مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1280|ئىنكاس: 13

ئابدۇقادىرمۇھەممەت:دۇتتار ۋە ئۇيغۇر يىگىتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4978
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 03:17:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇتتار ۋە ئۇيغۇر يىگىتى


ئابدۇقادىر مۇھەممەتئىمىن


«كىمكى ئۇقۇدى،ئۈگەندى،ئەمما ئەمەل قىلمىدى،ئۇنىڭ كىتاپ يۈكلىگەن ئىشەكتىن پەرقى يوق.

                                __گۈلىستاندىن  »

   «-جېنىم ئاكا،دۇتتارنى پۇل قۇشۇپ بەرسەڭمۇ ئالمايدۇ ئۇ گۇي، ئۇنىڭ دۇتتار خەلق ناخشىلىرى بىلەن قەتئىي خۇشى يوق؛ ئۇنىڭ ئاڭلايدىغىنى ھىندىستاننىڭ ۋوچچەللى، شارۇلخان.

-مۇشۇ تىل بىلمەي ناخشا ئاڭلايدىغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ...، ئېغىزىمغا بىر گەپ كەلگەنتى.»

  خالمۇرات ئۆمەر رول ئالغان «قىمار»ئىتوتىنى كۈرۈپ چوڭقۇر خىيالغا چۆكتۈم؛

دىمىسىمۇ قىزلىرىمىزنىڭ تۇلىسى دۇتتار  ناخشىلىرى بىلەن خۇشى يوق  بۇلۇپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئاڭلايدىغىنى ھىندىستانچە، ئۆزبەكچىگە ئالماشتى. سەنەبەرتۇرسۇننىڭ ئۈنئالغۇ لىنتىسى ئورنىغا نادىرەنىڭ سىنئالغۇ لىنتىلىرى ئالقىشلىنىشقا، مۇقام ئانسامبىلى ئورنىغا شەھزاد مەلىكىلىرى قارشى ئېلىنىشقا باشلاندى؛ قىزلىرىمىز گەرچە «قۇي پىيالىگە چاينى»، «ئاق بوز ئاتىم»نى بىلمىسىمۇ «رومالىم»، «جاھان»نىڭ تىكىستلىرىنى ئاھاڭى بىلەن تۇلۇق ئېيتىپ بىرەلەيدۇ.

  بۇ خىل ئەھۋال «قاسىمجان»دەك غۇرۇر ئىگىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، مۇشتلىرىنى تۈگۈشكە سەۋەپچى بولماقتا،

قىزلىرىمىز دۇتتارنى چۆرۈپ تاشلاپ ھىندىستان مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاۋاتىدۇ، «قاسىمجان»نىڭ غۇرۇرى بۇنىڭغا چىدىيالماي، ئىچى ئەلەمدىن ئۆرتىنىۋاتىدۇ......

  لېكىن مىنى ئاچچىق خىيالغا چۆكتۈرگىنى قىزلىرىمىزنىڭ چولپان ئالماشتۇرغىنى ئەمەس،بەلكى «قاسىمجان»نىڭ ھەسرەتلىك تەقدىرى.

ئايالى شاھرۇلخانغا ئاشىق،دۇتتار ناخشىلىرىغا ئۆچ.

لېكىن شۇ غۇرۇرلۇق يىگىت مىللەتنى، دۇتتارنى قىزغىن سۈيىدىغان «قاسىمجان»چۇ؟ ئۇنىڭ كىچە-كۈندۈز «يا دەمشى پىر» توۋلاپ تاۋكادا دەتتىكام ئېتىشى مىللىتىمىزنىڭ قايسى گۈزەل ئەخلاقىكىن؟ دۇتتار ناخشىسىدىن مۇڭلىنىپلا قۇيىدىغان، لېكىن ئانىسىنى بىرەر قېتىم يوقلاپ قۇيۇشنىڭ ئورنىغا «ياپىرىم»دەپ دەتتىكام ئاتىدىغان، بىرەر يۈز سومنى «خىراجەت قىلىڭ،ئانا»دەپ ئەۋەتىشنىڭ ئورنىغا ھاراق ئىچىپ تۈگىتىۋېتىدىغان «قاسىمخان»نىڭ غۇرۇرىغا گۇمانىم بار جۇمۇ؟

  يالغۇز «قاسىمخان»لا ئەمەس، كۈندۈزى دەرسخانىدا مۇلايىم ئۇستاز، مىللەتنى قىزغىن سۈيىدىغان، ئۇيغۇر دىسە ياقا يىرتىپ ئوتتۇرىغا چىقىدىغان مىللەتپەرۋەر، لېكىن ئاخشىمى تاۋكادا مەرد، چوتوچى، قارام نوچىنىڭ رولىنى ئېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇستازلىرىمىزغا قاراپ ئۇلارنىڭ مىللەتنى سۈيىدىغانلىقىدىن  شەكلەندىم!!

