكى، چوقۇم بىر نەتىجە چىقىدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bandit520 + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6555
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8529
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2012-10-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 01:16:49 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەمورلۇق ئىنتاھاندىن ئۈتۈش بىردىن بىر چىقىش يۇلى ئەمەس ئۆزىڭىز كۆزىڭىز يەتسە باشقا ئىش قىلسىڭىزمۇ بۇلىدۇ چۈنكى بىسىم بولغاندا تىرىشچانلىق بۇلىدۇ سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش