بسم الله الرحمن الرحيم
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اللەنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار!
قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
جەمئىيەت ھەققىدە:
جەمئىيەتنىڭ ئەسلى ئىسمى «ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى» بولۇپ، مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشتىكى مەقسىدى ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دىنى ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىشتىن ئىبارەت ئىدى. بۇ مەركەز 2001-يىلى غەيرى رەسمى ھالدا قۇرۇلغان بولۇپ، قۇرۇلغاندىن تارتىپ 2011 -يىلىغا قەدەر خەلقىمىز ئېھتىياجلىق بولغان، ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىن ئەقىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، سىيرەت، پەرزەنت تەربىيىسى قاتارلىق60 قا يېقىن كىتاب ۋە كىتابچىلارنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئاۋازلىق تەبلىغ لېنتىلىرىنى تەييارلىغان. بۇ كىتابلارنىڭ بەزىلىرى نەشرىياتلاردا بېسىپ تارقىتىلغان بولسا، يەنە بەزىلىرى ئىنتېرنېت ئارقىلىق تارقىتىلغان.
مەركەز 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رەسمىي ھالدا « قۇتادغۇبىلىك ئىلمى تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى» دېگەن نام بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بىر جەمئىيەت بولۇپ قۇرۇلغان.
جەمئىيەت « قۇتادغۇبىلىك تەرجىمە مەركىزى»، « قۇتادغۇبىلىك سىتۇدىيىسى» ۋە « قۇتادغۇبىلىك تەلىم-تەربىيە مەركىزى» دىن ئىبارەت ئۈچ مەركەردىن تەشكىل تاپقان.
قۇتادغۇبىلىك تەرجىمە مەركىزى
بۇ مەركەز ئىلگىرى قىلغان خىزمەتلىرى ئاساسىدا تەرجىمە ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
(1)- ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنىپ بولغان ماتېرىياللارنى قايتىدىن تەھرىرلەپ تۈزىتىدۇ.
(2)- نۇقتىلىق ھالدا ئىلگىرى قىلىنمىغان تېمىلارنى تاللاپ تەرجىمە قىلىدۇ.
(3)- شارائىت ھازىرلانغاندا بىر پەسىللىك ژورنال تەسىس قىلىنىدۇ. ژورنالنىڭ مەقسىتى :ئائىلىلەرنى دىنى جەھەتتىن نۇقتىلىق تەربىيەلەش، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ۋە قەلەم ئىگىلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.
قۇتادغۇبىلىك سىتۇدىيىسى
ئىختىساسلىق خادىملارنى تاللاپ ئۆلچەملىك بىر ئۈن-سىن تەرجىمە گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ.
(1)-ئەقىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى ۋە سىيرەت قاتارلىق ئىسلامى ساھەلەردە تەبلىغ شەكلىنى ئالغان يۈرۈشلەشكەن ئاۋازلىق دەرسلەر تەييارلىنىدۇ.
(2)- ھەر خىل تېمىلاردا تەبلىغ لېنتىلىرى ھازىرلىنىدۇ.
(3)- ساغلام كىنو – فىلىم ۋە قونچاق فىلىملىرىنى تەرجىمە قىلىپ ئاۋاز بېرىدۇ.
قۇتادغۇبىلىك تەلىم-تەربىيە مەركىزى
نىشانى:
(1)- ياتاق تۈزۈمىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەلىم-تەربىيە خىزمىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دىنىي ۋە پەننى ساھەلەردە يېتىشكەن، دىنىنى ۋە خەلقىنى سۆيىدىغان، ھەرخىل كەسىپلەردە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، ئىسلام ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەن، ئۆلچەملىك ئىسلام دەۋەتچىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش.
(2)- بالىلار تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نەتىجىسى ۋە قىزىقىشىغا قاراپ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىگە مۇناسىپ ئونىۋېرسىتىتلارغا كىرىپ ئوقۇشىغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىش.
(3)- شارائىت يار بەرسە ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا تاكى ئاخىرغىچە يېتەكچىلىك قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش.
ئورنى:
تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇۋاپىق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
تەلىم-تەربىيە پروگراممىسى
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يەتتە ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ئەقلىي جەھەتتىن ساغلام ھەر قانداق ئۇيغۇر پەرزەنتى قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ ئوقۇغۇچىلار دۆلەتنىڭ رەسمىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇيدۇ. بۇنىڭدىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەركىزىمىزنىڭ ياتاق بىناسىدا مەكتەپ دەرسنى مۇزاكىرە قىلغاندىن سىرىت دىنى ۋە ئەخلاقى بىلىملەر ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلىملىرى بويىچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
ئوقۇتۇلىدىغان تۈرلەر:
1- قۇرئان كەرىم ۋە تەجۋىد ( يىلدا ئەڭ ئاز بولغاندا بىر پارە قۇرئان تەجۋىد بىلەن يادقا ئالدۇرۇش)، ھەر يىلى 40 ھەدىس تەرجىمىسى بىلەن يادقا ئالدۇرۇش، ئەقىدە، فىقھى، سىيرەت، ئەخلاق، تارىخ قاتارلىق بارلىق دىننى بىلىملەردىن ئومۇمىي ساۋات ئۆگىتىلىدۇ.دەۋەت قىلىش ئۇسلۇبى ۋە نەق مەيدان دەۋەت قىلىش پىراكتىكىسى ئۆگىتىلىدۇ.(شەرىئەت ئىلىمىدا مەخسۇس تەربىيەلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلىتىش بىلەن بىرگە تولۇق ئوتتۇرا تاماملانغۇچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئەرەبچىسى ۋە دىنىي سەۋىيىسى ئىسلام دۇنياسىدىكى ھەر قانداق ئونىۋېرسىتىتنىڭ پاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇيالىغۇدەك سەۋىيىگە يەتكۈزۈلىدۇ).
2- ئۇيغۇر تىلى ئېلىبەسى، ئۇيغۇر يېزىقچىلىق قىلىش بىلىملىرىدىن ساۋاتلار، ساپ ئۇيغۇر تىلىدا لېكسىيە سۆزلەش مەشىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىدىن ساۋاتلار.
3 - تەربىيەلەش ماتېرىياللىرىنى جەمئىيەت كەسپى خادىملاردىن كومىتېت قۇرۇپ تاللايدۇ.
ئىجتىمائى پاراۋانلىق:
ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بېرىدىغان ئائىلىلەردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئوقۇتۇش خىراجىتى ئېلىنىدۇ. يېتىم بالىلار ۋە كەمبەغەل ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ چىقىمىنى جەمئىيەت مەسئۇللىرى خەيرى-ئېھسان قىلغۇچىلاردىن يىغىپ تولۇقلاشقا تىرىشىدۇ.
پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى بىرلىكتە، قولمۇ قول تۇتۇشۇپ پۈتكۈزۈشى كېرەك بولغان مەزكۇر پىلاننىڭ دەسلەپكى ۋە ئاساسلىق قەدىمى بولغان يەر سېتىۋېلىش ئىشى تاماملانغان بولۇپ، سېلىنىدىغان بىنانىڭ خەرىتىسى سىزدۇرۇلۇپ چىقىلدى. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر بىنانىڭ سېتىۋالغان يېرىمىزگە ئاساسەن سىزدۈرۈلغان ئۆلچەملىك كۆرۈنۈشى.
مەنبە: قۇتادغۇبىلىك ئىلمىي تەتقىقات ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى
http://kutadgubilik.com/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghurlarbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 06:59 PM