سەھنىگە چىقىۋېلىپ باشقىلارنى«ئاق چەكتىڭ دادەي ،كۆك ئىچتىڭ يارەي»دەپ سۈكۈپ،سەھنىدىن چۈشسە ئۆزى ئىچىپ- چىكىپ يۈرگەن ئەشۇ ئىسىل ناخشىچىلىرىمىزنىڭ كەسپىي ئەخلاقىغا نىمە دىگۈلۈك؟!!ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ھالى شۇ تۇرسا قىزلىرىمىز ئۇلارنىڭ ناخشىسى ياخشى بولسىمۇ، ھالىغا قاراپ ئاڭلىغۇسى كىلەتتىمۇ؟ ئىشىنىمەنكى ئۇلار «بولدىلا تىلنى بىلمىسەممۇ شاھرۇلخاننىڭكىنى ئاڭلاي»دەيدۇ.

بۇ بىر پاجىئە ھەم شۇنداقلا تىراگىدىيە.

بىزدە «ئۆزۈڭ قىلالمىغاننى ئۆزگىگە تاڭما »دىگەن سۆز بار ئەمەسمۇ؟ ناخشا دىمەكلىك كىشى قەلبىگە ھۇزۇر بىرىدىغان، دىلنى يۇرىتىدىغان كۈي، دۇتتار ناخشىلىرى تېخىمۇ شۇنداق؛لېكىن «ئانام-ئانام»نى ئاڭلاپ تۇرۇپ ئانىسىنى خارلاۋاتقانلار، دوستۇمنى ئەڭ ياخشى كۈرۈدىغان تۇرۇپ دوستىنى سېتىۋاتقانلار يوق ئەمەس(«قاسىمجان»نىڭ جانجىگەر ئاغىنىلىرىمۇ دۇتتارنى ياخشى كۈرىدىغان  دۇتتارنىڭ مۇڭلۇق ناخشىلىرىغا ئامراق بولغىيدى؟!! لېكىن ئۇلارمۇ «يانچۇقۇم توم ،پۇلۇم جېق چاغدا ئاداش»نىڭ ئەينى بوپتۇغۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇنىڭ ئايالىدىن ۋە ئايالىنىڭ ئاڭلايدىغان ناخشىلىرىدىن زارلاشقا نىمە ھەددى بار؟)

شۇنداق،ئۆزىمىز ئاڭلايمىز ،لېكىن ئەمەل قىلمايمىز،تىخى قىزلىرىمىزنى ئاڭلىمايدۇ،ئامراق ئەمەس،دەپ زارلايمىز؛بۇ قانداق مەنتىقە،قانداق كۆز قاراش؟بۇ قىزلىرىمىزغا قىلىنغان ئادالەتسىزلىك ،ئۇلارنىڭ ناخشا -مۇزىكىغا بۇلغان  قىزغىنقىغا قىلىنغان ھاقارەت ئەمەسمۇ؟

ئۇيغۇر بولغان ئىكەنمىز ئاۋۋال ئۇيغۇرنىڭكىنى ئاڭلىشىمىز،ئۇيغۇرنىڭكىنى سۈيۈشىمىز كىرەك،لېكىن ئېغىزدا ئەمەس،ئەمەلىيەتتە سۈيۈش كىرەك؛

   بۈگۈن دۇتتارنى مۇڭلىنپ ئاڭلاپ ، بىر ئۇخلاپ ئەتىسى ئويغانساق ئۆزىمىز بىلگەن بۇيىچە يۈرسەك ، بۇ مىللەتنى قانداق سۆيگەنلىك؟

   ئۆزى دۇتتارغا ئامراق ، تۆت ھۇشۇققا تىخىمۇ ئاشىق بۇلۇپ تۇرۇپ ،قىزلىرىمىزدىن زارلاشقا يەنە نىمە ھەققىمىز بار؟؟!!

ئەلۋەتتە يوق،بۇ مىللەتنى سۆيگەنلىك ئەمەس،ئەكسىچە مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىق؛ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، ئۇنىڭ نۇمۇسىنى تۆككەنلىك،ئۇيغۇرچالغۇلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق؛

بۇندىن كۆرە بىزمۇ قىزلىرىمىزدەك تىلنى بىلمەي ئاڭلىغىنىمىز ياخشى،بۇبىزنىڭ ناخشىنى ئاڭلاپ قۇيۇپ «ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا»دەپ يۈرگىنىمىزدىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟

   ئەگەر بىز قىزلىرىمىزنىڭ مىللىي مۇزىكىغا بولغان قىزغىنلىقىنى قايتا قوزغايمىزدىسەك ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك؛بىز  باشقا مىللەت سەنئەتكارلىرىنى تىللاش ئارقىلىق ھېچ نەرسىگە ئىرىشەلمەيمىز؛

داۋاملىق شۇنداق قىلىش بىزنى پەقەت داۋاملىق تىراگىدىيە ئىچىدىن پاجىئە ،پاجىئە ئىچىدىن كومىدىيە چىقىرىشقا ئۈندەيدۇ خالاس؛

   قېنى غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر يىگىتى ،ئۆز غۇرۇرىڭىزنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىز ئارقىلىق ئىپادىلەڭ؛

يول ئالدىڭىزدا ،تاللاش قولىڭىزدا!!!

ئەسكەرتىش :

ھۆرمەتلىك دوستلار ،يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسى تىما ئىگىسىنىڭ شەخسىي كۆز قاراشلىرى ، ئەگەر ئوخشىمىغان پىكىرلەر بولسا ئورتاقلىشىنى خالايمەن . ئەمما تىمىغا مۇناسىۋەتسىز ياكى تىمىغا ئەمەس شەخىسكە قارىتىلغان ئىنكاسلارنى يوللىماسلىقىڭلارنى ،ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلشىڭلارنى سورايمەن .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-21 09:39 AM  


قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60955
يازما سانى: 3888
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17690
تۆھپە نۇمۇرى: 1189
توردا: 1560 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2014-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 09:32:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇر بولغان ئىكەنمىز ئاۋۋال ئۇيغۇرنىڭكىنى ئاڭلىشىمىز،ئۇيغۇرنىڭكىنى سۈيۈشىمىز كىرەك،لېكىن ئېغىزدا ئەمەس،ئەمەلىيەتتە سۈيۈش كىرەك؛

تۆمۈرخان روزى بىر ئىتوتتا مۇنداق دىگەن  ‹‹  بىز بىرسىنىڭكىنى  10 يىل  ، بىرسىنىڭكىنى 20 يىل  يەنە بىرسىنىڭكىنى 30 يىل ئېيتساقمۇ   ، بەرىبىر  بىز ئۇلار ئەمەس  چۈنكى بىز ئۇيغۇر   ››

قۇرئان ۋە ھەدىسلەردە ئىسپاتلاندىكى : بىر ئادەم ئۆلسە ، ئۇ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى بولسۇن يامان بولسۇن ، بارلىق چوڭ – كىچىك ئىشلىرى ئۈچۈن ھىساب – كىتاب قىلنىدۇ   . ياخشى ئىش مۇكاپاتلىنىدۇ ، ئەسكى ئىش جازالىنىدۇ ، ھىساۋاتنىڭ بىرىنچى سەھنىسى قەبرىدە بولۇدۇ  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6063
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 805 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-5-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 09:57:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناخشا غەزەللىرمىز ئەزەلدىن تارتىپ نوقۇل ھالدىكى كۆڭۈل ئىچىش ۋاستىسى بوپلا قالماي جەمىيەتتىكى ناچار   ئىللەتلەرنى قامچىلايدىغان  قۇرال بولغىندەك  بىزنىڭ سەنئەتكارلىرمىزمۇ  ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازلىرمىزدۇر .بۇ  ئۇستازلىرمىزدىن  ئابدىرھىم ھىيىت ،ئۆمەرجان ئالىم .سەنۇبەر تۇرسۇن،ئابدۇللا ئابدىرھىم   قاتارلىقلار..........مەن مۇشۇ سەنئەتكارلىرمىزغا روزى ھىيىتلىق سالام يوللايمەن.

