مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5333|ئىنكاس: 67

ھېيتلىق داستىخىنىڭىزغا ھالال يىمەكلىك تىزدىڭىزمۇ ياكى ..... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15939
يازما سانى: 952
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11712
تۆھپە نۇمۇرى: 606
توردا: 8260 سائەت
تىزىم: 2010-11-1
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 12:34:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   قەدىرلىك تورداشلار ، ھېيت بۇلۇشتىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن ھەممىمىز ھېيتلىق كېرەكلىك نەرسىلەرنى ھەم داستىخانغا تىزىدىغان يىمەكلىكلەرنى بازاردىن سېتىۋالىمىز . ئويلاپ بېقىڭ ، ھېيتتا داستىخىنىڭىزغا قانداق يىمەكلىكلەرنى تىزدىڭىز ؟ شۇبھىلىك يىمەكلىكلەر بارمۇ يوق ؟ مۇشۇ توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ مەن بازارغا چىقىپ بۇرۇنقى ئادىتىم بۇيىچە ئۇيغۇرلار سالغان ساڭزا ، تاتلىق تۈرۈم ، بادام ، ياڭاق ، پىستە ، ئۆرۈك مېغىزى قاتارلىق قۇرۇق مىۋىلەرنى سېتىۋالدىم . چىلان ، قۇرۇق ئۈزۈملەرنى سېتىۋالاي دىسەم يېڭىدىن چىقىۋاتقانلىرى بولغاچقا ھۆل مىۋىلەر قاتارىدا سېتىۋالاي دەپ ئويلىدىم . كەمپىت سېتىۋالاي دىسەم ئاساسەن شۈبھىلىك . مىللى كارخانىلىرىمىز ئىشلىگەن شاكىلاتلىق كەمپىتلەر يۇرتىمىزنىڭ ئىسسىقىدا ئىرىپ كىتىۋاتقان بولغاچقا ئالمىدىم ھەم بازاردىمۇ يوقكەن . بەك ئىككىلىنىپ تۇرۇپ ئاران يۇقارقىلارنى ئالدىم .
    يېقىندىن بۇيان توردا بۇلۇۋاتقان مۇنازىرە ھەم تىمىلاردىن ئەتراپىمىزدىكى يىمەك ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبى ، ياسىلىشى توغرىسىدىكى تىمىلارنى ئوقۇپ بەك ئىھتىيات قىلىدىغان بۇلۇپ قالدىم . ھەم بۇ قارىشىم ئارقىلىق ئەتراپىمدىكىلەرگە تەسىر كۆرسەتكەنمۇ بولدۇم . شۇنداقتىمۇ بازارلاردىكى ئۇيغۇرچە خەت يېزىقلىق ھەرخىل چىرايلىق ئورالغان كەمپىتلەرنى كىشىلەرنىڭ تالىشىپ تۇرۇپ سېتىۋېلىشلىرىنى كۆرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى .  نىمىشقا ئۇيغۇرچە خەتلىك ، ئىچكىرىدە ياسالغان يىمەكلىكلەر ئەتراپىمىزدا ئاۋۇپ كىتىۋاتىدۇ ؟ ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى ئالداپ نىمە ئىش قىلىمىز ؟
   ھەر قېتىم بالىلىرىمنى يىتىلەپ بازارغا چىقسام بالىلىرىمنى ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن توساپ بەك چارچاپ كىتىمەن . ئامال بار ئۈلكەرنىڭ ھەم شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە ياسىلىۋاتقان ئۇيغۇر شىركەتلىرىنىڭ تەييار يىمەكلىكلىرىنى ئېلىپ بېرىمەن . شۇنداقتىمۇ بالىلىرىم مەن يوق چاغلاردا شۇبھىلىك يىمەكلىكلەرنى بىلىپ بىلمەي يەۋىلىۋاتىدۇ .
   دوست يارەنلەر ئۆز ئارا ھېيتلاشتۇق . قارىسام داستىخانغا تىزىلغان يىمەكلىكلەرنىڭ يېرىمى دىگۈدەك شۈبھىلىك . خەقنىڭ ئۈيىگە مىھمان بۇلۇپ كىرىپ يا ئۇلارغا بۇ توغرىلىق نەسىھەت قىلغىلى بولمىغان ، بەك ئىچىم سىقىلدى .
   گەپ قىلساق گەپ جىق دوستلار ، مۇشۇ يىمەك ئىچمەكلەرنىڭ تەركىبى توغرىلىق خېلى جىق چۈشەنچىلەرگە ئىگە بۇلۇۋاتىمىز . مىسرانىمدا 110 نەچچە مىڭ ئەزا بار . ھەممىمىز ئەتراپىمىزدىكى 5، 10 ئادەمگە تەسىر قىلالىساق 550 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم دىققەت قىلىدىغان بۇلىدۇ دىگەن گەپ . قېنى دوستلار ، ھېيت باھانىسىدا ئازراق سۆزلەپ قويدۇم . قېنى سىلەرمۇ ھېيتتا كۆرگەن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى دەپ باقارسىلەر !

