قاسىم قوشۇق مىسرانىمدا
روللاردا:
قاسىم قوشۇق: تور دۇنياسىدىكى تور ئويۇنىغا مەپتۇن بولغان، مۇنبەرلەردە پاخال ئىنكاسلارنى يېزىپ، تورداشلار ئارىسىغا ئىناقسىزلىق ئورۇقىنى چېچىۋاتقان بىر قىسىم ئەزالارغا ۋەكىل قىلىنغان.
چوڭ ئۇستاز ۋە شاگىرىت: مۇنبەرلەردە ئېسىل تېما ۋە ئىنكاسلارنى يېزىپ، قاسىم قوشۇققا ئوخشاش تورداشلارنى مۇنبەرگە كىرىشكە، باشقىلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى بېيىتىشقا كۈچ چىقىرىشقا دەۋەت قىلغۇچى كىشىگە ۋەكىل قىلىنغان.
دەردىم بارەي دەردىم بار،
سايراۋاتقان بۇلبۇلدەك .
دەۋالسام چىقار ھاردۇق،
ئەركىن چاپقان دۇلدۇلدەك.
ئۇھ!......
كۆردىڭىزمۇ مۇنبەرداش،
ئەپچىلەم دەپ بالىنى .
باشلاپ كەلگەن مۇنبەرگە،
قاسىم قۇشۇق ئاكىنى .
مۇنبەرگە قەدەم باسماي،
ئويۇن ئويناپ يۈرۈپتۇ.
تورداشلار ئارىسىدا،
ئىناقسىزلىق تېرىپتۇ.
ئەسسالام دەپ سالام قىلسام،
مۇنبەر ئەھلى ئولتۇرار.
خۇش كېلىپسىز تورداش دەپ،
قۇچىقىنى كەڭ ئاچار .
.
مەن كۆرۈپ خوشال سىنى،
خوش قىلغانتىڭغۇ مېنى .
ئاڭلىسام سەت گەپ قىپسەن،
بەرگەن شۇ ۋەدەڭ قېنى؟ .
ئوينايلى ، كۆلەيلى، بىلەيلى دوستلار،
مىسرانىمدا بىللە يايراپ كۈلەيلى دوستلار.
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە راسا چاڭ سېلىپ،
تاماششانىڭ پەيزىنى سۈرەيلى دوستلار .
تاشلا ئەمدى ئويۇننى، ۋاي باللا ۋاي باللا،
مۇنبەر ئىكەن بەك ئاۋات، ۋاي باللا ۋاي باللا.
مۇنبەرگە كىرگىن دائىم، ۋاي باللا، ۋاي باللا.
ئاغزىمغا سالاي ناۋات. ۋاي باللا ۋاي باللا.
.
كىرمەسلىككە ئىمكان قالمىدى يار ،
چىللىمىغان مېھمان قالمىدى يار .
كىرمىگەن شۇ مۇنبەر قالمىدى يار،
يۈرەكلەردە ئىلھام قالمىدى يار.
مۇنبەرگە مېھمان كەپتۇ، كۈلدۈرگە چولپان كەپتۇ،
ئەپچىلەم قوشاق بىلەن، ئۇنى قاتتىق يۆلەپتۇ .
ۋاقىت دېگەن غەنىمەت، كۈلكە بولسۇن سىزگە يار،
ئويۇن ئويناپ ئاقىۋەت بوپ قالمايلى ھەرگىز خار.
بۈگۈن يەنە ئويۇندا ئۇتارمەن دەپتىمەن،
بىكار ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ پوقنى يەپتىمەن.
يا دەرىجە ئالالماي ئارماندا قېلىپ ،
ھەسرەت بىلەن ئاھ ئورۇپ يىغلاپ ساپتىمەن .
بىرەر تېما يازمىسام ئۇ ھىچ گەپ ئەمەس،
ئىنكاس يېزىپ يۈرەييا ھەردەم دەپتىمەن.
پاخال تېما، ئىنكاس يېزىپ مۇشۇ مۇنبەردە،
نۇرغۇن تورداشلىرىمدىن دەككە يەپتىمەن.
تېمىلار يازسام ئۆزەمنىڭ قولى،
يازمىلار كۆرسەم ئۆزەمنىڭ كۆزى.
ئىنكاسلار يازسام ئۆزەمنىڭ يولى،
باشقۇرۇش سېنىڭ ھەققىڭ ئەمەس.
يازمىلىرىڭنى كۆرىۋاتىدۇ،
چوڭقۇر خىياللار سۈرىۋاتىدۇ.
ساڭا باھالار بېرىۋاتىدۇ.
تۇيغۇلۇرۇڭنى سېزىۋاتىدۇ .
چۇنكى مۇنبەر سېنىڭلا ئەمەس .
قاملىشامدۇ مۇنبەردە باللا،
ئەزا تۇرۇپ ئىنكاس يازمىسا،
ئىنكاسىمنى چۈشەنسەڭ ئەگەر،
زەردە قىلماي ئۆتە ماياققا .
مانا كىردىم مۇنبەرگە.
ئېسىل تېما يوللايمەن.
پاخال قىلساڭ تېمامنى
چوڭ كوچىدا توۋلايمەن.
قېنى، قېنى شۇ باشقۇرغۇچىلار ،
قېنى، قېنى مۇنبەر ئەزاسى.
جىم تۇرغىنى چوڭچىلىقمۇ يا؟،
گەپ قىلمايدا ھەتتا بىرەسى .
تىزىملىتىپ كىرسەم يانا ،
پارولىڭىز بارمۇ دەيدۇ .
ئىسىم نېمە؟ ياكى سىزگە،
قاسىم قۇشۇق خاسمۇ دەيدۇ.
ئۇنى ئەزا قىلغان بىر كۈن قاتىراپ،
قاسىمكام دەپ ئىسىم يازدىم بىر قاراپ.
نەسىھەت قىپ ئاغزىم تالدى ۋارقىراپ،
ئۇنى باشلاپ كىرگەن گۇناھ ئۆزەمدە.
ياخشى تېما يازغاندا تورداش،
ئاغزىڭغا تەگمەي ماختىغان تورداش.
ۋاي تورداش، مىننەتچى تورداش.
ۋاي تورداش، ئۇنتۇغاق تورداش.
ئاپپاق تورداش، ئاپپاق تورداش،
مۇنبەرگە كىرگىن.
يېزىپ سەنمۇ ياخشى تېما،
بەتنى بىزىگىن .
ھەي! دوستلار،
بەتنى بىزىگىن.
مۇنبەر، مۇنبەر،
شاتلىغىم مۇنبەر.
مەۋھۇم جاھاندا،
تاتلىغىم مۇنبەر.
تېما دەيسەن، ئىنكاس دەيسەن،
ئېسىل تېما يوق.
زورلىمىغىن ئىنكاسلارغا،
مەندە ئىلھام يوق.
مۇنبەرداش دەپ ئويلامسەن،
دوستۇم ئۆزۈڭنى.
باشقىلارغا سانجىمسەن،
نەشتەر سۆزۈڭنى .
ياۋاشلارنى تىللايسەن،
يامانلارغا جىم.
شۇڭا سەندىن ئۇزمەيمەن،
تىكىپ كۆزۈمنى.
ۋاي ....ۋاي....
بىچارە دوستۇم.
كىرىپ قاپتۇ قاسىم چۈشۈمگە،
ئەمدى ياخشى ئىنكاس يازغۇدەك.
يەنە پاخال قىلسام مۇنبەرنى،
تەنقىدلىسەڭ زاى دىگۈدەك دېگۈدەك .
ساختىلىق يوق، گېپىمدە ئەمدى،
مەنمۇ ئادەم راست، گەپ يىگۈدەك.
تەبىر بېرەي چۈشۈڭگە تورداش،
ئۇمۇ ئەمدى ئادەم بولغۇدەك.
سەل قارىساڭ ئەھۋال خەتەرلىك.
ھايال قالماي يولغا سالغۇدەك .
كىرىپ تۇرغىن مۇنبەرگە دائىم ،
ياخشى جاي بۇ ئارام بەرگۈدەك.
مىليۇن كىشى دېيىشىپ ئالغا،
ناخشا، مۇقام قېتىپ يۈرگىدەك.
كىرەلمىسەڭ مۇنبەرگە زادى ،
دوستلار سېنى ئۇنتۇپ قالغۇدەك.
كېيىن كىرسەڭ قايسى ئەزا دەپ ،
نەسەبىڭنى سوراپ يۈرگۈدەك .
بىز كىرگەن بۇ مۇنبەرگە ،
قاشاڭلار كىرەلمەيدۇ .
پاخال ئىنكاس يازمىسا،
دەرىجە ئالالمايدۇ.
مۇنبەرداشنىڭ ئېپى بولسا،
باشلىقلارنىڭ يۆلىمىكى با.
ئەسكىلەرگە چاپلاشقان ،
جازايى بار، توقىمىقى بار .
مۇنبەرنى مەن گويا بىر تۇپراق دېسەم،
سەن ماڭا باقمايلا گۈل تىكەلەمسەن .
گەر ساڭا باقمىسا مۇنبەردە ھىچكىم ،
ئۆزۈڭنى سوراپ جىم ئولتۇرالامسەن.
مەن سېنى مۇنبەرنىڭ ئەزاسى دېسەم،
مۇنبەرگە كىرمىسەڭ شوخ كۈلەلەمسەن .
گەر مۇنبەر بىر كۈنى تاقالدى دېسە ،
قاچانمۇ ئېچىلار ھە...دېيەلەمسەن.
رازى، مەن رازى،
ئەزا بولغانغا رازى .
مۇنبەردە ئورنۇمنى،
تاپىمەن زادى.
ئەگرى_ توقاي تاغ دەريا،
جەنۇپ_ شىمال ئارا.
كۆردۈم نۇرغۇن جايلارنى،
تاپاي دەپ ياخشى مۇنبەرنى.
سورىدىم دوستلىرىمدىن،
دادام ھەم ئاپامدىنمۇ.
ھەتتاكى، سىلەردىنمۇ...
كەزدىم مۇنبەر ئارا،
كۆردۈم مۇنبەر مانا.
ئەزا بولسام دەيسەن،
بەشيۈز يىل يانا .
ۋارقىرايسەن، جارقىرايسەن،
ساراڭمۇسەن يا، توۋلايدىغان.
بىڭسىڭ بولسا گەر تېما يېزىپ باق،
قانداق ئادەمسەن ساقال تارايدىغان.
مۇنبەر دېگەن ئاشۇنداق يەر بۇ،
ھەممە بىرلىكتە گۈللەيدىغان ،
كايىماي بولدى،
ئىسىل ماكان بۇ.
نېمىكىن دېمە ،
مۇشۇ مۇنبەر شۇ.
مۇنبەر دېگەن ئاجايىپ نەرسە،
كۆنۈپ قالىدۇ بىر قېتىم كىرسە.
لېكىن يىگىت-خانىم، كىرىۋەرمەس دائىم،
ئۇنتۇپ قالىدۇ كىرمەي يۈرسە .
بەس، بەس، ئەمدى بولدى بەس،
ئالدىڭدا ھەجەپمۇ بولدۇمغۇ بىر خەس.
بىر بىلەيمۇ مۇنبەرنى ،
مىڭ بىلەيمۇ مۇنبەرنى ،
يۇمۇر يوللاپ مۇنبەرگە
كۈلدۈرەيمۇ مەن سېنى .
سەن گېپىڭنى ئاز قىلىپ،
ياخشى تېما يازمامسەن.
بىڭسىڭ بولسا تېماڭنى ،
مىسرانىمغا قويمامسەن.
مۇنبەرگە كىرگىلى نەچچە ئاي بولدى،
مىسرانىم كۆڭلۈمگە يېقىن تۇيۇلدى.
نەسىھەت قىپ قاسىمغا شۇنچە گەپ قىلسام،
دەككە ئاڭلاپ بۇ كۆڭلۈم ئەجەپ لاي بولدى.
نېمە كارىڭ، نىمە كارىڭ، ئارلاشما....
ئىشەنمىسەڭ نېمە ئامال مېنىڭ گېپىمگە،
كۆرمىسەڭ تېمامنى ئۆزەڭنىڭ ئىشى.
كۈلسەڭلا بولدىغۇ يازغان خېتىمگە .
ۋاي ئاللا، جان باللا ،
گەپ قىلمايمەن بولدىلا.
يازامدۇ، يازمامدۇ ،
گەپ قىلمايلى بولدىلا .
جاھاندا ئاھ! مۇنبەرگە كىرمىگەن كىشىنىڭ،
ئاللا كىشىنىڭ ئاھ! مۇنبەردىشى بولارمۇ.
قەدرىنى بىلمىسە، ئاللا دەردى يامان،
بولۇشقا خوشال يەنە ئاھ! ھالى بولارمۇ .
كىرىمەنمۇ، كىرمەيمەنمۇ مەيلىم ئۆزەمنىڭ،
تېمىلارنى يازىمەنمۇ مەيلىم ئۆزەمنىڭ .
يېڭى ئەزا كونا بولدى،
ئەزالارمۇ يۈزمىڭ بولدى.
مۇنبىرىممۇ مودا بولدى.
مىسرانىممۇ تازا كۈلدى.
مەن كىردىم،
ۋاي، ۋاي مانا مەن .
قاسىمكام جېنىدا مۇنبەرنى،
قوشاق قېتىپ، شوخ-شوخ كۈيلىمەيدۇ يەي.
بىز نىمىشقا كۈيلەيمىز،
ياخشى بولغاچ كۈيلەيمىز،
ئەگەر ئەزا بولمىساق ،
مىسرانىمنى بىلمەيمىز .
ھەممە دوستلار جەم بولۇپ،
شوخ دەمدەردەك ئۈنلەيمىز.
يۈز مىڭ ئەزا كۆرمىسە مەيلى،
بەشيۈز ئەزا چۇقۇم كۆر باللا.
زورلاپ ئىنكاس يېزىڭلار دېسەم،
تىللىشىڭدىن قورقۇپ كېتىمەن.
ھازىر ئىنكاس يازمىساڭ مەيلى،
ۋاقتىڭ بولسا چۇقۇم ياز باللا .
شىرىن جاۋاپ، شىرىن سۆز،
بېرەلمەيمەن رەنجىمە.
ھەممە گېپىم ھەقىقى،
راستنى دەيمەن رەنجىمە.
تېمام ساڭا ياقمىسا،
تىللىمىغىن، رەنجىمە.
ئالدىما مېنى
ئالدىما مېنى...
گوللىما سېنى
گوللىماي سېنى..
ئاڭلىسام مۇنبەردىكى بالا،
يۈرىدىكەن بـەك خوشال.
تورداشلارنى رەنجىتىپ ،
بولۇپ قالدىڭ بەك ئوسال.
قانداق جىم تۇرالىسۇن،
باسماي سېنى غەم خىيال.
تۇتماي سېنى غەم خىيال.
ئەسلى كىرمەي دېگەنتىم،
ئەمدى كىرمەي بولمىدى.
راست گەپ قىلسام مۇنبەردە،
دىلىم شادقا تولمىدى.
كىرىپ بۇگۇن مۇنبەرگە،
ئۇقۇدۇم مەن تېمىنى،
بولۇپ قالدىم مانا مەن ،
مۇنبىرىمنىڭ مېھمىنى.
ياۋپانا، قوشاق يازسام،
ھەممە كىشى ئوقۇدى.