توۋا دەيمەن.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49057
يازما سانى: 1469
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1449
تۆھپە نۇمۇرى: 1593
توردا: 1282 سائەت
تىزىم: 2011-7-25
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 11:30:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
anatil2 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 10:00 AM
شەھرىمىز خوتەننىڭ قايناق بازارلىرىدا(مەسلەن گۈلباغ،ج ...

راس ، مەنمۇ دۇكنىمدا چىرايلىق سىتودىنت قىزلارغا تىلفۇن نۇمۇرنى ئۇيغۇرچە دەپ بىرىڭ(كۆچمە خەۋەرلششنىڭ تىلفۇن ھەققنى يىغىش ئورنى) دەپ نەچسدىن دەككەمنى يىدىم ئىشقىلىپ بەزى ئادەمنىڭ ئەبجەش گەپلىردىنغۇ كالنىڭ مۆرگنى يىقىملىق ئاڭلندۇ ئادەمگە......  

ئاتاڭ قانداق بولسا ، سەنمۇ شۇنداقسەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74852
يازما سانى: 772
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 600 سائەت
تىزىم: 2012-2-5
ئاخىرقى: 2014-2-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 12:27:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توردىكى ئەڭ مۇھىم بوشلۇق ساپ مىللىيچە ناخشا بىلەن تولغان بىر مۇكەممەل توربەت كام ،  ئەگەر شۇنداق بىر توربەت بولسا ھە،،  ساپ  خەلىق ناخشىللىرىنىللان قوشسا، يېڭى زامان  ئۇيغۇر ناخشىللىرىنى قوشماي.......

ئەگەر بېشىڭغادەرىت كەلسە،ئىھ تەڭرىم مىنىڭ دەردىم بار دىمەستىن،  ھەي دەرىت مىنىڭ تەڭرىم بار دە.

ئاشىق كۈيى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1693
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12286
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 12:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزى دۇتتارغا ئامراق ، تۆت ھۇشۇققا تىخىمۇ ئاشىق بۇلۇپ تۇرۇپ ،قىزلىرىمىزدىن زارلاشقا يەنە نىمە ھەققىمىز بار؟؟!!

ئەلۋەتتە يوق،بۇ مىللەتنى سۆيگەنلىك ئەمەس،ئەكسىچە مىللەتكە زىيانكەشلىك قىلغانلىق؛ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى سۆيگەنلىك ئەمەس، ئۇنىڭ نۇمۇسىنى تۆككەنلىك،ئۇيغۇرچالغۇلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق؛

بۇندىن كۆرە بىزمۇ قىزلىرىمىزدەك تىلنى بىلمەي ئاڭلىغىنىمىز ياخشى،بۇبىزنىڭ ناخشىنى ئاڭلاپ قۇيۇپ «ئات ئايلىخانغا،يول سارىخانغا»دەپ يۈرگىنىمىزدىن مىڭ ياخشى ئەمەسمۇ؟


ئىـــــشۇ  قىمارۋاز قىمارۋاز تۇرۇپ ئايالىنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئاڭلىماي دائىم چەتنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلايدىغانلىقىدىن ئاچچىقلىنالاپتۇ.بۇ سىزنىڭ ‹قىزلىرىمىزدەك تىلنى بىلمەي ئاڭلىغىنىمىز ياخشى›دىگەن مەنتىقىڭىزدىن ئۈستۈم تۇرىدۇ(گەرچە ئۇ سىز قىلچە كۆزگە ئىلمايدىغان قىمارۋاز بولسىمۇ).يەنە بىر ھېس قىلغىنىم سىزنىڭ بۇ يازمىڭىزدىن مەن سىزنى جەمىيەتنى ئىتوت كۆرۈپلا تەھلىل قىلىدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالدىم.
  شەخسي كۆز قاراش...

بىر ساڭىلا كۈيىدۇ يۈرەك،
خۇددى تىنىم ئوتتا كۆيگەندەك.
بىر جــىنـىـمـغـا بـىـرلا يار كــېــرەك،
يار تۇتـمايـمـەن سـىـنـىـڭـدىن بــۆلــەك.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80765
يازما سانى: 506
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4978
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-5-29
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 01:13:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
AxiKkUyI يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 12:49 PM
ئۆزى دۇتتارغا ئامراق ، تۆت ھۇشۇققا تىخىمۇ ئاشىق بۇلۇپ  ...

مەن بۇ يازمىنى 2009-يىلى جېجىياڭدا يازغان ، ئۇ چاغلاردا مەن تېخى جەمىيئەتنى تۇلۇق چۈشەنمەيدىغان ، ھەم چۈشۈنىشكە شارائىت يوق ۋاقىتلار ئىدى . شۇڭا بۇ يازمامنىڭ  جەمىيئەتنى تولۇق     ئىپادىلەپ بىرەلىشى ناتايىن . ئەمما سەنئەت دىگەنلىك جەمىيئەتنىڭ كارتىسى ، ئىتوتلار جەمىيئەتتىكى ھەرخىل ئىشلارنى بەدئىي چىنلىق بىلەن ئىپادىلەپ بىرىدىغان كارتىنا ، شۇڭا ئىتوت ئارقىلىق تەھلىل قىلشنىڭ ھېچ بىر يامان يېرى يوق .
يەنە كىلىپ مىللىي غورۇر ھەرگىزمۇ ئېغىزدا دىيىلسىلا بولىدىغان گەپ ئەمەس ، ئۇ ھەققىقى ھەرىكەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ . بۇنى سىز ماڭا قارىغاندا ئوبدانراق بىلىسىز .  

قىياس ئۇچۇر تورىغا مەرھەممەت!! www.qiyas.cn  99780397  چ چ توپ نۇمۇرى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41664
يازما سانى: 1788
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6434
تۆھپە نۇمۇرى: 337
توردا: 5702 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2015-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 01:50:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئىتوتتا پەقەت ئۇ قىممارۋاز ، ئايالىنىڭ ئويغۇرچە ، ناخشا مۇزىكىلار بىلەن پەقەت خوشى يوقلىغىنى دېسە ،  ئەيسا  ، مۇشۇ تىلىنى چۇشەنمەي تۇرۇپ ناخشا ئاڭلايدىغانلارنى بىر يەرگە يىغىپ ، ئاغزىمغا بىرگەپ كەلگەن دەيدۇ .  
ئەيسا ، شۇ قىممارۋازغا ، تۆت تەڭگە تېپىپ قىممار ئوينىغانلىقى ، قىممارنىڭ شۇنداق ئادەمنى ۋەيران قىلدىغانلىقى،ئانىسىنى بىر قېتىممۇ يوقلاپ بارمىغانلىقى ، توغرىسىدا شۇ قىممارۋازغا تەنبىھ بېرىدۇ .
سىزچە بولغاندا ئەيسا دىگەن بىر ھاراقكەش ، ئەيسانىڭ ئۇ قىممارۋازغا تەنبىھ بەرگۇدەك سالاھىيتى يوق شۇنداقما ؟

ئادەم ئۆز قىممىتىنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ .
131313131313131 بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 02:02:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئاشىق كۈيى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1693
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12286
تۆھپە نۇمۇرى: 551
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-21 02:10:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
saba01 يوللىغان ۋاقتى  2012-8-21 01:13 PM
مەن بۇ يازمىنى 2009-يىلى جېجىياڭدا يازغان ، ئۇ چاغلاردا  ...

سىزنىڭ يازمىڭىزدىن قىمارۋازنىڭ قىمار ئوينايدىغانلىقى،شۇڭا ئۇنىڭ ئايالىنىڭ تىل بىلمەي ناخشا ئېيتىشىغا قارشى تۇرۇشىغا سالاھىيىتى يوقتەك مەنە چىقىپتۇ.ئۇ ئىتوتتىكى قىمارۋازنىڭ ئۈيىدە شۇ دۇتتاردىن باشقا ھىچ نىمىسى قالمىغان،قىمارۋاز ئۆزىمۇ دۇتتار ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق.

بىر ساڭىلا كۈيىدۇ يۈرەك،
خۇددى تىنىم ئوتتا كۆيگەندەك.
بىر جــىنـىـمـغـا بـىـرلا يار كــېــرەك،
يار تۇتـمايـمـەن سـىـنـىـڭـدىن بــۆلــەك.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش