مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1291|ئىنكاس: 13

قەيسەر بولۇڭ، ھايات يولىڭىز جاپا-مۇشەققەتلىك كۆرەشلەرگە تولغان. [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82956
يازما سانى: 212
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5025
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 323 سائەت
تىزىم: 2012-7-24
ئاخىرقى: 2014-10-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 05:10:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ئۆمۈر مەنزىلىمدە 25 تاغ-داۋاننى بېسىپ ئۆتۈپ 26- تاغ-داۋانغا كېلىپ قاپتىمەن. 27- تاغ-داۋانغا قارىدىم، بۇ تاغ-داۋان ناھايىتى تىك ۋە ئىگىز ئىدى. يەنە يولۇمنى توسىماقچى بولۇپ تۇرغان ھەر يوغان، ھەر ئىگىز تىكەنلىك دەرەخلەر، يىرتقۇچ ھايۋانلار بار ئىدى. كەينىمگە يېنىش ئويىدا 25- تاغ-داۋانغا قارىدىم، تاغ-داۋان ئەمەس بەلكى تىگى يوق ھاڭ تۇراتتى، ئاستىدا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتاتتى. ئەسلىدا مەن ھەر بىر تاغ-داۋاندىن ئۆتكەندە، كەينىمدىكى بېسىپ ئۆتۈپ بولغان تاغ-داۋانلار گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ غايىپ بولغانىكەن.
  ئىختىيارسىز ئالغا قاراپ سىلجىدىم. قاتتىق قۇم-بوران چىقىپ كەتتى. كۆزۈمنى ئاچالماي قالدىم. بوران خېلى ئۇزۇندا توختىدى، كۆزۈمنى تەستە ئۇۋۇلاپ ئېچىپ ئالدىمغا قارىدىم. كۆزۈم ئىچىشىپ ئاغرىۋاتاتتى. يەنە ماڭدىم، بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن پۇت-قولۇم ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلىدى. تۇلۇمۇمنى ئېلىپ بىر قانچە يۇتۇم سۇ ئىچتىم. خۇرجۇنۇمدىن بىرقانچە لوقما نان ئېلىپ يىدىم. پۇت-قولۇم جانلىنىپ روھلىنىپ قالدىم. چوڭ-چوڭ قەدەم تاشلاپ، تىز-تىز مېڭىشقا باشلىدىم. ئۇشتۇمتۇت تاققىدە توختاپ قالدىم، ئالدىمدا ئاغزىنى ئېچىپ شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ، قوزۇق چىشلىرىنى پارقىرىتىپ تۇرغان بىر چىلبۆرە تۇراتتى. ئەھۋال ئىنتايىن جىددىي، چىلبۆرە سەكرەپ ئۆزىنى ئېتىپ كەلدى. ئۆزۈمنى يانغا ئېلىپ قېچىشقا ئاران ئۈلگۈردۈم. سول بېلىكىمدىن قان ئېقىۋاتاتتى. يەردىكى يوغان بىر دەرەخ شېخى قولۇمغا چىقىپ قالدى-دە، چىلبۆرىنىڭ بېقىنىغا كېلىشتۈرۈپ بىرنى سالدىم. چىلبۆرە غىڭشىغىنىچە كەينىگىمۇ قارىماي تىكىۋەتتى.
  خۇداغا شۈكرى، بېلىكىمنى تېڭىۋىلىپ يولۇمنى داۋام قىلدىم. ئالدى تەرىپىم كەڭرى كەتكەن قاقاسلىق، كۈن نۇرىدىن ھەممە يەر قىززىپ كەتكەن ئىدى. گاھى دۆڭلەرگە يامىشىپ چىقسام، گاھى تۈز يوللاردا ماڭاتتىم. پۇتلىرىم قاپاردى. بىر ھازا ماڭغاندىن كېيىن ئۇزۇن ۋە تىكرەك بىر دۆڭگە دۇچ كەلدىم. دۆڭنىڭ بەزى يەرلىرى بەك تىك ئىدى. يامىشىپ چىقىشقا باشلىدىم. قاتتىق تەرلەپ كەتكەنلىكتىن ئىڭەكلىرىمدىن چىپىلداپ تەر ئېقىپ، كىيىملىرىم بەدىنىمگە چاپلىشىپ كەتكەن ئىدى. چاتقال ۋە دەرەخلەرنىڭ تىكەنلىرى قوللىرىمغا ۋە پۇتلىرىمغا سانجىلاتتى. بەزىدە ئېسىلغان تاش ۋە چاتقاللار قومۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىپ، بىر قانچە مېتر تۆۋەنگە سېيرىلىپ چۈشۈپ كېتەتتىم. دۆڭ ئاخىرلىشاي دەپ قالدى. تۇيۇقسىز سول تەرىپىمدىكى چاتقال ئارىسىدىن بىر نەرسە مىدىرلىغاندەك ھېس قىلدىم. تىزلا شۇ تەرەپكە قارىدىم. يۈرىكىم قارتتىدە قىلىپ كەتتى، مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ۋە ئىنتايىن سۈرلۈك بىر يىلان چاتقال شاخلىرىغا يۆگىلىپ تۇراتتى. ئالدىمغا قاراپ ئاستا ئۈستىگە يامىشىشقا باشلىدىم. دۆڭ تۈگەپ تۈزلەڭلىككە چىقاي دىگەندە، يىلان كەينىمدىن كېلىشكە باشلىدى. تىزلىكتە ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۈگىرەشكە باشلىدىم. چارچاپ كەتكەنلىكتىن ئانچە تىز يۈگىرەلمەيۋاتاتتىم. شۇنداقتىمۇ پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يۈگۈردۈم. يىلانمۇ ناھايىتى تىز مېڭىپ مېنى قوغلاپ كېلىۋاتاتتى. 100 مېترچە يۈگۈرگەندىن كېيىن قۇرۇپ قالاي دىگەن بىر دەرەخ يىنىدىن ئۆتتۈم. دەرەخنىڭ يىنىدىلا 5~6 تال قۇش تۇخۇمى بار ئىدى. بىر ئازدىن كېيىن  ئارقامغا قارىسام، يىلان سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ تۇخۇمنىڭ يېنىدا توختاپ قالدى. يەنە بىردەم يۈگۈرۈپ يىلاندىن يىراقلىغاندىن كېيىن، ئۇھ،-دەپ ئاستا مېڭىشقا باشلىدىم. قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ئالدىمدا شىلدىرلاپ سۇ ئېقىۋاتقان بىر ئېرىق كۆرۈندى. قوش چاڭگلىمدا سۇ ئېلىپ گۈپۈلدەپ ئىچتىم، پۈتۈن بەدىنىم يايراپ كەتتى. بۆلەكچىلا روھلىنىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم، ئالدىمدا ئادەم بويى ئېگىزلىكتە بىر تاش تۇراتتى. تىزلا تاشنىڭ ئۈستىگە چىقتىم،   ۋاھ ،!   نېمىدېگەن گۈزەل مەنزىرە!   كەڭرى كەتكەن يېشىللىق، دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار، بىراق، يىراق-يىراقتا ئىگىز-پەس ھەرخىل تىك قىيالىق تاغلار غۇۋا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. سوقۇۋاتقان كۈچلۈك شامال تىتىلىپ كەتكەن كىيىملىرىمنى ۋە چاچلىرىمنى لەپىلدىتەتتى. كەينىمگە قارىدىم، كەينىمدىكى تاغ-داۋان گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ تېگى يوق چوڭقۇر ھاڭغا ئايلاندى. كۆزۈمنى يۇمدۇم. بېسىپ ئۆتكەن كەچمىشلىرىم خىيال ئېكرانىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى....................................
    ئالدىمدىكى تاغ-داۋان مېنىڭ كېلىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى.



   مەنبە :     ئۆزۈم.

بېلىق كۆلدە ئوينايدۇ، قۇش ئاسماندا كۆكلەيدۇ. - يۈزبېشى  ۋۇسۇڭ.

ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3687
يازما سانى: 1078
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10941
تۆھپە نۇمۇرى: 436
توردا: 1480 سائەت
تىزىم: 2010-7-10
ئاخىرقى: 2015-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 05:48:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ھايات داۋانلىرى تولىمۇ مۇرەككەپ ، ئۆز ھايات قىممىتىنى بىلگەن ئادەملا ھارقاچان بەخىتلىك بولىدۇ دەپ ئويلايمەن .. بۇ ئەسەر تولىمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلىنىپتۇ!!

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1997
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18575
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7556 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 05:51:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن  داۋان ئاشمىدىم  پەقەت ، ئاشقىنىم ئۆتمۈش بولدى ، قىسمەت كۆرمىدىم ، ئەمما شۈكۈرىدىن ئايرىلمىدىم ....

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 06:15:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھايات يوللىرى ئەنە شۇنداق ئەگرى توقايلىرى بىلەن گۈزەلدۇر.

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82067
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4202
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-6-25
ئاخىرقى: 2012-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 06:18:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۆرىنى قورقۇتالىغان ئادەم يىلاننىمۇ يانچىپ تۇخۇملىرىنىمۇ قۇرۇتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن

تازنىڭ نېمىسى بار تۆمۈر تاغىقى قاغىلار قاقئېتىدۇ ئۆز كۆڭلىنى شاد ئېتىدۇ بىرئىككىئۈچ ئىتتىپاقلىقكۈچچەيلەپيانچىيمىزدۈشمەنكەلسەدۇچئۆزىنىسورغانشەھەرسوراپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38221
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3677
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1708 سائەت
تىزىم: 2011-4-20
ئاخىرقى: 2014-8-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 06:25:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي   مۇشۇنداق داۋان ئېشىپ نەگە  بارىمىز،،،،،،،،،؟      ئاخىرى   ئۆلۈمگە،،،،،

ئۆلۇم..،،،،،،،،،،..؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 06:33:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kokturik يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 06:25 PM
ھەي   مۇشۇنداق داۋان ئېشىپ نەگە  بارىمىز،،،،،،،،،؟      ئ ...

جۇمۇلاڭما چوققىسىغا بارامىز

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.
131313131313131 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 07:19:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 09:21:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يولدا  قورام تاش  تۇرغان بولسا  ، غەيرەتلىك ئادەم ئۇنى ئىلگىرلەشنىڭ پەلەمپىيى دەپ بىلىدۇ . غەيرەتسىز ئادەم ئۇنى ئىلگىىرلەشنىڭ توسالغۇسى دەپ بىلىدۇ   . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bugaltir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 09:22 PM  


قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 5581
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32298
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 3429 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2015-5-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 10:37:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مەنمۇ بىر كۈنى سىزگە ئوخشاش ئۆزەمنى تەۋرەتكەن بۆشۈكلەرگە قاراپ؛- يەنە مىنى تەۋرىتىدىغان بۆشۈكلەر بارمۇ؟-دەپ توۋلىسام،ئەمدىكىسى تەۋرىمەيدىغان بۆشۈك قالدى دىدى،يەنى؛-قەۋرە بۆشۈكىگە بۆلىنىسەن، قورقۇپ كەتتىم.

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما!!يىتىم قالساڭمۇ قال،غېرىپ قالما!!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش