مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4778|ئىنكاس: 121

سىزگە كىرىكى شۇمىدى ؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 07:41:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
_ ھايامدىن بوگان _ ئىككى يېرىم ياشلىق قىزىمنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بۇگەپ بىلەن قولىڭىز مىنى ئۇرۇشتىن توختىدى ، قىزىمغا شۇنداق بىر ئالىيىۋەتتىڭىز-دە سىرتقا چىقىپ كەتتىڭىز.
چىقىپ كېتىشىڭىزگە ئىككىلا بالام ماڭا ئېسىلىپ يىغلاپ كەتتى .
يىغلاۋاتىمەن ، يىغلىشىم سىزنىڭ ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنىدىلا نامازغا بالدۇر ئويغاتقانلىقىم سەۋەبلىك مىنى قاتتىق ئۇرىشىڭىز ، ۋە ياكى ئېغىزىڭىزدىن چىققان ئاشۇ تىلغا ئالغۇسىز تىللىرىڭىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى ئاشۇ كىچىك قىزىمنىڭ سىزنى، ئۆز دادىسىنى سىز مىنى تىللىغان ئاشۇ سەت ئاتالغۇ بىلەن تىللىشى ئىدى .
مەن سىز بىلەن مۇشۇنداق تىل - تاياقلىرىڭىز ئاستىدا چىشىمنى چىشلەپ ئۈچ يىل بىللە ئۆتىشىم ئاشۇ نارەسىدە قىزىم ئۈچۈن ئىدى . ئاشۇ قىزىمنى قانداق قىلىپ بولمىسۇن ياخشى تەربىيەلەش ئۈچۈن دادا مىھرىگە تەشنا بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ تىللىسىڭىزمۇ ،ئۇرسىڭىزمۇ چىداپ كەلگەنىدىم لىكىن بۈگۈن ...
بىز توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولدى ، نىكاھىمىز ئوقۇلىۋاتقان شۇ ۋاقىتتا ئۆز - ئۆزۈمگە ئاياللىق بۇرچۇمنى ياخشى ئادا قىلىشقا ۋەدە بەرگەنىدىم ، ۋەدەمدە تۇرۇش ئۈچۈن تېرىشتىم ، توختىماي تېرىشتىم . سىز ياقتۇرمايدىغان ئىشلارنى ئامالنىڭ بارىچە قىلمىدىم ، ئانامنىڭ ئۆيىگىمۇ بىرىشقا رۇخسەت قىلمىسىڭىز بارمىدىم ، ھەتتا ئاي - ئايلاپ ئۆيدىن سىرتقا چىقماي ، ئۆيدىكىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم- يۇ ،لىكىن سىزنىڭ مەندىن كىچىككىنە رازى بولغىنىڭىزنى ھېس قىلالمىدىم .
توي قىلىپ بىر ئاي بولغاندا ئېغىر بوي بولغانلىقىمنى بىلگىنىمدە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ، چۈنكى سىز بىلەن بىللە ياشىغان بۇ بىر ئاي جەريانىدا سىزنىڭ بەزى مىجەزىڭىزنى چۈشىنىپ سىز بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتۈشكە كۆزۈم يەتمىگەن ئېدى ، چۈنكى سىز بەكمۇ شەخسىيەتچى ، مەنمەنچى ئىدىڭىز . ئۆزىڭىزدىن باشقىلارنى ھەتتا ئۆز ئاتا - ئانىڭىزنىمۇ  ھەرگىز ياراتمايتىڭىز .
لىكىن مەن يەنىلا بۇ بالىنى تۇغۇشنى ئويلىدىم ، بىر ئانا تۇرۇپ ئۆز بالامنى ئۆلتۈرۈشكە(ئالدۇرىۋىتىشكە) پەقەتلا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى . شۇنداق قىلىپ بۇ بالا سەۋەبلىك ئائىلىمىز ساقلىنىپ قالدى . سىزنىڭ "كىمنىڭ بالىسى بۇ ؟ توي قىلغىلى ئۇزۇن بولمىغان تۇرسا " دىگەندەك گەپلىرىڭىزگىمۇ چىداپ ساق - سالامەت يەڭگىۋالدىم ،ماڭا ئاشۇ ھاقارەتلىك سۆزلەرنى قىلغىنىڭىزغا ، قىزىمىز قۇيۇپ قويغاندەك سىزگىلا ئوخشايتتى .
كۈنلىرىمىز بالىمىزنى بېقىش بىلەن ئۆتتى ، 3 ئايدىن كىيىن ئاللا بىزگە يەنە بىر پەرزەنت ئاتا قىلدى . سىزنىڭ ماڭا قىلىدىغان ئۇۋالچىلىقلىرىڭىزمۇ شۇنىڭ بىلەن ئېشىپ باردى .
تۇغۇلغىنىغا ئەمدى ئۈچ ئاي بولغان قىزىمنى سۈتتىن ئايرىش، مىنىڭ سىزىكلىك مەزگىلىم بىللە كەلدى . سىز ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ ، ئۆزىڭىزنىڭ تېخىمۇ يامان مىجەزىڭىزنى ئاشكارىلىدىڭىز. يوقىلاڭ سەۋەبلەر بىلەن مىنى ئۇراتتىڭىز ، قورسىقىمدىكى بالىڭىز خىيالىڭىزغا كىرىپ چىقمايتتى ، كەچلىرى يېرىم كىچىنى قىلماي ئۆيگە كىرمەيتتىكىز ، ئۆيگە كىرسىڭىزلا يەنە شۇ ئۇرۇش ... سىز ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندىلا ئۇف... دەپ تىنىۋالاتتىم ، سىزدىن شۇ دەرىجىدە قورققانىدىم ، ئاللادىن بۇ بالامنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچماسلىقىنى تىلەپ ئۈنسىز ياش تۆكەتتىم . چۈنكى بۇ بالامنىڭمۇ دۇنياغا كۆز ئېچىپلا جەڭگى - جىدەل ئارىسىدا بوينىنى قىسىپ ياشىشىنى خالىمايتتىم .
ئاللانىڭ مەلۇم بىر ھىكمىتى بولسا كىرەك بۇ بالىمۇ دۇنياغا كۆز ئاچتى ، يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنتكە ئانا بولدۇم ، قەلبىمدە خۇشاللىق بىلەن بىرگە ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قايغۇمۇ بار ئىدى ، سەۋەبى سىزنىڭ يىقىندىن بۇيان بۇرۇنقىدىنمۇ بەك ئېشىپ كەتكەن ئۇرۇش - تىللاشلىرىڭىز ئىدى .
ئەنسىرىشىمنىڭ توغرىلىقىنى بارا - بارا ھىس قىلدىم ، سىزگە تىكىلىپ قارىغانلىقىم ، بالىلارنىڭ يىغىسى سەۋەبلىك ئويغۇنۇپ كەتكەنلىكىڭىز ، سىزگە بىرەر ئېغىز ھەق گەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈنمۇ تاياق يىدىم .  ئۇرۇپ قولىڭىز ئاغرىسا قولىڭىزغا نىمە چىقسا شۇنىڭ بىلەن ئۇراتتىڭىز. قىيىن ئاتا - قىيىن ئانامنىڭمۇ ماڭا ئىچى ئاغرىپ كىتەتتى . بىر نەچچە قېتىم" بولدىلا "دەپ ئانامنىڭ ئۆيىگە كەتتىم ، لىكىن يەنىلا شۇ بالا ئۈچۈن .... ئانا دىگەن بالىسى ئۈچۈنلا ياشايدىغان گەپكەن دادام شۇنچە ئامراق ئارزۇلاپ باققان قىزىنىڭ ئۇيەر - بۇ يەرلىرىنىڭ كۆك ، ئىششىق ئىكەنلىكىنى كۆرىۋىرىپ چىدىماي ئاجرىشىپ كىتىشىمنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، قايغۇلىرىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ يەنىلا يىنىڭىزغا قايتىپ كەلدىم ،شۇ سەۋەبلىك داداممۇ ماڭا قارىماس بولدى  . لىكىن يەنىلا بالىلىرىم ئۈچۈن ، ھەممىسى بالىلىرىم ئۈچۈن قۇربانلىق بىرىشكە رازى بولدۇم . لىكىن سىز بۇنى مىنىڭ ئاجىزلىقىم سۈپىتىدە چىڭ تۇتىۋىلىپ مىنى يەنە قىيناشنى داۋاملاشتۇردىڭىز. مەن بىر ئېغىزمۇ گەپلىشىپ باقمىغان تۇققانلىرىڭىزدىن كۈنلەپمۇ ئۇردىڭىز، مىنىڭ ئۆيۈمدىكىلەرنى پەس - گاداي دەپ تىللىدىڭىز ، مىنى بولسا ئىرىگە خىيانەت قىلىدىغان يامان ئايال قاتارىغا چىقىرىۋەتتىڭىز .
ھېلىمۇ ياخشى قىيىن ئانام يەنى ئاپىڭىز ياخشى بولغاچقا ماڭا تەسەللى بەردى ، ئۆزىنىڭ شۇنداق بالىنى تۇغقانلىقى ، تەربىيىلىگەنلىكىدىن ئۇنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم ئىدى. ۋاقىتمۇ ئاستا - ئاستا ئۆتىۋاتاتتى ...
مانا بۈگۈن قۇتلۇق ئايەم كۈنلىرىدە قىزىمنىڭ سىزنى شۇنداق سەت گەپ بىلەن تىللىشى مىنى ئويغا سېلىپ قويدى . قىزىمنى ئەخلاقلىق، ئىمانلىق قىلىپ تەربىيەلەشنى ئارزۇ قىلغانىدىم ، سىزنىڭ مىنى توختىماستىن تىللىشىڭىز ، ئۇرىشىڭىز بالىغا يامان تەسىر پەيدا قىپتۇ ، قىزىم ئاشۇ چىرايلىق ئاغزىدىن شۇنداق سەت گەپنى چىقىرىپ سىزنى تىللىدى . بۇ سىزنىڭ ئۇرۇشقاقلىقىڭىزنىڭ قىزىمغا بەرگەن تەسىرى ، قېنى ئېيتىڭە _ سىزگە كىرىكى مۇشۇنداق نەتىجىمۇ ؟

مەنبە: قەلب سۆزلىرىم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئايچىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 08:11 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
saba01 + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
möljarli + 40 بىرگە ئىبرەت — مىڭغا ت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 140   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 07:55:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ مىنىڭ قەلىب سۆزلىرىم

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83099
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3053
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-7-27
ئاخىرقى: 2012-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:03:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79274
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-24
ئاخىرقى: 2012-8-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:17:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىپ بىر ئاي بولغاندا ئېغىر بوي بولغانلىقىمنى بىلگىنىمدە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ،
بۇ نىمە گەپ ئۆزى؟؟؟؟

ياۋا ئات

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11290
يازما سانى: 628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7555
تۆھپە نۇمۇرى: 1267
توردا: 2121 سائەت
تىزىم: 2010-9-23
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:18:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ. ئاللاھ يولدىشىڭىزغا ئىنساپ بېرەر. قەيسەر بولۇڭ. بالىلار يېتىم بولمىسۇن.
ئۇنداق ئەركىشىلەر كۈچلۈكتەك كۆرۈنگەن بىلەن، ئەمەلىيەتتە ئەڭ ئاجىز بايقۇش. ئۆيدە سىزنى ئۇرالىغان بىلەن، بەلكىم سىرتتا باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئەڭ بىچارە بولۇشى مۇمكىن.
ئايال كىشى يولدىشىدىن يۈز ئۆرۈپ، خىيانەت قىلىپ ئىرىگە يىشىل قالپاق كەيدۈرۈپلا قويمىسا، باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئايال كىشىنى ئۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ، بۇ، مېنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.
ئائىلىدە بىلىپ بىلمەي بالىلارغا يامان تەسىر بېرىپ قويىمىز. مەنمۇ بالامنى يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ قارىشىغا بەرگەن ئىدىم. بىر چاغدا ئوغلۇم(تېخى 1 يېرىم ياشقا كىرمىگەن ۋاقىت) ئاناڭكەي دىگەن گەپنى ئۈگىنىۋاپتۇ. مەن قاتتىق نارازى بولدۇم، ۋە ۋاقتىدا تۈزىتىش بېرىپ، كىچىك بالا بار يەردە ئۇنداق گەپلەرنى قىلماسلىقنى ۋە يەنە «خوتۇن ئېلىپ بېرەيمۇ» دىگەندەك گەپلەرنى قەتئىي دىمەسلىكنى ئەسكەرتتىم، ھازىر ئوغلۇم ئۇنداق گەپلەرنى دىمەيدۇ. بىر كۈنى ئايالىم بىلەن چاقچاقلىشىپ، مېنىڭ مۇئاش كارتامنى تالاشتۇق. ئوغلۇم بىزنى ئۇرۇشىۋاتقان چېغى دەپ ئويلاپ يىغلاپ كەتتى. كىيىن دىققەت قىلساق، ئىككىمىز قىزىق گەپلەرنى قىلىشىپ كۈلۈشسەك، گەرچە ئوغلۇم دىيىلگەن گەپلەرنى چۈشەنمىسىمۇ، لېكىن قوشۇلۇپ كۈلىدەكەن. شۇڭا، ئويلاپ قالدىم، بالا گەپ سۆزنى بىلمىسىمۇ، لېكىن ئاتا ئانىنىڭ  كۈلگەن كۈلكىسىنى بىلەلەيدىكەن، قوشۇلۇپ كۈلىدىكەن.
كىچىك بولسىمۇ، بالىلارنىڭ ئالدىدا ناھايىتى چىرايلىق سۆزلەرنى ئىشلەتكىنىمىز ياخشى.

ئاق چاشقان، قارا چاشقان، مۆشۈككە تۇتۇلۇپ قالمىغان ياخشى چاشقان.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51532
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4828
تۆھپە نۇمۇرى: 289
توردا: 2272 سائەت
تىزىم: 2011-8-13
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالىڭىزنى مەن باقاي،بولدى ئاجىرشىڭە،ئەركشىمۇ خۇتۇننى ئۇرامدۇ،مۇنبەردە يۈزۈم بولمىغىنى ئەمىليەتتە مەن خېلى ۋىجدانلىق جۇمۇ.يامان بولسا مىنى بىر ئۇرۇپ باقسۇن،ۋايجان دەيدىغان بولسام خويۆەنجا بولماي كىتەي

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izdinish + 10 ھا ھا ھا مۇنبەردە يۈزۈ.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78032
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-3-28
ئاخىرقى: 2012-8-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:20:08 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سەۋىر قىلىڭ.       مىھرىبان اللادىن ئرىڭىزگە ئىنساب ھىدايەت تىلەڭ.      اللا ئىگەم ھەممىمىزنىڭ مۈشكىلىنى ئاسان قىلسۇن ئامىن!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Aqel0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 08:33 PM  


كۇلۇپ ياشايمەن!!!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39153
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3848
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 616 سائەت
تىزىم: 2011-4-29
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:23:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئسىت ،ئايالىنى ئۇرغان نامەرتنىڭ قولى سۇنسۇن....ئەجەپ ئچىم ئاغرىدى ىسىزگە ،شۇنچە يىل ئاشۇنداق يولسىزلىققا چىداپ كەپسىز.....مەن بولغان بولسام ھەرگىز چىدىمايتىم...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81951
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3200
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-6-22
ئاخىرقى: 2012-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:27:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توي قىلىپ بىر ئاي بولغاندا ئېغىر بوي بولغانلىقىمنى بىلگىنىمدە كۆڭلۈم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ،
بۇ نىمە گەپ ئۆزى؟؟؟؟

ئەلۋەتتە بۇ بىر خۇشاللىنارلىق  ئىش ، لىكىن كىممۇ ئۆز بالىسىنى تۇغۇلۇپلا جەڭگى - جىدەلنىڭ شاھىدى بولىشىنى خالايدۇ ؟ شۇڭا كۆڭلۈم يېرىم بولغان .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83593
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3232
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-8-7
ئاخىرقى: 2012-8-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 08:27:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپ تۇ  . راس  ئىشتەك قىلامدۇ نېمە؟؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش