خوتۇن مەندىمۇ ئامال يوق
ئىشلەتمەيدىغان چاپان شالدىنمۇ ئورۇقلىقىغا باقماي كالا باغلايدىغان ئارقاندەك ئېگىز ،كېلەڭسىز روزى بۇلتۇر سەھرانىڭ كۈچلۈك ئاپتىپىدىمۇ ئېتىزدىن كىرمەي ئىشلەپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن نۇسرەت بىلەن توي قىلىۋالغان ئىدى . نۇسرەت تولىمۇ ئىشچان بولغاچقا روزى ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپلا ھەپتىدىن كىيىن ئاقسۇغا كىۋەز باشقۇرغىلى چىقتى، كىيىن كىۋەز تەردى ،شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ يىگىرمە يۈئەنگە كۈچى يەتمەي خوتۇننى قەرىزگە ئالغان روزى نۇسرەت بىلەن جاپالىق ئىشلەپ قەرىزلىرىنى قايتۇرۇپ تېخى بانكىدا پۇل قويۇش دەرجىسىگە يەتكەن ئىدى.
__ خوتۇن سېنىڭ ئايىغىڭ ياراشتى جۇمۇ ؟دەپ قوياتتى روزى
__ مېنىڭمۇ ئايىغىم ياراشقاندۇ ؟ لىكىن سىزنىڭمۇ زور تىرىشچانلىقىڭىز بار .دەپ تاتلىق كۈلەتتى نۇسرەت . پۇل تاپقانچە روزىنىڭ كۆزى پۇلغا تويمايتى ، ھەتتا كەچلىرى چۈشىدىمۇ پۇل چۈشەيتى . شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ناھىيە بازىرغا كىرىپ بىر قىش قۇرلۇشتا ئىشلىدى ، "ئەجىر قىلساڭ چۆلگە ، پۈركىنىسەن گۈلگە " دىگەن ھەقىقەتەن توغرا ئېيتىلغان ئىكەن . بۇرۇنقى ئورۇق سەت ، مەينەت باسقان رۇزىنى ھېچ يەردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولمايتى .
بەگەنگە قوشلاپ بەردى دىگەندەك نۇسرەت قورساق كۆتۈرۈپ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆزىدەك چىرايلىق ئوماق بىر قىز تۇغقان ئىدى .بۇ ۋاقىتتا روزى نۇسرەتتىن سەل خاپا بولۇپ قالدى ، ئۇ بۇرۇنقىدەك كۈلۈپ ، ئويناقشىپ يۈرمەيتى ، ھەتتا ئوماق قىزىنى قولغا ئېلىپمۇ قويمايتى . ئاقكۆڭۈل نۇسرەت بۇنى ئۆزىنىڭ قىز پەرزەنتلىك بولۇپ قالغانلىقىدىن كۆرەتتى .
شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە رڭزى غەرىق مەست بولۇپ نۇسرەتنى ئۇرۇپ يېرىم جان قىلىپ قويۇپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويدى ، ئىككى ئايغا يېقىن داۋالانغان نۇسرەتنىڭ دوختۇر پۇلىنى دادىسى تۆلىدى . نۇسرەت دوختۇرخانىدىن چىقىشىغىلا روزى ئاجىرشىش تەلىپى قويۇپ ئازغىنە پۇل بىلەن ئۇنى يولغا سالدى ، ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرەك پارىسىنى بىر قېتىممۇ قانغىدەك كۆرۈپ باقمىغان ئىدى .
روزى نۇسرەتنىڭ خېتىنى بېرىپ قۇرلۇش ئورنىدا ئىشلەش جەريانىدا تونىشىپ قالغان "سەتەڭ" ئايپاشا بىلەن توي قىلدى . ئايپاشا ئىككى ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە روزىنى قاق سەنەم قىلىپ خېتىنى ئالدى ، رۇزى كوچىدىكى ھاراق كەشلەرنىڭ سېپىگە قېتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي خىلى "داڭلىق"زابۇيغا ئايلاندى ، نەچچە ئايلىق بولغان قىزىنى كۆتۈرۈپ كېتىپ بارغان نۇسرەتنىڭ پۇتىغا غەرىق مەست ھالەتتىكى روزى پۇتلاشتى ،ئۇ روزىنى يۆلەپ چاتقا ئېچىقىپ قويۇپ بىر كىرا ماشىنىسنى بولاپ ئىككىسى تۇتقان ئۆيگە ئېلىپ باردى . تاماق ئېتىپ كىر قاتلىرىنى يۇيۇپ ھېرىپ قالغان نۇسرەت بۇرۇنقى شۇنداق رەتلىك ئۆينىڭ بوران ئۇچۇپ تۇرغىنىدىن كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالدى . دادىسىغا تىلفۇن قىلىپ قويۇپ روزىنىڭ ئۆيىدە بىر كېچە ئۇنىڭغا قىزى بىلەن بىللە قارىدى .ئەتىسى مەستلىكى يېشىلگەن روزى نۇسرەتنى كۆرۈپ ھەيران قالدى ، قىزىنى قولىغا ئېلىپ يېنىش -يېنىشلاپ سۆيدى ، " مەن ئۈچۈن بەر بىر بىراق قىزىم ، بۇ نارسىدە دادا مېھرىگە مۇھتاج ، مەن كەلگەندە رۇزى مۇشۇنداق نامرات ئىدى ، مەن بالام ئۈچۈن يارىشىپ ئۇنىڭ بىلەن ھەممىنى قايتىدىن باشلاي ....." دىگەنلەرنى خىيال قىلغان نۇسرەت ئۇنىڭغا تاماق ئېتىپ بەردى ، ئۈچى بىللە تاماق يەپ خىلى بىر ۋاق كۈلۈشمەك قىلغاندىن كىيىن نۇسرەت ئۆز ئويىنى ئۇنىڭغا دىدى . ئويلىمىغان يەردىن روزى :
___ خوتۇن مەندىمۇ ئامال يوق . دەپلا كىچىك بالىدە ھۆڭرەپ يىغلاپ سىرىتقا قاراپ يۈرگۈردى .
2012-يىلى8-ئاينىڭ20-كۈنى (17:48) قەشقەر
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-20 10:54 PM