ئىنكاس بىلەن تېمامنى،
خېلى ئوبدان چۇقۇدى.
تېمىلارنى كۆچۈرۈپ،
يوللىدىم مەن مۇنبەرگە،
بىلىپ قېلىپ ئاپتورى،
راسا ئۇردى دۈمبەمگە.
چۈشۈمدە كۆردۈم، ئوڭۇمدا كىردىم،
كۆرۈپ باقاي دەپ بۇ مۇنبەرنى،
شۇ مۇنبەرنى تېز بىلگەن بولسام.،
كەملىتەتتىم بارغان يەرلەرنى .
مېھرىبان مۇنبەر گويا،
ماڭا ئىللىق ئائىلە.
كىرمەيدىغان ئىنسان يوق،
بۇنداق ئېسىل مۇنبەرگە.
قانداق قىلىمەن،
سۆزلەپ ساپتىمەن .
كەچۈرۈڭلار مېنى،
قايناپ قاپتىمەن .
مۇنبەر دېگەن ئېسىل ماكان، باشقا يەرنى تاشلاپ قوي.
مۇنبىرىمگە خوشاللىقنى مەيۈسلەنمەي باشلاپ قوي.
بىلسەڭ مۇنبەر ناچار ئەمەس، ئانچە مۇنچە يوقلاپ قوي.
ئىلھامىم يوق، بولسا ئازراق بۇ مېڭەمگە باشلاپ قوي .
ئۆزەڭ كىرىپ ئەزا بولغان مىسرانىمنى سېغىندىڭ.
مۇنبەردىن زور ئۈمۈدۈم شۇ،
خوشال ياشايلى بىز دائىم.
ئۇنىڭ ئەكسىچە قايغۇغا،
جۆر بولمايلى بىز دائىم.
قىزىقتۇق مۇشۇ مۇنبەرگە،
كۈيلەشتە قالمىدى ھالىم.
كۈيلەيدۇ بۇ مۇنبىرىمنى،
نەۋقىران ياكى ئايىم.
يېزىپلا بىر تېمىنى،
ئۆزەڭنى داڭلىما دائىم.
ۋاي قېرىنداشلار،
ئويۇننى تاشلاڭلا.
ئۇيغۇر مۇنبىرى سىزگە،
كەڭ قۇچاق ئاچار.
قەدەم ئۇچۇق مۇنبەرئۇچۇق،
مۇنبەرداشلارنىڭ كۆڭلى شۇنچىلىك يۇرۇق.
ئىنكاس يازالماي بولمىغىن خاپا،
بار ھەر تېمىدا مەنىۋى ئۇزۇق.
ئىلىم-ئېرپانىڭ مىسالى كانى،
كىرمەسلىككە ھەم يوق سەندە ھوقۇق.
ۋاي مۇنبەرداشلار،
مۇنبەرگە كىرىڭلار.
مىسرانىم سىزگە،
كەڭ قۇچاق ئاچار.
سەرخىل تېمىدىن،
دەستە تىزىڭلار!
سەرخىل تېمىدىن،
دەستە تىزىڭلار!
****
ئەسلى بۇرۇنمۇ مۇشۇ شېئىرنى يېزىپ باققان بىراق ئانچە مۇكەممەل بولمىغاچقا يەنە قايتىدىن تەپسىلىي يېزىپ چىقتىم، بەھىرلەنگەيسىلەر، بەزى بىر قايتۇرما سۆزلەرنى يېزىش ئەپسىز بولدى، قاپىيە جەھەتتىمۇ سەل يىتەرسىزلىك بولسىمۇ توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
ئىتوت مەزمۇنىغا ئاساسەن تاللانغان رەڭلەر
قاسىم قوشۇق سۆزى: قارا رەڭ
شاگىرىت سۆزى: قىزىل رەڭ
چوڭ ئۇستاز سۆزى: كۆك رەڭ
كۆپچىلىك سۆزى: قوڭۇر رەڭ
مەنبەسى: ئەپچىلەم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-24 02:15 AM