مەنبە : ئۆزەم  

nap~rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 03:41:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3902
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 08:20:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ‹‹    ھېيتلىق داستىخىنىم   شۈبھىدىن  خالى   ››   دەپ  كېسىپ ئېيتالايمەن  .  ھېيت تەييارلىقىلا  ئەمەس  ھەر  قانداق ۋاقىتتا  دىققەت  قىلىش كېرەك   .   
بۇ  ھېيتتا  كۆپلىگەن  ئۆيلەرگە  باردىم   ، داستىخانلارغا   تۈرلۈك  - تۈرلۈك   يىمەكلىكلەر  تىزىلغان بولۇپ  ، كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايدۇ   .  قىسمەن  ئۆيلەردە  خەنزۇلار ياسىغان  ئەرزان  ھەم قىممەت باھالىق  كەمپۈتلەر  بولغاندىن  باشقا  قالغان  ، يىمەكلىكلەر  دىيارىمىزنىڭ ھەم  ئۈلكەرنىڭ  مەھسۇلاتلىرى   .

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3170
يازما سانى: 2235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 31295
تۆھپە نۇمۇرى: 2856
توردا: 4227 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 08:35:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆيدە تەييارلانسا شۈبھىدىن خالى بولغىلى بولىدۇ....

پۇرسەت تەييەرلىقى بار  كىشىلەرگىلا كېلىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49637
يازما سانى: 238
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3785
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 265 سائەت
تىزىم: 2011-7-29
ئاخىرقى: 2014-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 09:46:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋاملىق دىققەت قىلىش كىرەك ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50682
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3411
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 660 سائەت
تىزىم: 2011-8-6
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 09:47:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
راس دەيسىز!قانداق قىلغۇلۇق ،دىسەتىخى ھىچ ئاڭلىمايدۇ،تاتلىق كەن دەيدۇ تىخى!....يەنە يەۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 1185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5131
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1081 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2014-8-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:37:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap~rat يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 03:41 AM
يامانبى مۇرەككەپ تېمىكەن بۇ ؟؟؟؟

تېما ئىگىسى ئىمز ...

ئىشپىيون !

ۋاي-يۈرۈگۈم.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82117
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 10:47:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خوتەنگە كەلسىڭىز ھەيران قالاتتىڭىز...........
نامەلۇم بىر جايلاردا ئىشلەنگەن،خەنزۇلارنىڭ ئەرزان باھالىق كەمپۈت،پىچىنە،ۋە ھەرخىل يىمەكلىكلەرنى بەس-بەستە تالىشىپ سېتىۋېلىپ بارىدۇ!
شۇ خىلدىلى ماللارنى توپ تارقىتىدىغان خەنزۇ توپچىنىڭ دوكىنى ھېيتقا 20كۈن قالغاندىن باشلاپ،خوتەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى پارچە ساتقۇچى ئۇيغۇرلار بەس بەستە تالىشىپ سېتىۋالىدۇ،ئاندىن ئۇ يىمەكلىكلەرنى يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ،كىلوسىغا بەش يۈەندىن پايدا بىلەن ئۇيغۇرلىرىمىزغا ساتىدۇ!
مەن ھېيتلاپ كىرگەن ئون ئائىلىنىڭ سەككىزىدە شۇ خىل نەرسىلەرنى كۆردۈم!

(مەن تاللا بازىرى ئاچىمەن،شۈبھىلىك نەرسىلەنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ كەسىپتىن ۋاز كەچمەكچى بولىۋاتىمەن،مۇشۇ بىر قانچە كۈندە بىر تەرەپ قىلىۋېتىمەن!)

سۈڭەكتىن ئۆتتى دەردىم، لەختە-لەختە يۈرۈگۈم....

ئاھ!! بۇ كۈنلەمۇ ئۆتۈپ كىتەر......

ۋاي ئىششىڭنى قىلە...

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32958
يازما سانى: 1059
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5644
تۆھپە نۇمۇرى: 191
توردا: 2477 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:08:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
derdim يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 10:47 AM
خوتەنگە كەلسىڭىز ھەيران قالاتتىڭىز...........
نامەلۇم بىر  ...

ئوشۇق  سۆزلىگۈم  يوق ، بىزنىڭ  ئۆيگە  بىر  ھېيتلاپ  كېلىڭە...مەنمۇ  خوتەندە....
سىز  دىگەن  ئەشۇ  نەرسىلەرنى  قانداقراق  ئادەملەر  سېتىۋېلىپ  بارىدىكىن....
يەنە  شۇ  بىچارە  دىخانلىرىمىزدۇ  شۇ.....شۇنداق  نەرسىلەرنى  ساتقان  ھايۋانلار
بېشىنى  يەر  ئىلاھىم....!

ئىشىڭنى قىل.................!

ۋاي-يۈرۈگۈم.....

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82117
يازما سانى: 61
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2013-7-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-22 11:13:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
xatuti يوللىغان ۋاقتى  2012-8-22 11:08 AM
ئوشۇق  سۆزلىگۈم  يوق ، بىزنىڭ  ئۆيگە  بىر  ھېيتلاپ  كېلى ...

رەھمەت،(چوك مەمنۇن بولدۇم !)
ئۆيىمىز يېقىن بولغان بولسا باراتتىمكەن ،مىھمان بولۇپ.
مەن چىرا بازىرىدىن!

سۈڭەكتىن ئۆتتى دەردىم، لەختە-لەختە يۈرۈگۈم....

ئاھ!! بۇ كۈنلەمۇ ئۆتۈپ كىتەر......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش