ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە ئۆزلۈك ئېڭى يوق مىللەت
ئەسئەت سۇلايمان
ۋاقىت ئۇقۇمى ۋە زامان چۈشەنچىسىگە بولغان كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ھازىرقى زاماندىكى تەرەققى قىلغان مىللەتلەرنىڭ مۇھىم بەلگىسى . ھالبۇكى ، بۇنىڭدىن يۈز يىل ئاۋالقى ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ۋاقىت ئۇقۇمىغا بولغان پەرۋاسىزلىق ئەجنەبىيلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىدى . ياۋرۇپادىكى تەۋەككۈلچىلەر كىشىلەرنىڭ گويا كۈن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ياشاۋاتقاندەك خىرامان يۈرىيدىغانلىقىنى ، كىچە بىلەن كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ، پەسىللەرنىڭ ئۆزگۈرىشى ، زامانلارنىڭ ئۆتۈشىنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوقتەك بىر خىل زىرىكەرلىك ھايات رېتىمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى . ئۇلار يەنە بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ۋاقىت ئۇقۇمى بولمايلا قالماستىن ، بەلكى يەنە تارىخقا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭمۇ كەملىكىنى تەكىتلىگەنىدى . چۈنكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە شۇ زامانلارغا قەدەر ۋاقىت ئارقىلىق تارىخنى ھېساپلاش ، ۋاقىت ئارقىلىق زامان ئۆزگىرىشلىرىنى خاتىرلەش ئەنئەنىسى ئومۇملاشمىغانىدى. يېرىم ئەسىر مۇقەددەم يۈزبەرگەن زور تارىخى ۋەقەلەرگە نىسبەتەنمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەردە ناھايىتى ئېنىق بولغان ۋاقىت چۈشەنچىسى يوق ئىدى ، بەلكى « جىگدە پىششىقىدا » ، « خامان تەپكەندە » ، « چېچەك كېسىلى تارقالغان يىللاردا » ، « تۇڭگان كەلگەندە » دىگەندەك مەۋھۇم ئۇقۇم ئارقىلىق تارىخنى بايان قىلىشقا كۆنۈككەنىدى . شۇڭلاشقا ئۆز دەۋرىدە ھىچكىم ستەين ، سۋېن ھېدىن ، لېكوك ، ئوتانى قاتارلىقلارنىڭ بۇ يەردىكى زور تارىخى ۋەقەلەر ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا ئېنىق يىلنامىسى بىلەن جاۋاپ بىرەلمىگەنىدى .
ئۇلار ئوخشاشلا ئۆزىگە ۋە ئۆز مەدەنىيەت تارىخىغا بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىمۇ يوقاتقانىدى . بىر توپ ئەجنەبىلەرنىڭ تاغ - داۋانلار ئېشىپ ، بۇ يەرگە كېلىپ نىمە ئۈچۈن خارابىلەرنى قازىدىغانلىقىنى ، ئىسلىشىپ كەتكەن ھەر خىل يېزىقتىكى قوليازمىلارنى توپلايدىغانلىقىنى ھەمدە ساندۇق - ساندۇق « ئەسكى – تۈسكىلەرنى » تۆگىلەرگە ئارتىپ يىراقتىكى ئەللەرگە ئېلىپ كىتىدىغانلىقىنى ئەسلا چۈشەنمەيتتى . ناچار مۇھىت ، بۇرۇقتۇرما كەيپىيات ، ئۆزگەرمەس تۇرمۇش ئۇلارنىڭ ھايات ئىنتىلىشلىرىگە بولغان قىزىقىشلىرىنى سۇسلاشتۇرىۋەتكەنىدى . شۇڭا ئۇلار مىللىي ئاڭدىن ، قارشىلىق تۇيغۇسىدىن ، ھۆكۈم قىلىش كۈچىدىن ، يىراقنى كۆرەرلىكتىن ، مىللىي پايدا زىياننى پەرق ئىتىش ئىقتىدارىدىن ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگۈلەش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالغانىدى . خۇددى ماكارتنېي خانىم ئېيتقاندەك : "بۇ ئادەملەرنىڭ قۇلۇقى يۇمشاق ، باشقۇرۇش ئاسان ، ئۇلارنىڭ بىرەر يامان ئىللەتلىرى يوق ، ياخشى ، ئالاھىدە تەرەپلىرىمۇ يوق" ئىدى . ① بىرەر مەسىلىگە يولۇققاندا ، ئۆز ئالدىغا قارار قىلماي ، سىرىتتىن كەلگەن ئادەمنىڭ چىقىرىپ بەرگەن ھۆكۈمىگە ئىشىنەتتى . ياپۇنىيىلىك سەيياھ تاچىپانا ئۆز دەۋرىدە مۇنداق قۇرلارنى يازغانىدى: «قەشقەردىن خوتەنگە بېرىش سەپىرىمىزدە بىر تاغلىق كەنتتىن ئۆتتۇق . بىز چۈشكەن قونالغۇغا بىر ئۇيغۇر دىھقان ھال – دەرت ئېيتىپ كەلدى ھەمدە بىر پارچە ئەرزنامىنى سۇندى . بۇ ئەسلىدە يەر تالىشىش ماجراسى بولۇپ ، بۇ يەردە تۇرۇشلۇق جوڭگۇنىڭ مەمۇرىي ئەمەلدارى ئاللىقاچان ھۆكۈم چىقىرىپ بولغان ئىش ئىكەن . لىكىن ، ھېلىقى دىھقان بۇ ھۆكۈمگە رازى بولماي بىزنىڭ قايتىدىن ھۆكۈم چىقىرىپ بىرىشىمىزنى تەلەپ قىلىپ كەپتۇ . بۇ گەرچە ناھايىتى ئاددى بىر ئىش بولسىمۇ ، لىكىن بۇنىڭدىن شۇنى ھىس قىلىۋالغىلى بولىدۇكى ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىچىككىنە مەنپىئەتىگە يارىدىمى بولىدىغانلا بولسا ، كىمنىڭ كېلىپ ئۇلارنى باشقۇرىشى بىلەن پەرۋايى پەلەككەن . تارىختىمۇ شۇنداق بولغان ، ھازىرمۇ شۇنداقكەن.» ② تاچىپانا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ : « .... بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى ساددا ۋە يۇۋاش ئىكەن ، كىم كېلىپ باشقۇرسا كارى يوقكەن . جوڭگۇنىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ئىنقىلاپ پارتىلىغاندا (بۇ يەردە شىنخەي ئىنقىلابىنى دېمەكچى ــــ ئا) ، بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتە ، يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يەنە بىر تەرەپتە تۇردى . ئېنىقىنى ئېيتقاندا ، ئۇيغۇرلار بۇ قېتىمقى ئىنقىلاپقا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش ، قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى ئۆزلىرىمۇ بىلەلمىگەنىدى . قايسى تەرەپ غەلىبە قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ، تېنچلىق ئورنىتىلسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە ئىدى . ئۇلار پەقەت شۇنىلا ئۈمىت قىلاتتى .» ③
مانا بۇ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى بولمىغان ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قىياپىتى ئىدى . شۇڭا قەشقەردە تۇرغان يەنە بىر ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ خانىمى دىئاننا سىمپتون ئۇيغۇرلار ھەققىدە مۇنداق چۈشەنچىگە كەلگەنىدى : « ئۇيغۇرلار پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ياشايدىكەن ، ئىبادەت قىلىدىكەن ، سودا قىلىدىكەن ، ساياھەتكە چىقىدىكەن ، ئۆزلىرىنىڭ مال – مۈلكىگە ئىگىدارچىلىق قىلىدىكەن . شۇنداق قاراشقا كەلدىمكى ، ئادەتتىكى ئۇيغۇرلار ھازىر غەرپتىكى دىگىراتتىك دۆلەتلەردە كىشىلەر ئىرىشىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان سىياسى ئەركىنلىككە ئىنتىلمەيدىكەن.» ④ دىئاننا خانىم سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ قەشقەر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە يەنە مۇنداق دەيدۇ : «قەشقەرنىڭ ئادەملىرى ھورۇن ، چېچىلاڭغۇ ، ئەمما تېنچ ، ئىناق ياشايدىكەن . ئۇلار ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى مۇشۇنداق ياشاپ كەلگەنىكەن ، ھازىرمۇ شۇنداق ياشاۋېتىپتۇ . شۇڭا ، ئۇلاردا ئېسكىمۇسلاردەك جاسارەت ۋە قەيسەرلىك يوق ؛ پەردانلاردەك ئۇرۇشخومار خاراكتىرمۇ يوق ؛ تېبەتلىكلەردەك جۇشقۇنلۇق ۋە تېتىكلىك ؛ كەشمىرلىكلەردەك قولى گۈل ، چېۋەرلىكتىنمۇ ئەسەر يوق ئىدى . ۋاھالەنكى ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر دىھقانلار ھەر قانداق بىر جايدىكى ئاددى – ساددا كىشىلەرگە ئوخشاشلا دوستانە ، مىھماندوست . ئۇلار ئاددىيسى بىرەر لەتىپىدىنمۇ سىز بىلەن تەڭ بەھىرلىنىشنى خالايتتى . بەزىدە ئۇلارنىڭ يالقاۋلىقى جانغا تېگەتتى . قىلغان ئىشىمۇ كۆڭۈلگە ياقمايتتى . ۋاھالەنكى ، ئۇلارغا ئارتۇقچە تەلەپ قويمىسىڭىزلا ئۇلار شۇنچىلىك جەلپكار ، ئاڭكۆڭۈل ئادەملەر ئىدى. » ⑤
① كاسېرىن ماكارتنېي : «قەشقەرنى ئەسلەيمەن» ، 67 بەت .
② تاچىبانا : «تاچىپانانىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسى» ، 129- ، 133 – بەتلەر .
③ تاچىبانا : «تاچىپانانىڭ غەربى يۇرت خاتىرىسى» ، 129- ، 133 – بەتلەر .
④ ⑤ دىئاننا سىمپتون : «قەدىمىي ماكان» ، 196- ، 197 - ، 206 – بەتلەر .
مەنبە : ئەسئەت سۇلايمان ، «تارىم قوۋۇقى چېكىلگەندە» ، شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى ، 2002 – يىل 3 – ئاي نەشرى ، 112 ~ 115 – بەتلەر .
ماتىرىيال كۆرىۋېتىپ ، يۇقارقى تېمىنى كۆرۈپقالدىم . بۇ قۇرلار مىنى بەكرەك ئويغا سالدى . شۇنىڭ ئۈچۈن « تېخى كۆرمىگەن تورداشلار كۆرۈپ قويسا ، كۆرۈپ بولغانلار قايتا ئەسلەپ قويسا ئارتۇقچە بولمايدىكەن» دىگەن قاراشتا بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ يوللىدىم . توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ، توغرا تەھلىل قىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .
مېغىزى ، شاكىلى بار ، ھەر نەرسىنىڭ ،
شۇڭا سەنمۇ شۇنداق چۈشەن مىللەتنىمۇ .
مىللىتىڭ ئەتىسى پارلايدۇ شۇنداق ،
چۈشەنسە ئۆزىدىكى ئىللەتنىمۇ .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا taltograk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-21 12:28 PM